يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 597 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1248|ئىنكاس: 30

سايىنىڭ قىز دوستى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
100 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
0
يازما
318
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى 01:24:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سايىنىڭ قىز دوستى


               ھەممىمىزگە  مەلۇملۇق بولغىنىدەك سايىنىڭ نۇرغۇنلىغان قىز  دوستى  بار ئىدى ، ئەمما  ئۇ  شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەممىدىن سۆيۈملۈك ، كۆزلىرى  كۈلۈپ  تۇرىدىغان ئانارغا بەكرەك  مۇھەببەت باغلىغان  بولۇپ ، ئۇنىڭ  رەسىمىنى  پورتمالغا  سېلىپ  ساقلايىتتى ، چۈنكى  رەسىمنى ئانارخان ئۆز  قولى  بىلەن سېلىپ  بەرگەن ، شۇنداقلا ئەركىلەپ  تۇرۇپ " باشقىچە ئوي خىياللاردا  بولماڭ جانىم  ،  بولمىسا مەن رەسىمدىن شۇ ھامانلا  چىقىپ  قالىمەن جۇمۇ " دىگەن ئىدى . بۇ ئەلۋەتتە  شىرىن  قوقاق  سېلېش بولۇپ ، بۇنىڭ  بىلەن  ئۇ  تېخىمۇ  سۆيۈملۈك  بولۇپ كەتكەندەك  ئىدى .
ھەي ...................ھەرقانچە  سۆيۈمۈلك  بولسىمۇ  ياندا  يوقتە ، ئۇلارنىڭ يۈز   كۆرۈشمىگىنىگە  توپتوغرا 10 ئاي  بولغان ئىدى ، سايە  مۇشۇلارنى خىيال  قىلغاچ  پورتمال  بىلەن تەڭلا  ئىشىكنى  يېپىپ ئۇدۇل  خوشنىسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ  كەتتى .........
ئەلۋەتتە ،  سايىنىڭ  بۇ خوشنىسى ئاناردەك  سۆيۈملۈك  بولمىسىمۇ ، ئەمما خېلىلا جەزبىدارلىققا ئىگە ،  ئوتتىرا  مەكتەپ  ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ، يالغۇز تۇراتتى .
             ئىككىنجى  كۈنى سايە  خوشنىسىنىڭ  ئۆيىدىنلا ئىشقا  ماڭدى . ئابتۇبۇسقا  چىقىپ  بوش  ئورۇنغا  كېلىپ  جايلاشقان سايە  كۈندىكى  ئادىتى  بويىچە پورتمالنى  چىقىرىپ ئاچتى دە شۇنچىلىك چوچۇپ كەتتى ، ئانارخاننىڭ  سۆيۈملۈك  سىماسى كۆرۈنمەيىتتى ،  ئۇنىڭ  ئورنىدا  كىشىنىڭ كۆڭلىنى  غەش  قىلىدىغان بىر  قىسمالا  قارا قۇرا  رەسىم  تۇراتتى . بىر كۈن ۋەھىمە ،    قورقۇنچ ئىچىدە ئۆتكەن  سايە  بۇ كۈننى  شۇنچىلىك  تەس  كەچ  قىلدىكى ...........ئېغېرلاشقان  پۇتلىرىنى   ئارانلا  سۆرەپ  تاكسىغا ئولتۇرۇپ  ئىشتىن قايىتتى ، بۇرۇنلادا بولسا  سايە  پىخسىقلىغىدا ھەر قانچە ئالدىراش  بولسىمۇ ئابتۇبۇستا  قىستىلىشقا  رازى  بولاتتىكى 6 يۇەنگە چىدىمايىتتى .
              ئۆيىنىڭ  ئالدىغا كېلىشىگە ، غۇژمەكلىشىپ  يىغىلىۋالغان كىشىلەرنى ، ئۇلارنىڭ  ئىچىدىكى  كارىدورغا  كىرىپ  چىقىۋاتقان  ساقچىلارنى كۆرۈپ  غۇدۇراشقا  ئۈلگۈرمەيلا  ياشقىنا  بىر ساقچىنىڭ " نىم دىگەن قورقۇنۇچلۇق ، بىر ئوتتىرا  مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ  كىم  بىلەنمۇ بۇنچە ئۆچ  ئاداۋىتى  بارتتىكىن ، كاساپەت بېشىدىنلا ئۈزۈپتۇ " دىگىنى قۇلىقىغا يەتتى ..............
سايە ئۆزىنى بۇ دۇنيادا  بار بىلەن يوقتەك ھېس قىلىپ ،  تىترەپ  تۇرغان  قوللىرى  بىلەن كۈندە  نەچچە  ئون  رەت  ئاچىدىغان ، ھالا بۈگۈن ئەتتىگەن  بىر  قېتىم ئاچقاندىن بېرى قايتا ئېچىپ  باقمىغان پورتمالنى  ئاچتى ....
             سايىنىڭ  سۆيۈمۈلك  ئانىرى  قايتىپ  كەلگەن بولۇپ ، كۈلكىسى  بۇرنقىدىنمۇ تاتلىق ، چىھرى بۇرۇنقىدىنمۇ ئىللىق ، ئەمما  قولىدا  تېخىچە  قان تامچىپ  تۇرغان ئوتتىرا  مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ  كاللىسى قاماللاقلىق تۇراتتى ...................

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
687 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2090

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى 01:45:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يائاللا تىۋىش بېشىم ساق قالغانغا شۈكرى دېسەم بولغىدەك جۇمۇ~~

Rank: 3Rank: 3

توردا
100 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
0
يازما
318
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى 01:52:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھا ھا ھا ھا .......................
لىكىن  راستىنى دىسەم  بۇ  تېمىنى  تاس  قالدىم  ئۈچ  قېتىپ  يېزىپ  چىققىلى ، بېشىدا  يېزىپ  بولۇپ " يوللاش " دىگەننى  باسسام .............................سىزنىڭ بۇنداق  مەشغۇلات قىلىش  ھوقۇقىڭىز  يوق  دەيدۇ شۇنچىلىك  ئاچچىغىم  كەلدىكى   بۇ  كېچىدە ، تاسلا  قالدىم مەن بۇ " ئەينەك " نىڭ  كاللىسىنى  ئۈزگىلى

شۇنىڭ  بىلەن  سەل  توختاپ  ئاچچىغىمنى  بىر  بېسىۋىتىپ  يەنە " سەۋىرچانلىق " بىلەن قايتا  بېسىپ  چىقتىم ..........ئىككىنجى  قېتىممۇ  يەنە  شۇنداق  خەت  چىقتى ..لىكىن ئۇنى  复制 قىلىۋالغانتىم شۇنىڭ  بىلەن بۇ ئەينەك  مۇرادىغا  يىتەلمىدى

Rank: 3Rank: 3

توردا
171 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
297
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى 01:52:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوشنىلاردىن بىرى بىنا ئالدىدا دەرەخكە يۆلۈنۈپ، پورتمالنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ قالغان سايىنى كۆرۈپ قالدى-دە، ئۇنى شەرەت قىلىپ پىچىرلىشىپ بىرنېمىلەرنى دېيىشىپ كەتتى...
  سايىنىڭ ئىشتانلىرى ھۆل ئىدى. كۆپۈنچىسى سايە ئەتتىگەن سۇغارغان چىملىققا ئولتۇرۇۋاپتۇ-دە دەپ ئويلاشتى.... ئەمما ...
  ........

Rank: 1

توردا
5 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى
نادىر
0
يازما
15
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى 10:50:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سامسىپەزنىڭ تەسەۋۋۇرى تازا جايىدا بوپتۇ...ئەڭ سۈيۈملۈك ئادىمىڭىزگە خىيانەت قىلماڭ .

Rank: 2

توردا
35 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
91
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى 12:02:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيادا ئېچىلمايدىغان سىر يوق دەپتىكەن ،كورمىدى بىلمىدى دەپ سۈيۈملۈك ئادىمىڭىزگە خىيانەت قىلماسلىقىمىزكېرەك

Rank: 2

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
259
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى 13:52:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپلا بۇ ئىش ئاخىرى ئاشكارلىنىپتۇ دە ،بوپتۇ زادى بۇ جاھاندا ئاشكارلانمايدىغان سىر يوقتى ،ياخشى قىپسىز تىۋىش

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1740

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى 14:28:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سايىنى مۇھەببىتىگە خېلى سادىق بالا دەپ يۈرسەم، ئالىسى ئىچىدە ئوخشىمامدۇ؟
نېمە دىگەن قورقۇنۇشلۇق.........  ئانارنىڭ قولىدا مۇئەللىمنىڭ كاللىسى.........

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 3Rank: 3

توردا
56 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
1
يازما
224
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى 14:29:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاچا - سىڭىللىرىنى سۇمالىغا ساياھەتكە ئاپىرىش سۈيىقەستى ئەمەلگە ئاشمىغان ئانار ،  تۇرپانغا بېرىپ رەسىمىنى داخانغا  ئوقۇتۇپ ، كۈشەندىلىرىنى پاك - پاكىز يوقىتىش ھېيلىسىنى ئىشلىتىپتۇ ...

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
222 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1232

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى 21:53:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈندەشلەرگە بايرام بوپتۇدە ، بەس-بەستە سايرىشىپ كەتكىنىنى سەتلەرنىڭ سايىنىڭ يېقىندىن بۇيان جىق يۇۋاشلاپ كەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبى ئاشكارلىنىپ قالدىدە

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى 01:02 , Processed in 0.046687 second(s), 20 queries , Eaccelerator On.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش