يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 768 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

ئىگىسى: Erkman

مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى 10:48:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈركلەر غىزا ۋە يېگىلى بولىدىغان ھەر خىل نەرسىلەرنى «يېگۈلۈك» دەيدۇ، سارتلارنىڭ كۆپچىلىكى ھەتتا ھەممىسى يېمەكنىمۇ، ئىچمەكنىمۇ «خوردەنى» سۆزى بىلەنلا ئىپادىلەيدۇ. سارتلار چوڭ قېرىندىشى بىلەن كىچىك قېرىندىشىنىڭ ئىككىلىسىنى «بەرادەر» دەيدۇ، تۈركلەر بولسا چوڭىنى «ئاغا». كىچىكىنى «ئىنى» دەيدۇ. سارتلار چوڭ-كىچىك قىز قېرىنداشلىرىنى ئوخشاشلا «خاھەر» دەيدۇ. تۈركلەر بولسا چوڭىنى «ئىگىچە»، كىچىكىنى «سىڭىل» دەيدۇ. تۈركلەر ئاتىسىنىڭ ئاغا-ئىنىلىرىنى «ئاپاغا» دەيدۇ، ئانىسىنىڭ ئاغا-ئىنىلىرىنى «تاغايى» دەيدۇ. سارتلار بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا ئات قويمىغان بولۇپ، ئەرەبچە «ئەمم» ۋە «خال» سۆزلىرىنى ئىشلىتىدۇ، شۇنىڭدەك «كۈكۈلتاش»، «ئەتەكە»، «ئىنىگە» لەرنى تۈركچە سۆز بىلەن ئېيتىدۇ. ئۇلار ھەممىگە ئايان بولغان «ئاق ئۆي» گە «خەرگاھ» دەپ ئات قويغان بولسىمۇ لېكىن ئاق ئۆينىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىنىڭ كۆپچىلىكىنى، مەسىلەن، «تۈنلۈك»، «ئۈزۈك»، «تورلۇق»، «باسرۇق»، «چىغ»، «قانات»، «كۆزنەك»، ئۇغ»، «باغىش»، «بۇساغا»، «ئېركېنە» قاتارلىقلارنى تۈركچە سۆز بىلەن ئاتايدۇ. «ئاۋ» بىلەن «قۇش»نىڭ پادشاھلار رەسم-يوسۇنى بويىچە ئايرىم-ئايرىم ئىش ئىكەنلىكىگە قارىماي ئىككىلىسىنى «شىكار» دەيدۇ. ئوۋدا ئاساسىي كۆزلەنگەن نەرسە كىيىك بولۇپ، تۈركلەر ئۇنىڭ ئەركىكىنى «ھۈنە»، چىشىسىنى «قۇلچاقچى» دەيدۇ، سۇيقۇننىڭ ئەركىكىنى «بۇغۇ»، چىشىسىنى «مارال» دەيدۇ، سارتلاردا بولسا «ئاھۇ» ۋە «گەۋەزەن» دىن باشقا نام يوق. غەۋغەلىق ۋە جاپالىق ئوۋلارنىڭ بىرى توڭگۇز ئوۋى بولۇپ، تۈركلەر ئۇنىڭ ئەركىكىنى «قابان»، چىشىسىنى «مىكىجىن»، كۈچۈكىنى «چۈرپە» دەيدۇ. سارتلار بولسا ھەممىسىنى «خوك» ياكى «گوراز» سۆزى بىلەن ئاتايدۇ. ئەمدى قۇشقا كەلسەك، ئۇنىڭدا ئاساسلىقى ئىلباسۇن يەنى ئۆردەكتۇر. سارتلار «ئىلباسۇن»نى بىلمەيدۇ. تۈركلەر ئۆردەكنىڭ خورىزىنى «سۈنە»، مىكىيىنىنى «بۇرچىن» دەيدۇ. سارتلار بولسا بۇنىڭغىمۇ ئات قويمىغان بولۇپ، ئىككىلىسىنى «مۇرغابى» دەيدۇ. ئۆردەكنىڭ ھەر خىل تۈرىنى بىلىدىغان قۇشچىلار ئۇلارنى «چۆركە»، «ئىركەسوقتۇر»، «ئالمە باش»، «چاقىرقانات»، «تېمۇرقانات»، «ئالەلەدغە»، «ئالەپەكە»، «باغچال» قاتارلىق يەتمىش خىلغا يەتكۈزىدۇ، سارتلار بولسا ھەممىسىنى «مۇرغابى» دەپلا تۈگىشىدۇ، ئەگەر ئايرىش زۆرۈر بولسا تۈركچە ئېتى بىلەن ئاتايدۇ. ئاتنىڭ تۈرىنى بىلدۈرىدىغان «توبۇچاق»، «ئارغۇماق»، «يەكە»، «يابۇ»، «تاتۇ» قاتارلىقلارنىمۇ تۈركچە دەيدۇ. ئاتنىڭ يېشىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەرنىڭ كۆپچىلىكىنىمۇ تۈركچە ئېيتىدۇ، بۇلاردىن بىرلا «قۇلۇن»نى «كۇررە» دەيدۇ، قالغان «تاي»، «غونان»، «دۆنەن»، «تولان»، «چىرغا»، «لانغە» قاتارلىقلارنى سۆزگە ئۇستاراقلىرى تۈركچە دەيدۇ، كۆپچىلىكى بولسا بۇلارنىمۇ بىلمەيدۇ. ئاتنىڭ ئىگىرىنى «زىن» دېسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ «جىبىلكەر»، «ھەنا»، «توقۇم»، «جارلىغ»، «ئۇلارچاغ»، «غانجۇغە»، «چىلبۇر»، «قۇشقۇن»، «قانتار»، «تۆفەك»، «توقا» قاتارلىق قىسىملىرىنىڭ كۆپچىلىكىنى تۈركچە ئېيتىدۇ. قامچىنى «تازيانە» دېسىمۇ، لېكىن بۆلدۈرگە»، «چوپچۇرغە»لىرىنى تۈركچە دەيدۇ. «جېبە»، «جەۋشەن»، «كۆھە»، «قالقاندۇرۇق»، «قاربىچى»، «كىجىم»، «ئاھە» قاتارلىق ئۇرۇش قوراللىرىنىمۇ تۈرك تىلى بىلەن ئېيتىدۇ. ئادەتتىكى كىيىم-كېچەكلەردىن «دەستار»، «قالپاق»، «نەۋرۇزى»، «تۆپى»، «شىرداغ»، «دەكلە»، «يىلەك»، «ياغلىغ»، «تېرلىك»، «قۇر» قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى تۈركچە ئېيتىدۇ. يېمەكلىكلەردىن قوينىڭ بەزى ئەزالىرىغا ئات قويغان بولسىمۇ لېكىن «ئارقە»، «ئاشۇغلۇق ئىلىك»، «يان سۆڭەك»، «قابۇرغا»، «ئىگىك»، «ئورتا ئىلىك»، «بوغۇزلاغۇ» قاتارلىق ئەزالىرىنى تۈركچە ئاتايدۇ. شۇنىڭدەك «قايماغ»، «قاتلامە»، «بۇلاماغ»، «قۇرۇت»، «ئولابە»، «مانتۇ»، «قۇيماغ»، «ئۆركەمەچ»، «قىمىز»، «سۈرمە»، «باخسۇم»، «بوزە»، «تۇتماچ»، «ئۇماچ»، «كۆمەچ»، «تالقان» قاتارلىق يېمەك-ئىچمەك ناملىرىنىمۇ تۈركچە ئاتايدۇ. مۇنداق ئۇششاق-چۈششەك تەرەپلەرنى كۆرسەتكىلى تۇرساق بەك كۆپ، گەپ ئۇزىراپ كېتىدۇ.

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 3Rank: 3

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
330
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى 14:33:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركمان ئاكا ھارمىغايسىز!

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 15:08:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى سۆزلەردىكى قانۇنىيەتلەر ئۈستىدە توختىلايلى. ئەرەب تىلى سەرفىدە "مۇفائەلە" دەپ ئاتىلىدىغان "مۇئارەزە"، "مۇقابەلە"، "مۇشائەرە"، "مۇكالەمە" دېگەنگە ئوخشاش ئۆزى بىر سۆز سۈپىتىدە ئىككى كىشى ئورتاسىداكى ھەرىكەتنى بىلدۈرىدىغان ئىنتايىن پايدىلىق بىر پېئىل شەكلى باركى، ئۆزلىرىنى سۆز ئۇستىسى، دەپ دەۋا قىلغان فارسىيگويلار بۇ خىل پايدىلىق ئىمكانىيەتىن بەھرىمەن بولالمايدۇ، لېكىن تۈرركىي تىلنىڭ ئۇستىلىرى پېئىل تومۇرىغا بىر "ش" تاۋۇشىنى قوشۇپ، "چاپشىماق"، "تاپشىماق"، "قۇچۇشماق"، "ئۆپۈشمەك" دېگەنگە ئوخشاش شەكىلگگ كىرگۈزۈش ئارقىلىق شۇ خخل ئىمكانىيەتكە ئېرىشكەن. بۇ ئۇسۇل شۇنداق جايىدا بولغانكى، ئۇنىڭ ئىجادچىلىرىغا قايىل بولۇش ۋە ئاپىرىن ئوقۇش كېرەك. دېمەك، تۈركلەر ئۆزىنىڭ بۇ ئۇستىلىقى بىلەن يەنە فارس تىلى ئۇستىلىرىدىن ئېشىپ چۈشكەن.

    بۇندىن باشقا، سارتلار ئەرەب تىلىنىڭ سەرفى بويىچە ياسىلىدىغان ئىككى مەفئۇللۇق پېئىللار ئىپادىلىگەندەك مەنانى ئىپادىلەش ئىمكانىيەتىدىن مەھرۇم قالغان. تۈركلەر بولسا ئىنتايىن ئەپچىل ئۇسۇل بىلەن شۇنىڭغا تەڭ پېئىل شەكلىنى ياسىيالايدۇ. ئەرەبچىدە "ئەئتەيتۇ زەيىدەن دىرھەمەن" (زەيدكە پۇل بەردىم)دېگگن جۈملە ئۈچ سۆزدىن تەركىب تاپقان. تۈركلەر ناھايىتى ئىخچام ۋە ئۈنۈملىك ئۇۇسۇلدا پېئىلغا بىر تاۋۇشنى قوشۇپ، ئۇنى "يۈگۈرت"، "قىلدۇرت"، "ياشۇرت"، "چىقارت" قا ئوخشاش شەكىلگگ كىرگۈزۈش ئارقىلىقلا بۇ مەنانى ئىپادىلىيەلەيدۇ.

    تۈركلەر يەنە بەزى سۆزلەرگە "چى" قوشۇمچىسىنى قوشۇش ئارقىلىق "قۇرچى"، "سۇچى"، "خەزىنىچى"، "كېرەك ياراقچى"، "چۆكەنچى"، نەيزەچى"، "شۆكۈرچى"، "يۇرتچى"، "شەيلانچى"، "ئاختاچى" قاتارلىق مەنسەپ ناملىرىنى ۋە "قۇشچى"، "بارسىچى"، "قۇرۇقچى"، "تامغاچى"، "جىبەچى"، "يورغەچى"، "ھەلۋاچى"، "كېمەچى"، "قويچى" قاتارلىق ھۈنەر-كەسپ ناملىرىنى ئىپادىلىيەلەيدۇ. قۇشچىلىق ھۈنىرىدە يەنە "قازچى"، "قۇچى"، "تۇرناچى"، "كېيىكچى"، "توشقانچى" قاتارلىق سۆزلەرنى ياسىيالايدۇ، لېكىن سارتلاردا بۇ خىل ئىپادىلەش ئىمكانىيىتى يوق. ئۇلار بۇ خىل مەنسەپ، ھۈنەر ئىسىملىرىنىڭ كۆپىنى تۈركچە ئاتايدۇ.

   يەنە تۈركىي تىلدا بىر ئىشنى تەھقىقلەشتۈرۈپ ئەمەس، بەلكى گۇمان بىلەن بىر كىشىگە باغلايدىغان "بارغۇدېك"، "يارغۇدېك"، "كېلگۈدېك"، "بىلگۈدېك"، "ئايتقۇدېك"، "قايتقۇدېك"، "ئۇرغۇدېك"، "سورغۇدېك" شەكلىدىكى ئىنتايىن نازۇك بىر خىل ئىپادىلەش شەكلى باركى، بۇمۇ فارس تىلىدا يوق.

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
719 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2188

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 14:05:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ قىلىۋاتقان بۇ خاسىيەتلىك ئىشىڭىز بەركەتلىك بولغاي ئاكا!

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى 07:01:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋەرى بۇ يازمىنى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 14:05 دە يوللىغان
قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ قىلىۋاتقان بۇ خاسىيەتلىك ئىشىڭىز بەركەتلىك بولغاي ئاكا!

مۇكاپاتىڭىزغا رەھمەت سىڭلىم، بۇ ۋاقت قىممەتلىك بولغاندىمۇ كىلوسى بارچە يېمەك-ئىچمەكتىن قېلىشمايدۇ دەڭە ، بېيجىڭدىكى مېھمانساراينىڭ بۇرۇختۇرمىلىقى بۇ قىممەتلىك ۋاقتقا ئىمكان بېرىۋاتىدۇ!

[ Erkman بۇ يازمىنى  2011-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 13:21  دە تەھرىرلىگەن. ]

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى 12:44:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە تۈركىي تىلدا بەزى سۆزلەرنىڭ ئاخىرىغا بىر «چ» تاۋۇشى قوشۇلۇپ «يەتكەچ»، «ئېتكەچ»، «بارغاچ»، «يارغاچ»، «تاپقاچ»، «ساتقاچ» قاتارلىق شەكىللەر ھاسىل قىلىنىپ سۈرئەت تىپىدىكى بىر خخل مەنا ئىپادىلىنىدۇ. بەزى سۆزلەرنىڭ ئاخىرىغا بىر «ر» تاۋۇشى قوشۇلۇپ «بىلەكۆر»، «قىلاكۆر»، «كېتەكۆر»، «يېتەكۆر» قاتارلىق شەكىللەر ھاسىل قىلىنىپ مۇبالىغە ۋە تىرىشىش مەناسى ئىپادىلىنىدۇ①. يەنە رەڭ ۋە سۈپەتنىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىنقى تاۋۇشىغا بىر «پ» ياكى «م» تاۋۇشى قوشۇلۇپ «ئاپئاق»، «قاپ-قارا»، «قىپ-قىزىل»، «ساپ-سارىغ»، يوپ-يومۇلاق»، «يەپ-يەسى»، «ئاپ-ئاچۇغ»، «چوپ-چوقۇر»، «كوم-كوك»، «يام-يېشىل»، «بومبوز» قاتارلىق شەكىللەر ھاسىل قىلىنىدۇ. يەنە بەزى سۆزلەرنىڭ ئاخىرىغا «ۋۇل» قوشۇمچىسى قوشۇلۇپ پادشاھلىقنىڭ ھەربىي ياكى بەزم ئىشلىرىغا باشلىق بولغانلارنىڭ خاس سۈپىتى ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن: «ھىراۋۇل»، «سوزاۋۇل»، «پاتاۋۇل»، «كىتپاۋۇل»، «ياساۋۇل»، «بەكاۋۇل»، «شىغاۋۇل»، «داقاۋۇل» دېگەنگە ئوخشاش. لېكىن سارتلار بۇنىڭدىن مەھرۇم. تۈركىي تىلدا يەنە بەزى سۆزلەرنىڭ ئاخىرىغا بىر «ل» تاۋۇشى قوشۇلۇپ، شەيئىنىڭ مەلۇم سۈپەتتە تۇراقلىشىشىنى بىلدۈرىدىغان «قاھال»، «ياسال»، «قابال»، «تونقال»، «بۇ قال»، «توسقال»، «سۈيۈرغال» قاتارلىق سۆزلەر ياسىلىدۇ.
   شۇ قەدەر مول، نازۇك ئۇقۇملارنى ئىپادىلەيدىغان بۇ سۆز-ئىبارەلەر بىرەر كىشى تەرەپىدىن مۇلاھىزە قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ھالىتى كۆرسىتىپ بېرىلمىگەنلىكتىن، ھازىرغىچە يوشۇرۇن ھالەتتە تۇرۇپ كەلدى. بىلىمسىز ھەم بېلى بوش تۈرك يىگىتلىرى ئاسان، دەپ فارس تىلى بىلەن شېئىر يېزىشقا بېرىلىپ كەتتى. ۋەھالەنكى، ئەگەر ئۇلار ياخشى مۇلاھىزە قىلىپ كۆرگەن بولسا، ئۆز تىلىدىكى شۇ قەدەر كەڭ ئىمكانىيەتنى تاپقان ۋە بۇ تىلدا ھەر خىل پىكىرنى ئىپادىلەش، خۇش سۆزلۈك، شائىرانىلىق ۋە داستانچىلىق سەنئەتلىرىنى  كۆرسىتىش تېخىمۇ ئاسان بولىدىغانلىقىنى چۈشەنگەن بولاتتى ۋە ئەمەلىيەتتىمۇ ئاسان ئىدى. يۇقىرىدا تۈركىي تىلنىڭ ئومۇمىيىتى شۇنچە دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلاپ كۆرسىتىلدى. روشەنكى، بۇ خەلق ئىچىدىن چىققان تالانت ئىگىلىرى ئۆزلىرىنىڭ سالاھىيەت ۋە تالانتلىرىنى ئۆز تىلى تۇرغان يەردە باشقا تىل بىلەن نامايان قىلماسلىقى كېرەك ئىدى ۋە مۇنداق ئىشقا كىرىشمەسلىكى كېرەك ئىدى. ئەگەر ھەر ئىككى تىلدا يېزىش قابىلىيىتى بولسا، ئۆز تىلىدا كۆپرەك يېزىپ باشقا تىلدا ئازراق يېزىش كېرەك ئىدى. بەك ئېشىپ كەتكەندىمۇ ئىككى تىل بىلەن ئوخشاش يېزىش كېرەك ئىدى. شۇ ئېھتىمالغا ھەرگىز يول قويغىلى بولمايدۇكى، تۈركىي خەلقلەرنىڭ تالانت ئىگىلىرى پۈتۈنلەي فارس تىلى بىلەن شېئىر يازسۇن-دە، تۈركىي تىل بىلەن يازمىسۇن، بەلكى كۆپچىلىكى يازالمىسۇن، يازسىمۇ خۇددى سارتلار تۈركىي تىل بىلەن يازغان شېئىردەك خۇش سۆز تۈركلەر قېشىدا ئوقۇيالمىسۇن ۋە ئۆتكۈزەلمىسۇن، ئوقۇسىمۇ ھەر سۆزىدىن يۈز ئەيىب تېپىلىپ، ھەر جۈملىسى يۈز ئېترازغا ئۇچرىسۇن.
ــــــــــــــــــــــــ
① بۇ يەردە ئازراق ئېنىقسىزلىق بار.

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
719 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2188

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى 01:23:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاكاجان، بىر ئاي بوپ كېتىپتۇ، بۇ خىزمەتنى تاشلاپ قويغىلى داۋامى بارمۇ ياكى تۈگىدىمۇ؟

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى 21:59:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى شۇنداق جىق بار، ئەمدى قالدىسىنى كېلەر يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى يوللايمەن! شۇڭغىچە، بۇ دۇنيادا ۋاقتى زىيادە قىممەت ئادەم مەن بولسام كېرەك! ئاۋۇ «چىن ئىمپېرىيەسى» بىر سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە ئورۇندالماقتا !

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
719 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2188

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى 22:05:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erkman يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى 21:59
داۋامى شۇنداق جىق بار، ئەمدى قالدىسىنى كېلەر يىلى 10-ئا ...

ئۇنداقتا شۇ كۈننى كۈتۈپ، بۇ يازمىڭىزنى كۆرۈپ تۇرايلى

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى 11:08:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    يەنە بىرى "بەدايىئۇل ۋەسەت" (ئوتتۇرا ياشلىق گۈزەللىكلىرى) دىۋانىدۇر. ئۆمرۈمنىڭ ئوتتۇرىسىدا تەسەۋۋۇر قەلىمىمنىڭ نەققاشلىقى ۋە يۈكسەك ماھارىتى بىلەن بېزەلگەن بۇ دىۋاندا گۈزەللىك ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق  شەيدا كۆڭۈللەر  ئىشىكىنى ئىشق تېشى بىلەن قېقىپ، ئۇ ئۆيلەرگە جېدەل ۋە ئاپەت ئوتلىرىنى ياقتىم.
     يەنە بىرى "فەۋائىدۇل كىبەر" (قېرىلىق پايدىلىرى) دىۋانىدۇر. ئۆمرۈمنىڭ ئاىرىدا غايىۋى قەلىمىم چىن رەسىمخانىسىنىڭ رەشكىنى ۋە جەننەتنىڭ ھەسىتىنى قوزغايدىغان ھالەتكە كىرگۈزگەن بۇ دىۋاندا چوڭلارغا پايدىلىق زىلال سۇ يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ھەۋەسلىرى ئەلەنگىسىگە ئۈگۈتلەر بۇلىقىدىن سۇ چاچتىم.
بۇ تۆت دىۋان ساداسىنى دۇنياغا ياڭرىتىش بىلەن بىللە "خەمسە"  (بەش داستان) نى قولغا ئالدىم:
«ھەيرەتۇل ئەبرار» (ياخشىلار ھەيرانلىقى) باغىدا تەبىئىم گۈللەرى ئاچىلدى. شەيىخ نىزامى روھى ① «مەخزەنۇل ئەسرار» (سىرلار خەزىنىسى) دىن باشىمغا دۇرلار ساچتى.

     يەنە تەفەككۇرىم «فەرھاد-شېرىن» كېچەسىگە يۈزلەنگەندە مىر خۇسرەۋ ② دېمى «شېرىن ۋە خۇسرەۋ» ئوتى بىلەن چىرىغىمنى يورۇتتى.

     يەنە، ئىشقىم «لەئلى-مەجنۇن» ۋادىسىغا قەدەم قويغىنىدا خاجۇنىڭ③ ھىممىتى «گەۋھەرنامە» سىدىن ماڭا گەۋھەرلەر يەتكۈزۈپ بەردى.

     يەنە، دىلىم «سەبئەئى سەييارە» (يەتتە سەييارە) كۆزەتمەسىگە باغلانغاندا ئەشرەف ④ ئۆزىنىڭ «ھەفت پەيكەر» (يەتتە گۈزەل) ىدىكى يەتتە ھۈرىنى خىزمىتىمگە ئەۋەتتى.

     يەنە، خاتىرىم بىناكارى «سەددى ئىسكەندەر» (ئىسكەندەر سېپىلى) ئۇلىنى سالغاندا، ھەزرەتى مەخدۇم⑤ «خرەدنامە» (ئەقىلنامە) سىدىن ئىسلاھ ۋە مەدەت ناغرىسىنى چالدى.

     بۇ «خەمىسە» ئىشىدىن پاراغەت تاپقانىمدىن كېيىن فىكرىم سەيياھىنى ھۆكۈمدارلار تارىخى دەشتىگە چاپتۇردۇم، ۋەقەلەر قاراڭغۇلۇقىدىن «زۇبدەتۇت تەۋارىخ» (تارىخلار جەۋھەرى) نى يورۇقلۇققا چىقارىپ، ھۆكۈمدارلارنىڭ ئۆلگەن نامىنى مۇشۇ ھايات سۈيى بىلەن تىرىلدۈردۈم.

     قەلىمىم «نەسائىمۇل مۇھەببەت» (سۆيگۈ سەلكىنى) تەسۋىرىدىن فەيز ياغدۇرغاندا، ئالەم ئاللاھ ئەۋلىيالىرىنىڭ مۇقەددەس روھىنىڭ فەيزى بىلەن تولدى.

     «لىسانۇل تەير» (قۇشلار تىلى) ناخشىسىنى ياڭرىتىپ، ھەقىقەت سىرلىرىنى قۇش تىلى ئىشارىتى بىلەن مەجاز قىلىپ كۆرسەتتىم.

     «نەسرۇل لەئالى» (ئۈنچىلەر چاچماسى) خەزىنىسىنى تەرجىمە قىلىپ، «نەزمۇل جەۋاھىر» (جەۋھەرلەر تىزمىسى) بىلەن نازۇك مەنالىق لىباسىنى بېزىدىم.

     «مىزانۇل ئەۋزان» (ۋەزىنلەر مىزانى) دېڭىزلىرىدا غەۋۋاس بولۇپ، شۇ ئۆلچەك بىلەن نەسىر تۈسىدىن ⑥ كەچۈرۈم سورىدىم.

ئـــــــــــــــىـــــــــزاھــــــــــات

①          12-ئەسردە ئۆتكەن مەشھۇر ئازەربەيجان شائىرى نىزامى گەنجىۋى كۆزدە تۇتۇلغان، «مەخزەنۇل ئەسرار» ئۇنىڭ ئەسىرى.

②          خۇسرەۋ دېھلەۋى (1253~1325) ئەسلى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى «لاچىن» ناملىق تۈركىي قوۋمدىن بولسىمۇ، ئۆمرىنى ھىندىستاندا ئۆتكۈزگەن. ئۇ بىر فارسگۇي بولۇپ، فارس تىلىدا نۇرغۇن ئەسەر يازغان، «شېرىن ۋە خۇسرەۋ» ئۇنىڭدۇر.

③          مىلادى 1341-يىلى ۋاپات بولغان مەشھۇر ئىران شائىرى. «گەۋھەرنامە» ئۇنىڭ ئەسىرى.

④          ئىران شائىرى. «ھەفت پەيكەر» ئۇنىڭ ئەسىرى.

⑤          بۇ يەردە مەشھۇر بولغان سەئىدىددىن كاشغەرىينىڭ شاگىرتى، بۈيۈك تاجىك ئالىمى، نەۋائىينىڭ ئۇستازى نۇرىددىن ئابدۇراھمان جامىي (1414~1492) نەزەردە تۇتۇلغان.

⑥          1201~1273-يىللاردا ياشىغان بۈيۈك ئالىم ۋە شائىر. ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرى بولۇپ، ئارۇز توغرىلىق كىتاب يازغان.

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 17:10 , Processed in 0.046777 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش