يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1763 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1708|ئىنكاس: 25

رومان-پەرغانە كېلىنى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
720 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
1215

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 16:53:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلاۋە: ئارىمىزدا تورنى مۇنداق ئۈنۈملۈك ئىشلىتىدىغانلارمۇ بار. مېنىڭ بىر توردىشىم يېقىندا ئۆزىنىڭ ئۆزبەك تىلىنى پۇختىلاش ئۈچۈن جورجى زەيداننىڭ بىر رومانىنى ئۆزبەكچىدىن تەرجىمە قىلغانلىقىنى ئېيتتى. يەتتە قىز تورىدىكى ھېكايە خۇمارلارنىڭ خومارىغا بۇ روماننى سۇندۇم. (ئەلۋەتتە ئۇنىڭ رۇخسىتى بىلەن )
ئوقۇپ ھوزۇرلانغايسىلەر.



پەرغانە كېلىنى

(رومان)

جورجىي زەيدان

1

ئەرەبچىدىن ئۆزبېكچىگە شاھئىكرام شاھئىسلاموۋ تەرجىمىسى

ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى پاسىبان



كىرىش (پاسىبان)

چوغلان بېتىدە تۈركىي ئەپەندى يوللىغان لاتىن يېزىقىدىكى ئوزبېك تىلىدىكى «پەرغانە كېلىنى» رومانىنى ئوقۇۋېتىپ ناھايىتى ھاياجانلاندىم، چۈنكى مەن بۇ روماننىڭ ئەسلى ئاپتورى جورجى زەيداننىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىنغان «رامىزاننىڭ ئون يەتتىسى»، «قۇرەيش قىزى» ناملىق رومانلىرىنى ئىلگىرىرەك ئوقۇپ تېگىشلىك ھوزۇر ئالغان ئىدىم. «پەرغانە كېلىنى» نىڭ ۋۇجۇدۇمنى لەرزىگە سالغان بىر تەرىپى شۇ بولدىكى، ئۇنىڭدا پاك سۆيگۈ مۇھەببەت قىسىسى ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەسۋىرلىنىشتىنمۇ كۆرە، ئوتتۇرا ئەسر ئەرەپ ئىسلام تارىخىنىڭ ناھايىتى چىن ۋە ئاشۇ سۆيگۈ تەسۋىرى بىلەن ناھايىتى جىپسا تەسۋىرلەنگىنى ئىدى، بۇ جەھەتتە مەن ھەتتا بۇ ئەسەرنى يۇقىرىدىكى ئىككى ئەسەردىنمۇ يۇقىرى سەۋىيىدە يېزىلغاندەك ھىس قىلدىم.

شۇنىڭ بىلەن مەن لاتىن يېزىقىنى ئۇيغۇر كونا يېزىقىغا ئالماشتۇرىدىغان كومپىيوتېر يۇمشاق دېتالىدىن پايدىلىنىپ، «پەرغانە كېلىنى» رومانىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقتىم. ئۇنى ئۇيغۇر يېزىقىغا ئايلاندۇرۇش 4- 5 سائەتلىك ئىش بولغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر كونا يېزىقى شەكلىگە كەلگەن ئۆزبېك تىلىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ماڭا بەسىي مۈشكۈل توختىدى، چۈنكى مەن ئۆزبېك تىلى ئۇيغۇر تىلىغا ئوخشاپ كەتسىمۇ، يىللاردا شەكىللەنگەن پەرقلىق سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى بىلمەيتتىم، ئەسەرنىڭ ئەسلى تىلى بولغان ئەرەپ تىلىنى تېخىمۇ بىلمەيتتىم. شۇنداق بولسىمۇ مەن 20 كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئۇنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقتىم. رەسمى نەشرىياتقا تەييارلاش مەقسىتىم بولمىغاچقا، پەقەت بۇ گۈزەل ئەسەردىن كۆپچىللىكنى ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا ھوزۇرلاندۇرۇش مەقسىتىم بولغاچقا، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ (ئەپۇ، بەزى خاتالىقلارغا يول قويغان ئەھۋالدا)، روماننىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردۈم. دوستلارنىڭ ئوقۇش جەريانىدا تۈركىي ئەپەندى ئېلان قىلغان لاتىن يېزىقىدىكى ئۆزبېكچىسىگە سېلىشتۇرغان ئاساستا توغرىلاپ چۈشىنىپ كېتىشىنى ئۈمد قىلىمەن. شۇنداقتىمۇ ئېيتالايمەنكى، بۇ تەرجىمىنىڭ 99 پىرسەنتتىن يۇقىرى نىسبەتتە توغرا چىققانلىقىغا كاپالەت بېرەلەيمەن، بۇنىڭدا ئونۋېرسىتىتتا چالا- بۇلا ئۆگەنگەن قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ رولى زور بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە مەنىسىنى پەقەت چۈشىنەلمىگەن قىسمەن سۆزلەرنى ئۆز پېتى قالدۇردۇم. بۇ سۆزلەرنىڭ سانىمۇ كۆپ بولسا 50 تىن ئاشمايدۇ. بۇنى مۇنازىرىدە، بىلىدىغانلار تەرجىمىلەپ كەتسە بولىدۇ. يەنە بىرسى ئەسەرنىڭ ئۆزبېكچە نەشرىدىكى ئىپادىلەش سەنئىتىنى جۇدا ياخشى كۆرگىنىم ئۈچۈن، ئۇنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرمىدىم، بۇنىڭ كۆپچىللكتە ئۆزبېكلەرنىڭ ئىپادىلەش سەنئىتىگە قارىتا بىلىمى ئېشىشىغا، بىزگە ئوخشىمىغان تەرەپلىرىنى قۇبۇل قىلىشىغا پايدىسى بولىدۇ دەپ قارىدىم.

قېنى دوستلار «پەرغانە كېلىنى» رومانىدىن ھوزۇرلىنىڭ.

ئاساسلىق پىرسوناز ئىسىملىرىدىن ياردەم (پاسىبان)



1، جاھان- پەرغانە ھاكىمىنىڭ قىزى، زىرغامنىڭ سۆيگىنى.

2، ھەيزۇران- جاھاننىڭ ئېنىكئانىسى، خاس مەھرىمى.

3، سامان- جاھاننىڭ دادا بىر ئانا بۆلەك ئاكىسى.

4، زىرغام- ھارۇن ئەر رەشىدنىڭ ئوغلى، يەنى بۇ روماندىكى بىر ھالقىلىق پىرسوناژ مۇئتەسىم خەلفىنىڭ ئىنىسى، ئەمما بۇلارنىڭ تۇغقاندارچىلىقى ئەڭ ئاخىرقى ئابزاستا ئاشكارىلىنىدۇ.

5، ئاپتاپ- زىرغاننىڭ ئانىسى، ھارۇن ئەر رەشىدنىڭ چۆرىسى (توقىلى).

6، ھاكىم- تەھمۇز- جاھاننىڭ ئاتىسى.

7، بوباك خۇررەمىي- ئەرەپلەرگە قارشى ئەزەربەيجاندىكى مەشھۇر خۇررەمىيلەر قوزغىلىڭىنىڭ يولباشچىسى، 837 -يىلى ئۆلتۈرۈلگەن.

8، مۇئتەسىم- ئابباسىلار خەلفىلىكىنىڭ خەلىفىسى.

9، ئەفشىن- ئەرەپ خەلپىلىنىڭ ھاكىمىيىنى قوغداشقا ياللانغان تۈركلەر گىۋاردىيىسىنىڭ مەشھۇر رەھبىرى.

10، ۋەردون- زىرغامنىڭ خىزمەتچىسى ھەم تەقدىرداش، سىرداش دوستى.

11، ھەممود- زىرغامنىڭ تەقدىرداش دوستى.

12، ھەيلونا- ۋەردوننىڭ خوتۇنى.

13، ياقۇتە- جاھاننىڭ قوشكېزەك ئاچىسى، ئەمما ئۇنىڭ 4 ياش ۋاقتىدا ئۆگەي ئاكىسى سامان تەرىپىدىن ئىككى ئالتۇنغا سېتىۋېتىلگەن.







221- يىلى.* پەرغانىلىكلەر يېڭى يىلنى كۈتۈشكە  ھازىرلىق كۆرمەكتە. ھەممە ئۆي كۆتىرىش، ياسىتىش، ھويلا تازىلاش، سۈپۈرۈش سىدىرىش بىلەن ئاۋارە. ئۇلار ئۆز تاملىرى تۆپىسىگە تۇغ ئېسىپ، دارۋازىلار ئۇستىگە گۈلدەستىلەر تىكىشمەكتە. بۇ ئىشلاردىن قۇتۇلغانلار ئۆزلىرىگە ۋە بالا-چاقىلىرىغا كىيىم-كېچەك، ئالتە كۈنلۈك  بايرامغا يېتەرلىك قاتتىق قۇرۇق، ھۆل ۋە قاڭسىق يىمىش تەييارلاش ئۈچۈن توپ-توپ بولۇپ بازارغا يول ئېلىشاتتى.

قايسى ھويلىغا كىرمەڭ، ھەممىسىدە ئاياللار ئوچاق ۋە تونۇرلارغا ئوت قالاپ، ھەرخىل تائام ۋە ھالۋايى شىرىنلىكلەرنى تەييارلاش تەرەددۇتىدا. ئۇلار يۇيۇنۇش ئۈچۈن سۇ ئىسىتىشاتتى. ئۆي خادىملىرى خوجىلىرىنىڭ كىچىككىنە تايلىرىنى ياساندۇرىشاتتى، ئوقەت پىشۇرۇشقا ياردەملىشەتتى، بايرامغا ئاتاپ ياقىدىغان نانلىرنىڭ خېمىرىنى يۇغۇرىشاتتى.

يېڭى يىلنىڭ بۇغدىيى بەركەتلىك بولسۇن دىگەن ئۈمىدتە يېڭى بۇغداي ئۇنىدىن نان يېقىپ، بايرام كۈنى بۆلۈشۈپ يەيدىغان تائام قىلغان. بايرام كۈنلىرى ئۇلار يېڭى ئاقچىلارنى ئىشلىتىشەتتى، كۈمۈش ئىدىشلاردا بىر-بىرلىرىگە يېڭى تون، تۇخۇم ۋە يېڭى مىۋە تۆھپە ئېتىشەتتى. بازار رەستىلىرى ئاشۇ كۈنلەردە ئەتىدىن-كەچكىچە ئوچۇق بولۇپ، ئەركەكلەر ۋە ياش- يالاڭلار بىلەن لىق تولاتتى. كىشىلەر بازاردىن سېتىۋالغان سوۋغا-سالاملارنى سىۋەتكە سالغان، تۈگۈنچەك قىلىپ باغلاپ ئالغان، ياكى ئات-ئىشەكلەر ئۈستىگە يۈكلىگەنچە يا ئۆيلىرىگە- بالا-چاقىلىرى ئالدىغا، ياكى ئىباداتخانىلاردىكى مەجۇسىي* باشلىقلارغا ئېلىپ بېرىشماقتا. ھەممىسىنىڭ پۇتى ئالتە، قولى يەتتە بولۇپ، خوشاللىقتا يۈرۈشەتتى.

ئەگەر سىز شەھەر ئوتتۇرىسىدىكى كاتتا قورغانغا چىقىپ، ئۇنىڭدىن پەرغانە ئەتراپىغا قارىسىڭىز، قەغەزگە سىزىلغان خەرىتىگە ياكى رەڭلىك  سۈرەتكە ئوخشايدىغان بىر مەنزىرىگە كۆزىڭىز چۈشىدۇ.  نىگەكى، قورغان ئەتراپىدىكى ئىككى بىنانى ئىستىسنا قىلغاندا، قالغان ئىمارەتلەرنىڭ ھەممىسى كېسەك دىۋارلىق، بىر-بىرىگە ئوخشاش پەستقەم ئۆيلەر ئىدى.

ئاشۇ ئىككى بىنانىڭ بىرى ئاتەشخانا - مەجۇسىيلار تىۋىنىدىغان كاتتا بىنا. ئۇ يەردە ھېلى ھەم ئاتەشپەرەستلىك داۋام ئېتەتتى. سۆلىتى زور بۇ بىنا شەھەردىكى باشقا بىنالارغا قىياس قىلىنسا، گۈللەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەيۋەتلىك خورما دەرىخىگە ئوخشاش كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىدىكى شامالدا لەپىلدەپ تۇرغان يېشىل بايراقلار ساپ يىپەكتىن بولۇپ، ھەر بىرىنىڭ ئۇزۇنلىگى ئون گەزچە كېلەتتى. ئىككىنچى بىنا مىرزۇباننىڭ* ئۆيى. «مىرزۇبان» دىگىنى قەدىمىي پارىس تىلىدا «ھاكىم» دىگەن مەنانى بىلدۈرەتتى. ئۆي ئەتراپى تۇرلۈك مىۋە دەرەخلىرى تىكىلگەن كاتتا باغچا. ئۇ يەردە شەھەر قورغىنىنىڭ ئارقا تامانىدا ئۇزۇنىسىغا كەتگەن دەرەخلەر، تەكزار ۋە گۈلزارلار كۆزگە تاشلىناتتى. ئۇلار ئىچىدە زىلال ئېرىقلار شىلدىرلايتتى. دەرەخلەردە قۇشلار سايرايتتى...

  2

شەھەر خەلقىنى زور تەنتەنە  بىلەن كوچىنى چاڭلىتىپ كېلىۋاتقان ھارۋا ئۆزىگە جەلپ قىلدى. مۇنداقلا قارىغان كىشىگە ئۇ ھارۋا ئەمەس، بەلكى كاتتا ئۆيگە ئوخشاش كۆرۈنەتتى. ھارۋا ئۈستىدە نەقىشلىك ياغاچلارغا ئورنىتىلغان كۈمۈشتىن ياسالغان، زەر ھەللىك بىر قۇببە، ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆك يىپەكتىن تىكىلگەن گۈلدار پەردىلەر لەپىلدەيتتى. ھارۋىغا قوشۇلغان ئىككى دۇلدۇل  ئاتنىڭ ئۈستىگە كىمخاپ يوپۇق يېپىلغان، قولىدا قامچا چۆرىگەن ھارۋىكەش ئۇلاردىن بىرىگە مىنىپ كەلمەكتە. ھارۋا يېنىدا بىر نەچچە غۇلام كېلىشەتتى. ھارۋا ئۈستىگە يېپىلغان پەردە ئۇنىڭ ئىچىدىكىلەرنى كۆرۈشكە ئىمكان بەرمەيتتى. ئەمما ئۇ ھارۋا كىمنى ئەكەلگىنىنى پەرغانىدە ياشىغۇچى ھەر بىر كىشى بىلەتتى. ئۇ ھاكىمنىڭ ھارۋىسى بولۇپ، شەھەردە ئۇنىڭدىن بۆلەك ھېچ كىمدە بۇنداق ھارۋا يوق ئىدى. بۇ ھارۋىنى ھاكىمغا كاۋكازلىق چىركەسنىڭ خوتۇنىنىڭ قېرىندىشى تۆھپە قىلغانىدى. ھاكىمنىڭ ئۆزى پارىسلاردىن ئىدى. كاۋكازدا بەگلەرنىڭ ساياھەتكە ياكى شەھەرگە چىققان ۋاقتىدا چۈشۈپ يۈرىشى ئۈچۈن مۇشۇنداق مەخسۇس ھارۋا تەييارلىناتتى. ئۇندا بەگلەر ئۈچۈن سەپەردە كېرەك بولىدىغان ھەممە ئەنجام- ھەتتا ئوزۇق-ئوقەتلەرگىچە ھازىرلاپ قويۇلغان بولاتتى. ئالدىدىن ئۆتكەن بۇ ھەشەمەتلىك ھارۋىدا ئولتۇرغان مەلىكىنى كۆرۈشكە پەرغانىلىكلەرنىڭ ھەممىسى - يېشى ھەم  قېرىسى كېلىشەتتى. مەلىكە ھەر سەپەر كوچىدىن ئۆتكەندە، پەردىنى ئاستا كۆتۈرۈپ،  كۆزى چۈشكەن كىشىلەر بىلەن سالاملىشاتتى. نازۇك تەبەسسۇمى، شوخ بېقىشى، ھۆسنى ۋە دانالىغى بىلەن ھەممىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلغان ئۇنىڭ مەلەك ھاكىمىنىڭ قىزى ئىكەنلىكىنى ھەممە بىلەتتى. ئەمما بۈگۈن نىمىگىدۇر ھاكىمنىڭ قىزى ھارۋا پەردىسىنى كۆتۈرمەي، ھارۋىكەش ئاتلارنى تىز چاپتۇرۇپ باراتتى. كوچىدىن ئۆتكەن كىشىلەر ھارۋىكەشنىڭ ئاتلارنى بۇ قەدەر تىز ھەيدىشىدىن ئۇنىڭ شەھەر تاشقىرىسىغا چىقماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدى. ھارۋا ئارقىسىغا ئىككى ئات باغلانغان بولۇپ، ئۇلار ئىگەرلەنگەن  بولسىمۇ  ئۇستىدە ئادەم يوق ئىدى. ئۇلاردىن بىرىنىڭ ئىگىرى ئۈستىگە ئوق- يا تولدۇرۇلغان بىر ئىدىش يۈكلەنگەن. بۇ ئات، ھارۋىدا كېلىۋاتقان ھاكىم قىزىنىڭ ئېتى ئىكەنلىكىنى ئادەملەر دەررۇ بايقىۋېلىشتى. چۇنكى مەلىكىنىڭ خۇددى شۇ ئاتنى مىنىپ ئەركەكلەر كىيىمىدە ئوۋغا، بەيگىگە چىقىش ئادىتى بارلىغى كىشىلەرگە ئەزەلدىن مەلۇم ئىدى. ئۇ ئىككى ئاتنىڭ كەينىدە ئوۋ پەيتىدە خىزمەت قىلىدىغان غۇلاملار، ئىتلار ۋە قاپلانباقارلار كېلىشمەكتە. پەرغانىلىكلەر ئۈچۈن بۇ ئۇنچىلىك قىزىق تاماشا ئەمەس، چۈنكى ھاكىمنىڭ قىزى ئوۋغا ئىشقىۋاز ئىكەنلىكىنى، ماھىر ئوۋچى ئىكەنلىكىنى ئۇلار بىلىشەتتى. لېكىن نىمە سەۋەپتىن ئۇ خۇددى بۈگۈن بايرام كۇنى ئوۋغا ئاتلانغىنىنى بىلەلمەي ھەممە ھەيران ئىدى.

كوچىدا تۇرغانلار ئارىسىدا ئىككى كىشى بار ئىدىكى، ئۇلارنىڭ بىرى پەرغانىلىك، ئىككىنچىسى قوقەنتتلىك سودىگەر. قوقەنتتلىك سودىگەر پەرغانىلىكنىڭ قېرىندىشى بولۇپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن كەلگەنىدى. بۇنداق نەرسىلەرنى  ئۇ ئىلگىرى كۆرمىگەنىدى. شۇ ۋەجىدىن ئۇ:-بۇنچىلىك تەنتەنە بىلەن كېتىۋاتقان كىم بولدى؟- دەپ يېنىدىكى كىشىدىن سورىدى.

- بۇ ھاكىم تەھمازنىڭ قىزى جاھانبەگنىڭ ۋەھىمىسى. ئىلگىرى ئاڭلىمىغانمۇسىز؟

-بۇ شەھەردە جۇدا بەدۆلەت بىر ھاكىم ياشايتتى، ئۇنىڭ يالغۇز ساھىبجامال قىزى بار دەپ ئاڭلىغاندىم. ئۇنىڭ شۇ بىرتاللا قىزىدىن بۆلەك پەرزەنتى يوقمۇ؟

- بار، ساياق ئاياق، بەدبەشىرە، كوسا بىر ئوغلى ھەم بار، لېكىن ئۇ قىزىغا بىر مىسقال ئوخشىمايدۇ،- دېدى پەرغانىلىك كىشى.

- ھاكىم، ئەلۋەتتە، شۇ شەھەرلىك بولسا كېرەك؟

- ياق، كەلگىندى، بۇندىن ئوتتۇز-قىرىق يىل مۇقەددەم، قىرچىلما يىگىتلىك چېغىدا، ئەرەپ مۇسۇلمانلاردىن قېچىپ بۇ يەرگە كېلىپ قالغان. ئۇ پارىسنىڭ ئاللىقايسى قىتئەسىدە ھاكىم بولۇپ، كۆپ قىيىنچىلىقلارنى بېشىدىن كەچۈرگەن ئىكەن. ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ دىنىدىن چىقىشنى خالىماي، مال-مۈلكىنى يۇغۇشتۇرۇپ، شۇ يەرگە كېلىپ قالغان.

- ئۇ راستلا بەدۆلەتمۇ؟ - سورىدى يەنە قوقەنتلىك مېھمان.

- ھە، مال-مۈلكى بىھىساپ، پەرغانە تاشقىرىسىدا، تاشكەنت دەرياسى قىرغىقىدىكى دەرەخزارلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭكى. ئۆي-جاي، ئالتۇن-كۈمۈش ۋە جاۋاھىرلارنى ئېيتمايسىزمۇ؟ كېلىڭ، قويۇڭ ئۇنى، ياخشىسى، بازارغا بېرىپ بىر قوي ئالايلى-دە، بالا-چاقىمىزغا سويۇپ بېرەيلى،- دېدى پەرغانىلىك سودىگەر.

  3

ئەمما ئۇنىڭ قوقەنتلىك ھەمراسى ھەر نەرسىگە قىزىقىدىغان ئادەم بولغىنى ئۈچۈن دوستىنىڭ مەسلىھەتىگە ئۇنىماي، سوئالىنى داۋام ئەتتۈردى:

-بۇ بەگكە شۇنداق كۈندە ساياھەتكە چىقىشقا بائىس نە ئىكىن؟

ھەمراسى كۈلۈپ:

-بولمىسا، ئۇ ھەم بىزنىڭ ئاياللىرىمىزغا ئوخشاش ئۆيدە خېمىر يۇغۇرۇپ، نان يېقىپ، ئوقەت پۇشۇرۇپ ئۆتسۇنمۇ؟ ئۇ ئاتىسىنىڭ ئۆيىدە ئۆزى بەگ، ئۆزى خان، دىگىنى دىگەن، ئېيتقىنى ئېيتقان، دوستۇم. بىر نەچچە يىل بولدى، ئانىسى ۋاپات  بولغان. ئاتىسى شۇ قىزىنىڭ كۆڭلىگە قاراپ باشقىغا ئۆيلەنمەي كەلگەنىدى. قىزىنى جۇدا ياخشى كۆرەتتى ئۇ. قىزىنى مۇشۇنداق ئەركىلىتەتتىكى، خۇددى ئاشىق-مەشۇق دەيسەن.

- ياق، ئۇنى ئۆيدە ئولتۇرۇپ خېمىر يۇغۇرسۇن، ئوقەت پۇشۇرسۇن دەۋاتقىنىم يوق،- دېدى قوقەنتلىك ھەمراسى،- لائەقەل بايرام كۇنى سوۋغا-سالام بىلەن ئاتىسىنى كۆرگىلى كەلگەنلەرنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئۆيدە ئولتۇرسا بولاتتى.

دوستى ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى:

- ئەي، ئاغرىمىغان بېشىمغا ئالتۇن ئىسىرىغ،  ياخشىسى، بازارغا بارايلى-دە، ئالىدىغان قويىمىزنى تاللايلى.

دەبدەبىلىك ھارۋا ئىككى كىشىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ، شەھەر سىرتىغا يول ئالدى، ئۇنىڭدىن ھەم ئۆتۈپ، باغچىلار تامان بۇرۇلدى-دە، ھاكىمغا قاراشلىق كاتتا يەر ئالدىغا بېرىپ توختىدى. بۇ ھارۋىنى كۈتۈپ ئېلىشقا ئادەتلەنگەن ھاكىمنىڭ خىزمەتكارلىرى بۇ سەپەر ھەم يۈگۈرۈپ، ئاڭا پەشۋاز چىقىشتى. ھارۋا توختىشى بىلەن ھارۋىكەش ئاتتىن ئىرغىپ چۈشتى-دە، ئۇنىڭ جىلاۋىدىن تۇتتى. بەگنىڭ قولىدىن تۇتۇپ چۈشۈرۈش ئۈچۈن غۇلاملاردىن بىرى ھارۋا يېنىغا چاپتى. مارجان ئىسىملىك چاققان بىر غۇلامنى بەگ ئۆزىگە يېقىن تۇتاتتى. ئۇ ھارۋا ئالدىغا كەلدى-يۇ، لېكىن پەردىنى كۆتۈرۈشكە جۈرئەت قىلالماي تۇرۇپ قالدى. بەگنىڭ ئۆزى پەردىنى كۆتۈرۈپ ھارۋا ئىچىدىن بېشىنى چىقىرىپ قارىدى. بەگ خىزمىتىدە ھارۋا يېنىدا كەلگەن غۇلاملار ۋە ئۇنىڭ ئىستىقبالىغا چىققان خىزمەتكارلار ھەم جاھاننىڭ ھارۋىدىن چۈشۈشىنى سەۋرسىزلىك بىلەن كۈتىشەتتى. بەگ ھەدىگەندە ھارۋىدىن چۈشمىگەچ، ئۇلار بىسەرەمجان بولۇشقا باشلىدى. بەگنىڭ قاشقا ئېتى ئادەمدىن كۆرە ھەم تىنچسىزلىنىپ، ئايىغى بىلەن يەر دەپسىرەپ، گويا ئۆز ئىگىسىنى چاقىرغاندەك ياكى، ئۇ تىزرەك چىقسۇن، دىگەندەك زور بېرىپ كىشنىدى. ئاتباقار ھەر قانچە ئورۇنسىمۇ، ئۇنى تىنچىتالمىدى. نىھايەت پەردە كۆتۈرۈلدى- دە، ئىچىدىن ئەللىك ياشلار چامىسىدىكى جۇدا سالاپەتلىك، ئۇزۇن-مول كىيىملىك، بېشىدىن تارتىپ بوينىغىچە كاتتا رومال ئوراپ ئالغان بىر ئايال ھارۋىدىن چۈشتى. بۇ ئايال جاھاننىڭ سىردىشى ۋە مەھرىمى ھەيزۇران ئىدى. ھەيزۇران يەرگە ئايىغىنى قويۇپ بېگىنى ھارۋىدىن چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئاڭا قولىنى سوزدى. جاھان ھارۋىدىن چۈشكەندە، ھەممە ئۇنىڭ  دىللارغا ئوت تۇتاشتۇرىدىغان ھۆسىن-جامالىنى كۆرۈشكە تەشنا بولدى. ئاشۇ كۈنى ئۇ ئوۋ كىيىملىرىنى، يەنى ئۇزۇن شىم، ئارقا ئىتىگى ئوچۇق ئۇزۇن كەمزۇل ۋە ئۇستىدىن يەنە يىپەك كىمخاپدىن تونغا ئوخشىتىپ تىكىلگەن رىدا تاشلاپ ئالغانىدى. بېشىدا قىيىقچىگە ئوخشايدىغان، چېكىسىنى قاشلىرىغىچە بېكىتكەن بىر رومال. ئاپتاپ ئۇرماسلىقى ئۈچۈن يەلكىسىگە ئۇنىڭ پېشىنى چۈشۈرۈپ ھەم ئالغانىدى. شامالدا كىيىمى كۆتۈرۈلۈپ، يۈزىدىن باشقا ئەزالىرى كۆرۈنۈپ قېلىشىتىن ئېھتىيات قىلىپ، رىداسى ئۇستىدىن بېلىنى ھەم باغلاپ ئالغانىدى. جاھان ئۇزۇن بويلۇق، زىلۋا بولۇپ، چېھرىدە سالاپەت، ساغلاملىق ۋە ھۆسىن بەرق ئۇرۇپ تۇراتتى. ئۇنىڭ شەھلا كۆزلىرى شۇنداق باقار ئىدىكى، سېھر-جادۇ بۇندىن ئارتۇق بولماس. جاھانغا بىر قارىغان ياكى ئۇ بىلەن سۆزلەشكەن ھەر قانداق ئادەم ئەقلى ھۇشىدىن بىگانە بولۇر، ئۆزىنى يوقىتىپ قويار، تىلى كەلىمىگە كەلمەي قويۇر ئىدى. پۈتۈن ئىنان-ئىختىيارىنى جاھانغا بېرەر ئىدى-يۇ، بىر ئويۇنچۇق كەبى قىزغا بويسۇنۇشتىن باشقا چارىسى قالماس ئىدى. جاھاننىڭ ئوۋغا ياكى بىرەر ساياھەتكە ئاتلىنىۋاتقىنىنى ئاڭلىغانلار بىر كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن يولىغا پەشۋاز چىقار، ئۇنىڭ كۈتۈپ تۇرغانلار بىلەن تەبەسسۇم ئارىلاش سالاملىشىپ ئۆتۈشى ئادەملەرنى ئۆزىدە يوق خۇشنۇد ئېتەر ئىدى. ئەمما بۈگۈنكى ھالەت تامامەن ئۆزگىچە. قىزنىڭ چېھرىدىكى غەم كۆلەڭگىسى، تەبەسسۇمى بىلەن يوشۇرماقچى بولۇۋاتقان كۆزلىرىدىكى ياش ئادەملەرنى ھەيرەتتە قالدۇردى.  

  4

جاھان يۈزىدىن پەردىسىنى كۆتۈرۈپ، چىرايى ئۆچكىنىنى، چېچىنى تاشلاپ ئۆيدە يۈرگىنىنى كۆرسەڭ، ئۇنىڭ قانچىلىك شىجائەتلىك ۋە يۈرەكلىك ئىكەنلىگىنى بايقايسەن. دەسلەپ قارىغاندا ئۇنىڭ ئەسلى زاتى پارىسلاردىن بولغان ئاتىسىغا قىلچە ئوخشىماسلىغىدىن تەئەججۈپ قىلىدۇ كىشى. لېكىن ئۇنىڭ ئانىسى چىركەس ئىكەنلىكىنى بىلدىڭمۇ، تەبىئىيكى، بۇ تەئەججۈپ يوقىلىدۇ-دە، قىز ئانىسىغا تارتقانلىغىغا قانائەت ھاسىل قىلىسەن. ئانىسىدىن ئاڭا تاشقى قىياپەتلا ئەمەس، بەلكى چىركەسلەرگە خاس كۈچ-قۇۋۋەت، شىجائەت، ئەركسۆيەرلىك، چەۋەندازلىك ۋە ئوۋچىلىق كەبى خىسلەتلەر ھەم ئۆتكەندى. زىيرەكلىك، ئۆتكۈر ئەقىل كەبى پەزىلەتلەر ئاڭا ئاتىسىدىن ئۆتكەنىدى. مانا شۇنداق پەزىلەتلىرى تۈپەيلى ئۇ ھۆسىندىمۇ، سىپالىقتىمۇ زامانىسىنىڭ بەركامال قىزى بولۇپ يېتىشكەن ھەمدە پەرغانىلىكلەرنىڭ مۇھەببەت ۋە ھۆرمىتىنى قازىنىپ، ئۇلار ئارىسىدا «پەرغانە مەلەگى» دەپ نام ئالغان.

جاھان ھارۋىدىن چۈشتى. كۆرۈشۈش ئىشتىياقىدا ئۆزىنى كۈتۈپ تۇرغانلارغا كۆزى چۈشۈش بىلەن، قەلبىدىكى ئىزتىراپلارنى سەزدۈرۈپ قويماسلىك ئۈچۈن دەررۇ ئۇلارغا سالام بەردى. كېيىن مەھرىمىگە قاراپ، يېقىملىق ئاۋاز بىلەن:

- ئاي، ئېتىم قېنى؟ - دېدى. قىز ياشلىغىدىن  زور مېھر بىلەن تەربىيەت قىلغىنى ئۈچۈن ئۇنى سۆيۈپ، ئەركىلەپ «ئاي» دەپ چاقىرار ئىدى. جاھان دىلىدىكى گەپلەرنى ھەمىشە شۇ ئايالغا ئېيتاتتى، ئۇنىڭدىن ھېچ قانداق سىرىنى يوشۇرمايتتى. جاھان ھارۋىدىن ئىتتىك چۈشمىگىنىنىڭ  بائىسى ھەم مۇھىم بىر ئىش ئۈستىدە مەھرىمى بىلەن كېلىشىۋالماقچى بولغان ئىدى. ھەيزۇران ئاتباقارنى ئىملىدى، ئۇ ئۇسۇلغا چۈشكەندەك ئويناقلاپ تۇرغان ئاتنى جاھانغا كۆندۈلەڭ قىلدى. جاھان جىلمىيىپ، ئاستاغىنا ئاتنىڭ پىشانىسىنى سىلىدى. ئاتنىڭ پىشانىسىدا شىرنى ئەسلەتكۈچى بىر نەچچە ئوق يول بولغىنى ئۈچۈن قىز ئۇنى «شىر» دەپ ئاتايتتى. پىشانىسىنى سىلاۋاتقان ئادەمنى تونۇغان ئات دۈمبىسىنى سىلكىپ، ئاياقلىرى بىلەن يەر تەپتى.

ھەيزۇران قول قوۋۇشتۇرۇپ تىك تۇرغانلارغا قارىدى:

- سەئىدىمىز ئوۋغا بارماقچى، سىزلەر ھارۋا بىلەن بۇ يەردە قېلىپ، تائام تەييارلاپ تۇرىسىزلەر. ئارىڭىزدىن چاپقۇر ئىككى كىشى ئارقىمىزدىن يۈرسۇن. قىلغان ئوۋنى ئېلىپ كەلسۇن. شۇندىن كېيىن جاھان لىپ ئىتىپ ئۆزىنىڭ قاشقا ئېتىغا مىنىپ ئالدى. ھەيزۇراننىڭ ئاتباقارى فىرۇز بېگىگە ئېتىنى كۆندۈلەڭ قىلدى-دە، ئۇنى مىندۈرۈپ قويدى.

- ئەندى سەن ئارقاڭغا قايتىپ، ئاشۇ ئىككى كىشى بىلەن بارىسەن، - دېدى ھەيزۇران فىرۇزغا قاراپ.

بېرىشى كېرەك بولغان ئىككى كىشىنىڭ بىرى مارجان ئىدى. ھەيزۇران ئاتقا قامچا بېسىپ، سەئىدىسى جاھاننىڭ ئېتىغا يېتىپ ئالدى- دە، ئىككىلىسى يانمۇ-يان يۈرۈپ كەتتى. جاھان كاماننى  يەلكىسىگە تاقاپ ئالغان، ئوقدىنى ئىگەر قوشىغا ئېسىغلىق ئىدى. تەكشى يەرنىڭ كۆپ قىسمىغا ئېكىن تېرىلغان. ئۇزاق-ئۇزاقتىن شەھەر سىرتىدىكى تاغلار كۆرۈنەتتى. ئادەتتە جاھان ئوۋغا چىققاندا قاپلان ۋە ئىتباقارلارنى بىرگە ئېلىپ يۈرەتتى، كىيىك، ياۋا ئىشەك ۋە تاغ ئەچكىلىرىنى تاغ ئارىلىقىدىكى يوللار ۋە ۋادىلاردا ئوۋلىدى. بۈگۈن كىشىلەردىن خالى بولۇش مەقسىتىدە ھېچ كىمنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلمىدى. ئۇنىڭ «ئوۋغا چىقىمەن» دىگىنى بىر باھانە ئىدى، خالاس. جاھان بىلەن ھەيزۇران ئىككىلىسى كۆز كۆرۈپ، قۇلاق ئاڭلىمايدىغان خالى بىر يەرگە يەتكەنلىرىدە، ھەيزۇران مېھرىبانلىق بىلەن جاھانغا قارىدى- دە:

- مانا ئەندى ئىككىمىزدىن بۆلەك ھېچ كىم يوق، سېنىڭ ھەم، ئاناڭنىڭ ھەم مەخپى سىرلىرىنى ھېچ كىمگە ئىزھار قىلمىغىنىم ۋە  قىلماسلىگىم ئۆزۈڭگە ئايان. نىمىگە بۇنچىلىك پەرىشان ئىكەنلىكىڭنىڭ سەۋەبىنى ئەندى ماڭا ئېيتقىن،- دېدى. جاھان قاتتىق خۇرسىندى- دە:

- ئاي، قويۇڭ، شۇ گەپنى سورىماڭ. ئازغىنە بولسا ھەم كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن ئوۋغا چىققانمەن،- دېدى.

- مېنى راستلا ھەم ئوۋ قىلىش ئۈچۈن چىقتىم، دىگەن گېپىڭگە ئىشىنىدۇ دەپ ئويلايسەنمۇ؟ ئاخىر شۇ باھانە بىلەن خالى جاي تېپىپ سۆھبەتلىشىشىمىز كېرەكلىگىنى ساڭا ئېيتقان ئۆزۈم- ياكى دىلىڭدىكى گەپ ماڭا مەلۇم ئەمەس دەپ ئويلايسەنمۇ؟- دېدى ھەيزۇران كۈلۈپ.  

  5

جاھان ھەيزۇراننى چالغىتماقچى بولدى:

- دادام بىر نەچچە يىلدىن بۇيان دەرتكە قېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ-بىلىپ تۇرۇپ ھەم يۈرىكىم سىقىلىشىدىن ئەجەپلىنەرسىزمۇ؟ تىۋىپ ئۇنىڭ شىپاھ تېپىپ كېتىشى ئەمرى مەھۇل دىگىنىنى ئۆزۈڭىز ئاڭلىغانسىز-غۇ، ئاخىر. ئەگەر ئاتامغا  بىرەر گەپ بولسا، مەن يالغۇز قالىمەن. بۇ يەردە ھېچ كىمىم يوق. نە ئاتامنىڭ پارىس  مەملىكىتىدىكى قېرىنداش-ئۇرۇغلىرىنى، نە ئانامنىڭ كاۋكازدىكى ئۇرۇغ-ئايماقلىرىنى تونۇمىسام. قانداق...- دېدى-يۇ خورلىغى كېلىپ نەپىسى ھەلقۇمىغا تىقىلدىدە، سۆزىنى داۋام ئەتتۈرەلمىدى.

- سەئىدەم، ھاكىم ئەندى بىتاپ بولغانلىرى يوق-قۇ، ئۇ كىشىنىڭ دەرتلىرىدىن ئىلگىرىمۇ تەشۋىشلىنىپ يۈرەتتىڭ، لېكىن بۈگۈنكىدەك سىقىلماس ئىدىڭ. يوشۇرۇپ كېلىۋاتقان گېپىڭنى مەن ياخشى بىلىمەن، - دېدى ھەيزۇران.

جاھان ئەجەپلەنگەندەك ئاڭا نەزەر تاشلاپ، كۆڭلىنى بىلىپ ئېلىش مەقسىتىدە قاتتىق تىكىلدى. ئۇ دىلىدىكى گەپنى يوشۇرۇشقا قانچە ئۇرۇنمىسۇن، يۇزلىرى قىزىرىپ، ئىككى كۆزى چاقناپ بېرىۋاتقىنىنى ھەيزۇران سېزىپ تۇراتتى:

- ھە، سىرىڭدىن ۋاقىپمەن، لېكىن سەن ئۇيىلىپ، ئۇنى يوشۇرماقچى بولۇپ يۈرىسەن. مانا مەن ھازىر دىلىڭدىكى ھايانى يۇزىڭدە كۆرۈپ تۇرۇپتىمەن،- دېدى.

جاھاننىڭ يۈزىگە قان يۈگۈرۈپ، قىزىل گۇلدەك ئاچىلىپ كەتتى ۋە كۆزلىرى يېشىندەك چاقناپ، يۈرىكىدە قايناپ تۇرغان سۆيگۈ ھارارىتى سىرتقا تەپدى. كىشى ئۆز كۆڭۈل سىرىنى قانچە يوشۇرمىسۇن ياكى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنمىسۇن، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن كۆڭلىدىكىنى ئۇقۇپ ئېلىش مۇمكىن. كىشىنىڭ ئۆزى بىر گەپ ئېيتسا-يۇ، تىلى باشقا گەپنى ئېيتسا، تىلىنىڭ ئەمەس، كۆزىنىڭ توغرا چىقىدۇ، ئەلۋەتتە. خۇسۇسەن جاھانغا ئوخشايدىغان سەزگىسى نازۇك ۋە مەھرى زور كىشىلەردە كۆزنىڭ گېپى سۆزسىز توغرا كېلىدۇ. جاھان كاتتا يۇرەك، قەلپ ۋە كاتتا ئەقىل ئىگىسى ئىدى. لېكىن شۇ پەيتتە ئاياللارغا خاس كۆڭلى بوشلۇق ئۈستۈن كېلىپ، بېشىنى يەرگە ئەگكەنچە جىم تۇراتتى.

ھەيزۇران سۆز باشلىدى:

- بۇ سىردىن ۋاقىپ بولغىنىمغا ئەجەپلەنمىسەڭمۇ بولىدۇ. مەنلا ئەمەس، پۈتۈن ساراي ئەھلى بۇ سىرنى بىلىدۇ. پەقەت ئاتاڭلا بىلمەيدۇ، خالاس. سارايدىكىلەر ئانچە-مۇنچە ھېيىقىدۇ، بولمىسا، ئۇنى ئاتاڭغا يەتكۈزۈشكەن بولاتتى. ئوچۇقىنى ئېيتسام، بۇنداق قىلىشلىرىغا مەن رۇخسەت قىلمىدىم.

جاھان ئېتىنىڭ يولىنى تۈزىتىپ تۇرۇپ، بىردىن:

- ئاكام سامان-چۇ، ئۇ ھەم بۇ سىردىن ۋاقىپمۇ؟- دېدى.

ھەيزۇران ساماننىڭ نامى تىلغا ئېلىنىشىدىن ئاچچىقلاندى:

- قۇرۇق قالارمىدى ئاشۇ. ئۇ ھەممە نەرسەدىن خەۋەردار. ھەزەر ئەيلەشنى مەن ئاللىقىچان ساڭا ئېيتقان ئىدىم-غۇ. ھەيزۇران جاھاننىڭ ئاكىسىغا كۆڭۈل بوشلۇق قىلىۋاتقىنى ئۈچۈن كايىماقچى بولۇپ تۇرۇۋىدى،

بۇنى سەزگەن جاھان ئۇنىڭ گېپىنى بولدى:

- ئاكام ساماننىڭ ناباپ ھەركەتلىرىنى سېزىپ يۈرىمەن، لېكىن قانداق قىلاي: يەككە- يىگانە ئاكام. ئاڭا ئەيپ قويۇشقا يۈرىگىم چىدىمايدۇ. ئاكامنىڭ بەزى قىلىقلىرى بولمىسا ھەم، ماڭا بەك مېھرى بارلىغىنى سېزىپ يۈرىمەن. لېكىن شۇندا ھەم ھەر خىل سىرلارغا ئارىلىشىپ يۇرىشى ماڭا ماقۇل ئەمەس. ئۇ ماڭا سىر ساندۇقىغا ئوخشاش كۆرۈنىدۇ. كۆپىنچە ئۇ كۇن بويى ئاللىقايەرلەردە لەيلەپ  يۈرىدۇ. پۈتۈن پەرغانىنى ئىزلىسەڭ ھەم ئۇنى تېپىپ بولمايدۇ. كەلگىنىدىن كېيىن «قەيەردە ئىدىڭ» دەپ سورىسا ئېيتمايدۇ، ياكى مۇجمەل بىر جاۋاپ قىلىپ كېتىۋىرىدۇ. بەزى مىش-مىشلارغا قارىغاندا، ئۇ شەھەردىكى ئاتەشخانا باشلىقى بىلەن كۆپىنچە خۇپىيانە سۆھبەت قىلارمىش. ئۇنىڭ ئىچىدىن پىشقان ۋە ھىيلىگەرلىگى سىر ئەمەس.

- پىكىرىمچە، بۇ ئاتەشخانا باشلىقىنىڭ  بوباك* خۇررەمىي باشلىق مەخپى جەمىيەت كىشىلىرى بىلەن تىلى بىر بولسا كېرەك. بوباك شۇ قەدەر كۈچكە ئىگىكى، مۇسۇلمانلار خەلىفىسى ئۇنىڭدىن قورقۇپ قالدى. ئاكاڭ سامان شۇ جەمىيەت ئەزاسى بولسا ھەم ئەجەپ ئەمەس. مەيلى، ھېچقىسى يوق، خۇررەمىيلەر ھاكىمىيەتنى پارىسلارغا ئېلىپ بېرىش ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى جەڭ قىلىش تەدبىرلىكرىنى كۆرۈشمەكتە،- دېدى ھەيزۇران.  

داۋامى بار

ئەجەپ بىر قىسمىلا بولىۋاتىمەن دىسە......باشقا ئىشقا ئەمەس...زۇكامغا....

Rank: 1

توردا
11 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
0
يازما
115
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 18:28:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر چاغلاردا پەرغانە قىزى دەپ جۇرجى زەيداننىڭ بىر كىتابىنى ئوقۇغانىدىم ، شۇ كىتاب شۇمىدۇ ؟

Rank: 8Rank: 8

توردا
720 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
1215

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 18:46:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ....

ئەجەپ بىر قىسمىلا بولىۋاتىمەن دىسە......باشقا ئىشقا ئەمەس...زۇكامغا....

Rank: 2

توردا
42 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
0
يازما
38
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 20:17:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەت نىمە  كىچىك؟ شۇنداق ئوقۇغۇم بار ئىدى، كۆزۈم تورلىشىپ ئوقۇيالمىدىم دىسە.....

Rank: 8Rank: 8

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1938

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 20:34:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر كۈنى ئايرىم ۋاقىت چىقىرىپ ئوقۇپ ئاندىن تەسىراتىمنى سۆزلەي.
خەت كىچىك ئەمەسقۇ سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزدىكى ئىشمۇ يا؟

Rank: 2

توردا
42 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
0
يازما
38
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 21:04:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقا يوللانمىلار نورمال بولمىسا...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1373 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3420

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 21:14:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايدار قوللىرىڭىزغا دەرت يەتمىسۇن دوستۇم، ئىجادىي ئەسەرلىرىڭىزنىڭ يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىدە ئالىقىشقا ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن!

Rank: 8Rank: 8

توردا
720 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
1215

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 21:39:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت خەلقىم:lol :lol :lol

ئەجەپ بىر قىسمىلا بولىۋاتىمەن دىسە......باشقا ئىشقا ئەمەس...زۇكامغا....

Rank: 8Rank: 8

توردا
720 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
1215

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 13:08:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




6



-ئاكام ساماننى بىنۇقسان دىمەيمەن، لېكىن نىمە قىلايكى، ئاكام- دە. كېلىڭ، قويۇڭ، ئاشۇ ھەقتە گەپلەشمەيلى.
بۇ قىز ئۆز ئاكىسىنىڭ شۇنچىلىك بىمەنىلىگىنى، نىيىتى بۇزۇقلىغىنى سەزگەن ھالدا يەنە ئۇنىڭدىن ياخشىلىق كۈتۈپ يۈرۈشىدىن ئەجەپلەنگەن ھەيزۇران كۆزلىرىنى يەرگە تىككەنچە بىر ئاز خىيالغا چۆمدى، كېيىن بۇ باھسنى توختىتىپ، ئەۋەلقى ھەنگامەنى داۋام ئەتتۈردى:


- خوش، خىيالىڭنى پەرىشان قىلغان، كۆڭلۈڭنى بەنت قىلغان گەپنى ھېلى ھەم ئېيتىپ

بەرمەيسەنمۇ؟


مۇرەببىسى ئالدىدا ئۆزىنى ئاجىز سەزگەن جاھانغا قاتتىق تەسىر قىلدى. ئۇنىڭ نەپسانىيىتى غالىپ

كەلدى:



- ئايجان، مېنى ئاجىزە دىگەن پىكىرىڭىزدىن قايتىڭ، شۇنداق دەپ ئويلىسىڭىز، يېڭىلىشىسىز. پەرىشانلىغىم سەۋەبىنى بىلسىڭىز، قېنى ئۆزىڭىز ئېيتىپ بېرىڭ-چۇ.
ھەيزۇران گەپنى قىسقا قىلىپ قويدى:


-

پەرىشانلىغىڭغا سەۋەپ – زىرغام.
زىرغام نامىنى ئاڭلىغان زامان جاھاننىڭ
يۈرىكى قىنىدىن چىقتى، يۈزلىرىگە قان

يۈگۈردى، كۆزلىرى چاقنىدى. بۇنى كۆرگەن ھەيزۇران: «قىزىم، ئەندى بوينۇڭغا ئال، زىرغامنى سۆيۈشىڭنى كۆزلىرىڭ ئېيتىپ تۇرۇپتۇ»،- دېدى.

زىرغامنى سۆيۈشىمگە ھەيزۇران قانداق قاراركىن. ماقۇللارمىكىن-يوقمىكىن، دەپ جاھان ئۇنىڭ رايىنى بىلمەكچى بولۇپ، ئۈندىمەي تۇراتتى.
ھەيزۇران ئۆز پىكىرىنى بايان قىلدى:


- زىرغام ياخشى يىگىت، شىجائەتلىك ھەم باتۇر. پەرغانە ۋە پارىس مەملىكەتلىرىدە بەنازىر

يىگىت.


-خوپ، ئۇنىڭ باتۇر ۋە ياخشى يىگىتلىگىنى بىلەر ئىكەنسىز، ئۇنىڭ توغرىسىدا يەنە نىمىلەرنى بىلىسىز؟- سورىدى جاھان.
ھەيزۇران دىلىدىكى گەپنى ئېيتماقچى بولدى-يۇ،
لېكىن جاھاننى ئويلاپ، بىر لەھزە جىم قالدى. ئالدىنقى گەپلەردىن ناھايىتى دادىلللاشقان جاھان قايتا سورىدى:



- ئاي، ھېچ نەرسىدىن ئەندىشە قىلماي، پىكىرىڭىزنى ئوچۇق ئېيتىۋېرىڭ

.


- زىرغامنىڭ نەسل-نەسەبىنى ھىساپقا ئالمىغاندا، ئۇنىڭدىن مۇناسىپ يىگىت يوق. ئۇنىڭ نەسل-نەسەبىنى، ئاتىسى كىملىگىنى پەرغانىدە ھېچ كىم، ھەتتا ئۇنىڭ ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ. جاھان كامانىنى ئوينىغىنىچە ھەيزۇرانغا قارىدى:


- زىرغام توغرىسىدا ئادەملەر نىمە دىيىشىدۇ؟




- زىرغام شىجائەتتە، ساخاۋەت، ھۆسىندە، ئالىھىممەتلىك ۋە سىپالىقتا تەڭداشسىز يىگىت، دەپ ماختىشىدۇ-يۇ، لېكىن نەسەبىگە كەلگەندە بىرەر گەپ ئېيتالماي، بىر-بىرلىرىگە قارىشىدۇ، - سۆز باشلىدى ھەيزۇران، - ئانىسى ئۇنى قولدا كۆتۈرۈپ پەرغانىگە كەلگەن ۋاقتى مېنىڭ يادىمدا. ئۇ كېلىشكەن جۇۋان ئىدى. پەرغانىلىكلەردىن بىر نەچچىسى ئاڭا ساۋچى بولدى، كىشى قويدى، لېكىن ئۇ «ياق، ئەرگە تەگمەيمەن، بالامنى كاتتا چوڭ قىلىمەن» دەپ ئۇنىمىدى، كەمبەغەل بولۇشىغا قارىماي، بالىسىنى ياخشى پەرۋەرىش قىلدى. كېيىن جانابى ھاكىم- سېنىڭ ئاتاڭ ئۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، ئۆز ھۇزۇرلىرىغا چاقىرتتۇردى. ئۇنىڭ بېشىدىن نىمىلەر كەچكىنىنى سۇرىشتۈرگەنلىرىدە، ئەۋەلىدە ئېيتمىدى-يۇ، كېيىن ئېيتقان گەپلىرى مانا مۇنداق بولدى: «مەن ياش قىزچاق ئىكەنمەن، تۈركلەر سەھرادا ئانامنىڭ باغرىدىن تارتىپ ئېلىپ، ئىراققا كەلتۈرۈپ سېتىشقان ئىكەن. كېيىن بىر
ئىراقلىك قۇلپۇرۇشنىڭ ئۆيىدە تەربىيىلىنىپ، چوڭ بولدۇم. تەقدىر ئىكەن، ئاخىرى بېرىپ ئاشۇ يەرلىك بىر كىشىنىڭ قولىغا چۈشتۈم. ئۇ مېنى قۇللۇقتىن قۇتقۇزدى-يۇ، ئۆزىگە خوتۇن قىلىپ ئالدى. قارنىمدىكى بالا تۇغۇلماستىن ئۇ كىشى ۋاپات ئەتتى. بالا تۇغۇلغاچ، ھەممە نەرسىدىن ۋاز كېچىپ، بار-يوقۇمنى شۇنىڭ تەربىيىسىگە بېغىشلىدىم. «ئاتاڭ جانابى ھاكىم ئۇنىڭ گەپلىرىدىن قانائەتلەنمىگەن تۈستە، سىناپ كۆرۈش ئۈچۈن» ساراي ئەئيانلىرىدىن بىرەرسىگە سېنى ئۇزاتسام، نىمە دەيسەن» دىگەنلىرىدە، ئۇ ئېتىراز بىلدۈردى. شۇندا ھەم ئۇ كىشىنىڭ شۈبھىلىرى تارقىمىدى. كېيىن ئۇنى ئۆز سارايلىرى يېنىغا جايلاشتۇرۇپ، ھەممە روزغار-تىرىكچىلىگىنى پۈتۈن قىلىپ بەردى. ئۇ ياخشى چىۋەر ئىدى. سارايدىكى باشقا خىزمەتكارلار قاتارى ئىشلەپ يۈرۈپ، كۆزى دەرتكە مۇپتلا بولدى. شۇ كېسەل باھانە بولۇپ،









7

كۆزدىن ئايرىلدى، ئىشقا ھەم يارىماي قالدى. شۇندىن كېيىن ئاتاڭنىڭ ئۆيىدە قېپقالدى. بۇ يېقىنى ئۆزۈڭ ھەم بىلىسەن. زىرغام چوڭ بولغانچە، ئات مىنىشنى، كامان ئېتىشنى ئۆگەندى. ئۇندا زور قابىلىيەت پەيدا بولۇشقا باشلىدى. شۇندىن كېيىن ئاتاڭ- جانابى ھاكىم ئۇنى ئۆزلىرىگە سادىق مەھرەم قىلىپ ئالدى. ئۇنى جۇدا ياخشى كۆرەتتى، ئىستىدادىغا قايىل بولاتتى. بىر نەچچە يىل بۇرۇن خەلىفە مۇئتەسىم بۇ
تامانلاردىن تۈركلەر، پەرغانىلىقلار، ئۇشرۇسانالىقلاردىن ئەسكەرلىككە ئادەم سورىغان ۋاقتىدا زىرغام ھەم ئىختىيارىي رەۋىشتە يېزىلىپ، باغداتقا كەتتى. سەن يوشۇرۇپ يۈرگەن ئارىلىرىڭىزدىكى مۇھەببەتنى ئاشۇ ۋاقتىدا سەزگەن ئىدىم. ئەمما ئۇنىڭ قانداق قىلىپ سەندىن كۆڭۈل ئۈزۈپ، باغداتقا كەتگىنىدىن ھەيران ئىدىم. ئۇ بىچارە نەسل-نەسەب ۋە مەرتىۋىدە ئارىلىرىڭىزدا ئاسمان بىلەن يەرچە پەرق بارلىغىنى ئويلاپ، «مەن قەيەردە يۇ جاھانغا ئېرىشىش قەيەردە»، دەپ ئۇمىد ئۈزگەن بولسا كېرەك- دە.

ھەيزۇراننىڭ سۆزلىرىگە دىققەت بىلەن قۇلاق سېلىپ ئولتۇرارغان، جاھان: «ئادەمنىڭ ئادەملىگى شۇنداق پەيتلەردە مەلۇم بولۇشىنى بىلگىنى ئۈچۈن ئۇ مۇئتەسىمنىڭ خىزمىتىگە بېرىشقا بەل باغلىغان. سىز ئېيتقاندەك، «مەن قەيەردە-يۇ، جاھانغا ئېرىشىش قەيەردە» دەپ ئۈمىدسىزلەنگەندۇر بىچارە. ئەمما مەن ئۇنى ئۆزۈمدىن ئاللىقانچە ئەۋزەل كۆرىمەن. كىشى يەر-سۈيى، ئۆي-جايى ۋە مال-مۈلكى بىلەن ئەمەس، بەلكى پەزىلىتىگە قاراپ، ئەل-يۇرت ئارىسىدىكى ئابرويىغا قاراپ باھالىنىدۇ. سىز ئۆزىڭىزمۇ، باشقىلارمۇ ئۇنىڭ ئاجايىپ خىسلەتلىرىنى ماختاپ يۇرىسىزلەر-غۇ، ئاخىر. ئۇنىڭ
ئەسكەرلىك خىزمىتىدە شەرەپ تېپىشىغا مەن ئىشىنىمەن. تۈرلۈك جايلاردىن كەلتۈرۈلگەن قۇللارنى خەلىفە سېتىۋېلىپ تەربىيىلىگىنى ۋە ئەسكەرلىككە ئالغىنى، كېيىنچە ئۇلار ئۆز ماھارەتلىرىنى
كۆرسىتىپ، قوماندانلىق ۋەزىپىلىرىگىچە كۆتۈرۈلگىنىنى كۆپ ئاڭلىغانمىز. شۇنداق ئىكەن، زىرغامنىڭ فەزلى پەزىلەتلىرى مەلۇم-غۇ! ئۇنىڭ قابىلىيىتى ئۆزىڭىزگىمۇ، ماڭىمۇ ئايان-غۇ!»- دېدى. جاھان بۇ گەپلەرنى قاتتىق ئىشەنچ بىلەن، تىلىنى قاتتىق قىلىپ سۆزلىگەن، يۈرىكىدە مۇھەببەت ئەلەنگۈسى ئەۋج ئېلىۋاتقاندەك بولاتتى. جاھاننىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغان ھەيزۇران ئۇنىڭ زىرغامگا چىندىن ھەم كۆڭۈل بەرگەنلىكىگە
يەنە ھەم قاتتىقراق ئىشەنچ ھاسىل قىلدى. جاھاننى بۇ رايىدىن قايتۇرۇشقا سۆز تاپالماي، دېدى:



- زىرغامنىڭ مۇئتەسىم ئەسكەرلىرى ئارىسىدا يۇقورى مەرتىۋىگە ئېرىشىشىىگە ھېچ بىر شۈبھە يوق، ئەلۋەتتە. لېكىن باش قوماندانلىققا ئېرىشكىنى بىلەن ھەم كىشى پەرغانە مەلەگىگە مۇناسىپ بولالمايدۇ. ساڭا ئەمىرلەر ساۋچى قويۇپ تۇرۇشۇۋاتىدىغۇ. ھەيزۇران جاھاننىڭ كۆڭلى ئۈچۈن ياكى ئۇنى ماختاش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بار گەپنى ئېيتقان ئىدى. جاھاننى جاۋاپ قايتۇرۇش نىيىتىدىن چالغىتىش ئۈچۈن ھەيزۇران گەپنى ئاتايىن باشقا ياققا بۇراپ: «قىزىم، مەن جۇدا چارچىدىم»، - دېدى- دە، يان تامانغا قارىدى، ھەر قېتىم جاھان كېلىپ، ئوۋ قىلىپ كېتىدىغان
ۋادىلار يېقىنىدىكى بىر تۆپىلىككە كۆزى چۈشتى. ئاشۇ تۆپىلىككە ئىشارە قىلىپ: «شۇ يەرگە بېرىپ ئازغىنە دەم ئالساق، نىمە دەيسەن؟ كېيىن ئاتقا مىنىش قاچماس. سەن ياشسەن، سەپەر مۇشەققەتلىرى ماڭا ئېغىرلىق قىلىدۇ»، - دېدى.



- جۇدا ياخشى بولىدۇ، - ئۇنىڭ تەكلىپىنى ماقۇللىدى جاھان. ھەر ئىككىلىرى ئاتتىن چۈشۈپ، تۆپە تامان يول ئېلىشتى. ئاتباقار ئارقىدىن يېتىپ كېلىپ، ئىككىلى ئاتنى بىر چېكىگە يېتىلەپ، ئۇستىدىكى نىمەت يوپۇقىنى ئالدى- دە، تۆپىلىكتىكى يېسسە بىر تاش ئۈستىگە سېلىپ بەردى. جاھان بىلەن ھەيزۇران ئۇنىڭ ئۈستىگە ئولتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئاتباقار ئاتلىرىنى ئوتلاتقىلى كەتتى. ئىككى خىزمەتكارغا قاراپ جاھان: «ۋادىغا كىرىپ، ئوۋدىن دىرەك ئېلىپ چىقىڭلار»، دەپ ئەۋەتتى.

_______________
مىلادىي 826 -يىلغا توغرا كېلىدۇ.
* مەجۇسىيلار - ئاتەشپەرەستلەر. ئىسلام دىنى كىرىپ كەلگەنگە قەدەر ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى مەجۇسىي دىنىدا بولغان.
* مىرزابان ياكى مىرزۇبان- كاتتا يەر ئىگىسى، ئۇ شەھەر ھاكىمى ھىساپلىناتتى.
* بوباك- ئەرەپلەرگە قارشى ئەزەربەيجاندىكى مەشھۇر خۇررەمىيلەر قوزغىلىڭىنىڭ يولباشچىسى، 837 -يىلى ئۆلتۈرۈلگەن.



8


زىرغامنىڭ مەكتۇپى



ھەيزۇران جاھانغا قارىدى:


- سەئىدەم، گېپىمگە نىمە دېدىڭ؟




- مېنى شۇنچىلىك مۇبالىغە بىلەن كۆتۈرۈشىڭىز ۋە سۆيۈپ ماختىشىڭىز بائىز ئەمەس، چۇنكى مەن قىزىڭىزمەن. ھەر بىر ئانا ئۆز قىزىنى ماختاشقا چۈشۈپ كەتكەندە، «ئۇنى تالىشىپ پادىشاھلار بىر-بىرى بىلەن جەڭ قىلىشىپتۇ»، دىيىشتىن يانمايدۇ.


- مەن، ھەقىقەتنى، راست گەپنى ئېيتتىم. مانامەن دىگەن ئىران شاھلىرى رازىلىغىڭنى

كۈتىشىۋاتقىنى يالغان ئەمەس-قۇ ئاخىر؟
جاھان يەلكىسىنى قىستى. بۇ گەپلەرگە ئىشەنگۈسى كەلمىدى:


- ئىران شاھلىرى-مۇ؟ توۋا، ھازىر ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرى بار ئىكەنمۇ؟


جاھان ئۆزىنىڭ قانچىلىك يۇقورى مەرتىۋىلىك قىز ئىكەنلىكىنى چۈشۈنۈپ ئېلىش پەيتى يېقىنلىشىۋاتقىنىدىن ھەيزۇران ئۆزىدە يوق سۆيۈندى. زادى، ئۇ بار گەپنى ئېيتىۋاتقان ئىدى.


- سەئىدەم، يەلكەڭنى قىسما، ئىرانلاردا شۇنداق ئۇلۇغ شاھلار باركى، ئۇلار بۈگۈن-ئەتە خۇسراۋىيلار ھاكىمىيىتىنى قايتا تىكلەيدىغان بولۇپ تۇرۇشۇپتۇ. تەبەرىستان ھاكىمى موزىيورنى، ئەردەبىل ھاكىمى بوباك خۇررەمىينى بىلمەيسەنمۇ؟ مىڭ-مىڭلاپ قەھرىمانلار بۇ شەۋكەتلىك ئەمىرلەرنىڭ پەرمانىدا. لېكىن شۇڭا قارىماي، پەرغانە مەلەگىگە تىز چۆكۈپ، ئۇنىڭ

بىر كەرەمى ئۈچۈن جان ئېلىپ-جان بېرىشمەكتە.
جاھان، يېيىلىپ ئوتلاپ يۈرگەن قاشقا ئېتىغا نەزەر تاشلىغىنىچە، ھەيزۇراننىڭ گېپى

ياقمىغاندەك بوش سىلكىدى- دە:



- ئاي، شاھلىرىڭىزنى بېشىمغا ئۇرماڭچۇ، ماڭا زىرغامدىن بۆلەك ھېچ كىم كېرەك ئەمەس، موزىيورنى، بوباكنى نە قىلاي؟ ئەردەبىل ۋە تەبەرىستان بىلەن بىزنىڭ يۇرت ئارىسىدا

قانچە كۈنلۈك مۇساپە بار؟




- گېپىمگە ئىشەنمىسەڭ، بوباك خۇررەمىينىڭ كىملىگىنى، نىيىتى نىمىلىگىنى ئاكاڭ ساماندىن

سورا، - دېدى ھەيزۇران.
جاھان ئۆزىنى قولغا ئالدى- دە:


- ئاكام مۇشۇنداق بىر كىشىنى ھەدەپ ماختاۋاتقىنىنى ئاڭلىغانتىم، لېكىن ئۆزۈڭىز بىلىسىز-غۇ، ئۇنىڭ ھېچ بىر گېپىگە ئىشەنمەيمەن. بۇ گەپكە ئېتىبار بەرگىنىم ھەم يوق، نىمىگەكى، ھېچ كىم زىرغامنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ، ئەمىر ۋە پادىشاھلارنى ئۇنىڭ تىرنىقىغا ھەم تەڭ قىلمايمەن، - دېدى.


- ئۇ مەملىكەتلەرنى ئۇزاق دىسەڭ، مانا قوشنىمىز ئۇشرۇسانانىڭ ئەمىرى ئەفشىن-چۇ؟ ئۇ ھازىر باغداتتا ھەممە مۇسۇلمان ئەسكەرلەرنىڭ باش قوماندانى. ئۇ يېقىندا ئاتاڭنى

كۆرگىلى كېلىدۇ. ئاتاڭ ئۆى يېڭى يىل بايرىمىدا كېلىپ كەتگىن، دەپ ئاڭا خەت يازغان-

دېدى ھەيزۇران.

ھەيزۇران بىلەن شۇ چاغقىچە بىمالال گەپلىشىپ ئولتۇرغان جاھاننىڭ ئەفشىن نامىنى ئاڭلىشى بىلەن خىيالى قاچتى، تۈسى ئۆزگەردى، يۈرىكىگە غەشلىك چۈشتى. «بولدى، ئۇنىڭ ئېتىنىمۇ ھەم ئاتىماڭ»، - دىگەندەك قولىنى شىلتىپ، ھەيزۇراننى گېپىدىن توختاتتى.
ھەيزۇران يەنە گەپ باشلىماقچى ئىدى، جاھان نارازى ئاھاڭدا:- قويۇڭ، ئۇنىڭ گېپىنى قىلماڭ، نامىنى ئاڭلاشقا تاقىتىم يوق. سىز سېزىپ يۈرگەن خاپىلىغىمنىڭ بائىسى ھەم خۇددى ئاشۇنىڭ ئۆزى. ئۇنىڭ يېقىندا پەرغانىگە كېلىشىنى، يېڭى يىل بايرىمىنى بىزدە ئۆتكۈزۈشىنى ئاڭلاپ، ئۆزۈمنى قويغىلى جاي تاپالمايۋاتىمەن. بايرامنى باشقا بىرەر ئۇزاقراق يەرگە بېرىپ ئۆتكۈزۈش قولۇمدىن كەلسە، ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىمەن، - دېدى.
جاھاننىڭ ئەفشىننى شۇ قەدەر يامان كۆرۈشىدىن ئەجەپلەنگەن ھەيزۇران:


-

ئەفشىن ساڭا بىرەر يامانلىق قىلغانمىدى؟ - دەپ سورىدى.


-ياق، ماڭا يامانلىق قىلمىغان، بىر ئېغىز گەپ قىلغان ھەم ئەمەس. لېكىن ئۇ ئاتامنىڭ زىيارىتىگە كەلگىنىدىن بۇيان يامان كۆرۈپ
قالغانمەن، ئەپتىگە قارىغىم كەلمەيدۇ. كىم ھەققىدە نىمە دەپ ئويلىسام، خۇددى شۇ ئويلىغىنىمدەك بولۇپ چىقىۋەردى. بۇڭا ئۆزۈم ھەم ھەيرانمەن.







9



- تەئەججۇپ، - دېدى ھەيزۇران، - ئەفشىن زىرغامنىڭ باشلىقى ئىكەنلىكىنى، زىرغامنىڭ مەقسىتى مۇسۇلمان ئەسكەرلىرى ئارىسىدا شۆھرەت
قازىنىپ، ئەفشىن قوماندانلىرىدىن بىرى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈش، ئۇنىڭ بايرىقى ئاستىدا بولۇش ئىكەنلىكىنى بىلمەيسەنمۇ؟





- ياق، ئايجان، زىرغام ئەفشىنگە تەۋە ئەمەس، ئۇ خەلىفە قاراۋۇللىرىنىڭ باشلىقى، - دېدى جاھان. ھەيزۇراننىڭ چېھرىدە ھەيرانلىق ئالامىتى زاھىر بولدى.


-

شۇ سۆزلىرىڭنىڭ راستلىغىغا ئۆزۈڭ تولۇق ئىشىنىسەنمۇ؟


جاھان ئاڭا تىكىلىپ، تەبەسسۇم قىلدى:


- ھە، ئەلۋەتتە، مېنىڭ ئاڭا ئىشەنچىم سىزنىڭ پادىشاھلار مېنىڭ ۋىسالىمغا يېتەلمەي يۈرگىنىگە ئىشەنچىڭىزدىن ھەم زورراق، - دېدى- دە، قولىنى چۆنتىكىگە تىقىپ:


- ناھايىتى بولدى، ئۇنىڭدىن خەت ئالغانىدىم. ئۇ يېقىندا پەرغانىگە كېلىشىنى يازغان. لېكىن نىمە

ئۈچۈندۇر پەقەت دىرىكى يوق، - دېدى.
ئۇ خەتنى چىقىرىپ: «مانا ئۆزۈڭىز ئوقۇپ كۆرۈڭ»، دەپ ھەيزۇرانغا ئۇزاتتى. خەت قەدىمىي

پەھلىۋىي تىلىدا يېزىلغان ئىدى

:



«سامۇررادا ياشاۋاتقان زىرغامدىن، پەرغانىدىكى كۆڭلۈم پەرىشتىسى جاھانغا!
سەئىدەم! مەن سېنى ھەممە ۋاقت سەئىدەم دەپ ئاتايمەن، چۈنكى سەن پۈتۈن بارلىقنىڭ سەئىدەسىسەن، مېنىڭ سۆيگۈ گۈلۈمسەن. سەن قەلبىمنىڭ – پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنىڭ خوجىسىسەن. پەرغانىدىن چىققىنىمدىن بۇيان ناھايىتى يىللار ئۆتۈپ كەتتى. شۇ ۋاقتغىچە ساڭا مەكتۇپ يازمىدىم، توغرىسى، بۇنى ئۆزۈمگە ئەپ كۆرمىدىم. ھاكىمنىڭ قىزى، سەئىدە، مەلەگ جاھانغا خەت يېزىشنى مەندەك بىر پېقىر يىتىمگە كىم قويۇپتۇ، دەپ ئويلىدىم. سەن بىلەن ۋىدالىشىۋاتقان كۈنۈم ئۇلۇغ مەرتىۋىگە ئېرىشىش ئۈچۈن قولۇمدىن كەلگىنىچە تىرىشىمەن، سېنىڭ مەرتىۋەڭگە يېقىنلىشالمىسام، ئاستانەڭگە كېلىپ بېشىمنى ئۇرىمەن- دە، جۈپتى ھالاللىققا رازىلىغىڭنى سورايمەن. ئاشۇنداق يۇقۇرى مەرتىۋىگە ئېرىشەلمىسەم بەختىم قارا ئىكەن دەيمەن- دە، پىشانەمگە ئۇرۇپ، ھىجرىڭدا زار-زار يىغلاپ دۇنيادىن ئۆتىمەن، دىگەن ئىدىم. مەن بۇ يەرگە كېلىپ ئەسكەرلىككە يېزىلدىم. ئېغىر جەڭ مەيدانلىرىغا سېنىڭ نامىڭنى قەلبىمگە ياد قىلىپ كىردىم. نامىڭنى ئۆزىدە ساقلاۋاتقان كۆكسۈمنى ئوقلارغا تۇتتۇم. مۇبارەك، ئەزىز نامىڭ مېنى ھەممە پالاكەتلەردىن ئامان ساقلىدى. مەن ئەسكەرلىك خىزمىتىدە تۈرلۈك لاۋازىملاردا بولۇپ، ئاخىرى خەلىفە سارىيىدا قاراۋۇللار باشلىقى ۋەزىپىسىگە ئېرىشكىنىمدىن كېيىن ساڭا سۆيۈنچ خەۋىرىنى يوللاۋاتىمەن.
سەن، ئېھتىمال: - بۇ مەرتىۋىگە كۆتۈرۈلۈشتىن مەقسىتىڭ نىمە؟ - دەپ سورارسەن. ئوچۇقىنى ئېيتسام، مەقسىتىم شۇ مەرتىۋە تۈپەيلى سېنىڭ ۋىسالىڭغا يېتىشتۇر. سەنسىز

ھايات ھايات ئەمەس ماڭا.

مەن جانابى ھاكىمنى زىيارەت قىلىشقا، سۆيگۈنۈم جاھاننى كۆرۈشكە مۇشەررەپ بولۇش ئۈچۈن پەرغانىگە بېرىشنى نىيەت قىلغان ئىدىم، خەلىفىلىككە تىزلىكتە يەتكۈزىدىغان بەزى تەشۋىشلىك خەۋەرلەر چىقىپ قالمىغىنىدا، ئاللىقاچان پەرغانىدە بولاتتىم.
پەرغانە سەپىرىگە ئاتلىنىش ئۈچۈن ھازىر قۇلاي
بىر چارە تېپىلدى. ئۆزۈڭ بىلىسەنكى، خەلىفە مۇئتەسىم باغدات يېقىنىدا تۈرك ئەسكەرلىرىگە ئاتاپ سامۇررا دىگەن مەخسۇس شەھەرچە بىنا قىلغان. مەن ھەم شۇ يەردە تۈرك ئەسكەرلىرى بىلەن بىرىمەن.

ئىسلام مەملىكىتى - باغداتتا پەيدا بولغان تۈرلۈك ئىسيانچى گۇرۇھلارنى خەلىفە ئاشۇ تۈرك ئەسكەرلىرى كۈچى بىلەن باستۇرماقچى. تۈرك ئەسكەرلىرى شەھەر ئەتراپىدىكى ئاھالە بىلەن ئارىلاشسا، كۈچ-قۇۋۋىتى، شىجائىتى كېتىپ قېلىشىدىن قورققان مۇئتەسىم ماۋەرائۇننەھىردىن چۆرە تۈرك قىزلىرىنى سېتىۋېلىپ، ئاشۇ ئەسكەرلەرنى ئۆيلەندۈرمەكچى، پەرغانىگە بېرىپ چۆرىلەر سېتىۋېلىش ئۈچۈن بىر قانچە كىشىنى تاللاپ قويدى. ئاشۇ كىشىلەر بىلەن بىرگە مەن ھەم ۋەتىنىمگە بېرىپ كەلمەكچى ئىكەنلىكىمنى خەلىفىگە ئېيتىپ، رۇخسەت ئالدىم. شاياد، يېقىن ئارىدا دىدار كۆرۈشسەك. خەتنى ساڭا يەتكۈزۈشنى ئىشەنچلىك كىشىلىرىمدىن بىرىگە تاپشۇردۇم. ئايىمدىن ساڭا سالام

». ھەيزۇران خەتنى ئوقۇپ بولغاچ، جاھاننى قۇچاقلاپ ئۆپدى:



- ساڭىمۇ، زىرغامغىمۇ مۇھەببەت مۇبارەك بولسۇن. زىرغام، ئەلۋەتتە، ساڭا مۇناسىپ يىگىت. «كىشى ھاياتدا مال-مۈلكى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئادەمىي پەزىلەتلىرى بىلەن قەدىرلىك»








10



- دىگەن گېپىڭ توغرا. ئۇ باتۈرلۇقى ۋە غەيرەت-شىجائىتى بىلەن ھازىردىنلا ساقچىلار باشلىقى لاۋازىمىنى ئىگەللىگەن بولسا، بىر نەچچە يىللاردىن كېيىن جۇدا ئۇلۇغ مەرتىۋىلەرگە ئېرىشسە ئەجەپ ئەمەس. ئىسلام دۆلىتىنىڭ ۋەزىيىتىدە جەڭگى جىدەل قىياپىتىدە، زىرغامدەك يىگىت يەنە ھەم يۇقۇرىراق

مەرتىۋىلەرگە كۆتۈرىلىشىگە نىمە توسقۇنلۇك قىلاتتى؟
ھەيزۇران دىلىدىكى گەپنى ئېيتقىنى ئۇچۇن، جاھان بەك خۇرسەند بولدى-يۇ، ئەمما كەينىدىن لېكىنى چىقىپ قالدى:
- بۇ خەتنى ئالغىنىمغا بىر نەچچچە ئاي بولدى. ھېلىغىچە زىرغامدىن دىرەك يوق، بىلمىدىم، نە ھادىسە يۇز بەردىكىن؟


ھەيزۇران: «تەشۋىشلەنمە، ئۇ ئەلبەتتە كېلىپ قالىدۇ، لېكىن...» دېدى-يۇ، كۆڭلىگە بىر نەرسە كەلگەندەك ئويلىنىپ، بېشىنى تۆۋەن سالدى

.

-

خوش، ئايجان، ئېيتىڭ، نىمە لېكىنى بار، - دېدى جاھان.

- لېكىنى شۇكى، سېنى زىرغامغا بېرىشكە ئاتاڭ رازىلىق بەرمەسمىكىن دەپ قورقىمەن.
- توغرا، مەن بۇ گەپنى ئاتاملارغا ئېيتقىنىم يوق، لېكىن ئىشەنچىم كامىلكى، ئۇ كىشى زىرغامنى ياخشى كۆرىدۇ، جۇدا ھۆرمەت قىلىدۇ. ئۇندىن كېيىن، مەن نىمىنى ئىستىسەم، ئاتام ئۇڭا قارشىلىق قىلمايدۇ.
- سەئىدەم، جانابى ھاكىم زىرغامنى ياخشى كۆرۈشىنى، ھۆرمەتلىشىنى ياخشى بىلىمەن، لېكىن بۇ يەردە باشقا بىر گەپ بار. شۇنى ئويلاپ كۆردۈڭمىكىن؟- دېدى

ھەيزۇران.

- قانداق گەپكىن؟- دېدى ئاۋازى ئۆزگىرىپ جاھان.
- بىلىشىمچە، زىرغام مۇسۇلمان، سەن بولساڭ ئىسلام دىنىغا كىرگەن ئەمەسسەن. ئۇ سېنى خوتۇنلۇققا ئېلىشى قانداق بولاركىن؟


جاھان:
- مەن ھەم مۇسۇلمان بولسام نىمە قىلار؟ ئاخىر ئىسلام دىنى ھازىر دۆلەت دىنى-غۇ،- دېدى.
-ئاتاڭ، قەۋم-قېرىنداشلىرىڭنىڭ دىنىدىن قانداق قىلىپ ۋاز كېچەلەيسەن؟


- بۇ دىن زىرغام بىلەن مېنىڭ مۇھەببىتىمىزگە غەم بولىدىغان بولسا، مەن ئەلبەتتە، ئۇندىن ۋاز كېچىمەن. چۈنكى مەن بۇ دۇنيادىمۇ، ئۇ دۇنيادىمۇ سۆيگۈم قايەردە

بولسا، ئاشۇ يەردە بولۇشنى ئىستەيمەن.

جاھان شۇنداق دەپ جىلمايدى. ئۇنىڭ كۆزىدىن مارجاندەك ياش ئېقىپ، يۇزىگە چۇشتى. گەپ سوزۇلۇپ، ئەھۋال ئېغىرلاشقىنىنى سەزگەن ھەيزۇران جاھاننى ئالدىراتماقچى بولۇپ، جايىدىن قوزغالدى ۋە گەپنى باشقا تېمىغا بۇرىدى:
- كۈن ئاللا-پاللا بولۇپ قالدى، سەن بولساڭ، ھېلى ھەم ئوۋغا كىرىشكىنىڭ يوق، ئېتىڭنى مىن، مەن كەينىڭدىن كۈزىتىپ يۈرىمەن. كىيىك ئوۋلاشتىكى ماھارىتىڭنى كۆرۈپ، بىر تاماشا قىلاي، قىزىم.


* * *
جاھان «ئېتىمنى، كامان ۋە ئوق
يالىرىمنى ئېلىپ كەل» دىگەندەك قىلىپ، ئاتباقارغا ئىملىدى. كېيىن ئۇ قايەردا ئوۋ ياخشى بولاركىن دەپ مولجاللاپ تاغ تامانغا كۆز يۈگۈرتتى. بىردىن يېقىن يەردىكى تاش ئۇستىدە بىر تاغ تېكىسى ئويناقلاپ يۇرگىنىنى كۆرۈپ قالدى. ئىلگىرى بۇ يەردە تاغ تېكىسىنى ھېچ كۆرمىگەن ئىدى. ئۇ دىققەت بولۇپ، «فىرۇز، كاماننى تىز ئەكەل»، دەپ ئاتباقارغا خىتاپ قىلدى.

كامان قولىغا تەككەچ، دەررو ئۇنى ئوقلىدى-دە،
تاغ تېكىسىنى نىشانغا ئالدى. ئوقنى ئېتىش ئالدىدا جاھان «ئەگەر شۇ ئوقنى ئۇڭا تەككۈزەلىسەم، زىررغامغا يېتىمەن، ئۇ بىلەن تىزدا

كۆرىشىمەن. باردى-يۇ، ئوق تەگمەي قالسا، زىرغام بىلەن تىزدا ئۇچرىشىشىم قىيىن بولىدۇ»، دەپ كۆڭلىگە پۈكتى. تېكە ھامان ئاشۇ تاش ئۇستىدە بۇلار تامان قاراپ تۇرار ئىدى. جاھان ئوق ئۈزدى. ئوق فازىدا ۋىژىللداپ تېكە تامان ئۇچۇپ كەتتى.

ھەيزۇران ئوق بېرىپ يەتمەستىن تېكە قېچىپ كەتسە، نىمە بولدى، دىگەن خاۋاتىر بىلەن

ئۇندىن كۆزىنى ئۈزمەي تۇراتتى.

داۋامى 8

ئەجەپ بىر قىسمىلا بولىۋاتىمەن دىسە......باشقا ئىشقا ئەمەس...زۇكامغا....

Rank: 8Rank: 8

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1938

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى 14:11:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاھان مەلىكە رىزغام بىلەن كۆرۈشەلەرمۇ؟
مېنىڭچە ئوق تېكىگە تەگمىدى. بۇ ئىككىسى خېلى جاپا-مۇشەققەتلەردىن كېيىن كۆرۈشكىدەك.
بۇ گۈزەل مەلىكە ئاشىقى ئۈچۈن ئۆز دىنىدىن كېچىپ ئىسلام دىنىغا كىرىدىغاندەك قىلىدۇ.
ئايدار ھەدە، داۋامىنى تېزراق يوللىسىڭىز، ئاخىرىنى ئوقۇشقا قىزىقىپ قالدىم. جاھان مەلىكىنىڭ باتۇرلىقى مېنى بۇ رومانغا قىزىقتۇرۇپ قويدى.
ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ياسىنجان سادىق چوغلانىنىڭ <<جاللات خېنىم>> رومانىنى ئوقۇغان ۋاقتىمدا مەلىكە مۆھتىرەم خېنىمنىڭ قەيسەرلىكى مېنى بەكلا قايىل قىلغان ئىدى. ئەپسۇس روماننىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە مەلىكە مۆھتىرەم خېنىمغا بولغان ھۆرمىتىم تۆۋەنلەپ كەتتى.:L

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى 22:27 , Processed in 0.307593 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش