- تىزىملاتقان
- 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى
- توردا
- 114 سائەت
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 733
- يازما
- 512
- نادىر
- 6
- UID
- 103
 
- توردا
- 114 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى
- تىزىملاتقان
- 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
- نادىر
- 6
- يازما
- 512
|

 |
 |
 |
 |
يەندۇڭيۇەندىكى 28-نومۇرلۇق قورۇ : مەڭگۈلۈك ئەستىلىك
داڭلىق ئۇيغۇر تارىخشۇناس جيەن بوزەن
جيەن ئەن (جانان)
بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى يەندۇڭيۇەن 28-نومۇرلۇق قورۇ ـــ بوۋام جيەن بوزەندىن قالغان تەۋەرۈك ئەستىلىك. بۈككىدە يېشىللىققا پۈركەنگەن ئىككى قەۋەتلىك بۇ كىچىك بىناننىڭ قورۇسى تولىمۇ جىمجىت ئىدى.
2008-يىل 4-ئاينىڭ 14-كۈنى، بوۋام جيەن بوزەن تۇغۇلغانلىقىغا 110 يىل تولغان چاغدا، «جيەن بوزەننىڭ تەۋەرۈك ئۆيىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش ۋە جيەن بوزەننىڭ مىس ھەيكىلىنى ئورنىتىش مۇراسىمى» مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزۈلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن لى تيېيىڭ بىلەن ئىسمائىل ئەھمەد ئايرىم-ئايرىم ھالدا تەۋەرۈك ئۆينىڭ ۋىۋىسكىسىنى خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە يېزىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شاۋيۇەن زالىدا «جيەن بوزەن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە ‹جيەن بوزەن ئەسەرلىرى›نى تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى» ئۆتكۈزۈلدى. شۇ چاغدا مەن بۇ پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ ھاياجانلىق ھېسسىياتىمنى باسالماي قالغان ئىدىم.
بوۋام جيەن بوزەن 1898-يىلى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ تاۋيۇەن ناھىيىسىدىكى ئۇيغۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1924-يىلى ئامېرىكانىڭ كالفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمى ئۆگەنگەن. 1926-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ ماركسىزم ۋە جۇڭگو تارىخى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1930-يىلدىن ئېتىبارەن جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ خاراكتېرى ۋە جەمئىيەت تارىخى مەسىلىلىرىگە دائىر بەس-مۇنازىرىگە قاتناشقان. 1937-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن. 1940-يىلىدىن ئېتىبارەن جۇ ئېنلەينىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكىدە چۇڭچىڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردا بىرلىك سەپ ۋە نەزەرىيە تەشۋىقاتى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى پەلىسەپە-ئىجتىمائىي پەنلەر بۆلۈمىنىڭ ئەزاسى، مەمۇرىي ئىشلار مەھكىمىسى (ھازىرقى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ــــ گوۋۇيۇەن) مەدەنىيەت-مائارىپ كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق نەچچە ئونلىغان ئىجتىمائىي ۋەزىپىلەرنى قوشۇمچە ئۆتىگەن، ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ئۆزى سادىق بولغان پارتىيىگە، دۆلەتكە ۋە مىللەتكە بېغىشلىغان.
يەندۇڭيۇەن 1949-يىلىدىن 1968-يىلىغىچە، بوۋام 20 يىلغا يېقىن خىزمەت قىلغان، ئۆگەنگەن، تۇرمۇش كەچۈرگەن جاي ئىدى، ئۇ يەرگە بوۋامنىڭ ئۆچمەس تۆھپىلىرى مۇجەسسەملەنگەن، يەنە تېخى بۇ يەر بوۋامنىڭ ماڭا ئوخشاش نەۋرە قىزىنىڭ مەڭگۈلۈك ئەستىلىكى بولۇپ قالغان.
20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدا، ۋەتەننىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن، بوۋام ئىلگىرى-ئاخىر ئۆز پەرزەنتلىرىدىن تاغام بىلەن ھاممامنى ۋۇچاڭ بىلەن چېڭدۇغا خىزمەت قىلىشقا ئەۋەتكەن. بوۋام بىلەن موماملا يەندۇڭيۇەندە بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن. ئۇنىڭ نەۋرىلىرى ئىچىدە گەرچە بىز ئۈچ ئاچا-سىڭىل بېيجىڭدە قالغان بولساقمۇ، ئەمما بىز شەھەر ئىچىدە ئوقۇيتتۇق، دەم ئېلىش، بايرام كۈنلىرىدىلا يەندۇڭيۇەنگە قايتىپ بوۋام-موماملار بىلەن بىللە تۇراتتۇق. بوۋام بىلەن مومام دائىم شەھەر ئىچىدىكى مەكتەبكە بىزنى كۆرگىلى كېلىپ تۇراتتى، بىزمۇ قىشلىق، يازلىق تەتىلنىڭ تېزراق كېلىشىنى، تەتىلدە ئۇلارنىڭ يېنىدا بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتۇق. ھەر قېتىم ئىمتىھان نەتىجىمىز پۈتۈلگەن دەپتەرلىرىمىزنى ئېلىپ ئۆيگە قايتىپ بوۋىمىزغا دوكلات قىلغىنىمىزدا بوۋام ئىمتىھان نەتىجىلىرىمىزنى ئەستايىدىل كۆرۈپ تەكشۈرەتتى ھەمدە بىزنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىمىز بىلەن يېتەرسىزلىكلىرىمىزنى كۆرسىتىپ بېرەتتى. بۇ ئىشلار تۈگىگەندە مومام بىزنى كەمپىت بىلەن مۇكاپاتلايتتى. بوۋام تولىمۇ مېھرىبان ئادەم بولۇپ، بىزنى بەكلا ئەركىلىتەتتى، ھەر قېتىم چەت ئەلگە تەكشۈرۈشكە چىقىپ قايتىپ كەلگىنىدە ئاددىي بولسىمۇ سوۋغاتلىق ئېلىپ كېلەتتى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ياپونىيە قونچىقى، فرانسىيەنىڭ بۇلۇڭلۇق ئويۇنچۇق تاختىيى، چېخسىلوۋاكىيە كارتون ئويۇنچۇقى قاتارلىقلار بولاتتى... ئەمما بوۋام بىزگە بەك قاتتىق تەلەپ قوياتتى، خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويۇشىمىزغا زادىلا يول قويمايتتى. بالا چېغىمدا بوۋامنىڭ بىر قوللۇق تىكىپ ئۆستۈرگەن لىمون دەرىخىنى سۇندۇرۇپ قويغىنىمدا ئۇ مېنى تەنقىدلەپ بولۇپ، مېھرىبانلىق بىلەن : «بۇ يەردىكى گۈل-گىياھلار باغچىدىكى گۈل-گىياھلارغا ئوخشاش جاپالىق ئەمگەك بىلەن ئۆستۈرۈلگەن، بۇلارنى ياخشى ئاسراشنى بىلىشىڭ كېرەك»، دېگەن ئىدى.
بوۋام كىتابنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ بىر شېئىرىدا: «خۇشتار ئەمەسمەن ھەميانغا، ئاشىقتۇرمەن كىتابلارغا.» دېگەن مىسرانى يازغان ئىدى. كىچىكىمدە ئاتا-ئانامدىن بوۋامنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارىشى ئۇرۇش ۋە ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە تالاي قېتىم ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي نەنجىڭدىن چاڭشاغا، يۇەنلىڭدىن شۈپۇغا، چۇڭچىڭدىن شاڭخەيگە، شياڭگاڭدىن بېيجىڭغا قاتراپ يۈرۈپمۇ نۇرغۇن قىممەتلىك كىتابلارنى ساقلىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ناھايىتى كۆپ كىتابلىرىنىڭ ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ بومباردىمانى ۋە گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ زەمبىرەكلىرىدىن ئامان قالغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم. ئازادلىقتىن كېيىن خىزمەت ۋە تارىخ تەتقىقاتىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن، بوۋام يەنە نۇرغۇن كىتاب-ماتېرىياللارنى توپلىغان ئىدى. ھېلىمۇ ئېسىمدە، بوۋامنىڭ 2-قەۋەتتىكى كۇتۇپخانىسىغا خاھلىغانچە كىرەلمەيتتۇق، ئەمما 1-قەۋەتتىكى كۇتۇپخانىسىغا كىرىشكە بولاتتى. كۇتۇپخانىدىكى كىتاب جاھازلىرى تورۇسقا تاقىشىپ تۇراتى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىن ئەۋەتىلگەن كۆزئەينەكلىك كاتىپ چېن ئەپەندى دائىم بوۋامنىڭ كۇتۇپخانىسىدىكى كەنتىر ئالدىدا ئولتۇرۇۋېلىپ ماتېرىيال كۆچۈرەتتى. تەتىل مەزگىلىدە بىز تەتىللىك تاپشۇرۇقلارنى تۈگىتىپ، دەرسلەرنى تەييارلاپ بولغاندىن كېيىن بوۋام بىزگە كىتابلارنىڭ ئارىسىغا خەتكۈچنى قانداق قىستۇرۇپ ماتېرىيال ئىزدەشنى ئۆگىتەتتى. ئاچام بىلەن ئىككىمىز شۇ چاغدا ئاران 10 ياشلار ئەتراپىدا ئىدۇق، كىتاب ئىشكابىدىن كىتاب ئېلىش ئۈچۈن كەنتىر ئۈستىگە ئورۇندۇق قويۇپ كىتاب ئېلىشىمىزغا توغرا كېلەتتى، بوۋامغا كىتاب لازىم بولۇپ قالسىلا بىز ئېلىپ بېرىشكە ئالدىرىشاتتۇق، بوۋام خۇشتەبەسسۇم بىلەن بىزنى ماختاپ قوياتتى. مەن بوۋام كۆرۈپ بولغان كىتابلاردىن بوش يەرلەرگە يېزىلغان خەتلەرنى، قۇر ئارىلىقلىرىغا سىزىلغان بەلگە-خەتلەرنى كۆرەتتىم. ئۇنىڭدىن بۇنىڭ نېمىلىكىنى سورىغىنىمدا بۇنىڭ تەسىرات،تەستىق ۋە بەلگە ئىكەنلىكىنى دەپ بەرگەن ئىدى.
ھازىر ئاچا-سىڭىل ئىككىمىزمۇ ھۆججەت-ۋەسىقە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمىز، شۇ چاغدا بوۋامنىڭ ئۆگەتكىنىدىن بىر ئۆمۈر پايدىلىنىۋاتىمىز. بوۋام ساقلىغان كىتاب-ماتېرىياللار «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ بۇلاڭ-تالاڭلىرىدىن ئامان قالمىغان بولسىمۇ ئەمما بوۋام ساقلىغان بۇ كىتاب-ماتېرىياللارنىڭ ھازىر بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىدا تارىخ تەتقىقاتى ئوقۇتۇشىغا تەۋە بولۇشى بوۋامنىڭ روھىنى ئەمىن تاپقۇزدى. بىز ئوتتۇرا مەكتەبكە چىققاندىن كېيىن بوۋام بىزنىڭ دەرستىن سىرتقى بىلىملەرنى ئۆگىنىشىمىزگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى ھەمدە بىزگە بىر يۈرۈشتىن «جۇڭگو تارىخى ئوقۇشلۇقى»، «ئىلىم-پەن ئوقۇشلۇقى» قاتارلىق كىتابلارنى ھەدىيە قىلدى. بوۋام بىزنىڭ چوڭ بولغاندا ياراملىق ئادەم بولۇشىمىز ئۈچۈن تىرىشىپ ئۆگىنىشكە رىغبەتلەندۈرەتتى. تەتىللەردە بوۋام دائىم بىزنى بېيجىڭدىكى مەشھۇر جايلار ۋە قەدىمىي يادىكارلىقلارنى زىيارەت قىلىشقا ئېلىپ باراتتى. ماشىنا بىلەن شىسەنلىڭ سۇ ئامبىرىغا بېرىش سەپىرىدە، يىخېيۇەن باغچىسىنىڭ ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان كارىدورلىرىدا مول تارىخىي بىلىملەر بىلەن يۇغۇرۇلغان قەدىمقى ھېكايىلەرنى ناھايىتى جانلىق، تەسىرلىك قىلىپ سۆزلەپ بېرەتتى. بوۋام بىزگە ئەمگەكنى قىزغىن سۆيۈش، ئىشچان ئادەم بولۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرەتتى، بىز بوۋامغا «شىسەنلىڭ سۇ ئامبىرى سىمفونىيىسى» ئوپېراسىدا بوۋامنىڭ سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشى ئەمگىكىگە قاتناشقان كۆرۈنۈش بارلىقى ھەققىدە سۆزلىگىنىمىزدە، بوۋام خۇشاللىقىدىن: «مەن مېھمان قىلغان بولاي، مېنىڭ قانداق ئەمگەك قىلىدىغىنىمنى بىر كۆرۈپ بېقىڭلارچۇ» دېگەن ئىدى، تولىمۇ ئەپسۇس، ئوپېرا بېلىتىنى ئېلىپ بولغاندا، نېمىشقىدۇر ئوپېرا قويۇلمىدى. بىز ئوپېرادا يارىتىلغان بوۋامنىڭ ئوبرازىنى كۆرەلمىگەن بولساقمۇ، ئەمما بۇ ئىش قەلبىمدە بىر ئۆمۈرلۈك ئەستىلىك سۈپىتىدە ساقلىنىپ كەلمەكتە.
لو گۇاڭبىننىڭ «قىزىل قىيا» رومانى نەشردىن چىققاندىن كېيىن، بوۋام ئۆز قەلىمى بىلەن كىتابنىڭ تېتول بېتىگە يادنامە يېزىپ بىز ئاچا-سىڭىل ئۈچىمىزگە سوۋغا قىلغان، يادنامىسىدە: «يەنيەن، ئەنئەن،نىڭنىڭغا: بۇ روماندا مېنىڭ 30-يىللاردا يازغان ‹جۇڭگو تارىخى تىزىسلىرى› تىلغا ئېلىنغان...» دەپ يازغان ئىدى. بۇ بىزنىڭ تۇنجى قېتىم بوۋامنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئۇ بېسىپ ئۆتكەن جاپا-مۇشەققەتلىك مۇساپىنى ئاڭلىشىمىز ئىدى. ئۇنىڭ شۇ چاغدا يېزىپ قالدۇرغان قۇرلىرى، سەمىمىي تەربىيەسى بۈگۈنگە قەدەر خۇددى ھازىر يۈزبەرگەن ئىشتەك ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، بوۋام زېممىسىگە ئالغان ۋەزىپە ناھايىتى كۆپ، خىزمىتى زىيادە ئالدىراش بولغىنىغا قارىماي، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ۋاقىت ئاجرىتىپ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىللە بولاتتى. ئۇ ئۆزىگە ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بىر يۈرۈش قائىدە تۇرغۇزغان بولۇپ، بۇ قائىدىدە ھەر يىلى يېڭى يىل بايرىمىدا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىرىنچى يىللىقىغا قوبۇل قىلىنىپ ئوقۇۋاتقان يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى يوقلاش شەرت قىلىنغان، شۇنىڭدەك ئۇ ئۆزىنىڭ «يېڭى يىل ئىلھاملىرى» دېگەن بىر شېئىرىدا: «ھەر يىلى ياڭرار يېڭى كۈي يەندۇڭيۇەندىن، ياش-ئۆسمۈرلەر بىر كېلىپ قايتماس بۇ يەردىن. بەس-بەستە مىنىۋېلىپ تورۇق ئاتلارغا، قىزىل يول ھەم بىلىم تامان ئۇرار قامچا.» «پەلەكتىكى بىر جۈپ شار بەكمۇ رەھىمسىز، بىر زاماندا ئۆسمۈر ئىدىم شەك-شۈبھىسىز. كۈلمەڭلارچۇ پەقىرنىڭ ساقال ئاقىغا، قەلەم تۇتۇپ ساتقىنغا لەنەت ئۇرارمىز.» دەپ يازغان ئىدى. بوۋامنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا بولغان سەمىمىي ئۈمىدى ھەم ئۆزىگە قويغان قاتتىق تەلىپى ئۇنىڭ ھەر بىر سۆز-ھەرىكىتىدىن ئۇرغۇپ تۇراتتى.
بوۋام چىقىشقاق، مۇلايىم، خۇشپېئىل ئادەم بولۇپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىردەك ھېمايىسى ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر ئىدى. يەندۇڭيۇەندىكى 28-نومۇرلۇق قورۇمۇ تارىخ فاكۇلتېتىدىكى ئوتتۇرا ياش، پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىنىڭ دائىم يىغىلىدىغان جايى بولۇپ قالغان ئىدى. ھېيت-بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە مېھمانخانىمىزدىن قىزغىن پاراڭ-سۆھبەت، كۈلكە-چاقچاق ئۈزۈلمەيتتى، بوۋامنىڭ قويۇق يۇرت شېۋە-تەلەپپۇزى ئارىلاشقان سۆز-نۇتۇقلىرىغا مەپتۇن بولۇشقان ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىن كەيپىياتىدىن ئۆزگىچە ئىجىل-ئىناقلىقنى ھېس قىلىپ يېتەتتۇق. بوۋام بىزنى بېيجىڭ ئۇنىۋېرستېتىدا ھەپتە ئاخىرلىرىدا ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان كەچلىك يىغىلىشلارغا ئاپىرىپ تۇراتتى، «بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار كەچلىك يىغىلىشىدىن تەسىراتلار» دېگەن شېئىرىدا: «بۈگۈن كېچە يەندۇڭيۇەن ئېرۇر كاتتا بەزمىدە، ئېگىز راۋاق، تولۇن ئاي مۇستەغرەقتۇر نەزمىدە. ئۆتكەن ئىشلار مۇڭلىنىپ كەچتى ئەستىن بىر-بىرلەپ، يېڭى كۈيلەر ھەمراھجان بولۇپ تۇرغان شۇ دەمدە.» دەپ يازغان ھەم شۇ كېچىدە بوۋام ئادەتتىن تاشقىرى ھاياجانغا چۆمۈپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىلەن تانسىغا چۈشكەن ئىدى. پايتەختتىن يىراق جايدا خىزمەت قىلىۋاتقان تاغام بىلەن ھاممام ھەر يىلنىڭ ھارپا ئاخشىمىغا ئۈلگۈرۈپ بوۋام بىلەن مومامنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلەتتى، بۇنداق چاغلاردا بوۋام بىلەن مومام شۇنچىلىك خۇشال بولاتتىكى، بىر تەرەپتىن بالىلىرى بىلەن مۇڭداشقاچ، بىر تەرەپتىن نەۋرىلىرى بولغان بىزلەر بىلەن تېپىشماق تېپىشىپ ئوينىشاتتى. ئۇنىڭ قويۇق، جانلىق خۇنەن تاۋيۇەن شېۋە-تەلەپپۇزى بىلەن بىزگە ئېيتىپ بەرگەن: «نەۋقىران ياشنىڭ ساقالى ئاقتۇر، بوۋاي ياشلىقتا ساقال قارادۇر. ئالدىراڭغۇلار شىلەپە ئالۇر، بىكار تەلەپلەر شىلەپە كىيۇر» دېگەن تېپىشمىقى ھېلىھەم ھازىر دەپ بەرگەندەك ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. بىز بۇ تېپىشماقنى تاپالماي قىينىلىپ ئۆزىدىن ياردەم سورىغان ئىدۇق، ئۇ «موي قەلەم» دېيىشىگە بىز كۈلۈپ تېلىقىپ كېتىشتۇق، شۇ چاغدا بۇ ئۆيدىكى چوڭ-كىچىك ھەممەيلەن شادلىق ئىلكىدە چەكسىز بەختكە چۆمگەن ئىدۇق.
بوۋام 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا، 60 پارچىدىن ئارتۇق تارىخىي تەتقىقات ماقالىسى ئېلان قىلغان، «جۇڭگو تارىخى تىزىسلىرى»نىڭ 1-، 2-تومىنى ۋە مىليون خەتلىك «جۇڭگو تارىخىدىن بايانلار توپلىمى»قاتارلىق زور ھەجملىك مۇھىم ئەسەرلىرىنى تاماملىغان ئىدى. 50-يىللاردىن ئېتىبارەن تارىخشۇناسلىق قۇرۇلۇشى ئۈستىدە كۈچىدى. 1961-يىلى ئۇ مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەبلەرنىڭ تارىخ دەرسلىكى بولغان«جۇڭگو تارىخى پروگراممىسى»نى تۈزۈش-يېزىش خىزمىتىنى زېممىسىگە ئالغاندا يېشى 60 تىن ئاشقان ئىدى، بوۋامنىڭ ئىلىمگە تۇتقان جىددىي پوزىتسىيىسى بىزدە ئۇنتۇلماس تەسىر قالدۇرغان، ئۇنىڭ يەۋاتقان غىزاسىنى شىرەگە قويۇپ كۇتۇپخانىسىغا كىرىپ بىر نەرسە يازىدىغىنىنى دائىم كۆرەتتىم، ئائىلىمىزدىكىلەر بۇنىڭغا كۆنۈپ كەتكەن بولۇپ، ھېچكىم ئۇنىڭ بۇ ئادىتىنى ئۆزگەرتىشىگە نەسىھەت قىلالمايتتى ھەم ئۇنىڭغا دەخلى يەتكۈزمەيتتى. ئۇنى ئاخىرقى ئۆمرىدە زىققا كېسىلى قىيناۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما تۈن نىسبىدىمۇ كۇتۇپخانىسىدا تارىخىي ماتېرىياللار ئۈستىدە ئىزدىنەتتى. قىش پەسلىدە بوۋام بېيجىڭ دوختۇرخانىسىدا بالنىتسىدا يېتىپ داۋالىناتتى، ئاپام بىزنى ئېلىپ دوختۇرخانىغا بوۋامنى يوقلىغىلى بارغاندا، بوۋامنىڭ دائىم فەن ۋېنلەن ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە تارىخ ئىلىمى مەسىلىلىرى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇشىۋاتقىنىنى كۆرەتتىم. بوۋامنىڭ ھاياتىدا قالدۇرغان ئىلمىي ئەمگەكلىرى خېلىلا مول بولۇپ، 300 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي تەتقىقات ماقالىسى، 4 مىليون خەتلىكتىن ئاشىدىغان 8 پارچە مەخسۇس تەتقىقات ئەسىرى يازغان. بوۋامنىڭ ئوقۇغۇچىسى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى جاڭ چۈەنشى ئون نەچچە ئالىم-مۇتەخەسىس بىلەن بىرلىكتە 10 يىل جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق ئاخىر 206 پارچە سۈرەت قىستۇرما قىلىنغان 6 مىليون خەتلىك، 10 توملۇق «جيەن بوزەن ئەسەرلىرى»نى 2008-يىلى نەشردىن چىقاردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە مىللەتلەر نەشرىياتى جاڭ چۈەنشى ئەپەندى ئىزاھاتلىرىنى يازغان «جيەن بوزەن شېئىرلىرى» دېگەن توپلامنى بوۋام تۇغۇلغانلىقىنىڭ 110 يىللىقىغا ئۈلگۈرتۈپ نەشردىن چىقىرىپ تارقاتتى. بۇ جەننەت ماكان بوۋامنىڭ روھىنى ئەمىن تاپقۇزغۇسى.
بوۋام ھايات چېغىدا بىزگە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ھەممىسى يەندى-خۇاڭدى ئەۋلادلىرىدىن ئەمەس، خەنزۇدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەت بار، بىز شۇلار قاتارىدىكى ئۇيغۇر مىللىتىدىن، ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ ۋەتىنىمىزگە غايەت زور تۆھپىلەرنى قوشقان، دېگەن ئىدى. ئۇ دائىم بىزگە «مىللەتلەر رەسىملىك ژۇرنىلى» نى ئوقۇپ تۇرۇشنى تەۋسىيە قىلاتتى، ئۇ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىن ھاياجانلىنىپ كېتەتتى.
ياشلار بەدىئىي تىياتىر ئۆمىكى تيەن خەن يېڭىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ئىجاد قىلغان «مەلىكە ۋېنچېڭ»نى ئورۇندىغاندىن كېيىن، بوۋام بىزنى بۇ ئوپېرانى كۆرۈشكە ئېلىپ باردى، بوۋام مەلىكە ۋېن چېڭنىڭ تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىنىڭ ئۇرۇقىنى چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىگە چاچقانلىقىنى قالتىس ھاياجان بىلەن ماختاپ كەتكەن ئىدى. شۇ چاغدا بوۋامنىڭ «ئاپتور تيەن خەن ئۆزىنىڭ پىشقان قەلىمى بىلەن خەلقنىڭ سەھنىسىدىن پايدىلىنىپ خەنزۇلارنىڭ تارىختىن قالغان تار مىللەتچىلىك ئىدىيىسىدىكى ئىرقچىلىق ۋە مىللەتچىلىكنىڭ تەسىرىنى سۈپۈرۈپ تاشلىدى» دەپ ماختىغىنىنى زادىلا ئۇنتۇيالمايمەن. بوۋام ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلەتتى.
1965-يىلى ئۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى سالاھىيىتى بىلەن خۇنەننى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئۆزىنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن يۇرتى ـــ خۇيزۇلار بىلەن ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان تاۋيۇەن ناھىيىسىنى زىيارەت قىلغان. 1961-يىلى يازدا يەنە يولداش ئۇلەنفۇنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن مىللەتلەر تارىخى تەتقىقاتىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ ئىچكىي موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىنى زىيارەت قىلغان، شۇ چاغدا ئۇ «زالانتۇن ئىلھاملىرى» دېگەن شېئىرىدا: « يىراقتىن كۆرۈنەر يېشىل گىلەمدەك، زۇمرەتتەك ئېقىنلار ھېچ چىقماس ئەستىن. بىپايان يايلاقلار خۇددى رەسىمدەك، تەسۋىرلەشكە يەتمەس سىياھ دۈۋەتتىن.» دەپ يېزىپ ئىچكى موڭغۇل يايلاقلىرىنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىنى تەسۋىرلىگەن ئىدى. بوۋامنىڭ ساياھەت خاتىرىسى شەكلىدە يېزىلغان تارىخىي نەسىرىي داستانى «ئىچكى موڭغۇلغا زىيارەت» 1961-يىل 12-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى «خەلق گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغاندا، جەمئىيەتتە زور ئالقىش قوزغىدى. بۇ تارىخىي نەسىرىي داستان ئۇدا نەچچە يىلغىچە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەبنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىكىگە تاللاندى.
بوۋام باشتىن-ئاخىر ئۆز مىللىتىگە، ئانا يۇرتىغا مۇھەببەت باغلاپ كەلگەن ئىدى، ئۇ بىزنى ـــ جەمەتىمىز ئەزالىرىنى باشلاپ شىنجاڭغا بېرىپ يىلتىزىمىزنى ئىزدەشكە، ئەجدادلىرىمىز ياشىغان جايلارنى كۆرۈپ كېلىشكە لەۋز قىلغان ئىدى. ئەپسۇس، تولىمۇ ئەپسۇس، ئۇنىڭ قەلب تۆرىدە ئىزچىل ساقلىنىپ يالقۇنجاپ كەلگەن بۇ يۈكسەك ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىدى.
2007-يىلى 8-ئايدا، تيەنجىن شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش تارىخ ماتېرىياللىرى كومىتېتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش تارىخ ماتېرىياللىرى كومىتېتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن مېنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە-شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش تارىخ ماتېرىياللىرى خىزمىتى تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا قاتنىشىشقا ئەۋەتتى. شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ ئانا يۇرتۇم تۇپرىقىغا قەدەم بېسىش ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشقان شۇ پەيتلەردە، خۇددى بوۋام يېنىمدا مەن بىلەن بىللىدەك تۇيغۇدا بولدۇم، قەلبىمدىن بالقىغان تۇنجى يۈرەك سۆزۈم :«ئانا يۇرتۇم، مەن قايتىپ كەلدىم!» دېگەندىن ئىبارەت بولدى. يىغىن مەزگىلىدە، بىز تۇرپان قاتارلىق جايلاردا قىسقا مۇددەت تەكشۈرۈشتە بولدۇق. ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم يۇرتۇمنىڭ زەم-زەم كەبى خاسىيەتلىك كارىز سۈيىدىن ھوزۇرلاندىم، يالقۇنتاغ باغرىدا يۇرتۇم قوينىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدىم، زۇمرەتتەك سۈزۈك سۇلىرى شىرىلداپ تۇرغان بۇيلۇق باراڭلىرى ئاستىدا سالقىندىدىم، ئۇيغۇرۇمنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولدۇم. ئەمما، ۋاقىتنىڭ قىسلىقى سەۋەبىدىن ئەجدادىم ئىز قالدۇرغان قۇمۇل بوستانلىقلىرىغا، ئىدۇققۇت قەدىمىي خارابىسىگە بېرىپ كۆرۈپ كېلىش ئارزۇيۇم نېسى قالدى. يارغول قەدىمىي شەھەر خارابىسىغا ئاياغ باسقاندا، ئەجدادلىرىمىزنىڭ تۇرمۇش ۋە كۆچۈشتىكى قىيامەت-قىسمەتلىرىنى ھېس قىلدىم. يۇرتۇم شىنجاڭغا كېلىشتىن بۇرۇن ئەجدادىم ھەققىدىكى تونۇشۇم پەقەت بوۋامنىڭ «مېنىڭ ئۇرۇق-ئەجدادىم، مېنىڭ يۇرتۇم» دېگەن ماقالىسىدىن باشلانغان ئىدى. بوۋام ئۇ ماقالىسىدە «تارىختا ئۇشتۇمتۇت بولۇپ قالغان بەزى ئىشلارنى ئويلاپ تېگىگە يەتمەك ھەقىقەتەن قىيىن. مېنىڭ يىراق قەدىمىي ئەجدادىم تارىم ئويمانلىقىدا ياشايدىغان زامانلاردا بەلكىم كۈنلەرنىڭ بىرىدە شەرققە كۆچۈپ جۇڭگونىڭ مەركىزىي قىسىمىغا بېرىپ ياشاپ قالىدىغانلىقىنى ئۇخلاپ چۈشىدىمۇ كۆرمىگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، 13-ئەسىردە، تاتارلار(موڭغۇللار كۆزدە تۇتۇلىدۇ ـــ تەرجىمان)نىڭ دۇنيانى بويسۇندۇرۇشى خۇددى بىر دەھشەتلىك بوران-چاپقۇندەك دۇنيانى زىلزىلىگە سالدى، نۇرغۇن ئاجىز ئىرق-مىللەتلەر خەلقى خۇددى قۇمدەك چېچىلىپ تارىخ بورانلىرى تەرىپىدىن توزۇتۇۋېتىلىپ، ئۆزلىرى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈشمىگەن زېمىنلارغا بېرىپ قېلىشتى. مېنىڭ يىراق ئەجداد بوۋام قالى دەل ئاشۇ بوران-چاپقۇنلۇق يىللاردا كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا يۇرتىدىن ئايرىلىپ ئىچكىرى جۇڭگوغا بېرىپ ماكانلىشىشقا مەجبۇر بولغان»، «14-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، تارىختا يەنە بىر بوران-چاپقۇن كۆتۈرۈلۈپ تاتار (موڭغۇل ـــ تەرجىمان) بويسۇندۇرغىچىلىرى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن قوغلاپ چىقىرىلغاندا، بابايى-ئەجدادىم بولمىش باش يەنە خۇددى قۇمدەك كۆچۈپ خۇنەنگە كېلىپ ماكان تۇتقان.» دەپ يازغان ئىدى. جەمەتىمىزدىكىلەرنىڭ ئانا يۇرتىمىزنى قانچىلىك سېغىنغانلىقىنى، يۇرتىمىزدىكى قېرىنداشلارنى، تاغ-دەريالارنى قانچىلىك سېغىنغانلىقىنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن. شىنجاڭدا، نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ تاۋيۇەن ناھىيىسىدە جيەن بوزەندىن ئىبارەت بىر ئۇيغۇر تارىخشۇناسنىڭ بارلىقىنى بىلىدۇ. تارىخ تەتقىقات ساھەسىدىكى ئۇيغۇر ئالىم-مۇتەخەسىسلەرمۇ جيەن جەمەتىنىڭ ئەجدادى قالىنىڭ شەرققە كۆچۈپ بارغانلىقىنى، بابايى-ئەجدادىمىز باشنىڭ بولسا ئاخىر خۇنەنگە بېرىپ ماكان تۇتقانلىقىغا دائىر تارىخنى تىرىشىپ تەتقىق قىلماقتا.
مېنى تېخىمۇ تەسىرلەندۈرگىنى شۇ بولدىكى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشتىكى بىر ئۇيغۇر دوستۇم ماڭا ئۆزلىرىنىڭ تاۋيۇەن ناھىيىسىگە بېرىپ تەكشۈرگەنلىكىنى، بۇ تارىخنى ياخشى تەتقىق قىلىدىغانلىقىنى، بۇ بىر بۆلۈك تارىخنى ئۈزۈپ قويمايدىغانلىقىنى، چۈنكى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خۇنەندە ياشاپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ تومۇرىدا ئاققان قان ئوخشاش بىر قېرىنداشنىڭ قېنى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
1966-يىلى، يەنى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»نىڭ دەسلىپىدە، بوۋام «بۇرژۇئازىيە ئەكسىيەتچىل ئىلىم نوپۇزى» دېگەن جىنايەت بىلەن گېزىتلەردە نامى ئاتىلىپ كۈرەش قىلىندى. ئانام سىڭلىمنى ئېلىپ يەندۇڭيۇەندىكى 28-نومۇرلۇق قورۇغا بوۋام بىلەن مومامنى يوقلاپ بارغاندا، بوۋام ناھايىتى ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن «ئىككى ئاچاڭغا ئېيتقىن، ئۇلار يېزىلارغا بارسۇن» دېگەن ئىكەن، شۇ چاغدا ئانام بىلەن سىڭلىم يىغلاپ كەتكەن ئىكەن. بۇ بوۋامنىڭ جەمەتىمىزگە قالدۇرغان ئاخىرقى سۆزى بولۇپ قالدى. كېيىن نەۋرە ئىنىم داۋېي ۋۇخەندىن بېيجىڭغا بېرىپ بوۋامنى يوقلىغان ئىكەن، بوۋام ئۇ چاغدا گەپ قىلالماي داۋېيغا قول ئىشارىسى قىلغان ئىكەن. 1968-يىلى ئىسيانكارلار يەندۇڭيۇەندىكى 28-نومۇرلۇق قورۇنى زورلۇق بىلەن ئىگىلىۋېلىپ، بوۋام بىلەن مومامنى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى جياڭجيا خۇتۇڭ دېگەن يەردىكى بىر ئېغىزلىق قاراڭغۇ ئۆيگە نەزەربەنت قىلىۋەتكەن، كېيىن يەنە يەننەنيۇەندىكى 64-نومۇرلۇق ئىمارەتتىكى بىر ئېغىزلىق ئۆيگە كۆچۈرۈۋەتكەن ئىكەن، گەرچە بوۋام رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ «ئەڭ ئالىي يوليورۇقى» دا ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ «بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى جيەن بوزەن بىلەن فېڭ يولەنگە چىقىش يولى بېرىش كېرەك» دەپ ئەسكەرتكەن بولسىمۇ، ئەمما شۇ زاماننىڭ زورلىرىدىن بولغان ئۇچىغا چىققان «سول»چىللار يەنىلا «جيەن بوزەن مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى» تەشكىللەپ، بوۋامنى قىيناش ئارقىلىق 1935-يىلى ليۇ شاۋچىنىڭ گومىنداڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە ئۆزگىرىپ كەتكەنلىك قىلمىشىنى ئىسپاتلاش مەقسىتىدە ئىقرار قىلدۇرماقچى بولغان. بوۋام يالغان سۆزلەشنى قەتئىي رەت قىلغان. ھاقارەتكە چىدىمىغان بوۋام بىلەن مومام زەھەر ئىچىۋېلىپ بىراقلا بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىپ، بىزنى تاشلاپ كەتتى. شۇ يىلى دادام كادىرلار مەكتىپىگە ھەيدەلدى، بىزلەر بولساق يېزىغا ھەيدەلدۇق. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن يەندۇڭيۇەندىكى ھاياتىمىز مەڭگۈلۈك ئەستىلىككە ئايلاندى. بوۋامنىڭ يەندۇڭيۇەندىكى بۇ تۇرالغۇسى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى باشلانغۇچ مەكتەبنىڭ ئىشخانا بىناسى قىلىۋېتىلدى.
2007-يىلى، بېيجىڭ شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ئەركىن قادىرنىڭ سىياسىي كېڭەشتە بەرگەن تەكلىپى ناھايىتى تېزلا بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە نائىل بولدى. تەكلىپتە، بوۋامنىڭ بۇ تۇرالغۇسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى بازىسى» قۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، تەكلىپ شۇ ھامان بېجىرىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. بوۋام نۇرغۇن ئۆكۈنۈش-ئەپسۇسلارنى بىللە ئېلىپ كەتتى، ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ «مەيلى دەۋر ئۆزگىرىپ قانچىلىك جاپالىق بولۇپ كەتسۇن، ئۆز يولۇمدىن ھەرگىز تايمايمەن» دېگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلدى. يەنى، ئۇ ئۆز ئېتىقاد-ئەقىدىسى ئارقىلىق ئۆز ۋەدىسىنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇردى، ئۇنىڭ ئىنقىلابىي ھاياتى قايتىدىن ئېتراپ قىلىندى، ئۇنىڭ ماركسىزمچى تارىخچىلىق شان-شەرىپى ئاخىر ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.
1978-يىلى يولداش دېڭ شياۋپىڭ شەخسەن ئۆزى «مەن يولداش جيەن بوزەننى ئاقلاش كېرەك، دەپ قارايمەن» دەپ تەستىق سالدى. 1979-يىلى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كومىتېتى بوۋامغا تەزىيە بىلدۈرۈپ، ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بوۋامنىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئاقلىدى. 1998-يىلى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بوۋام تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش بويىچە ئىلمىي مۇھاكىمە سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى.
10 يىل بۇرۇن، مەرھۇم مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى يولداش سەيپىدىن ئەزىزى بوۋام تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان سۆزى ھازىرغىچە قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاپ تۇرۇپتۇ، ئۇ سۆزىدە:« پروفېسسور جيەن بوزەننىڭ بىزگە تەۋەررۈك قالدۇرغىنى ئۆزىنىڭ شانلىق ئىلمىي ئىدىيەسى، ئۆزىنىڭ پۈتمەس-تۈگىمەس ئىنسانىي كۈچ-قۇدرىتى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ھەقىقەتكە ئىنتىلىشتەك قەھرىمانانە روھىدۇر!» دېگەن ئىدى.
ئەركمان ئابدۇلئەزىز تەرجىمىسى
[ Erkman بۇ يازمىنى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى 21:39 دە تەھرىرلىگەن. ]
|
 |
 |
 |
 |
|
-
|