يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 752 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 781|ئىنكاس: 9

بىر بەختىڭ -- تىلىڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
115 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
281
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى 21:33:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىر بەختىڭ ـــــــ تىلىڭ

ئاي قىزىم ،ئېتىبار بەر :چىش ئاتالغان تاشتىن قورغان ياساپ ،لەۋلەردىن دەرۋازا قۇرۇپ ،تىلىڭنى قاماپ ،بۇمۇ ھەم يەتمىگەندەك ،ئەقىل ئۇنىڭغا پايلاقچى قىلىپ قويۇلمىشتۇر !بۇ يۇقۇرى ئېھتىياتكارلىق سېنى ھۇشيارلىققا باشلىسۇن ! تىلىڭ دىلىڭدىكىنى سېتىپ قويغۇچىدۇر .گاھىدا خېيىم –خەتەردىن قۇتلۇلدۇرۇپ قالىدىغىنىمۇ ،بېشىڭغا ھەر بالانى سالىدىغانمۇ ئەشۇ تىلىڭ .
باي بولمىساڭ سېنى باي قىلىدىغان ، ئاي بولمىساڭ سېنى ئايدەك كۆرسىتىدىغان ئەشۇ تىل .
دۇنيادا كىم سۆيۈملۈك بولۇپ ياشاپتۇ ، تىلى تۈپەيلىدىندۇر . تىلىڭ ئامىتىڭدۇر ،قىزىم !
سۆزنىڭ ئۇرامىغا قاراپ خۇش كۆرۈشىدۇ ، شۇنداق ئەمەسمۇ ؟ سەنمۇ سۆزلەشكىنىڭدە ، ئاۋال ئاۋازىڭنىڭ ئەڭ چىرايلىق پەدىسىنى تېپىپ سۆزلە .
سەن ئادەم تاللىمىغىن ،سۆز تاللا .تېپىپ ئېيتىلغان سۆز دۈشمەننىمۇ دوستقا ئايلاندۇرىدۇ .كىشىنى ئۆزىگە دىققەت قىلدۇرىدىغىنى ھوش  ،ئىتتىرىدىغىنى بولسا سۆزدۇر ! دۇنيادا سۆزۈڭ يېقىملىق بولسۇن !
تېلىفون جىرىڭلىدى . ئۇنى «ۋەي » ياكى «ئوۋ» ۋە ياكى «ھە » دەپ ئەمەس ،«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم » دەپ ئالغىن ، شۇندا جاھىل بىلەن تۇرغان ئادەممۇ مومدەك ئېرىيدۇ .
سۆزۈڭ ئۆز ئېغىزىڭغا تولۇپ تۇرغان جاۋاھىرىڭدۇر .ئۇنى ئۇچرىغان يەرگە چېچىپ ئۇۋال قىلما ، ئەمما ،كېرەك جايدىن قىزغىنىپ يۈتۈپمۇ كەتمە ، يەنە ئۇۋالىغا قالىسەن .
جەھلىڭ بىلەن تۇرغاندا ،ياخشىسى سۆز ئېيتما .بۇ پەيتتە پېئىلنىڭ چېقىندىلىرى يۇقۇرى كۆتۈرۈلگەن بولىدۇ . سۆزۈڭ ئۇنىڭغا بۇلغىنىپ چىقىپ ئەتراپنى كىر قىلىدۇ .ئۇدۇلۇڭدىكىلەرگە سۆز قىل ،يەنى كىيىمى ياكى ئىش ياكى ئۇنىڭغا تېگىشلىك نەرسە ھەققىدە يېقىملىق پىكىر بىلدۈر .ئەمما ، سوئال سوراۋەرمە ! سورالمىغان نەرسە ھەققىدە ھىكايە قىلىۋەرمە . قىز بالىنىڭ ياخشىسى كەم سۆز قىلىپ ، كۆرەك ئاڭلىغىنىدۇر !
يېنىڭدىكى ئادەم سەندە يوشۇرۇن پەزىلەتلەر كۆپ دەپ بىلسۇن ، سىرلىق ساندۇقتەك تۇرساڭلا ئۇ ساڭا ئىنتىلىدۇ .يېقىن كىشىم دەپ سىر- ئەسرالىرىڭنى تىنماي ئېيتىۋەرسەڭ ،بىرىنچىدىن ، ئۇنىڭ ساڭا نىسپەتەن قىزىقىشى قالمايدۇ .ئىككىنچىدىن ، ئىنسانچىلىق –نۇقسانچىلىق ، ئۇنىڭ قېنىدا زەئىپلىكى بار بولسا ، ھەممە ئىشىڭدىن ئوبدانلا خەۋەردار بولغاچقا ، ساڭا بولغان ھەۋىسى ھەسەتكە ، ھەتتا رەقىپلىككە ئايلىنىپ كېتىشى مۈمكىن .
ئەتراپىڭدىكىلەرنى سىنچىلاپ كۈزەت .كىمگە كىم ئەزىز ۋە نېمە ئەزىزلىكىنى دەررۇ پەملىيەلەيسەن .ئورنىنى تېپىپ ئەشۇ ياخشى كۆرگەن كىشىسى ۋە نەرسىسى ھەققىدە ئاڭلىغان ياكى بىلگەن ياخشى گەپلىرىڭ بولسا ئېيت ، كۆڭلى سۇ ئىچىدۇ .ئۇنى يايراتقىنىڭ ئۈچۈن كۆزىگە ئىللىق كۆرۈنىسەن .ئەمما يامان گەپ تەشكۈچى بولما . يېقىمسىز خەۋەرلەرنى سەندىن ئاڭلىمىسۇن .ھەر قېتىم سېنى كۆرگەندە ئەشۇ كۆڭۈلنى غەش قىلغۇچى خەۋەرنى ئەسلەپ ناخۇشلانغان كىشى سەندىن ئۆزىنى تارتىدۇ .
ئاي قىزىم ! ئاۋازىڭنى كۆتەرگەن ھامانلا ئۆيۈڭدىن پەيز ،يۈزۈڭدىن ھۆسىن كۆتۈرىلىدۇ .جۈپتىڭنىڭ ساڭا بولغان ئىخلاسىمۇ سۇسلايدۇ .بالاڭنىڭ يۈزىدە كۈلۈپ تۇرغان ئاپتىپى سۇنىدۇ ، بۇ خۇنۈك كۆرۈنۈشىڭنى قوبۇل قىلالماي يۈرۈكى يىغلايدۇ !
چاڭىلداپ تەنبىھ بېرىدىغان ، چاڭىلداپ زارلىنىدىغان ئايال ئۆزى ۋەيران قىلغان كۆڭۈللەر ئىچرە سۆيۈملۈك بولىمەن دەپ ئۈمىد قىلمىسۇن !
بىلگىن ،تىل قىشنى باھارغا ئايلاندۇرىدۇ .

ئاپتورى : تۇرسۇنئاي سادىقۇۋا(ئۆزبېكىستان )
مەنبە : ئاپتورنىڭ "قىزلارغا ئاتالغان نەق گەپلەر" دۇردانە توپلىمىدىن

Rank: 2

توردا
8 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
1
يازما
21
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى 18:56:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نازىنىن رەھمەت سىزگە، مۇشۇنداق ئېسىل مەزمۇنلاردىن بىزنى ۋاقىپلاندۇرغىنىڭىزغا تەشەككۇر، سىز ئوقۇغان ئاشۇ كىتاب بىر يىلدىن بۇيان ماڭا ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭدىن نۇرغۇن ئىلھام ۋە تەربىيەلەرنى ئالغانمەن، نادىر مەزمۇنلارنى يەنە داۋاملىق يوللاپ خانىم-قىزلىرىمىزغا روھى ئوزۇق بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن

Rank: 4

توردا
216 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
765
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى 21:07:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئېسىل  بىلىشكە تېگىشلىك مەزمۇنلاركەن

پۇت يۈگۈرىكى ئاشقا ، ئېغىز يۈگۈرىكى باشقا .

باش كېتىدۇ نەدىن ، ئېغىزى بالادىن دەپ تىلىمىزنى گۈزەل ئىلمىي ئەمما كەمتەر قىلىپ ئىشلەتسەك نىمە ياخشى ھە

ئاھ ، شۇنچىلىك قېيىن  مۇھەببەت ئازابى ،
ئاھ شۇنچىلىك  سالقىن كۆڭۈلنىڭ باھارى .
ئاھ شۇنچىلىك ناۋاسىز سۆيگۈ ئىش

Rank: 2

توردا
111 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
279
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى 19:51:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ ... مۇشۇ تىلغا دىققەت قىلسام بولاتتى مەنمۇ ، ئاغزىمنىڭ ئىتتىكلىكىدىن تولا خاپىلىققا قالىمەن .... دىققەت قىلىشقا تىرىشىمەن ، ئىسىل تېمىڭىزغا كۆپ رەخمەت ، شۇ كىتاپنى بىر - بىرلەپ تۈكۈڭە مۇنبەرگە ، ئەجەپ ئىسىل كىتاپكەن دەيمەن ....

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى 23:17:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ كىتاپنى تېپىپ ، قىزىمنىڭ 18 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىگە سوۋغا قىلىش ئويىغا كەلدىم، شۇڭا چوقۇم ئىزدەپ تاپىمەن، دېلروھ سىز تاپالىسىڭىز ماڭا ئۇچۇر قىلارسىز ھە

Rank: 3Rank: 3

توردا
115 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
281
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى 08:10:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلەيسەم ئىنتايىن ياخشى ئويلاپسىز ،قىزلار ئوقۇپ قويۇشقا ئەرزىگۈدەك ھەقىقەتەن ياخشى بىر كىتاپ .
بۇ كىتابنى ئوقۇسا كېيىنكى ئائىلە تۇرمۇشىدا ئۇچرىغان مەسىلىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلش ، قانداق   كېلىن ،ئانا ،قېيانا بولۇش جەھەتتە  بىر قەدەر ئەتراپلىق چۈشەنچىگە  ئىگە بولۇپ قالىدۇ .

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى 22:07:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت نازىنىن!
داۋامىنى يوللاشنى ئۇنۇتۇپ قالماڭ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى 11:35:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەھلىڭ بىلەن تۇرغاندا ،ياخشىسى سۆز ئېيتما
مېنىلا دەپتۇ ،ئاسان رەنجىمەيمەن ئەمما شۇ  جەھلىم تۇتقاندا كىرپىدەك بوپ كېتىمەن دىسە ...شۇڭا ئامال بار گەپ قىلماي جىم تۇرىۋالىمەن ، ئىچىمدە :سەۋر قىل ئانار ، سەۋر ..دەپ يۈزچە قېتىم ئۆزەمگە ئۆزەم سەۋرتىلەپ پەقەت بولمىغاندا چىققان گېپىم نەشتەرلا بولىدۇ زادى ، شۇڭا بۇ تېما نەق ماڭا قارىتىلغانكەن ،كۈندە بىرە قېتىمدىن ئوقۇپ چىقىمەن ، شۇ سەۋەبلىك شۇ يامان خۇيلىرىمدىن قۇتۇلۇپ قالامدىم تېخى

[ anar بۇ يازمىنى  2011-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى 11:39  دە تەھرىرلىگەن. ]

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 1

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
0
يازما
4
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى 16:15:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستلار مۇنبەرگە ئەزا بۇلۇپ تۇنۇشمايلا ئىنكاس يېزىپ كەتتىم، داۋاملىق ئۇچرىشىپ كىيىنچە ئوبدانلا تۇنۇشۇپ قالارمىز.
نازىنىن : ئۇنچە-مەرۋايىتتەك دۇردانىلەرنى يازغان قوللىرىڭىزغا ئاللاھ دەرت بەرمىسۇن.
سىز ئوقۇغان ئاشۇ كىتاپتىن ماڭىمۇ بىرنى تېپىپ بىرلەرسىزمۇ ؟ ماڭا ئېيتىلغاندەك سوزلەركەن بۇ، ئۇزۇمنى ھەم قىزىمنى ھەقىقى بىر ئانىلىق سالاھىيىتىگە يەتكۇزگۇم بار.
ئىنسان ھەرۋاقىت كەمچىللىكتىن خالى ئەمەستە....

Rank: 3Rank: 3

توردا
115 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
281
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى 08:30:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھبۇم ، مۇنبەرگە كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز ،سىزنىڭمۇ ماڭا ئوخشاش بۇ  مۇنبەرگە تېزلا كۆنۈپ قالىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن .
بۇ كىتابتىن بىرنى تېپىپ بېرىشىمنى ھاۋالە قىپسىز  ئىزدىنىپ باقاي ،چوقۇم تېپىپ بېرىمەن دەپ ۋەدە بېرەلمەيمەن ،لېكىن مۇشۇ مۇنبەردە  بۇ كىتابنى سىز ۋە مۇشۇ كىتابنى ياقتۇرىدىغان باشقا دوستلار بىلەن بىللە ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلالايمەن  .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 07:41 , Processed in 0.051809 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش