يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 597 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 802|ئىنكاس: 8

تايىنى يوق شېئىر-دېھقان بولماق تەس [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

مۇنبەر تېخنىكى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
681 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
118

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى 09:12:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


    بۇ تولا چاينىلىپ كەتكەن «تايىنى يوق شېئىر» نىڭ بىرى.
    نېمە؟ «دېھقانغا بېغىشلانغان شېئىرنى تايىنى يوق دەۋاتامسەن» دېدىڭىزمۇ؟
    ئاڭلاڭ، مەن بۇ شېئىرنىڭ «تايىنى يوق» ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىمەن.
    دېھقان ئۇلۇغ دەپ ئەسەر يازىسىز، دېھقان دادام دەپ ناخشا ئېيتىسىز. مەن دېگەن دېھقان پەرزەنتى دەپ قويىسىز بەزىدە.
    خوش، دېھقانغا ئىچ ئاغرىتماي تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟ دېھقاننى بىچارە دەپ قارىغىنىڭىز بۇ شېئىرنىڭ «تايىنى يوق» ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى بولماي نېمە؟
    ھەممە نەرسىنى تەل قىلىپ بەرگەن دېھقان دادىڭىزغا ياندىڭىز. ئۇنىڭ دېھقان بولغانلىقىدىن نومۇس قىلىسىز ھەقاچان. سىز تېخى ھېلىلا دېھقاننى ئۇلۇغ دەپ ماختىغان ئىدىڭىز. ئۆزىڭىز ئۇلۇغ دەپ قارىغان كىشىدىن نومۇس قىلغىنىڭىز بۇ شېئىرنىڭ «تايىنى يوق» ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى بولماي نېمە؟
    كۆكتات بازارلىرىغا بارسىڭىز قوشنا ئىككى سېتىقچىنى كۆرىسىز. بىرسىنىڭ توپ تارقىتىش بازىرىدىن ئېلىپ كېلىنگەن كۆكتات بولغاچ، يۇيۇپ تازىلانغان ھالەتتە كۆزىڭىزنى چاقنىتىپ تۇرىدۇ. ئاۋۇ دېھقاننىڭ تېخى ئەتىگەندە ئېتىزدىنلا كولاپ كېلىنگەن ھالەتتە. دېھقانغا ئوخشاش توپىغا مىلەنگەن، لېكىن دېھقانغا ئوخشاش ئىچى پاكىز، زىيانسىز ھالەتتە.
    خوش، دېھقاننى ئۇلۇغلايسىزۇ، ئۇنىڭ كۆكتاتلىرىنى بىۋاسىتە سېتىۋالمايسىز. ئۇنىڭغا ئىئانە ئورنىدا بەرگەن كونا كىيىملىرىڭىز بىلەن شۇ غۇبارسىز دېھقاننىڭ غۇرۇرىغا تېگىشكە پېتىنىسىزۇ، ئۇنىڭ بىلەن نەچچە يۈەنلىك سودا قىلىپ، كەچتە ئۆيىدىكى ئۇششاقۇ-چوڭلىرى بىلەن بىرەر پارچىدىن گۆش يېيىشىنى خالىمايسىز.
    بۇ قىلغىنىڭىز بۇ شېئىرنىڭ، توغرىسى سىزنىڭ تايىنى يوق ئىكەنلىكىڭىزنىڭ ئىسپاتى بولماي نېمە؟
    خوش، ئۇنداقتا مەرھۇم روزى سايىتنىڭ «دېھقان بولماق تەس» دېگەن شېئىرى تايىنى يوق شېئىرمۇ؟ ياق، زىنھار ئۇنداق ئەمەس. ھۆرمەتلىك روزى سايىت بۇ شېئىرىنى قېنى بىلەن يېزىپ چىققان ئىدى.
    ئۇنداقتا روزى سايىت تايىنى يوق كىشىمۇ؟ ياق زىنھار ئۇنداق ئەمەس. بۇ شېئىرنىڭ شاراپىتى بىلەن يەرلىكتىكى بەزى سىياسەتلەر ئۆزگىرىپ، دېھقانلارغا بىۋاسىتە نەپ يەتكەنلىكى، دېھقانلارنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقى (ھازىرقى جۇڭگو مىللەتلىرى)» ژۇرنىلىغا خەت يېزىپ «شائىرنى مۇكاپاتلاپ بېرىڭلار، پۇلىنى كۈزدە بېرىمىز» دېگەنلىكى بۇ شېئىرنىڭ تايىنى يوق شېئىر ئەمەسلىكىنى، شائىرنىڭ دېھقاننىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئاققان ھەقىقىي ئىنسان ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.
    خۇلاسە كالام، بۇ شېئىر تايىنى يوق شېئىر ئەمەسكەن، شائىر تېخىمۇ شۇنداق. بىز بۇ شېئىرنىڭ «تايىنى يوق شېئىر» ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايمىز دەپ، باشقىنىڭ «تايىنى يوق» ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ سالدۇق. ئۇنداقتا تايىنى يوق شېئىرمۇ ياكى …؟

    مەنبە: قىسمەت بلوگى
    يازما مەنزىلى: http://www.qismet.me/dehqan.html

«قىسمەت» لىرىمگە كۈلمە بۇرادەر، ھەممە ئىشقا «يەتتە قىز» گۇۋاھ !

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
381 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1014

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى 15:06:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىم دەيدۇ بۇ شېئىرنى تايىنى يوق، دەپ. تازا تايىنى بار، ئېسىل شېئىر.  دېھقاننىڭ يۈرىكىدىكىنى سۆزلەيدىغان شېئىر بۇ.
ھەر بىر ئاڭلىسام يۈرەكلىرىم مۇجۇلۇپ، ئىچىم سىيرىلىپ بەكمۇ ئازاپلىنىپ كېتەتتىم. سۆرەتلىكىنى كۆرسە كىشى تېخىمۇ ئازاپلىنىدىكەن....

  مۇشۇ قىسمەت دائىملا ئادەمنى يىغلىتىدىغان تېما ئەكىلىدۇ، ئۆيدىمۇ دائىم مەرۋەرىنى يىغلىتىپ يۈرەمدىغاندۇ بۇ بالاڭزا ھە

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
687 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2090

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى 18:03:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Coffee يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى 15:06
كىم دەيدۇ بۇ شېئىرنى تايىنى يوق، دەپ. تازا تايىنى بار،  ...

قىسمەت قارىي يىغلىتىدىغان تېمىلارنى مۇنبەرگە ، بىلوگىغا يوللاپ،  بار يۇمۇرنى، قىزىقارلىق گەپلەرنى ماڭا ئېيتىپ بېرىپ، مېنى كۈلدىرىدۇ، شۇڭا مەن يىغلىمايمەن، كۈلىمەن، چۈنكى ئۇ ماڭا شۇنداق ۋەدە بەرگەن بۇنىڭغا ئايدار گۇۋا

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى 13:20:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىرنىڭ كەينىدىن چىققان نۇرغۇن ‹....... بولماق تەس› لەرنى ئاڭلىسامزەەەەەەەەە

باھاسى بار ئايالنىڭ قىممىتى بولمايدۇ،
قىممىتى بار ئايالنىڭ باھاسى بولمايدۇ.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1740

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى 21:57:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما تېمىنىڭ تېمىسىنى ئوقۇپلا چۆچۈپ كەتتىم دېسە، ما قىسمەت ئاكام جۆيلۈپ تېمىسىنى خاتا قويۇپ سالدىمۇ نېمە دەپ كۆزۈمنى ئۇۋۇلىۋېتىپ يەنە بىر قارىدىم يەنىلا شۇ پېتى تۇرىدۇ. تېمىنى ئېچىپ ئوقۇغاندىن كېيىن ئاندىن ھەممىنى چۈشەندىم.
شۇ جاپاكەش دېھقان جاپا تارتىپ يەر تېرىمىسا بارچە كىشىلەر ئاچ قالىدۇ.ئېغىزىدا دېھقاننى كۈيلەپ قويۇپ يېنىدىن بىرەر توپا-چاڭ بېسىپ كەتكەن دېھقان ئۆتسە خۇددى يۇقۇملۇق كېسەل ئادەمدىن قاچقاندەك قاچىدىغانلارغا  ئارتۇق گەپ بىھاجەت.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 8Rank: 8

توردا
525 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
798

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى 15:11:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى 18:03
قىسمەت قارىي يىغلىتىدىغان تېمىلارنى مۇنبەرگە ، بىلوگ ...

راست، بۇنىڭغا مەن گۇۋاھ....ئۆيدە قىسمەت قارىم ئايالىنى شۇنداق ۋاي دەيدىكەنكى، تاس قالدىم، مەرىم بولىۋالغىلى....

رومان يىزىش نىمانداق تەس؟؟؟ ھېرىپ بەللىرىم ئۈزۈلۈپ كىتەيلا دىدى.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
687 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2090

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى 15:23:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Aydar يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى 15:11
راست، بۇنىڭغا مەن گۇۋاھ....ئۆيدە قىسمەت قارىم ئايالىنى ...

بولا...يەنىلا ئايدار بولىۋېرىڭ، سىزگە شۇ يارىشىدۇ، ئۆيىڭىزدىكى تەرجىمان ئەپەندىم ئايدارنى تونۇيدىكەن

Rank: 8Rank: 8

توردا
525 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
798

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى 16:58:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھى ھى ھى ....
رەھمەت جۇمۇ....لېكىن قىسمەت ئەپەندىنى مەن قاپىقى يامان ئادەم دەپ ئويلىغاندىم. لېكىن مەن ئويلىغاندەك چىقمىدى.

رومان يىزىش نىمانداق تەس؟؟؟ ھېرىپ بەللىرىم ئۈزۈلۈپ كىتەيلا دىدى.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
687 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2090

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى 21:49:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىسمەتنىڭ مەھەللىسىدىكى بۇ تېمىغا چۈشكەن ئىنكاسلارنى ئوقۇپ شۇنداق كۈلۈپ كەتتىم دېسە، تېمىسىغا قاراپلا قاينايدىغانلارنىڭ جىقلىقى ئارىمىزدا

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 21:45 , Processed in 0.044135 second(s), 20 queries , Eaccelerator On.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش