Insan يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى 08:21 
3.موڭغۇللارغا يېلىنغان قورچاق پادىشاھ ـــ ئافاق غوجا
...
تۇغلۇق تۆمۈرخان (1348 – 1363) نىڭ ئىمان ئىيتىشىغا گۇۋا – شاھىت بولغان جالالىددىن كەتەكىي ۋە ئۇنىڭ ئوغلى خوجا مەۋلانە ئەرشىددىن، نەۋرىسى ئەبۇل فەتتاھ خوجا، چەۋرىسى فەخرىددىن خوجا، ئۇلاردىن كىيىن
****************************************************************
كەچۇرسىز . ئالدىڭىزدا ئاتكاچىلىق قىلىپ قويدۇم . سىز پايدىلانغان تارىخى ماتىريالدا خاتالىق بارمۇ ياكى ئوخشاش ئىسىملىق تارىخى شەخىسلەر مەۋجۇتمۇ بىلمىدىم ، مەۋلانە ئەرشىددىنىڭ بوۋىسى ( تاجىك مىللىتى) مەۋلانە مەھمۇد ( مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن ) ، بۇ زاتنىڭ قەۋرىسى ھازىرقى تاشقى مۇڭغۇلىيەنىڭ ئۇلانباتۇردىكى قارا قۇرۇم دىگەن يەردە . مەۋلانە ئەرشىددىنىڭ دادىسى مەۋلانە جالالىدىن ( مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن ) ، بۇ زات بۇيۇك ئىستىلاچى تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئىمان ئېيىشىغا سەۋەپچى بولغان .
تارىخى ماتىرياللاردا زىكرى قىلىنىشچە مەۋلانە جالالىدىن بىر نەچچە مۇرىتلىرى بىلەن ئوۋ ئوۋلاشقا چىققان تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ لەشكەرلىرىگە تۇتۇلۇپ قالىدۇ ، لەشكەرلەر ئۇلارنى تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارغاندا ئىتىغا توڭگۇز گۇشىنى يىگۇزۇپ ئولتۇرغان تۇغلۇق تۆمۈرخان مەۋلانە جالالىدىندىن مۇنداق سورايدۇ : سەندىن ئىت ياخشىمۇ ياكى سەن ئىتتىن ياخشىمۇ ؟ . مەۋلانە جالالىدىن جاۋابەن مۇنداق دەيدۇ : مەندە ئىمان بولسا ئىتتىن مەن ياخشى ، مەندە ئىمان بولمىسا مەندىن ئىت ياخشى . بۇ گەپنى ئاڭلىغان تۇغلۇق تۇمۇرخان ئويلىنىپ قالىدۇ ۋە مەۋلانە جالالىدىندىن سورايدۇ : سەندە ئىمان بولسا سەن ئىتتىن ياخشى بۇلىدىغان ، سەندە ئىمان بولمىسا ئىت سەندىن ياخشى بۇلىدىغان قانداق نەرسە ئۇ ئىمان دىگەن ؟. مەۋلانە جالالىدىن تۇغلۇق تۇمۇرخانغا ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ھۆكۇملىرىدىن ۋە كالاموللانىڭ مەزمۇنىدىن خەۋەردار قىلىدۇ . بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان تۇغلۇق تۇمۇرخان ھۆركىرەپ يىغلاپ كىتىدۇ ۋە مەۋلانە جالالىدىنغا مۇنداق دەيدۇ : مەن خان بولغاندىن كىيىن ئىمان ئېيتىپ ئىسلامغا ئىتقاد قىلىمەن ، شۇ ۋاقىتتا ماڭا سەن ئۆگەتكىن .
شۇنداق دەپ بۇلار خوشلىشىدۇ ، كىيىن مەۋلانە جالالىدىننىڭ ۋاپات بۇلۇشنىڭ ئالدىغا ئوغلى مەۋلانە ئەرشىددىنغا ۋەسىيەت قالدۇرۇپ تۇغلۇق تۇمۇرخانغا ئىمان ئېيتقۇزۇشقا تاپىلايدۇ . 1348 - يىلى تۇغلۇق تۇمۇرخان خان بۇلۇپ ئالتە يىلدىن كىيىن يەنى 1354- يىلى دادىسىنىڭ ۋەسىيتىگە ئاساسەن مەۋلانە ئەرشىددىن ( مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن ) ئاستانىگە كىلىدۇ ، لىكىن ئوردا قاراۋۇللىرى ئۇنى كىرگۇزمەيدۇ . شۇنداقتىمۇ ئىرادىسىدىن ۋاز كەچمىگەن مەۋلانە ئەرشىددىن ھەركۇنى ئوردىغا يېقىن يەردە ئەرزان توۋلاپ ئىبادىتىنى داۋاملاشتۇردۇ . ھەركۇنى ئوخشاش ۋاقىتتا ئەرزان ئاۋازىنى ئاڭلاپ كىلىۋاتقان تۇغلۇق تۇمۇرخان بۇ كىشىنى چاقىرتىپ كىلىشنى تاپىلايدۇ . مەۋلانە ئەرشىددىن ئوردىغا كەلگەندىن كىيىن تۇغلۇق تۇمۇرخانغا دادىسىنىڭ ۋەسىيتىگە ئاساسەن كەلگەنلىك بايانىنى سۆزلەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن تۇغلۇق تۇمۇرخان ئوردىدىكى يۇقىرى مەنسەپلىك مۇھىم ئەمەلدارلارغا مەسلەھەت سېلىپ ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ئىرىشكەندىن كىيىن راسمى يۇسۇندا ئىمان ئېيتىشقا باشلايدۇ . مەرھۇم مەۋلانە ئەرشىددىننىڭ قەۋرىسى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئايكۆل بازىرىدا . جاھانغا داڭقى تارالغان مەۋلانەم خانقاسى دىگەن يەر شۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دەرتمەن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى 12:55