يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1456|نەقىل: 8

(ئاھۇ) پىراق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
220 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
445

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى 15:02:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

چىمەنگۈل ئاۋۇت

پىراق

(مەرھۇم ئىمىن تۇرسۇن بوۋامنىڭ ھۆرمىتىگە بېغىشلايمەن.)

قار يېغىۋاتىدۇ...
مەن
بوۋامنىڭ
ياشاڭغىرىغان كۆزلىرىگە قارىدىم.
يىغلىغىنىمنى بىلىندۈرمەي دەپ
بۇ غېرىپ ئۆينىڭ تاملىرىغا
تۇمان بولۇپ تارىدىم...
_ تۇيۇمدا كەيگەن تاشكەنت بۆكىنى،
ياشلىقىمدىكى شىم كەمزۇلنى،
كېچىدەك قارا يىپەك گالاستۇكۇمنى،
ياقۇت كۆزلۈك قىسقۇچنى...
سىز بىلەن توي قىلىدىغان،
ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان
ھېلىقى يىگىتكە ئارمىغان قىلىمەن،
سىلەر ئۇنى
مەن قەدىرلىگەندەك قەدىرلەيسىلەر
بۇنى بىلىمەن...

بوۋام
توختىماي سۆزلەۋاتىدۇ،
ئۆتكەن ئۆمرىدىن
نېمىلەرنىدۇر ئىزدەۋاتىدۇ.
چۆچەكلەردە.
يېرىلىڭ تاشىم دېسە،
تاشمۇ يېرىلاتتى.
مانا مەن بۈگۈن

يېرىل يۈرىكىم دېدىم،

يۈرىكىم يېرىلمىدى.
مېنىڭ پەريادىم
ئاپئاق قارغىمۇ بىلىنمىدى.

يۈكۈنۈپ تۇرۇپ
ئۇنىڭ قوللىرىنى سىيلىدىم،
بىزنىڭ تويىمىز بولىدىغان كۈننى
قانچە سورىسىمۇ دېمىدىم.
بىزنىڭ تويىمىز بولىدۇ،
شۇ كۈنى
قىسمەت بورىنى ئۆزىنى تاملارغا ئۇرىدۇ.
ئۇ مېنىۋالغان رىيازەت دۇلدۇلى،
سېلى بەرگەن مۇھەببەتنى يۈدۈپ كىشنەيدۇ.
ئۇنىڭ كەڭ ئالقانلىرى،
قەھىرلىك كۆزلىرى،
مېھىرلىك سۆزلىرى،
مېنى يىغىدىن توختىتىدۇ،
شامال قايرىغان يېشىل رومىلىم،
ئۇنىڭ ئېتىنى ئۈركىتىدۇ....

بىزنىىڭ تويىمىز بولىدۇ،
بىزنىڭ ئۆيىمىز بولىدۇ،
بىزنىڭ كەڭ ئېتىزىمىز بولىدۇ،
بىزنىڭ كەڭ ئاسمىنىمىز بولىدۇ.
ئۇ يېنىمدا ئولتۇرۇپ،
يەنە ماڭا خەت يازىدۇ.
بالىلىرىمىز يۈرىكىمىزنى قازىدۇ....

بوۋام كۆلۈمسىرىگىنىچە ئۇخلاپ قالدى،
مەن ئىشىكنى ئاۋايلاپ يېپىپ چىقىپ كەتتىم.
سېنى سېغىنغان يۈرىكىمنى
باھار قالغاچلىرىغا دان ئەتتىم!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 11:43:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاھۇ، ئالىمنىڭ ۋاپاتى، ھەممەيلەن ئۈچۈن بىر يوقۇتۇش بولدى، مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەنەتتە بولغاي!

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 4

توردا
58 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
نادىر
0
يازما
99
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 12:45:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
چىنسوزلۇك بول !!!

Rank: 8Rank: 8

توردا
67 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
101

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 17:32:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئۇلۇغ بوۋىمىز بىھىشكە كەتتى،
ئادەملىك يولىنى ئۆگىتىپ كەتتى.
تارىخنىڭ بېتىگە مەڭگۈلۈك سىڭىپ،
ئاقارغان تاڭلارنى ئەسلىتىپ كەتتى.

سالام ،ئاھۇ سىڭلىم!ئۆزىڭىزنى ئاسرىغايسىز.

   كەتكەننىڭ كەينىدىن كەتكىلى بولماس،
ئۆلۈمنىڭ سىرىنى يەشكىلى بولماس.
نە ئامال ،بۇ ھايات شۇنچىلىك سىرلىق،
ئارزۇ كۆپ،دەرمانسىز يەتكىلى بوماس.

تاشلىۋەتمە،ئۇنتۇلمايسەن،يېپىشىۋالما خار بولمايسەن.(ئا.پ.چىخوۋ)

Rank: 1

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
0
يازما
20
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 21:12:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ھايات كەچمىشلىرى،ئەجرۇھېكمەتلىرى....نىڭ بەرىكىتى كىيىنكىلەرگە بولغاي.
ئاھۇ،ئازاپ بىلەن مۇھەببەتنىڭ قۇدرىتى مىسرالىرىڭىزدىن تۆكۈلۈپ تۇرۇپتۇ....:time:

Rank: 3Rank: 3

توردا
147 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
432
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 04:24:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈزەممۇ ئېغىر بىر ھالدا بولغانلىقىم ئۈچۈن سىزگە تەسەللىي بىرىشكە ئاجىزلىق قىلىۋاتىمەن ......بوۋىمىزنىڭ ياتقان يىرى جەننەت بولغاي ....

Rank: 8Rank: 8

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1938

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 15:07:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنى ئەسلەپ تۇرىمىز!
ئاھۇ ھەدىمىزنىڭ قەلىمىگە بەرىكەتلەر بولسۇن.

Rank: 1

توردا
10 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
66
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى 15:44:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ ياخشى يېزىلغان شېركەن، بۇ مەرھۇمغا جەننەت ماكان نىسىپ بولسۇن

Rank: 8Rank: 8

توردا
237 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
642

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى 23:27:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداق چىداپ يۈرۇيدىكىن يۈرۇگۇم،
ئالەم كەبى بىر ھەسرەتنى سىڭدۇرۇپ.
يۈلتۇز ئېقىپ چۈشكىنىدە زىمىنگە،
زىمىن قانداق چىدىدىكىن تەۋرىنىپ.

شائىر ئىدىڭ ئالىم ئىدىڭ ئۇيغۇرنىڭ،
سەن ھاياتقا مەنا بەرگەن باشقىدىن.


ئاخىرىنى كىيىن يازاي..........كەچۇروڭلار!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 07:18 , Processed in 0.051036 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش