يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 597 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

ئىگىسى: Erkman

مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى 19:53:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىمكى كۆڭۈلنى قاتتىق سۆز بىلەن جاراھەتلەر ئىكەن، ئاڭا ئاچچىق تىل زەھەرلىك نەيزىدەك سانچىلىدۇ. كۆڭۈلدىكى تىل نەيزىسىنىڭ جاراھىتى پۈتمەس؛ ئۇ جاراھەتكە ھېچ نەرسە مەلھەملىك قىلماس.
ئەگەر بىر كۆڭۈلدە تىل نەيزىسىنىڭ جاراھىتى بولسا، پەقەت ياخشى سۆز ۋە شېرىن تىل ئاڭا مەلھەم ۋە راھەتدۇر. مۇلايىم سۆز — ۋەھشىيلەرنى ئۈلپەتكە ئايلاندۇرىدۇ؛ سېھىرگەر ئەفسۇن ئوقۇپ، يىلاننى ئۇۋىسىدىن چىقىرىدۇ.
تىلغا ئىختىيارسىز — ئەلگە ئېتىبارسىز. كۆپ، مەززىسىز سۆزلەيدىغان ئەزمە — كېچىلىرى تاڭ ئاتقۇچە تىنماي قاۋايدىغان ئىتقا ئوخشايدۇ. تىلى يامان ئادەم — خەلق كۆڭلىنى جاراھەتلەيدۇ، ئۆز باشىغا ھەم ئاپەت يەتكۈزىدۇ. ناداننىڭ ۋەھشىيلەرچە ھۆركىرىمىكى — ئېشەكنىڭ بىمەھەل ھاڭرىمىقى. خۇشسۇخەن ئادەم يۇمشاقلىق بىلەن دوستانە سۆزلەيدۇ؛ كۆڭۈلگە چۈشۈشى مۇمكىن بولغان تۈرلۈك-تۈمەن غەم خۇشسۇخەننىڭ سۆزى بىلەن غايىب بولىدۇ. سۆزدە ھەر قانداق ياخشىلىقنىڭ ئىمكانى بار، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەم ئەيتىدۇلەركى؛ «نەپەسنىڭ جېنى بار...»
ئۆزى خۇنۈك، گېپى تېتىقسىز، ئاۋازى يېقىمسىز ئادەم پاقىغا ئوخشايدۇ. بەخت بېغىشلىغۇچى تازا روھ مەنبەيى ھەم تىل؛ يامانلىقلار كەلتۈرگۈچى ، ئاداۋەت تۈگمىنىگە سۇ باشلىغۇچىسى ھەم ئاچچىق تىلدۇر. تىل تىزگىنىنى تۇتالىغان ئادەم — دانىشمان ئاقىلدۇر؛ سۆزگە ئەرك بەرگەن ئادەم — ئەندىشىسىز ۋە پەسكەشتۇر. تىل شېرىن ۋە يېقىملىق بولسا ياخشى؛ تىل بىلەن دىل بىر بولسا ئانىڭدىن ياخشى. تىل بىلەن دىل — ئىنساندىكى ئەڭ ياخشى ئەزالاردۇر. بوستاندا — گۈل كۆپتۇر، گۈلغۇنچە ۋە رەيھانلار ئەڭ يېقىملىق ۋە خۇشھىد گۈللەردۇر.
ئادەم — تىلى بىلەن باشقا ھايۋانلاردىن ئىمتىيازلىقتۇر. ئۇنىڭ تىلى ئارقىلىق باشقا ئادەملەردىن ئەۋزەللىكى بىلىنىدۇ. تىل — شۇنچە شەرەپى بىلەن نۇتۇقنىڭ قورالىدۇر. ئەگەر نۇتۇق ناباب چىقسا — تىلنىڭ ئاپىتىدۇر.(نەۋائىي)

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 3Rank: 3

توردا
26 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
0
يازما
81
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى 22:08:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجايىپ قىممەتلىك ئەمگەك قىلىۋېتىپسىز ئاكا ...ھارماڭ

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى 13:17:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«بۇخساماق» سۆزى بىر تۈركىي شېئىرنىڭ باشلانما بېيتىدا مۇنداق قوللىنىلغان:
         بېيىت
         ھىجر ئەندۇھىدە بۇخسابمېن بىلە ئالمان نېتەي،
         مەي ئىلاجىمدۇر قوپۇپ دەيرىفەناغە ئەزم ئىتەي①.
   فارسىيگۇي تۈرك بەگلەر ۋە بەگزادىلەر «بۇخساماق» ئۇقۇمىنى فارس تىلى بىلەن ئىپادىلىمەكچى بولسا، قايسى سۆزنى قوللىنار؟
   شېئىرنىڭ ئاساسى ۋە مەركىزى ئىشققا باغلىنىدۇ. ئاشقلىقتا يىغلاشتىن تولاراق يۈز بېرىپ تۇرىدىغان ھالەت يوق، لېكىن يىغلاش ھەر خىل بولىدۇ. «يىغلامسىنماق» سۆزى تۈركىي شېئىردا مانا مۇنداق قوللىنىلغان:
         بېيىت
         زاھىد ئىشقىن دېسەكى قىلغاي فاش،
         يىغلامسىنۇرۇ كۆزىگە كېلمەس ياش②.
   «ئىڭراماق» بىلەن «سىڭرەمەك» دەرد بىلەن يوشۇرۇنچە ئاستا يىغلاش مەناسىدا بولۇپ، ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا چوڭ پەرق يوق. تۈركچىدە مانا مۇنداق بىر باشلانما بېيىت بار:
         بېيىت
         ئىستەسەم دەۋر ئەھلىدىن ئىشقىڭنى پىنھان ئەيلەمەك،
         كېچەلەر گاھ ئىڭراماقدۇر ئادەتىم گاھ سىڭرەمەك ③.
   فارس تىلىدا بۇ سۆزلەرگە لايىق سۆز يوق. ئۇ ھالدا شائىر نېمە قىلالىسۇن؟ «سىقتاماق» سۆزى «يىغلاماق»نىڭ مۇبالىغە بىلەن ئېيتىلىشى بولۇپ، تۈركىي شېئىردا مۇنداق قوللىنىلغان:
         بېيىت
         ئول ئايكى كۈلە-كۈلە قىراغلاتتى مېنى،
         يىغلاتتى مېنى دېمەيكى سىقتاتتى مېنى④.
   ئۈن سېلىپ يىغلاش مەناسىنى بىلدۈرۈدىغان «ئۆكۈرمەك» سۆزى بىر تۈركىي شېئىرنىڭ باشلانما بېيتىدا مۇنداق قوللىنىلغان:
         بېيىت
         ئىشىم تاغ ئۆزرە ھەريان ئەشىك سەيلابىنى سۈرمەكدۇر،
         فىراق ئاشۇبىدىن ھەردەم بۇلۇت ياڭلىغ ئۆكۈرمەكدۇر⑤.
   فارس تىلىدا «ئۆكۈرمەك» بىلەن باراۋەر كېلىدىغان سۆز بولمىغانلىقى ئۈچۈن، فارسىيگۇي شائىر مانا مۇشۇنداق بىر نازۇك ئۇقۇمنى ئىپادىلەش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ. يەنە «يىغلاماق» نىڭ «ئۆكۈرمەك» تۈرى بىلەن قاتارداش «ئىنچىكىرمەك» تۈرىمۇ بولۇپ، ئىنچىكە ئاۋازدا يىغلاشقا قارىتىلىدۇ. بۇ سۆز تۈركىي تىلدا مانا مۇنداق قۇرۇلمىنىڭ تەركىبىدە كەلگەن:
         بېيىت
         چەرخ زۇلمىداكىم بوغزۇمنى قىرىپ يىغلارمېن،
         ئىگىرۇر چەرخ ئۇرۇر ئىنچىكىرىپ  يىغلارمېن⑥.
   «يىغلاماق» نىڭ يەنە بىر خىلىنى بىلدۈرىدىغان «ھاي-ھاي» سۆزىنى ئىشلىتىشتە فارسىيگۇيلار ئۆزلىرىنى تۈركىيگۇيلارغا شېرىك قىلىدۇ. بىراق بۇ سۆزمۇ تۈركىيدۇر. پەقىرنىڭ مۇنۇ چۈشۈرگە بېيىتى ھەممىگە مەلۇم:
         بېيىت
         نەۋائىي ئول گۈل ئۈچۈن ھاي-ھاي يىغلاما كۆپ،
         كى ھەي دېگۈنچە نى گۈلبۇن، نى غۇنچە، نى گۈل بار⑦.
ــــــــــــ
①        جۇدالىق دەردىدە تۇنجۇقۇپ نېمە قىلارىمنى بىلەلمىدىم، قوپۇپ مەيخانىغا ماڭماقتىن باشقا نېمە ئىلاجىم بولسۇن؟
②        زاھىد ئىشقىنى ئاشكارا قىلماقچى بولسا، كۆزىدىن ياش چىقارماي يىغلامسىرايدۇ.
③        ئىشقىڭنى خەقتىن يوشۇرماقچى بولسام، ئادىتىم كېچىچە گاھى ئىڭراپ، گاھى ئۆكسۈپ يىغلاشتۇر.
④        ئۇ گۈزەل كۈلە-كۈلە مېنى چەتلەتتى، مېنى مۇنداقلا يىغلاتمىدى، بەلكى زار-زار يىغلاتتى.
⑤        مېنىڭ ئىشىم تاغلاردا كۆز يېشىمنى ھەريانغا سەلدەك ئاققۇزۇش، پىراق دەردىدىن ھەردائىم بۇلۇتتەك ھۆڭگىرەپ يىغلاش بولۇپ قالدى.
⑥        پەلەك زۇلمىدىن بوغۇزۇمنى قىرىپ يىغلايمەن، ئىگىرىلگەن چاق ئاۋازىدەك چىرقىراق ئۈن بىلەن يىغلايمەن.
⑦        ئەي نەۋائىي، ئۇ گۈل ئۈچۈن ئانچە بەك يىغلاپ كەتمە، چۈنكى، ھەدېگۈچە گۈل تۈپى بولسۇن، گۈلنىڭ ئۆزى بولسۇن، ھەممىسى تۈگەيدۇ.

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى 13:19:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت بابۇرجان، نەۋائىي دەۋرىگە بېرىپ  خۇسۇسىي ئازابلىرىمنى ئۇنتۇغاندەك بولۇپ قالىدىكەنمەن ...

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

مۇنبەر مەسئۇلى

مۇنبەر تېخنىكى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
681 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
118

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى 13:31:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋائىي ھەزرەتلىرى شۇ دەۋرلەردە ھۆكۈم سۈرگەن «ئەرەبىي ھەسەلىست، فارىسىي شەكەرەسىت» قاراشلىرىغا كۈچلۈك ئىلمىي پاكىت بىلەن رەددىيە بېرىپ، «تۈركىي ھۈنەرەسىت» دەپ جاكارلىغان ئىدى.
ھەزرەتنىڭ مۇنۇ مەنىدىكى سۆزىگە قايىللىقىم بار:
« مەن تۈركىي تىلنى ماختىسام، بەزىلەر < ئەلىشىر تۈركىي بولغاچ، تۈركىي تىلدا يازغاچ شۇنداق دەيدۇ > دېيشىدۇ. ھالبۇكى، تۈركىي تىلنىلا ئەمەس، فارىس تىلىنىمۇ ھېچكىم، ھەتتا فارىسىيلارنىڭ ئۆزىمۇ مەندەك بىلمەيدۇ. »
ئوتتۇرا ئەسىر ئەللامىلىرىنىڭ نېمىنى ئۆگەنسە ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئۆگىنىدىغان خسىلىتى بىزلەرگە ئۇدۇم بولغاي !

«قىسمەت» لىرىمگە كۈلمە بۇرادەر، ھەممە ئىشقا «يەتتە قىز» گۇۋاھ !

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى 13:58:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈركىي تىلدا نازۇك مەنالىق سۆزلەردىن «قىمسانماق» بىلەن «قىزغانماق» تۆۋەندىكى بېيتتا مۇنداق قوللىنىلغان:
         بېيىت
         ئىزارىڭنى ئاچارغا قىمسانۇرمېن،
         ۋەلى ئېل كۆرمەكىگە قىزغانۇرمېن①.
   فارسىيگۇي شائىرلار مۇنداق نازۇك مەنالارنى ئىپادىلەش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇمدۇر.
   ئاشق ئايىغىغا تىكەن سانجىلماقنى ئىپادىلەشتە فارسىيگۇيلار«خار» سۆزى بىلەن ئاۋارە بولۇشىدۇ. جاننى بەك قاقشىتىدىغان «چۆكۈر» سۆزىگە لايىق كېلىدىغان سۆز ئۇلاردا يوق. بۇ سۆز تۈركىي شېئىردا مۇنداق قوللىنىلغان:
         بېيىت
         چۆكۈرلەركىم سېنىڭ يولۇڭدا تۈيۈرۈلمىش ئاياغىمغا،
         چېكىپ ئول كوي گەردىن سۈرمە تارتارمېن قاراغىمغا②.
   ئىشق يولىدا ئۆز مەھبۇبىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولغان ئاشقنىڭ ئۇنىڭ يۈزىگە ئۈمىد بىلەن تەلمۈرۈشى ناھايىتى تەبىئىي بىر ئەھۋال. لېكىن سارتلاردا بۇ ئۇقۇمنى ئىپادىلەيدىغان سۆز يوق، ھەتتا شۇنىڭغا يېقىن كېلىدىغان سۆزمۇ يوق. بۇ سۆز تۈركىي تىلدا مۇنداق قوللىنىلغان:
         بېيىت
         تۆكەدۇر قانىمنى ھەردەم كۆزلەرىڭ باقىپ تۇرۇپ،
         كىم نېچە يۈزۈمگە باققايسېن يىراقتىن تەلمۈرۈپ③.
   تۈركىي تىلدىكى «ياسانماق» سۆزى فارس تىلىدا «ئارەستە» ياكى ئارايىش» سۆزى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، لېكىن لېكىن «ياسانماق» سۆزىنىڭ مۇبالىغە تۈرى بولسان «بېزەنمەك» سۆزى ئۈچۈن ئۇلاردا سۆز يوق. بۇ سۆز تۈركىي تىلدا مۇنداق كېلىدۇ:
         بېيىت
         ئېرۇر بەس چۇ ھۇسنۇ مەلاھەت ساڭا،
         ياسانماق، بېزەنمەك نې ھاجەت ساڭا④.
   تۈركىي تىلدا كۆز بىلەن قاشنىڭ ئارىلىقى «قاباغ» دېيىلىدۇ. لېكىن سارتلاردا بۇ ئەزانىڭ نامى يوق. گۈزەللەر تەسۋىرلەنگەن بىر مەسنەۋىدە بۇ سۆز مۇنداق قوللىنىلغان:
         بېيىت
         مەڭىزلەرى گۈل، گۈل، مۇژەلەرى خار⑤،
         قاباغلارى كېڭ-كېڭ ئاغىزلارى تار.
   ئاشقلارنىڭ يىغلاپ ياش تۆكۈشلىرى ئاھ ئۇرۇش ۋە ئۇلۇغ-كىچىك تىنىش ئاساسىدا روي بېرىدۇ. تۈركىي شائىرلار ئۇلۇغ-كىچىك تىنىشنى چېقىنغا، ئاھ ئۇرۇشنى ئىلدىرىم (گۈلدۈرماما) غا ئوخشىتىدۇ:
         بېيىت
         فىراقىڭ ئىچىدە ئۇلۇس ئۆرتەمەككە ئەي ماھىم،
         چاقىندۇرۇر دەمىمۇ ئىلدىرىمدۇرۇر ئاھىم⑥.
   فارس تىلىدا چېقىن ۋە ئىلدىرىمدەك ئېنىق ۋە گەۋدىلىك ئىككى نەرسىگە ئات قويۇلمىغان بولۇپ، بۇ ئۇقۇملار «بەرق» ۋە «سائىقە» دېگەن ئەرەبچە سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
   گۈزەللەرنىڭ ھۆسنى تەسۋىرلەنگەندە، تۈركىي شائىرلار چوڭراق خالنى «مېڭ» دەپ ئاتايدۇ، ئەمما فارس تىلىدا بۇنىڭ ئېتى يوق. بۇ سۆز تۈركىي شېئىردا مۇنداق قوللىنىلغان:
         بېيىت
         ئانىڭكىم ئال ئېڭىندە مېڭ ياراتتى،
         بويى بىرلە ساچىنى تېڭ ياراتتى⑦.
   فارس تىلىدا سۆز يېتىشمەسلىك ئەھۋالى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بۇلارنى بىر-بىردىن ئېيتىشقا توغرا كەلسە، گەپ بەك ئۇزىراپ كېتىدۇ.
ـــــــــــــــ
①        يۈزۈڭنى ئېچىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن، لېكىن باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن قىزغىنىمەن.
②        سېنىڭ يولۇڭدا پۇتۇمغا سانجىلغان چېقىر تىكەنلەرنى چىقىرىپ، ئۇنىڭغا شۇ يەرنىڭ توپىسىنى يېقىپ، كۆزۈمگە سۈرمە قىلىپ سۈرىمەن.
③        «قاچانغىچە ماڭا يىراقتىن تەلمۈرىسەن» دەپ تىكىلگەن كۆزلىرىڭ مېنىڭ قېنىمنى تۆكۈدۇ.
④        گۈزەللىكىڭ يېتەرلىك تۇرسا ساڭا ياسىنىش، بېزىنىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟
⑤        مۇژەلەرى خار ـــ كىرپىكلىرى خۇددى تىكەن.
⑥        پىراق ئوتى بىلەن كىشىلەرنى كۆيدۈرۈشتە، دىمىم چېقىن، ئاھىم گۈلدۈرمامىدۇر.
⑦        ئۇنىڭ قىزىل مەڭزىدە مەڭ ياراتتى، ئۇنىڭ بويى بىلەن چېچىنى تەڭ ياراتتى.

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 1

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
0
يازما
20
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى 21:33:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىز يەردە قالمىغاي.سالامەت بولۇڭ.

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى 14:55:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىراشچىلىقتىن سەللا بوشىۋالسام داۋاملاشتۇرىمەن !

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1740

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى 17:54:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركمان ئاكا داۋامىنى يوللىشىڭىزنى كۈتۈۋاتىمىز. ئەجرىڭىزگە تەشەككۈرلەر بولسۇن!

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى 12:49:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«تەجنىس»① ۋە «ئىيھام»②دىن پايدىلىنىش شائىر-ئەدىبلەر ئىچىدە ناھايىتى ئومۇمىي بىر ئەھۋال. شېئىرگە ئالاھىدە رەڭ بېرىدىغان بۇ خىل سۆز سەنئىتى ئۈچۈن فارس تىلىغا قارىغاندا تۈركىي تىلدا ئىمكانىيەت تېخخمۇ كۆپ. مەسىلەن، «ئات» سۆزىنى بىرىنچىدىن «نام» مەناسىدا، ئىككىنچىدىن «مىنىدىغان ئات» مەناسىدا، ئۈچىنچىدىن تاشنى ياكى ئوقنى ئېتىشقا بۇيرۇغاندىكى «ئات» مەناسىدا قوللىنىشقا بولىدۇ. بۇ سۆز شېئىردا مانا مۇنداق قوللىنىلغان:
      نەزم
      چۈن پەرىيۇ   ھۈردۇر ئاتىڭ بېگىم،
      سۈرئەت ئىچرە دىۋ ئېرۇر ئاتىڭ بېگىم.
      ھەر خەدەنگىكىم ئۇلۇس ئاندىن قاچار،
      ناتەۋان جانىم سارى ئاتىڭ بېگىم③.
بۇ ئىككى بېيىت تولۇق تەجنىس بولۇپ، بۇنى پەقەت تۈركىي شائىرلارلا يازالايدۇكى، سارتلار يازالمايدۇ. بۇ خىل شېئىر شەكلى «تۇيۇغ» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئارۇز توغرىسىدىكى «مىزانۇل ئەۋزان» ناملىق كىتابتا چۈشەنچە بېرىلگەن.
جۈملىدىن «ئىت» سۆزىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۈچ خخل مەنادا كېلىدۇ، مەسىلەن:
ئەي رەقىب، ئۆزنى ئاڭا تۇتساڭ ھەم ئىت،
بىزگە رەھىم ئەيلەپ ئانىڭ كويىدىن ئىت.
گەرچە بار دەۋزەخچە ئىشقنىڭ شولىسى،
بىزنى ئۆز ئىلكىڭ بىلە ئول سارى ئىت④.
«تۈش»، «يان»، «ياق» سۆزلىرىنىمۇ شۇنداق ئۈچ خىل مەنادا قوللانغىلى بولىدۇ. ئۈچ خىل مەنادا قوللانغىلى بولىدىغان مۇنداق سۆزلەر تولىمۇ كۆپ. بىرمۇنچە سۆزلەرنى تۆت خىل مەنادا قوللانغىلى بولىدۇ، مەسىلەن: «بار» سۆزىنى بىرىنچىدىن مەۋجۇدلۇق مەناسىدا، ئىككىنچىدىن بارماققا (بېرىشقا) قىلىنغان بۇيرۇق مەناسىدا، ئۈچىنچىدىن «يۈك» مەناسىدا، تۆتىنچىدىن «مېۋە» مەناسىدا قوللانغىلى بولىدۇ. بەزى سۆزلەر ھەتتا بەش خىل مەنادا قوللىنىلىشىمۇ مۇمكىن. مەسىلەن، «ساغىن» سۆزى بىر يەردە ياد قىلماققا (ئەتمەككە) قىلىنغان بۇيرۇقنى بىلدۈرسە، بىر يەردە «سۈتلۈك قوي» مەناسىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنىڭدەك بۇ سۆزنى ئىشق يولىدىكى مەس، مەجنۇن ۋە بىمار سۆزلىرىنىڭ ھەربىرى ئورنىدا قوللىنىشقا بولىدۇ. بەزى سۆزلەرگە ئۇنىڭدىن كۆپ مەنالارنى يۈكلەشكىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن: «تۈز» سۆزى بىلەن ئوق ياكى نەيزىگە ئوخشاش تۈز نەرسىلەرنى ئىپادىلەشكىمۇ، تۈپتۈز دالا مەناسىنى ئىپادىلەشكىمۇ، «تۈز كىشى» دىكى «تۈز»نى ئىپادىلەشكىمۇ، سازنى تۈزمەككە «تەڭشەشكە) قىلىنغان بۇيرۇقنى ئىپادىلەشكىمۇ، ئىككى كىشىنى ياراشتۇرۇش مەناسىنى ئىپادىلەشكىمۇ، بىر ئولتۇرۇشنىڭ لازىمەتلىكلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەناسىنى ئىپادىلەشكىمۇ بولىدۇ. «كۆك» سۆزىمۇ شۇنداق كۆپ مەنادا ئىستېمال قىلىنىدىغان سۆزلەردىن بولۇپ، «ئاسمان» مەناسىدا، «ئاھاڭ» مەناسىدا، تىككەن ئۆسۈملۈكنىڭ كۆكلىشى مەناسىدا، «قاداق» مەناسىدا، «كۆك ئوت» مەناسىدا قوللىنىلىشىمۇ مۇمكىن. مۇنداق ئۈچ خىل، تۆت خىل ۋە ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق مەنالاردا قوللىنىشقا بولىدىغان سۆزلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالنى فارس تىلىدا ئۇچراتقىلى بولمايدۇ.
«ۋاۋ» گۇرۇپپىسىدىكى تاۋۇشلارنى⑤، «يا» گۇرۇپپىسىدىكى تاۋۇشلارنى⑥ بىر-بىرىگە قاپىيە قىلىش فارسچە شېئىرلاردىمۇ كۆرۈلىدۇ، لېكىن ئىككى خىلدىن ئاشمايدۇ، «ۋاۋ» گۇرۇپپىسىدىكى تاۋۇشلار «خود» ـــ «دۇد»، «زور» ـــ «نۇر» شەكلىدە، «يا» گۇرۇپپىسىدىكى تاۋۇشلار «بىر» ـــ «شىر» شەكلىدە قاپىيەلىشىدۇ. تۈركىي شېئىرلاردا بۇخىل قاپىيە تۆت خىلغا يېتىپ بارىدۇ. مەسىلەن:
«ئوت» ـــ كۆيىدىغان ئوت.
«ئۆت» ـــ ئۆتمەكنىڭ بۇيرۇق شەكلى.
«ئۇت» ـــ ئۇتماق (يەڭمەك) نىڭ بۇيرۇق شەكلى.
«ئۈت» ـــ تەلەپپۇزى ھەممىدىن تار بولۇپ، ئۈتلىمەك (قۇيقىلىماق) تىكى «ئۈت» مەناسىنى بىلدۈرىدۇ.
يەنە مەسىلەن:
«تور» ـــ «تورغا چۈشمەك» تىكى تور.
«تۇر» ـــ تەلەپپۇزى يۇقىرىقى سۆزدىن تارراق بولۇپ، قۇش ئۆلتۈرىدىغان ياغاچنى بىلدۈرىدۇ.
«تۆر» ـــ تەلەپپۇزى يۇقىرىقى سۆزدىن تارراق بولۇپ، ئۆينىڭ تۆرى، دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ.
«تۈر» ـــ تەلەپپۇزى ھەممىدىن تار بولۇپ، تۈرمەكنىڭ بۇيرۇق شەكلىدۇر.
«يا» گۇرۇپپىسىدىكى تاۋۇشلارنىڭ قاپىيەلىشىشىگە كەلسەك، بۇلار ئۈچ خىلدىن ئاشمايدۇ، مەسىلەن:
«بېز» ـــ بۇنى سارتلار «قۇدۇد» (بەز ـــ گۆشنىڭ بېزى) دەيدۇ.
«بىز» ـــ «ما» ياكى «نەھنۇ» (بىرىنچى شەخس كۆپلۈك ئالماش) مەناسىدا.
«بىز» ـــ «دەرەفىش» (بىگىز) مەناسىدا.
يەنە مەسىلەن:
«تېر» ـــ تەرمەكنىڭ بۇيرۇق شەكلى.
«تېر» ـــ تەلەپپۇزى يۇقىرىقى سۆزدىن تارراق بولۇپ، سارتلار ئۇنى «ئەرەق» ياكى «خوي» (تەر) دەيدۇ.
«تىر» ـــ تەلەپپۇزى ھەممىدىن تار بولۇپ، ئوق مەناسىنى بىلدۈرىدۇ.
سۆز تاللاشقا كەڭ ئىمكانىيەت يارىتىش ۋە قاپىيەگە ئاسانلىق تۇغدۇرۇش ئۈچۈن بىرقانچە ھەرپنى بىر-بىرىگە جورلاشتۇرۇشقا يول قويۇلىدۇ. جۈملىدىن ئەلف («ا» ـــ ئېلىپ) بىلەن ھا (ە) بىر-بىرىگە قاپىيە بولالايدۇ. مەسىلەن: «ئەرا» سۆزىنى «سەرا» ۋە «دەرا» بىلەن قاپىيە قىلىشقا بولىدۇ. «سەرە»، «دەرە» بىلەن قاپىيە قىلىشقىمۇ بولىدۇ. «يەدا» سۆزىنى «سەدا» بىلەن قاپىيە قىلىشقا بولىدۇ، «بادە» بىلەن قاپىيە قىلىشقىمۇ بولىدۇ. ۋاۋ(و) بىلەن زەممە (ـــ نىڭ ئۈستىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا بىر , كەلگەن ھەرپنىڭ تەلەپپۇزى يەنى ئوقۇلۇشى) بىر-بىرىگە جور بولالايدۇ. مەسىلەن، «ئىرۇر» سۆزىنى «ھۈر»، «دۇر» سۆزلىرى بىلەن قاپىيە قىلىشقا بولىدۇ. «غۇرۇر»، «زۆرۈر» سۆزلىرى بىلەن قاپىيە قىلسىمۇ بولىدۇ. يا(ي) بىلەن كەسرە(زىر بەلگىسى) مۇ بىر-بىرىگە جور بولالايدۇ. مەسىلەن، «ئاغىر»، «باغىر» سۆزلىرىنى «سادىر»، «قادىر» سۆزلىرى بىلەن قاپىيە قىلىشقا بولىدۇ. «تەئخىر»، «تەغيىر» سۆزلىرى بىلەن قاپىيە قىلىشقىمۇ بولىدۇ. ھالبۇكى، فارس تىلىدا بۇنىڭغا ئىمكانىيەت يوق.
بۇ تىلنىڭ (تۈركىي تىلنىڭ) ياسىغۇچىلىرى كۆپ نەرسىلەردە ئۇششاق تەرەپلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، نازۇك مەزمۇن ۋە مەنالار ئۈچۈن سۆزلەرنى ياسىغانكى، بۇنىڭ ئىسپاتلىرى بىرمۇنچە مىساللاردا كۆرسىتىلدى.
ـــــــــــــــــــ
①        تەجنىس ـــ ئاھاڭداش سۆزلەردىن پايدىلىنىش سەنئىتى.
②        ئىيھام ـــ ئىككى بىسلىق سۆزلەردىن پايدىلىنىش سەنئىتى.
③        خېنىم، سېنىڭ ئېتىڭ ھۈر-پەرىدۇر، سېنىڭ ئېتىڭ سۈرئەتتە دىۋىگە ئوخشايدۇ، سەن كىشىلەر ئۆزىنى قاچۇرىدىغان ئوقلىرىڭنى مېنىڭ زەئىب جېنىمغا قارىتىپ ئاتىۋەرگىن.
④        ھەي رەقىب، سەن ئۆزۈڭنى ئۇنىڭ ئېتى ھېسابلىساڭمۇ، ماڭا رەھىم قىلىپ ئۇنىڭ كوچىسىدىن ئىت (يىت ، يوقال)، ئىشق ئوتى دەۋزەخ ئوتىدەك بولسىمۇ مېنى ئۆز قولۇڭ بىلەن شۇ تەرەپكە ئىت (ئىتتەر).
⑤        «ۋاۋ» گۇرۇپپىسىدىكى تاۋۇشلار ـــ «و» ھەرپى بىلەن ئىپادىلەنگەن تاۋۇشلار.
⑥        «يا» گۇرۇپپىسىدىكى تاۋۇشلار ـــ «ي» ھەرپى بىلەن ئىپادىلەنگەن تاۋۇشلار.

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى 02:31 , Processed in 0.035670 second(s), 13 queries , Eaccelerator On.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش