يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 597 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 4752|ئىنكاس: 17

ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئۇيغۇر ساتقىنلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

توردا
201 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
691
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى 22:27:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات

1.تاڭ سۇلالىسىنىڭ ساداقەتمەن سانغۇنى ــــ ئاشىنا شىر     


ئاشىنا شىر كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ باتۇر شاھزادىسى ئىدى.كۆكتۈرك خانلىقى مىلادى 583-يىلى غەربىي تۈرك خانلىقى ۋە شەرقىي تۈرك خانلىقى دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەندىن كېيىن، مىلادى 626-يىلى شەرقىي تۈرك خانلىقى تەۋەسىدىكى 15 كە يېقىن ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي قەبىلىلەر بىرلىشىپ شەرقىي تۈرك خانلىقىغا قارشى ئېسىيان كۆتەردى.دەل مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە شەرقىي تۈركلەر خاقانى قارا خاقان بۇ ئېسياننى باستۇرۇش ئۈچۈن ئاشىنا شىر بىلەن ئۆز ئوغلى يوغۇق شاد باشچىلىقىدا 100 مىڭ كىشلىك قوشۇننى ماڭدۇردى.ئاشىناشىر ئۇيغۇرلارنىڭ باتۇر سەركەردىسى __ بوسات تېكىن تەرپىدىن قاتتىق مەغلۇپ بولدى.مىلادى 629-يىللىرى ئاشىنا شىر يەنە بىر قېتىم بوسات تېكىن تەرپىدىن مەغلۇپ بولۇپ ھازىرقى جىمسار ئەتىراپىغا كېلىۋالدى.شۇ يىلى شەرقىي تۈركلەر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن غەربىي تۈركلەر ھۆكۈمرانلىرى ئارىسىدىمۇ ئىچكى ماجرا يۈز بېرىدۇ.پۇرسەتنى چىڭ تۇتقان ئەقىللىق ئاشىنا شىر غەربىي تۈركلەر تەرەپكە ھۇجۇم قىلىپ غەربىي تۈركلەر زېمىنىنىڭ يېرىمىنى ئىگەللەپ ئۆزىنى دۇب خاقان(都布可汗) دەپ جاكارلىغان.دەل شۇ پەيتتە شەرقىي تۈرك خانلىقىنىڭ ئورنىنى سىرتاردۇشلار خانلىقى(مىلادى 628~646-يىللار) ئىگەللىگەن. غەربىي تۈرك خانلىقىنىڭ قىسمەن جايلىرىنى ئىگەللەپ ئۆزىنى ئازىراق كۈچلەندۈرگەن ئاشىنا شىر شەرقىي تۈرك خانلىقىنىڭ ئورنىغا قۇرۇلغان سىرتاردۇشلار خانلىقىنى ئىگللەپ شەرقىي تۈرك خانلىقىنى قايتا تىكلىمەكچى بولىدۇ.ئەمما بۇ قېتىممۇ قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ تۇرپانغا چېكىنىدۇ.

    تۈركلەرگىمۇ، سىرتاردۇشلارغىمۇ ۋە باشقا ئۇيغۇر قەبىلىلىرىگىمۇ قاتتىق نارازى بولغان ئاشىنا شىر مىلادى 635-يىلى تاڭ سۇلالىسىگە بەيئەت قىلىدۇ. ئۇ تاڭ تەيزوڭنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپ سولقانات باقاۋۇللار ئۇلۇغ سانغۇنى (左卫大将军) دېگەن مەنسەپكە تەيىنلىنىپ خاننىڭ سىڭلىسى نەنياڭ مەلىكە (南阳公主) گە ئۆيلىنىدۇ، ئاشىنا شىرمۇ تاڭ تەيزوڭغا ناھايىتى ساداقەتمەن بولۇپ خاننىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى جان تىكىپ قوغدايدۇ.

    مىلادى 637-يىلى تاڭ سۇلالىسى شەرقتە باش كۆتەرگەن ئۇيغۇرلار ئىتىپاقىدىكى سىرتاردۇشلار خانلىقىنىڭ،شەرقىي-جەنۇبتا تىبەت خانلىقىنىڭ،غەربتە غەربىي تۈركلەر ۋە غەربتىكى ئۇيغۇر خانلىقلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا تاڭ تەيزۇڭ «ياتلارنىڭ قولى بىلەن ياتلارنى يوقىتىش ئەڭ ئۈنۈملۈك چارە» دىگەن ئەنئەنىگە ئاساسەن،غەربىي تۈركلەرنى ئاشىناشىر ئارقىلىق يوقىتىش قارارىغا كېلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئاشنا شىرنى غەربكە يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇنلارنىڭ باش سانغۇنى قىلىپ تەيىنلەپ 40 مىڭ كىشلىك قوشۇن بىلەن غەربكە يۈرۈشكە يولغا سالىدۇ.ئاشىناشىر ئالدى بىلەن قۇچۇ خانلىقىغا ھۇجۇم قىلغاندا قۇچۇ خانلىقىنىڭ خانى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالىدۇ،بۇ قېتىم ئاشنا شىر توسالغۇسىزلا ئىدىقۇتنى ئالىدۇ ھەمدە قېينىئاكىسى تاڭتەيزۇڭغا بۇ خوشخەۋەرنى يەتكۈزىدۇ. ئاشىنا شىر چىڭخەيدىكى تۇيغۇنلارنى ،ئاندىن قومۇلنى،قۇچۇنى بىرلا ۋاقىتتا ئالغاندىن كېيىن،غەربىي تۈركلەر جىددى تەدبىر قوللىنىپ كۆسەنگە بولغان كونتۇرۇللۇقنى ھەسسىلەپ كۈچەيتكەن،ھەتتا كىنگىت(ھازىرقى قارا شەھەر) خانىنىڭ قىزلىرىغا غەربىي تۈرك يابغۇسى چۇلى ئاكا-ئۇكىلار ئۆيلىنىپ قۇدىلاشقان. مىلادى 644-يىلى ئاشىنا شىر 40 مىڭ كىشلىك قوشۇنغا يېتەكچىلىك قىلىپ،كىنگىتكە ھۇجۇم قىلىپ ئۆزئارا ئۇرىشىۋاتقاندا غەربىي تۈركلەر بىلەن كۆسەن خانلىقى ئاشىنا شىرغا قارشى زور قوشۇن چىىقىرىپ،كىنگىتنى ماددى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن،يەنە كېلىپ ئاشىناشىر قوشۇنلىرىنىڭ يولىنى توسۇپ ئۇنى چېكىندۈرگەن. مىلادى 648-يىلغا كەلگەندە تاڭ تەيزۇڭ كۆسەنگە ئىككىنچى قېتىم ئاشىنا شىر قوماندانلىقىدىكى 100مىڭ كىشلىك قوشۇن بىلەن يۈرۈش قىلىدۇ.ئاشىنا شىر بۇ قېتىم كۆسەن خانلىقى بىلەن غەربىي تۈركلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۈزىۋېتىش ئۈچۈن،بىر يۆلىنىش قوشۇننى كۆسەننىڭ شەرقىي شىمالىغا ھۇجۇم قىلدۇرغان. دەل ھالقىلىق پەيتتە غەربىي تۈركلەرنىڭ يابغۇسى قۇلۇبۇ بىلەن شىخۇي تۈركلەرگە ئۆزلىكىدىن تەۋەلىك بىلدۈرۈپ تاڭ قوشۇنلىرىغا يول باشلىغۇچى بولغان.شۇنداق ئەۋزەل شارائىتتا ئاشىنا شىر بىرقانچە قېتىم ئېلىشىش ئارقىلىق كۆسەن قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلغان. كۆسەن خانى خېلىبوسبى ۋە باش سانغۇنى جالالىدىن قاتارلىقلارنى تىرىك ئەسىر ئالغان. كۆسەن ۋەزىرى نالى كېچىدە قېچىپ كېتىپ غەربىي تۈركلەر تەرەپكە بېرىپ ياردەم سوراپ ھەمدە قالدۇق كۆسەن قوشۇنلىرىنى يىغىپ، كۆسەن شەھىرىنى ساقلاشقا قالغان گوشىيۋلۇ ئاتا-بالا ئىككىسىنى ئۆلتۈرۈپ كۆسەن شەھىرىنى ئىگەللىۋالغان.بۇنى ئاڭلىغان ئاشىنا شىر كۆسەنگە قايتا يۈرۈش قىلغان ،بۇ ۋاقىتتا نالىنى كۆسەنلىكلەر ئۆزلىرى تىرىك تۇتۇپ ئاشىناشىرغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.ئاشىناشىر ئىلگىرى –ئاخىر بولۇپ بەش چوڭ شەھەرنى ۋە 70 نەچچە كىچىك شەھەرنى تاڭ سۇلالىسىگە قارام قىلىپ بەرگەن.

    ئاشىنا شىرنىڭ ھاياتى كېچە-كۈندۈز تاڭ سۇلالىسى ئۈچۈن قان كېچىپ جەڭ قىلىش،تاڭ ھۆكۈمىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە كۈچەيتىش،تاڭ سۇلالىسىنىڭ زېمىنىنى كېڭەيتىش،چېگرا رايۇنلىرىنى تېنىچلاندۇرۇش قاتارلىق ئۇلۇغ تارىخى ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلىش بىلەن ئۆتكەن ھايات. مىلادى 655-يىلى ئاشناشىر پايتەخت چاڭئەندە كېسەل بىلەن ۋاپات بولغاندا تاڭ گاۋزۇڭ ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ۋەسىيىتىگە ئاساسەن ئۇنىڭ جەسىدىنى ۋاڭلىڭ قەبرىستانلىقىغا قويۇپ، قەبرىسى ئۈستىگە ئابىدە تىكلىگەن.

2. قىرغىزلارغا تۆھپە كۆرسەتكەن ئۇيغۇر سانغۇن ــــ كۇلۇگ باغا

     مىلادى 839-يىلى ئۇيغۇر ئۇرخۇن خانلىقىدا ئىچكى جەھەتتىن نىزا پەيدا بولۇپ، پۈتۈن خانلىق تەۋەسىدە يۈز بەرگەن جۇدۇن ئاپىتىدە ئات-ئۇلاغلار، مال-چارۋىلار كۆپلەپ ئۆلۈپ ۋابا كېسىلى تارقىلىپ، خانلىق قىيىن ئەھۋالدا قالغان پەيتتە ئۇيغۇر سانغۇنى كۇلۇگ باغا خاككاسلار(قىرغىزلار) تەرەپكە بېرىپ ئۇيغۇر ئۇرخۇن خانلىقىنىڭ ئەھۋالىنى ئەينەن مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، پۇرسەتنى چىڭ تۇتقان خاككاسلارنىڭ 100 مىڭ كىشلىك قوشۇنى كېلىپ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ بارگاھى قارا بالغاسۇننى ئىشخال قىلىدۇ.ئۇيغۇر خانلىقى ۋەيران بولۇپ بىرقانچە بۆلەككە بۆلىنىپ ھەر تەرەپكە كۆچۈشكە باشلايدۇ. ①


3.موڭغۇللارغا يېلىنغان قورچاق پادىشاھ ـــ ئافاق غوجا

     ئەسلى ئىسمى ھىدايىتۇللا ئىشان بولۇپ ، مىلادىيە 1626-يىلى قۇمۇلدا تۇغۇلغان . دادىسى مۇھەممەد يۈسۇپ خۇجا مىلادىيە 1620 -يىلى نەمەنگاندىن قۇمۇلغا كەلگەن . ئانىسى زۇلەيخا بىكىم ئۆز ۋاقتىدا قەشقەردىن قۇمۇلغا چىقىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان بەشكىرەملىك مىرسەئىد جىلىل دىگەن كىشىنىڭ قىزى بولىدۇ . ئاپپاق غۇجا مىلادىيە 1638-يىلى ئون ئىككى ياش ۋاقتىدا ، دادىسى بىلەن قەشقەرگە كەلگەن ۋە شۇنىڭدىن ئىتىبارەن دادىسىدىن رەسمى سوپى ئىشانلىقنى ئۈگىنىشكە باشلىغان . 1667-يىلى دادىسى مۇھەممەد يۈسۈپ يەكەندە «ئىسھاقىيە» مەزھىپىدىكى ئۆزىنىڭ نەۋرە ئەۋلادى بولغان جۇجا ئەبەيدۇللا تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۇلتۈرۈلگەندىن كىيىن ، ئاپپاق غۇجا ئۈزلىكسىز مۇرت كۆپەيتىش ، كۈچ توپلاش ۋە تەسىرى دائىرىسىنى كىڭەيتىش ئارقىلىق ، ئەڭ ئاخىرى تىغ ئۇچىنى دىننىي پائالىيەتتىن ھالقىتىپ ، ھاكىميەتكە قاراتتى ۋە مىلادىيە 1678-يىلى جۇڭغار ئىشخالىيەتچىلەرنى باشلاپ كىلىپ ، سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ ئون ئىككىنجى سۇلتانى ئىسمايىل خاننى ئاغدۇرۇپ ، تارىختا 165 يىل ھۆكۈم سۈرگەن شۆھرەتلىك سەئىدىيە خانلىقىنى بەربات قىلدى . ئۇنىڭ ئورنىغا جۇڭغارىيە ھامىيلىقىدىكى ئاپپاق خۇجا خانلىقىنى تىكلەپ ، بۇ خانلىققا ئون بەش يىل ھۆكۈمران بولدى .

     ئاپپاق غوجا ھاكىميەت يۈرگۈزگەن بۇ دەۋردە ، ئىلگىر كىيىن بولۇپ ، ئون بىر قىتىم چوڭ قىرغىنچىلىق بولدى ، بىر يۈز سەكسەن مىڭ ئادەم قىرغىنچىلىقتا ئۆلدى .ئاپپاق غوجىغا ۋە ئۇنىڭ ھامىيىسى بولغان جۇڭغار ئىشخالىيەتچىلىرىنىڭ قاتمۇقات زۇلۇملىرىغا قارشى ئىككى يۈز قىتىمدىن كۆپرەك خەلق ئىسىيانى كۆتۈرۈلدى .

       ئاپپاق غوجا مانا شۇنداق ئىسىيانچىلاردىن ۋە ئۇ يۈرگۈزگەن زوراۋانلىقىغا قارشى چىققان تالىپلاردىن ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى تۇتۇپ ، مىلادىيە 1679-يىلى جۇڭغارلارنىڭ كۈچى بىلەن ئىلىغا پالاپ ، غالچا يىگىت ۋە غالچا چوكان نامىدا جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىگە قۇل قىلىپ بەردى .ئۇ يەنە ، خانلىق يارلىقى چۈشۈرۈپ ، مەسچت - مەدرىسلەرنى خانىقا بىلەن تۈتەكخانىلارغا ئۆزگەرتتى ، قۇر ئان بىلەن ھەپتىيەكتىن باشقا بارلىق كىتاپ ، مەدەنىي مىراس ۋە تارىخى قول يازمىلارنى كۆيدۈرۋەتتى . بۇنىڭغا نارازى بولغان ، قارشى چىققان شەرىئەت پىشىۋالىرىنى ، دىنني ئۆلىمالارنى يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئۆلتۈردى .②

    ئاپپاق غوجا مىلادىيە 1693-يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ بېشىدىكى بىر پەيشەنبە كۇنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلدى . بىر كېچە-كۈندۇزدە يەكەندىن قەشقەرگە ئېلىپ كېلىنىپ ، ھازىرقى ھەزرەتتكى ئۆزى بىنا قىلدۇرغان «مازارى شاھان»غا ئاپىرىپ دادىسىنىڭ ئايىغىغا دەپنە قىلىندى . 4.تۈن بالىسى ـــ نىياز ھېكىم بەگ

     پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ياتلارنى تازىلاپ ،مۇناپىق خوجىلارنىڭ خەلقىمىزگە سالغان زۇلۇم -سىتەملىرىدىن جاق تويۇپ ،نەپەسمۇ ئالالماس ھالەتكە كېلىپ قالغان ئاۋامنى قايتىدىن قەددىنى رۇسلاش ۋە سەئىدىيە سۇلتانلىقىنىڭ سەلتەنىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بەل باغلىغان ياقۇپ بەگ (بە دەۋلەت) نى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەن ساتقىن تۈن بالىسى نىياز ھېكىمبەگمۇ تارىخىمىزدىكى تالاي پاجىئەلەرنىڭ سەۋەپچىسىدۇر.نىياز ھېكىمبەگ ئۆزىنى شۇنچە ئەتىۋارلىغان ياقۇپ بەگنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن «زوڭتۇڭ دارېن» نىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۆزىنى ئېلىپ قېلىپ ئىشلىتىشنى،ھېچ بولمىسا «چەنتو»لارنىڭ يېرىدە پايدا يەتكۈزەلەيدىغانلىقىنى ئېيتقاندا «زوڭتۇڭ دارېن» مىيىقىدا كۈلۈپ،«ئۆز پادىشاھىغا ئاسىلىق قىلغان كىشى ھامان بىزگىمۇ ئاسىلىق قىلىدۇ ،ئۇنى ئاپىرىپ تۇرمىگە تاشلاڭلار!» دەپ تۇرمىگە قامىغان.شۇندىن ئېتىۋارەن نىياز ھېكىمبەگ زىنداندا سۇنىڭ ئورىنىدا ھاراق ئىچىشكە ،ئوزۇقنىڭ ئورنىدا ئۆزىنىڭ تېنىدىن شىلىۋېلىنغان گۆشتىن قورۇلغان قورۇمىنى يىيىشكە مەجبۇر بولغان .شۇنداق قىلىپ 25كۈن بولدى دىگەندە ئۇنىڭ جېنى كۆپ يەرلىرىنىڭ گۆشى شىلىۋېلىنغان ،زەي زىنداندا سېسىپ ،يىرىڭلاپ ،قۇرتلاپ ،بەدبۇي ھىد تارقىتىۋاتقان تېنىدىن جۇدا بولغان . ئۇنىڭ ئۈلۈكىنى مەھبۇسلارغا بورىغا يۆگەتكۈزۈپ ،كۈتەرتىپ يېڭىشەرنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدىكى بارىن قەبرىستانلىقىغا ئېلىپ بېرىپ ،شۇ پېتى كۆمدۈرىۋەتكەن ③.

5.ئابدۇقادىر داموللامنى قەتلى قىلغان ـــ ئەھمەد مەزىن

      ئابدۇقادىر داموللام كېچىدە تەرەت ئالغىلى چىققاندا ئەھمەد مەزىن تەرپىدىن پىچاقلاپ ئۆلتۈرلىدۇ.ئەھمەت مەزىننىڭ ئابدۇقادىر داموللامنى ئۆلتۈرگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان ئابدۇقادىر داموللامنىڭ چوڭ ئوغلى ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ھىندىستاندىكى ئوقۇشىنى تاشلاپ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ بۇ دېلۇنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشنى قايتا-قايتا تەلەپ قىلىپ ئەرز سۇنغاندىن كېيىن،قەشقەردىكى ئەمەلدارلار(ئۆمەربەگ بىلەن زۇنۇن پاششاپلار) شەھەر كاتتىسى تەرپىدىن سۈڭگۈتۈلگەن ئالتۇن يامبۇنىڭ كۈچى بىلەن بۇ سىرنى ئاشكارلىماسلىققا ۋەدە بېرىدۇ ئەھمەت مەزىننىڭ ئۆزىگىمۇ بارىلىق جىنايەتلىرىدىن تېنىش كىرەكلىگى ، شۇندىلا ئۇنىڭ ئۆلۈمدىن خالاس بولىدىغانلىقى ئالاھىدە جىكىلىنىدۇ. لېكىن توختىماي قىلىنغان بۇ دەۋادىن زىرىككەن شەھەر كاتتىلىرى ئەھمەت مەزىننى تۆمۈر قەپەزگە سولاپ ئۈرۈمچىگە ماڭدۇرىۋېتىدۇ. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ چوڭ ئوغلى ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ئىز قوغلىشىپ ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئەرز سۇنىدۇ.ھۆكۈمەت تەرەپ ئەھمەت مەزىننى ئېتىپ بېرىشنى ئېيتقان بولسىمۇ ئابدۇلئەزىز مەخسۇم بۇنىڭغا قوشۇلماي پەردە ئارقىسىدىكى پىلانلىغۇچىلارنىمۇ جازالاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ قاتىل ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ،لېكىن پەردە ئارقىسىدىكىلەر يەنىلا ئاشكارلانمايدۇ. قەشقەر كاتتىلىرىنىڭ تەلىپى ۋە ۋەدىسى بويىچە ئەھمەت مەزىن سولاقتىن بوشتىلىپ قويۇپ بىرىلىدۇ .بۇ قاتىل ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا بىر مەزگىل لاغايلاپ يۈرگەن بولسىمۇ ، لېكىن بۇ ئىشتىن خەۋىرى بارلىكى كىشىلەرنىڭ تىل -ئاھانەت ، دەشناملىرىدىن بىر مىنۇتمۇ ئارام تاپالماي ، ياقا يۇرتلارغا قېچىپ بېرىپ جان باقىدۇ . روھىي جەھەتتىن قاتتىق زەربە يېگەن مەزىن ئاقىۋەتتە ئېلىشىپ قېلىپ شۇ دەرىجىگە يېتىدۇكى ، ھەتتا ئۆز گۆشىنى ئۆزى يىيىشكە باشلايدۇ . نەتىجىدە ئەنە شۇنداق ساراڭلىقتا بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۆلىدۇ.

1924-يىلى ئابدۇقادىر داموللام سۇيىقەسىتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، سۇيىقەسىتچىلەرنىڭ نىشانى ئۇنىڭ شاگىرتى سابىت داموللامغا مەركەزلىشىدۇ.

6 .شېڭ شىسەيگە ساداقىتىنى بىلدۈرگەن ـــ شاپتۇل داموللام

       ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللام پەيزاۋات شاپتۇللۇق كىشى بولۇپ دىنىي مەلۇماتى يۇقىرى بولغاچقا، قەشقەر تەۋەسىدە تەسىرى زور بولغان. لېكىن بۇكىشى سېپى ئۆزىدىن مۇناپىق بولۇپ، ئابدۇقادىر داموللامغا قەست قىلىش سۇيىقەستىگە قاتناشقان ، ئوسمان پاشا بىلەن تۆمۈر شىجاڭنى زىددىيەتكە سېلىپ، ما جەنساڭ ئۈچۈن كەتمەن چاپقان. ئۇ 1934 - يىلىدىن كېيىن، يەنى شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى دەۋرىدە ئەتىۋارلىنىپ ئىشلىتىلگەن ھەم قەشقەردە قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان . 1935 - يىلى يازدا ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئۆلكەبويىچە ئېچىلغان« ئىككىنجى قېتىملىق ئاۋام كونفىرىنىيىسى » گە قاتناشقان . قايتىپ بارغاندىن كېيىن، شېڭ شىسەيگە بولغان ئالاھىدە ئىخلاسى ھەققىدە سۆزلەپ يۈرگەن ھەم شىڭ شىسەينىڭ « ئالتە بۈيۈك سىياسىتى » نى تەشۋىق قىلغان .

1936 - يىلى 5 - ئايدا، شېڭ شىسەي قەشقەرنىڭ ۋالىسى ۋاڭ باۋچەنگە تېلېگرام بېرىپ،«سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئېكىسكۇرسىيە ۋە زىيەرەتتە بولۇش ئۈچۈن سودا - سانائەتچىلەر تەكشۈرۈش ئۆمىكى تەشكىل قىلغانلىقىنى ، شۇڭا قەشقەر ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇدىرى ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللامنى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىپ بېرىشى لازىملىقى»نى ئۇقتۇرغان . شېڭ شىسەينىڭ ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللامدىن پايدىلانماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلگەن مەھمۇت شىجاڭ ئۇنىڭ ئۈرۈمچىگە بېرىشىغا يول قويمىغان. ئۇ، 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى كېچىدە، ئادەم ئەۋەتىپ ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللىنى قەشقەر كونا شەھەرنىڭ ئۆتەڭ بازىرىدا يۇشۇرۇن ئولتۇرگۈزۈۋەتكەن.

7.ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى چاققان شېڭ سىسەينىڭ سادىق غالچىسى ــــ روزى موللام

1931-يىلى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلاڭچىلىرىدىن ئەجەللىك زەربە يەپ، ئۈرۈمچىگە قېچىپ كېلىۋاتقان شېڭ شىسەي تۇرپانغا كەلگەندە ، روزى موللام شىڭ شىسەيگەغالچىلىق قىلىپ، ئېشەك مىنىپ ئالدىغا بېرىپ ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ سەبداشلىرىنى «دېھقانلار قوزغىلىڭىزنىڭ مەنىۋى تەرغىباتچىسى» دەپ چاقىدۇ. شىڭ شىسەي بۇنى ئاڭلاپ ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ تۈرمىگە تاشلايدۇ. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 1933-يىلى 3-ئاينىڭ 13 -كۈنى سەبداشلىرى بىلەن باتۇرلاچە قۇربان بولىدۇ.

8.لۇتپۇللا مۇتەللىپنى چاققان گومىنداڭچى ــــ ھېكىم نۇر

      ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ جاسۇسلۇق بۆلۈمىدىن مۇتەللىپنى كۈزىتىدىغان ئادەملەر ئاللىبۇرۇن تەشكىللەنگەن. شۇ چاغدا ئاقسۇ گېزىتخانىسىدا لۇتپۇللا مۇتەللىپنى تەكشۈرىدىغان «ئەپەندى»، ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىدا «ياخشى»، «كاڭجيەن»، جەمئىيەتتە «گاڭبى» دىگەندەك مەخسۇس ئادەملەر بار ئىدى. ل.مۇتەللىپ قاتارلىقلارنى ئاشكارلاپ قويغان ھېكىم نۇرنىڭ مەخپىي ئىسمى «گاڭبى» ئىدى. ھېكىم نۇر شۇ يىللاردىكى ساقچى ئەمەلدارى، ل.مۇتەللىپلەرنىڭ تەشكىلاتىغا سوقۇنۇپ كىرگەن ئىشپىيون ھەم مۇتەللىپنىڭ قاتىلى ئىدى.

ئىزاھلار:

①: ئابلىز مۇھەممەت سايرامى،«سۈي،تاڭ سۇلالىلىرىدە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر تارىخى شەخسلەر» 65~71-بەتلەر،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1999-يىل 7-ئاي

②: ئەخەت تۇردىنىڭ «بەخىتسىز سەئىدىيە» ناملىق كىتاۋىدىن ئېلىندى .

③: ئابدۇۋەلى ئەلى ئەپەندى يازغان«بەدەۋلەت-ئۆركەشلەپ ئاققان قايدۇ دەرياسى» ناملىق روماننىڭ 11-بابىدىن ئېلىندى


ھەركىم قىلسا ئۆزىگە !

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
222 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1232

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى 10:53:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ئۇسۇللار بىلەنمۇ تارىخقا يېزىلغىلى بولىدىكەن دىمىگەن بىلەن .....

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى 14:34:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anar بۇ يازمىنى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى 10:53 دە يوللىغان
بۇنداق ئۇسۇللار بىلەنمۇ تارىخقا يېزىلغىلى بولىدىكەن دىمىگەن بىلەن .....

شۇنداق جانىم ، ئەڭ ئاددىيسى سىنىپتا ئەڭ ياخشى ئوقۇغۇچى بىلەن ئەڭ ناچار، ئەسكى ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئېسىدىن مەڭگۈ چىقمايدىغۇ، شۇنىڭدەك، قەھىرمانلىرىمىز ئۇلارنىڭ قەتلى قىلىنىشىغا سەۋەپ بولغان بۇنداق ساتقۇنلارمۇ تارىخ بەتلىرىدە، خەلىق قەلبىدە مانا مۇشۇنداق ساقلىنىپ قالىدۇ.
پەرىق: قەھىرمانلىرىمىزنى پەخىرلىنىپ تۇرۇپ تىلغا ئالساق، بۇ نامەرتلەرنى بولسا نەپىرەت بىلەن تىلغا ئالىمىز.

Rank: 2

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
259
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى 17:58:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداق نامەردلەر ھەر ۋاق ئۆز بېشىنى ئۆزى يەيدۇ ،بۇنداق ئادملەرگە ھەر ئىككى تەرەپتە ئۆلۇم  كۈتۈپ تۇرىدۇ .

Rank: 2

توردا
7 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى
نادىر
0
يازما
89
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى 09:58:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق نائەھلىلەر ئەلنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ئۆلگەن بولىدۇ

Rank: 4

توردا
51 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
3
يازما
181
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى 01:23:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرغۇن چۇشەنچىلەرگە ئىگە بۇلدۇم .

يىراقتىكى موللام دا موللام، يېقىندىكى موللام جا موللام

Rank: 2

توردا
31 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
118
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى 11:58:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز خەق ئېسمى جىسمىمىزغا لايىق "ئۇيىشالىغان"بولساق بۇگۇنكىدەك بولمايتۇق

Rank: 1

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى
نادىر
0
يازما
1
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى 22:48:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەم بولمايدىغانلار ....ئىلاھىم قىيامەتتە جاججىسنى يىگەي!!!  رەھمەت سىزگە خىلى جىق ئىشلارنى بىلىۋالدىم.......

Rank: 1

توردا
34 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
84
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى 08:21:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
3.موڭغۇللارغا يېلىنغان قورچاق پادىشاھ ـــ ئافاق غوجا

ئافاق خوجىنىڭ پەقەت قۇمۇلدا تۇغۇلغان، ھازرقى جەنۇبى شىنجاڭ رايونىدا پائالىيەت بېرىپ بارغانلا يېرى بار. ئۇنى ئۇيغۇر دەيدىغان پاكىت يوق تېخى.

تۆۋەندىكى بايانلارغا قاراڭ:

17–ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يىرىمىدىن تاكى بۈگۈنگىچە، خەلقىمىز ئارىسىدا «ئاپپاق خوجا»نامى بىلەن مەشھۇر بولغان، يەكەن خانلىقىنى جۇڭغار خانلىقىغا يەم قىلىپ بىرىش بەدىلىگە 80 يىل داۋاملاشقان خوجا – ئىشانلار «ئىلاھىي خانلىقى» نى بارلىققا كەلتۈرگەن، «ئىشقىيە» (ئاقتاغلىقلار)گۇرۇھىنىڭ ئۈچىنىچى ئەۋلاد پىرى مۇرشىدى خوجا ھىدايەتۇللا ئىشان، 15 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يىرىمىدىن باشلاپ مەخدۇم ئەزەم، خوجا ئەھمەد كاسانىي ياكى خوجا دەھبىدىي تەخەللۇسى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا، شىنجاڭ، ھىندىستان، ئافغانىستان، كەشمىر، بەدەخشان قاتارلىق جايلارغا تونۇلغان،نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ 5–ئەۋلاد پىرى مۇرشىدى سەييىد ئەھمەد ئىبىن مەۋلانە جالالىددىن خوجا دەھبىدىي (1461 –1542) نىڭ چەۋرىسى ئىدى.
ئاپپاق خوجا (1626– 1694) 68 يىللىق ھاياتىدا، تەرىقەت تارقىتىپ، مۇرىت توپلاپ، تەسىرىنى كىڭەيتىشتە بولسۇن ياكى ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىشتا بولسۇن، تۇغلۇق تۆمۈرخان (1348 – 1363) نىڭ ئىمان ئىيتىشىغا گۇۋا – شاھىت بولغان جالالىددىن كەتەكىي ۋە ئۇنىڭ ئوغلى خوجا مەۋلانە ئەرشىددىن، نەۋرىسى ئەبۇل فەتتاھ خوجا، چەۋرىسى فەخرىددىن خوجا، ئۇلاردىن كىيىن سوپىزىم ئەقىدىلىرىنى تارقىتىش بىلەن مەشغۇل بولغان خوجا ئۇبەيدۇللا ئەھرار ۋەلى (1404 –1490) نىڭ ئوغلى خوجا مۇھەممەد ئابدۇللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى شۇنداقلا ئۇلاردىن كىيىنكى نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولغان خوجا مۇھەممەد شىرىپلارنىڭ ھەرقاندىغىدىن ئىشىپ كەتتى. ئاپپاق خوجا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا تۇتقان ئورنى ۋە تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ھاياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرىمۇ ناھايىتى كۈچلۈك بولدى. كىشىلەر ئاپپاق خوجا ھايات چىغىدا ئۇنىڭ تاپىنىغا باش ئۇرغان بولسا، ئۇ ۋاپات بولغاندىن كىيىن ئۇنىڭ قەبرىسىنى تاۋاپ قىلىش ۋە سەيلە قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.
مەخدۇم ئەزەم نامى بىلەن تونۇلغان خوجا ئەھمەد كاسانىنىڭ چوڭ ئوغلى مۇھەممەد ئەمىن (خوجا كالان ياكى ئىشان كالان)، ئۇنىڭ ئوغلى خوجا مۇھەممەد يۈسۈپ (مازار پادىشاھ – بارلىق مازار – ماشايىخلارنىڭ پادىشاھى دىگەن مەنىدە بولۇپ ئۇنىڭ ئۇنۋانى) ياكى (فەيزۇل ئەنۋار — پۈتكۈل جاھانغا پەيزى چاچقۇچى دىگەن مەنىدە بولۇپ ئۇنىڭ ئۇنۋانى)، ئۇنىڭ ئوغلى خوجا ئاپپاق (ھىدايەتۇللا ئىشان) ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە يەكەن خانلىقىدىكى ھاياتى پائالىيەتلىرىدىن مەلۇمات بىرىش، بولۇپمۇ ئاپپاق خوجىدىن ئىبارەت بۇ تارىخىي شەخىسنى تەتقىق قىلىش، سوپىلىق ئەۋىج ئالغان ئاشۇ بىر دەۋىرنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىنى، كىشىلەرنىڭ روھىي – ھالىتىنى چۈشۈنىشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
يەكەن خانلىقى ئاغدۇرۇلۇشتىن بۇرۇنقى ئاپپاق خوجىنىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرى
ئاپپاق خوجىنىڭ ئەسلى ئىسمى ھىدايەتۇللا (1626 – 1694) بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى ھاجى مۇھەممەد يۈسۈپ خوجا (مەخدۇم ئەزەمنىڭ نەۋرىسى) ئىدى. ئاپپاق خوجا نەقشىبەندىيە تەرىقىتى ئاق تاقىيە (ئاق دوپپىلىقلار، ئاق دەستارلار ياكى ئاق تاغلىقلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ) گۇرۇھىنىڭ باشلىقى، يەكەن سەئىدىيە خاندانلىقىدىن كېيىنكى قورچاق ھاكىمىيەتنىڭ ھۆكۈمرانىدۇر.ئۇ 1626 – يىلى قۇمۇلدا ئۆزىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەۋلادى (سەييىد) دەپ ئاتىۋالغان ئىشانلار ئائىلىسىدە دۇنياغا كۆز ئاچىدۇ. دادىسى خوجا مۇھەممەد يۈسۈپ (مازار پادىشاھ، ياكى فەيزۇل ئەنۋار) مەخدۇم ئەزەمنىڭ چوڭ ئوغلى خوجا مۇھەممەد ئەمىن (ئىشان كالان)نىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ، سەمەرقەنىدنىڭ دەھبىد دىگەن يىرىدىن كەلگەن.ئاپپاق خوجىنىڭ چوڭ دادىسى خوجا مۇھەممەد ئەمىن (خوجا كالان ياكى خوجا ئىشان كالان) بولسا، تەسەۋۋۇپنىڭ «ئىشقىيە» (ئاق دەستارلار) تەرىقىتىگە باشچىلىق قىلغان بولۇپ، مەخدۇم ئەزەم بالىلىرىنىڭ چوڭى ئىدى.
خوجا مۇھەممەد يۈسۈپ (مازار پادىشاھ ياكى فەيزۇل ئەنۋار) نىڭ يۇرتىدىن ئايرىلىپ، قەشقەر ۋە قۇمۇللارغا كىلىشىگە نىمە سەۋەپ بولدى؟ دىگەن سۇئالغا، خوجا – ئىشانلارنىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرى خاتىرلەنگەن مۇناسىۋەتلىك تارىخىي تەزكىرە ۋە قوليازمىلاردا ئېنىق جاۋاپ بىرىلگەن .
«ئىخلاسمەنلەرنىڭ سېرى» (مەخدۇم ئەزەم تەزكىرىسى) دە: «مەخدۇم ئەزەمنىڭ 4 ئايالى بولۇپ، ئۇلاردىن 24 نەپەر پەرزەندى بار ئىدى. ئۇنىڭ 13 نەپىرى ئوغۇل، 11 نەپىرى قىز ئىدى. چوڭ خوتۇنى ئۆز ئانىسىنىڭ ئوغۇل بىر تۇققىنىنىڭ قىزى ئىدى، قىينىئاتىسىنىڭ ئىسمى مىر سەييىد يۈسۈپ ئىدى. بۇ ئايالىدىن 4 ئوغۇل ئىككى قىز پەرزەنىتلىك بولغانىتى. چوڭ ئوغلىنىڭ مۇبارەك ئىسملىرى مۇھەممەد ئەمىن خوجام بولۇپ، ئۇنىڭغا «ئىشان كالان» دەپ نام ئاتاق بىرىلگەنتى. ھەزرىتى مەخدۇم ئەزەم پادىشاھىم ئالەمى فانىدىن ئالەمى باقىغا رىھلەت (سەپەر) قىلىشتىن بىر يىل ئىلگىرى، ئىشان كالان پادىشاھىمغا بىشارەت بەردىكى، بارچە ھەزرىتى خاجەگانلار سىزنى بىزلەرگە يول باشلىغۇچى بولۇشقا بەلگىلىدى دەپ، ھەممە يارانلىرىغا ئىيىتتىلەركى، مەندىن تىلىگەن ھەر قانداق نەرسىنى بالام ئىشان كالاندىن تىلەڭلار دىدى، ھەزرىتى ئىشان كالان ئەدەپ ساقلاپ تۇردى. ھەزرىتى مەخدۇم ئەزەم پادىشاھىم ئىيىتتىلەركى، بۈگۈن خۇدايىتەئاللانىڭ كارخانىسى سىزنىڭ قولىڭىزغا ئۆتتى دۇئا قىلىڭ دەپ دۇئا تىلىدى. ھەزرىتى ئىشان كالان پادىشاھىم دۇئا قىلدى، ھەممە ئۇنىڭغا ئەگەشتى.بىر يىلدىن كىيىن ھەزرىتى مەخدۇم ئەزەم پادىشاھىم ئالەمى فانىدىن ئالەمى باقىغا سەفەر قىلدى، ھەزرىتى ئىشان كالان پادىشاھىم ئىشانلىق ئورنىدا ئولتۇردىلەر.خوجا ئىسھاق ۋەلى باشقا ئانىدىن ئىدى، ھەزرىتى ئىشان كالان پادىشاھىمنىڭ ئىشانلىق ئورنىدا ئولتۇرغىنىغا زىيادە ھەسەد قىلدىلەر، ئاندىن ھەزرىتى ئىشان كالان پادىشاھىمنى ھالاك قىلماقنىڭ قەستىگە چۈشتى. ئاخىر خوجا ئىسھاق ۋەلى ھەزرىتى ئىشان كالان پادىشاھىمنى مىھماندارچىلىققا چاقىرىپ، ئېشىگە زەھەر سېلىپ بەردى.ھەزرىتى ئىشان كالان يېنىپ كەلگەندىن كىيىن، مازار پادىشاھىم دەپ ئاتالغان چوڭ ئوغلى خوجا مۇھەممەد يۈسۈپكە ئىيىتتىلەركى، ھەرگىز بۇ دىياردا تۇرمىغىن، بۇلارنىڭ ئاداۋىتى بىزلەردىن تا دەۋرى قىيامەتكىچە كەتمەس، بۇ خۇددى ئەرەبلەر ئىچىدىكى ھاشىم جەمەتى بىلەن ئۇممەۋىيىلەر جەمەتى ئوتتۇرىسىدىكى دۈشمەنلىككە ئوخشاشتۇر. جانابى شان-شەرەپلىك خوجىلار سىزنى پېقىرنىڭ خادىمى قىلىپ موغۇلىستان ئىچىگە بارسۇن دەپ، توغرا يولغا باشلاشنىڭ ئاچقۇچىنى سىزنىڭ قولىڭىزغا بەردى، سىزنىڭ تۇرۇش جايىڭىز، ۋافات بولىدىغان ماكانىڭىز، پەرزەنىت ئەۋلادلىرىڭىز، نەۋرە – چەۋرىلىرىڭىز، سوپىلىرىڭىز ۋە مۇرىت – مۇخلىسلىرىڭىز موغۇل دىيارىدا بولىدۇ.دەپ ۋەسىيەت ھەم نەسىھەتلەرنى تامام قىلىپ، ھەممە تەئەللۇقاتلىرىنى بىرىپ، ئالەمى فانىدىن ئالەمى باقىغا سەفەر قىلدى.»دىمەك، خوجا مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ دادىسى خوجا مۇھەممەد ئەمىن (خوجا كالان ياكى ئىشان كالان) دادا بىر ئانا باشقا ئىنىسى خوجا ئىسھاق ۋەلىنىڭ قولىدا ئەجەل شەربىتى ئىچىپ، پانىي ئالەمدىن باقىي ئالەمگە سەفەر قىلغاندىن كىيىن، خوجا مۇھەممەد يۈسۈپ دەھبىدتە دادىسىنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئىنىلىرى خوجا قاسىم، خوجا ھاشىم ۋە خوجا سالىھلار بىلەن خوشلۇشۇپ ھەجگە بارىدۇ ۋە مەدىنىدە بىر مەزگىل تۇرۇپ قالىدۇ. يەنە بىر رىۋايەتتە ئىككى مەرتىۋە ھەج قىلدى دىگەن گەپمۇ بار. ھەجدىن قايتاشىدا دادىسىنىڭ «ۋەسىيەت ھەم نەسىھەتىگە» ئاساسەن 1620 – يىللىرى قەشقەرگە كىلىدۇ. بۇ يەكەن خانلىقى تەۋەسىدە «ئىسھاقىيە» كەڭ تارقىلىپ زور تەسىرگە ئىگە بولغان بىر ۋاقىت ئىدى. خوجا مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ «ئىسھاقىيە» گە قارشى سۇلۇك نەزىرىيەلەرنى تارقىتىشى تەبىئىي ھالدا «ئىسھاقىيە» نىڭ نارازىلىقى ۋە قارشىلىقىنى قوزغاپ، يەكەن خانلىقىدا ئىككى مەزھەب، گۇرۇھ شەكىللەندۈرۈپ، زىددىيەتنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈپ قانلىق توقۇنۇشقا سەۋەپ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن 1622 – يىللىرى يەكەن سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ ئالتىنچى ئەۋلاد خانى ئابدۇللەتىف خان «خانلىقنىڭ ئامانلىقىغا خەۋىپ يەتكۈزگەن» خوجا مۇھەممەد يۈسۈپنى يەكەن خانلىقىنىڭ مەركىزىي رايۇنلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ.
«ئىخلاسمەنلەر سېرى» (مەخدۇم ئەزەم تەزكىرىسى) دە، خوجا مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ قۇمۇلغا كېلىشىنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا : «بىر كىشى بىر كەنىتكە ئۆستەڭنىڭ سۈيىنى باشلاپ كېلىشكە قەدەم قويسا، ئەۋەل ئۆستەڭنىڭ ئاياغ تەرىپىگە بېرىپ، ئۆستەڭنىڭ قىرغاقلىرىدىكى تۆشۈكلەرنى مەھكەم ئېتىپ، ئاندىن ئۆستەڭنىڭ باش تەرىپىگە بارىدۇ، شۇ ۋەجىدىن ھەزرىتى مازار پادىشاھىم موغۇلىستان كەنىتلىرىنىڭ تۈگەنچىسى بولغان قۇمۇلغا قەدەم باستى.»دېيىلگەن . شۇنداق قىلىپ خوجا مۇھەممەد يۈسۈپ قەشقەردىن ئايرىلىپ تەخمىنەن 1624 – يىللىرى قۇمۇلغا كېلىپ «چىقتىم» دىگەن جايدىكى بىر ئۆڭكۈردە ئىستىقامەت بىلەن ياشايدۇ. ئۇ كىشىلەرگە «تەقۋادار كىشى ئىكەن» دەپ تونۇلغاندىن كېيىن، قۇمۇل شەھرىگە كېرىپ، بۇ يەردە قەشقەر بەشكىرەمنىڭ قاراساقال دىگەن جايىدىن كۆچۈپ چىققان مىر سەييىد جىلىل دىگەن دىنىي ئۆلىما بىلەن تونۇشىدۇ ۋە ئۇنىڭ قوللىشىغا ھەم ياردىمىگە ئىرىشىدۇ. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ قىزى زۇلەيخا بىگىمنى ئەمرىگە ئالىدۇ. خوجا مۇھەممەد يۈسۈپ قىينىئاتىسى مىر سەييىد جىلىل قەشقەرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا ئىشانلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. قۇمۇل تەۋەسىدە خانىقا بىنا قىلىپ، مۇرىت قوبۇل قىلىپ، «ئىشقىيە» سۇلۇكىنىڭ ئەقىدە – تەلىماتلىرىنى تارقىتىش پائالىيىتى بىلەن مەشغۇل بولۇپ نام چىقىرىشقا باشلايدۇ.كېيىنكى كۈنلەردە «ئاپپاق خوجا» دىگەن نام بىلەن داڭق چىقارغان خوجا ھىدايەتۇللا 1626–يىلى مانا شۇ خوجا مۇھەممەد يۈسۈپ بىلەن زۇلەيخا بېگىمنىڭ ئائىلىسىدە قۇمۇلدا دۇنياغا كېلىدۇ.



ئىنسانلىقىمغا گۇماندىمەن!

Rank: 1

توردا
1 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
2
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى 11:29:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ياخشى تىما ئىكەن ،رەھمەت سىلەرگە ! تارىخىي رومانلىرىمىزدا بۇنداق ئادەملەرنى كۆپ ئۇچرىتىمىز ھەتتا  ھازىرقى جەمئېيىتىمىزدىمۇ بۇنداق ئادەملەر مەۋجۇت ،  شۇنى ئويلاپ قالدىمكى : مانا مۇشۇنداق ئۆز مىللىتىنى سۆيمەيدىغان ئادەملىرىمىز تۈپەيلىدىن بىز تەرەققىي قىلالمايمىز ؛ مىللىتىمىزنىڭ نادانلىقى ۋە شۇنداق غۇرۇرسىز كىشىلىرىمىز تۈپەيلىدىن دۇنياغا تونۇلالمايمىز !  بۇ بىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىللەت دەپ قارايمەن .
مائارىپ ۋە ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئېشلىرىمىز تىخىمۇ يۈكسەلگەن بولسا ،ئوقۇشسىز قالغان قىرىنداشلىرىمىز ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولالىغان بولسا ، كىشىلىرىمىز ئائىلە تەربىيىسىنىڭ مۇھىملىقىنى ھەقىىقىي تونۇپ يەتكەن بولسا ............
ئۇ ۋاقىتتا مىنىڭچە بۇنداق مىللىتىنى ساتىدىغان   كىشىلىرىمىز ئازايغان بولاتتى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى 02:22 , Processed in 0.091920 second(s), 20 queries , Eaccelerator On.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش