يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 

 

ئىزدەش
ئىگىسى: Erkman
go

مەڭگۈلۈك ئەستىلىك

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
23 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى 
نادىر
يازما
122 

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى 18:10 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
خۇنەن ئۇيغۇرلىرى 13-ئەسىردە خۇنەننىڭ تاۋيۈەن ناھىيىسىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، 2008-يىلىدىكى سانى 7مىڭ ئۆپچۆرىسىدە، خۇنەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلى ۋە باشقا ئۆرپ ئادەتلىرى ئاساسەن يوقالغان، باشقا خەنزۇلارغا ئوخشىمايدىغان فامىلىسى ۋە ئىسلام دىنى  ئۇلارنى بۈگۈنگىچە ساقلاپ كەلگەن بىردىنبىر ئامىل ھىساپلىنىدۇ.
    خۇنەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ئۇزۇن ، ئۇلارنىڭ تارىخىنى يۈەن سۇلالىسىگىچە سۈرۈش مۈمكىن ، ئۇلار غەربىي يۇرتتىكى قۇجۇ ئۇيغۇرلىرىدىن خەلىل سانغۇننىڭ ئەۋلادى . خەلىل قۇمۇللۇق . ئۇنىڭ تەكتى غەربىي يۇرت ئاقسۆڭەكلىرىدىن ، قۇجۇغا قاراشلىق . يۈەن سۇلالىسى تارىخىدىكى "بارچۇق ئات تېكىن تەرجىمىﻬالى" دا "قۇجۇ ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان جاي" ، يەنى ئۇيغۇرلاردىن تەشكىل قىلىنغان دۆلەت دەپ يېزىلغان . شۇ چاغدىكى قۇجۇنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسى "شىمالدا بەشبالىقچە باراتتى ، جەنۇبتا جيۇچۈەنگە ، شەرقتە ئۇدۇن ، قەشقەرگە ، غەربتە تىبەتكە تۇتىشاتتى ، كىدان ( قارا قىتان دېمەكچى -- ئايچىۋەر ) غا قارايتتى . 12 - ئەسىردە ئۇيغۇرلار قاراقىتانلارنىڭ ﻫۆكۈمرانلىقىدا ، سىياسىي جەﻫەتتە ئېغىر سېلىقنىڭ دەردىنى تارتىپ ، خەلق ئازاب - ئوقۇبەت ئىچىدە قالدى . بولۇپمۇ قارا قىتانلار ئۇيغۇرلارنى زورلۇق بىلەن ئاسسىمىلياتسىيە قىلدى ، ئۇيغۇرلارنى قىتانچە كىيىم كىيىشكە مەجبۇرلىدى ، دىنىي پائالىيەتلەرگە توسقۇنلۇق قىلىپ ، ئاخۇنلارنى ئۆلتۈردى . بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار قارا قىتانلارغا قاتتىق نارازى بولدى ﻫەم تېموچىننىڭ يۈەن سۇلالىسىنى گۈللەندۈرۈپ ئامەت تاپقانلىقىنى ئۇقتى . شۇڭا قۇجۇنىڭ تۇتۇقبېگى بولغان خەلىل ئىدىقۇت بىلەن بىرلىشىپ قاراقىتانلارنىڭ قۇجۇدىكى نازارەتچىسىنى ئۆلتۈرۈپ ، ئىدىقۇت بىلەن بىللە تېمۇچىنغا بەيئەت قىلدى . 1211 - يىلى ئىدىقۇت بىلەن خەلىل كرولىن دەرياسى بويىدا تېمۇچىن بىلەن كۆرۈشۈپ ، "ئۆز قوۋمى بىلەن قۇللۇق بىلدۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى" بىلدۈردى .  تېمۇچىن ئىدىقۇت بىلەن خەلىلنىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل كۆردى ﻫەم قىزىنى ئىدىقۇتقا ياتلىق قىلدى . شۇنىڭدىن كېيىن موڭغۇللار غەربىي يۇرتنى بويسۇندۇرۇشتا ، تاڭغۇت ، جىن ، دۇڭ دۆلەتلىرىنى يوقۇتۇشتا قۇجۇ ئىدىقۇتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى . خەلىل باتۇر ﻫەم چەبدەس بولۇپ ، ﻫەر قېتىملىق جەڭدە زەپەر قۇچۇپ ، يۈەنتەيزۇغا ياراپ كەتتى ، يۈەنتەيزۇ ئۇنىڭغا ﻫۇجۇمچى سانغۇن دېگەن مەرتىۋىنى بەردى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ يۈەن تەيزۇ چىڭگىزخاننىڭ قول ئاستىدىكى ئىسلام قوشۇنىنىڭ سەركەردىسى بولۇپ قالدى ، ئۇنىڭ پۇشتى ئەۋلاتتىن - ئەۋلاتقا يۈەن سۇلالىسىدە ئاتا مىراس ئەمەلدار بولدى . مىلادى 14 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا يۈەن سۇلالىسى يوقۇلۇپ ، مىڭ سۇلالىسى باش كۆتۈردى ، مىڭ تەيزۇ جۇيۇنجاڭ ﻫۆكۈمرانلىق ئورنىنى مۇستەﻫكەملەش ئۈچۈن ، "ياتلارنى ياتلار ئارقىلىق تىزگىنلەش" سىياسىتىنى قوللۇنۇپ ، موڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرى ئىچىدىكى ﻫۆكۈمرانلارنى سىقىپ چىقىرىپ ، يۈەن دەۋرىدىكى بىر قىسىم مۈلكى ئەمەلدارلارنى ئىشقا قويدى ، خەلىلنىڭ ئەۋلادى خاباشى 哈八十 نى زېﻬنىنى كېڭەيتىش قورشاۋۇلى ، ئاستانە يەنجىڭنىڭ باشبۇغى قىلدى . ئۇنىڭغا پارچىلاش ، تارقىتىش سىياسىتىنى قوللاندى . ئۇ مىڭ سۇلالىسى سەركەردىسى لى ۋېنجوڭ ، شۈي دا ، جاڭ يۇيچۈن ، خۇداخەي ، فۇيۇدې ، لەن يۈيلەر بىلەن بىللە يۈرۈش قىلىپ ، داتۇڭغا ﻫۇجۇم قىلىپ ، يىڭچاڭنى ئېلىپ ، كۆو خىزمەت كۆرسەتتى . مىڭتەيزۇ باشىنى كۆرسەتكەن خىزمىتى  ئۈچۈن مۇكاپاتلىدى . دۈشمەن كۈچلەرنى يوقىتىشتا خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا جيەن  剪 دېگەن فامىلىنى ئىنئام قىلدى ، ئىسمىنى 八十 دىن 八士 غا ئۆزگەرتتى . بۇ خۇڭۋۇنىڭ 4 - يىلى بولغان ئىش ، خۇنەن ئۇيغۇرلىرى ئىچىدىكى جيەن 剪 فامىلىسى ئەنە شۇنداق پەيدا بولغان . باشىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن ، جۇيۇنجاڭ ئاسراندى قىزى مەلىكە تۇيېنى خەلىل باشىغا ياتلىق قىلدى .
     مىڭ تەيزۇنىڭ ئۆزىگە تارتىش سىياسىتى خەلىل باشى ئۈستىدە ناﻫايىتى ئېنىق گەۋدىلەندى . جۇيۇنجاڭ بىر تەرەپتىن خەلىل باشىنىڭ تۆﻫپىسىنى ئۇنتۇپ قالمىدى ، يەنە بىر تەرەپتىن خەلىلنىڭ يۈز ئۆرۈپ يەنە موڭغۇل ﻫۆكۈمرانلىرى تەرەپكە ئۆتۈۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ ، ئۇنى مەقسەتلىك ﻫالدا جەنۇب تەرەپكە يۆتكىدى . بۇنداق قىلغاندا ، ﻫەم خەلىل باشىنىڭ موڭغۇللار بىلەن بولغان تارىخىي مۇناسىۋېتىنى ئۈزۈۋەتكىلى ، ﻫەم "ياتلارنى ياتلار ئارقىلىق تىزگىنلەش" تىن ئىبارەت ئۆزىگە تارتىش سىياسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇرغىلى بولاتتى . 1337 - يىلى جۇيۈەنجاڭ خەلىل باشىغا جىڭشياڭ تۇتۇق مەﻫكىمىسىنىڭ تۇتۇقى ، جەنۇبنى تىنچىتقۇچى سانغۇن ، ۋەلىئەﻫدىنىڭ مۇشاۋۇرى دېگەن مەرتىۋىلەرنى بېرىپ ، خۇگۇاڭ ، چېنجۇ تەرەپلەرنى ساقلاشقا قويدى . "تاۋ يۈەن ناﻫىيىسىنىڭ تەزكىرىسى" دە مۇنداق يېزىلغان : " خۇگۇاڭ ، چېنجۇ تەۋەسىدە 48 ئۆڭكۈرنى جىمىقتۇرغاندىن كېيىن ، يەنە تۇڭگۇ ، ۋۇكەي ، زاۋدى ، تېڭلاڭ ، دۇمۇ ، خۇاڭجۇ ، گۇيۈەن قاتارلىق جايلارنى تىنچىتتى . مىلادى 1381 - يىلى 5 - ئايدا ، ۋۇشىدىكى بەدۋىلەر توپىلاڭ كۆتۈردى ، باشى يارلىققا بىنائەن باستۇردى ، 剪 دېگەن خەت چاپلانغان بايراقنى كۆرۈپلا تىكىۋەتتى ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بەدەۋىلەر بويسۇندى ، ۋۇشى تىنچىپ قالدى . "
     1383 - يىلى ، ئۇرۇشتا كۆرسەتكەن خىزمىتى ئۈچۈن خەلىل باشى ۋەلىئەد مەرۇپ بېگى ، كېڭەش بېگى قىلىپ ئۆستۈرۈلدى . مىڭ سۇلالىسى 1388 - يىلىنىڭ ئاخىرى باشى ﻫەربىيدە ئۆلدى . يارلىققا بىنائەن چاڭدېنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى تېشىدىكى خۇاڭلۇڭگاڭغا دەپنە قىلىندى . ئۇيغۇرلارنىڭ تاۋ يۈەن ناﻫىيىسىگە ماكانلىشىش شۇنىڭدىن باشلاندى .
    خەلىل باشىنىڭ ئوغلى بەيجۇ ، ئىسمى ياڭ يەن ، ئۇ كىچىكىدىن قورالغا ئامراق بولۇپ ، چوڭ بولغاندا دادىسى بىلەن بىللە جەڭگە قاتناشتى . خۇڭۋۇنىڭ 14 - يىلى ئاستانىدا ﻫەربىي ماﻫارەت كۆرىگى بولغادا ، جۈيۈنجاڭ ئۇنىڭغا ﻫەربىي جۇاڭيۈەن ، جىڭشياڭ تۇتۇق مەﻫكىمىسىنىڭ باشبۇغى دېگەن مەرتىۋىلەرنى بەردى . باشى ئۆلگەندىن كېيىن ، بەيجۇ دادىسىنىڭ ۋەزىپىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ جىڭشياڭغا تۇتۇق بولدى . "تاۋ يۈەن ناﻫىيىسىنىڭ تەزكىرىسى" دە يەنە مۇنداق دېيىلىدۇ : " مىلادى 1385 يىلى 4 - ئايدا ، بەيجۇ يارلىققا بىنائەن ۋۇكەي ، زاۋدىلارغا جازا يۈرۈشى قىلىپ ، ئۇ يەرلەرنى ئالدى . مىلادى 1389 - يىلى يەنە يارلىققا بىنائەن يۈننەن ، گۇيجۇلارغا يۈرۈش قىلىپ كۆپ قېتىم خىزمەت كۆرسەتكەنلىكتىن ، چېگرىنى تىنچىتىش سانغۇنى ، ۋەلىئەد مەرۇپ بېگى ، كېڭەش بەگلىكىگە تەيىنلەندى . ﻫەربىي يۈرۈشتىن قايتىپ كېلىۋاتقاندا ، ئورىغا چۈشۈپ كېتىپ قازا تاپتى ، يارلىققا بىنائەن چاڭدېنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى تېشىدىكى خۇاڭخۇاگاڭغا دادىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى .
    بەيجۇ ئۆلگەندىن كېيىن ، مىڭ سۇلالىسى ﻫۆكۈمرانلىرى ئۇنىڭ دادىسىنىڭ "ئەلنى تىنچىتىشتا كۆرسەتكەن خىزمىتى" نى ، ئۆزىنىڭ جەڭ مەيدانىدا ئۆلگەنلىكىنى نەزەرگە ئېلىپ ، ئۇنىڭ ئەۋلادىغا چاڭدېنىڭ باقاۋۇللىقىغا ۋارىسلىق قىلىپ ، "جىيەن" تۇغلۇق قوشۇنىغا داۋاملىق قوماندانلىق قىلىپ ، چاڭدې ، چېنجۇ ، تاۋيۈەن ئەتراپىدا يەر ئېچىپ دېﻬقانچىلىق قىلغي ، ۋۇلىڭنى قوغدىغاي دەپ ~ دەپ بۇيرۇق بەردى . جۇيۇنجاڭ ئۇنى خاتىرلەش ئۈچۈن ، تاۋ يۈەن ناﻫىيىسىنىڭ شەرقىدىن 40 چاقىرىم يىراقلىقتىكى شىنشىڭ يېزىسى خۇچۈن كەنتىگە "پەزىلەت راۋىقى" ، جيەنجياگاڭغا "جەنۇبنى تىنچىتىش زالى" ؛ بېيلۇگاڭ دېگەن يەرگە "ساداقەت سارىيى" ، فېڭشۇكۇنىڭ غەربىدىن 550 قەدەم يىراق يەرگە "جەنۇبنى تىنچىتىش قىرائەتخانىسى" ياساتتى ، ئۆز قەلىمى بىلەن "جەنۇبنى لەرزىگە سالغان" دېگەن ۋىۋىسكىنى يېزىپ ، جىڭنەنتاڭ زالىغا باستۇردى .
    بەيجۇنىڭ ئىككى ئوغلى بولۇپ ، چوڭ ئوغلىنىڭ ئېتى چاڭپۇ ، كىچىك ئوغلىنىڭ ئېتى چاڭلى ئىدى . بەيجۇ ئۆلگەندىن كېيىن ، چاڭدېنىڭ باقاۋۇللۇق ۋەزىپىسىگە چاڭپۇ ۋارىسلىق قىلدى . چاڭپۇ مەنسەپ تۇتۇشنى خالىمىغانلىقىتىن ، ئېستىپا بېرىپ شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ ، لوپنۇر ناﻫىيىسىگە ماكانلاشتى . باشى بىلەن بىللە تاۋيۈەنگە بارغان ئورۇنباسار سەركەردىلەرمۇ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەلدى . چاڭلى باشبۇغ ئىدى . ئاكىسى شىنجاڭغا قايتىپ كەتكەندىن كېيىن ، مىڭ سۇلالىسى مىلادى 1404 - يىلى يارلىققا بىنائەن ئۇنىڭغا چاڭدېنىڭ باقاۋۇللۇق ۋەزىپىسى ، ﻫۇدەيچى بەگلىك مەرتىۋىسى ، 30 ئەېكتار يەر ، سەككىز ئورۇنباسار سەركەردە ، يەنە ئەسكەرلەرنىڭ تەمىناتى ئۈچۈن 720 مو يەر بېرىلدى . مىڭ سۇلالىسىنىڭ سانغۇنى لەي يۈي ئۆلتۈرۈلۈشتىن ئاۋۋال جيەن ﻫەزرەتنىڭ ئەرۋاﻫىنى ئەسلەپ "جيەن" تۇغلۇق قوشۇنىغا بارغانىدى .
     چاڭلىنىڭ يۈەندى ، دىڭدى دېگەن ئىككى ئوغلى بولۇپ ، يۈەندىنىڭ چوڭ ئوغلى چىڭ ، چىڭنىڭ چوڭ ئوغلى شياڭ ، شياڭنىڭ چوڭ ئوغلى دىڭلار چاڭدېنىڭ باقاۋۇللىقىغا ۋارىسلىق قىلغان . دېڭنىڭ چوڭ ئوغلى شياڭ باشتا مەمۇرىي ۋەزىپىگە ۋارىسلىق قىلغان . مىلادى 1467 - يىلى " ۋۇلىڭ ئايمىقىنىڭ خەزىنىسىگە بۇلاڭچى تەگكەندە ، باقاۋۇل جيەن شياڭ مېڭبېشى خىلىگۇاڭنىڭ ﻫەمراﻫلىقىدا ئەسكەر باشلاپ چىقىپ ئوغرىلارنى دېشەن دېگەن يەردىكى سۆگەتلىككىچە قوغلاپ باردى ، دىققەتسىزلىكتىن مېڭبېشى ئوق تېگىپ ئۆلدى ، ئوغرىلاپ قېچىپ كۆزدىن غايىپ بولدى . مىڭ سۇلالىسىنىڭ شيەنزۇڭ خانى جيەن شياڭنى بۇلاڭچىلارنى چەكلىك سۈرۈك ئىچىدە تۇتۇپ كېلىشكە بۇيرىدى ، جيەن شياڭ سۈرۈك ئىچىدە تۇتالمىدى . مىلادى 1469 - يىلى جيەنشاڭنىڭ ۋەزىپىسى چاڭدېنىڭ سول قول مىڭبېشىلىقىغا چۈشۈرۈلدى . كېيىن جيەن شياڭنىڭ ئوغلى چۇڭدې (يەنى تاۋيۈەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 11 - ئەۋلادى) چاڭدېنىڭ سول قول مىڭبېشىلىقىغا ۋارىسلىق قىلدى . شۇنىڭدىن كېيىن خەلقى ئەمەل - ئىمتىيازدىن مەﻫرۇم بولۇپ ، يا يەر تېرىپ دېﻬقانچىلىق قىلدى ، يا ئېلىپ - سېتىپ سودىگەرچىلىك قىلدى ، يا ئوقۇپ ئۆلىما بولدى . خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ تاۋ يۈەن ناﻫىيىسىنى  ماكان تۇتۇپ ، ئاۋۇپ روناق تاپتى . ﻫازىر 26 - ئەۋلادقا قەدەم قويۇپ ، نوپۇسى 600 يىلدىن ئارتۇق تارىخنى باشتىن كەچۈرۈپ ، تاۋ يۈەن ئۇيغۇرلىرىنى تەشكىل قىلدى .

مەنبە : ""خۇنەن ئۇيغۇرلىرى"" ناملىق كىتاب

يۇم كۆزۇڭنى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
23 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى 
نادىر
يازما
122 

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى 09:57 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تۇنۇگۇن يەنى
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى شۇ يەر ۋاقتى سەھەر 1:25دە،خۇنەن ئۇيغۇرلىرىنڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتى،دىيارىمىز ئۇيغۇرلىرىنڭ تۇغقىنى ۋە يىقىن دوستى،تەقۋادار مۇسۇلمان،ئىمام ،ئىجتىمائى پائالىيەتچى ۋە جامائەت ئەربابى،ئابدۇلئەھەد جيەن پىڭفي (翦鹏飞،قارا باش ئابدۇلئەھەد، )ئاق قان كىسلى (قان راكى)بىلەن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي،ۋاپات بولدى،بىز دىيارىمىز ئۇيغۇرلىرى نامىدىن قايغۇرىمىز ۋە چوڭقۇر تەزىيە بىلدۇرىمىز،قىزى ئايگۇل( 翦雅琴)دىن مۇسبەت ئىچىدە ھال سورايمىز،مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا خۇنەنگە بارغان ئۇيغۇرلارنى كۇتۇش،2008-يىلىدىكى مەھمۇت قەشقەرى ب د ت يىلىغا پائالىيەت تەشكىللەش،ئادەم ئۇيۇشتۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتىنى زىيارەت قىلدۇرۇش،ساياھەت ئورنى قۇرۇپ،‹‹جۇڭگودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىنچى ئانا يۇرتى››نامىدا خۇنەن ئۇيغۇرلىرىنى سەپەرۋەر قىلىش قاتارلىق ياخشى ئشلارنى قىلغانىدى.ئۇنىڭ ۋاپاتى خۇنەن ئۇيغۇرلىرى ئۇچۇنلا ئەمەس،پۇتۇن ئۇيغۇرلار ئۇچۇن ئەپسۇسلۇق ۋە قايغۇلۇقتۇر.

يۇم كۆزۇڭنى

Rank: 1

توردا
3 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى 
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى 
نادىر
يازما
11 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى 09:52 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ كىشىنىڭ  نامىنى بۇرۇن بىر ماتىريالدا  كۆرگەن ئىدىم  بۇگۇن  تەرجىمەھالىنى  بىلىۋالدىم رەخمەت

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

رەسىمسىز ھالەت|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى 14:37 , Processed in 0.034637 second(s), 7 queries , Eaccelerator On.

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.