بىر بەختىڭ ـــــــ تىلىڭ
ئاي قىزىم ،ئېتىبار بەر :چىش ئاتالغان تاشتىن قورغان ياساپ ،لەۋلەردىن دەرۋازا قۇرۇپ ،تىلىڭنى قاماپ ،بۇمۇ ھەم يەتمىگەندەك ،ئەقىل ئۇنىڭغا پايلاقچى قىلىپ قويۇلمىشتۇر !بۇ يۇقۇرى ئېھتىياتكارلىق سېنى ھۇشيارلىققا باشلىسۇن ! تىلىڭ دىلىڭدىكىنى سېتىپ قويغۇچىدۇر .گاھىدا خېيىم –خەتەردىن قۇتلۇلدۇرۇپ قالىدىغىنىمۇ ،بېشىڭغا ھەر بالانى سالىدىغانمۇ ئەشۇ تىلىڭ .
باي بولمىساڭ سېنى باي قىلىدىغان ، ئاي بولمىساڭ سېنى ئايدەك كۆرسىتىدىغان ئەشۇ تىل .
دۇنيادا كىم سۆيۈملۈك بولۇپ ياشاپتۇ ، تىلى تۈپەيلىدىندۇر . تىلىڭ ئامىتىڭدۇر ،قىزىم !
سۆزنىڭ ئۇرامىغا قاراپ خۇش كۆرۈشىدۇ ، شۇنداق ئەمەسمۇ ؟ سەنمۇ سۆزلەشكىنىڭدە ، ئاۋال ئاۋازىڭنىڭ ئەڭ چىرايلىق پەدىسىنى تېپىپ سۆزلە .
سەن ئادەم تاللىمىغىن ،سۆز تاللا .تېپىپ ئېيتىلغان سۆز دۈشمەننىمۇ دوستقا ئايلاندۇرىدۇ .كىشىنى ئۆزىگە دىققەت قىلدۇرىدىغىنى ھوش ،ئىتتىرىدىغىنى بولسا سۆزدۇر ! دۇنيادا سۆزۈڭ يېقىملىق بولسۇن !
تېلىفون جىرىڭلىدى . ئۇنى «ۋەي » ياكى «ئوۋ» ۋە ياكى «ھە » دەپ ئەمەس ،«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم » دەپ ئالغىن ، شۇندا جاھىل بىلەن تۇرغان ئادەممۇ مومدەك ئېرىيدۇ .
سۆزۈڭ ئۆز ئېغىزىڭغا تولۇپ تۇرغان جاۋاھىرىڭدۇر .ئۇنى ئۇچرىغان يەرگە چېچىپ ئۇۋال قىلما ، ئەمما ،كېرەك جايدىن قىزغىنىپ يۈتۈپمۇ كەتمە ، يەنە ئۇۋالىغا قالىسەن .
جەھلىڭ بىلەن تۇرغاندا ،ياخشىسى سۆز ئېيتما .بۇ پەيتتە پېئىلنىڭ چېقىندىلىرى يۇقۇرى كۆتۈرۈلگەن بولىدۇ . سۆزۈڭ ئۇنىڭغا بۇلغىنىپ چىقىپ ئەتراپنى كىر قىلىدۇ .ئۇدۇلۇڭدىكىلەرگە سۆز قىل ،يەنى كىيىمى ياكى ئىش ياكى ئۇنىڭغا تېگىشلىك نەرسە ھەققىدە يېقىملىق پىكىر بىلدۈر .ئەمما ، سوئال سوراۋەرمە ! سورالمىغان نەرسە ھەققىدە ھىكايە قىلىۋەرمە . قىز بالىنىڭ ياخشىسى كەم سۆز قىلىپ ، كۆرەك ئاڭلىغىنىدۇر !
يېنىڭدىكى ئادەم سەندە يوشۇرۇن پەزىلەتلەر كۆپ دەپ بىلسۇن ، سىرلىق ساندۇقتەك تۇرساڭلا ئۇ ساڭا ئىنتىلىدۇ .يېقىن كىشىم دەپ سىر- ئەسرالىرىڭنى تىنماي ئېيتىۋەرسەڭ ،بىرىنچىدىن ، ئۇنىڭ ساڭا نىسپەتەن قىزىقىشى قالمايدۇ .ئىككىنچىدىن ، ئىنسانچىلىق –نۇقسانچىلىق ، ئۇنىڭ قېنىدا زەئىپلىكى بار بولسا ، ھەممە ئىشىڭدىن ئوبدانلا خەۋەردار بولغاچقا ، ساڭا بولغان ھەۋىسى ھەسەتكە ، ھەتتا رەقىپلىككە ئايلىنىپ كېتىشى مۈمكىن .
ئەتراپىڭدىكىلەرنى سىنچىلاپ كۈزەت .كىمگە كىم ئەزىز ۋە نېمە ئەزىزلىكىنى دەررۇ پەملىيەلەيسەن .ئورنىنى تېپىپ ئەشۇ ياخشى كۆرگەن كىشىسى ۋە نەرسىسى ھەققىدە ئاڭلىغان ياكى بىلگەن ياخشى گەپلىرىڭ بولسا ئېيت ، كۆڭلى سۇ ئىچىدۇ .ئۇنى يايراتقىنىڭ ئۈچۈن كۆزىگە ئىللىق كۆرۈنىسەن .ئەمما يامان گەپ تەشكۈچى بولما . يېقىمسىز خەۋەرلەرنى سەندىن ئاڭلىمىسۇن .ھەر قېتىم سېنى كۆرگەندە ئەشۇ كۆڭۈلنى غەش قىلغۇچى خەۋەرنى ئەسلەپ ناخۇشلانغان كىشى سەندىن ئۆزىنى تارتىدۇ .
ئاي قىزىم ! ئاۋازىڭنى كۆتەرگەن ھامانلا ئۆيۈڭدىن پەيز ،يۈزۈڭدىن ھۆسىن كۆتۈرىلىدۇ .جۈپتىڭنىڭ ساڭا بولغان ئىخلاسىمۇ سۇسلايدۇ .بالاڭنىڭ يۈزىدە كۈلۈپ تۇرغان ئاپتىپى سۇنىدۇ ، بۇ خۇنۈك كۆرۈنۈشىڭنى قوبۇل قىلالماي يۈرۈكى يىغلايدۇ !
چاڭىلداپ تەنبىھ بېرىدىغان ، چاڭىلداپ زارلىنىدىغان ئايال ئۆزى ۋەيران قىلغان كۆڭۈللەر ئىچرە سۆيۈملۈك بولىمەن دەپ ئۈمىد قىلمىسۇن !
بىلگىن ،تىل قىشنى باھارغا ئايلاندۇرىدۇ .
ئاپتورى : تۇرسۇنئاي سادىقۇۋا(ئۆزبېكىستان )
مەنبە : ئاپتورنىڭ "قىزلارغا ئاتالغان نەق گەپلەر" دۇردانە توپلىمىدىن