يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

ئىگىسى: Aydar

رومان-پەرغانە كېلىنى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
495 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1893

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى 09:33:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقلاپ قالدىم ئايدارخان ....:@

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 8Rank: 8

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1938

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى 09:36:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
:( ھەدە ئاخىرى؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

Rank: 8Rank: 8

توردا
813 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
1384

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى 10:02:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  11
تېكە يېقىلدى، كېيىن قېچىپ بېرىپ ئىككى خەرسەڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر چوڭقۇرلۇققا بۇرۇلدى. تېكىنىڭ يىقىلغىنىنى كۆرگەن جاھان سۆيۈنگىنىدىن: «ئەنە يېقىلدى. مارجان، يۈگۈر، ئۇنى ئېلىپ كەل»، دەپ بۇيرىدى. مارجان، ھەمراھى ۋە ئاتباقار ئۈچىلىسى تېكە تامان چېپىپ كېتىشتى. جاھان سۆيۈنگىنىدىن يۈرىكى يېرىلغۇدەك بولدى. ھەيزۇران كۈلۈپ، ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى:
- بۇ تېكىنى غۇلاتقىنىڭدىن جۇدا خۇرسەند بولدىم. ئوقۇڭ ئاڭا تەككىنى ئۈچۈنلا ئەمەس، ياق. سەن ئۇنى نىشانغا ئېلىۋاتقىنىڭدا مەن، «ئەگەر جاھان شۇنىڭغا تەككۈزەلىسە، ئەلۋەتتە زىرغامغا ھەم يېتىدۇ»، دەپ خىيالىمدىن ئۆتكۈزگەن ئىدىم. ئەندى، قىزىم، ئەلۋەتتە مەقسىتىڭگە يېتىسەن. خۇرسەندلىگىم مانا شۇندىن.
جاھان جىلمىيىپ دېدى:
- مەن ھەم خۇددى شۇنى كۆڭلۈمگە كەلتۈرگەن ئىدىم. ئەندى «زىرغام سېنىڭ مۇناسىپىڭ»، دەپ ئېيتالارسىزمۇ؟
- مەن مۇلاھىزىلىرىمنى ساڭا ئېيتقان ئىدىم. ھازىر زىرغامغا مۇھەببىتىم جۇدا ھەم ئېشىپ كەتتى.
ئۇلار شۇ ھالدا ھەزىللىشىپ كۈلۈشتى. ھەيزۇران ئۆز پىكىرىنى ئوچۇق ئېيتىپ، جاھاننىڭ كۆڭلىگە چىراق ياققاندەك بولدى. تاغ تېكىسىنى ھەيدەپ كېلىۋاتقانلارنىڭ ھايقىرىق ئاۋازىنى ئاڭلىغان جاھان ئۇلار تامان يۈگۈردى. تېكە ئۆلگەن ئىدى. ئۇنىڭ بىر ئوق بىلەن ئۆلگىنىدىن جاھان ئەجەپلەندى. ئۇنىڭ ئوقى ھامان تېكىنىڭ بىقىنىدا سانچىغلىق تۇراتتى. ئۇ يەنە باشقا بىر ئوق تېكەنىڭ بوغۇزىدا سانچىلىپ ياتقىنىنى كۆرۈپ قالدى- دە، «ھوي، بۇندا ئىككى تال ئوق بار، مەن پەقەت بىر تال ئاتقان ئىدىم-غۇ، مانا بۇ ئىككىنچى ئوقنى قاراڭلار، بۇ قەيەردىن كېلىپ تەگدى؟ مارجان، بۇ ئوقنى دەررۇ چىقىرىپ ئال!» دەپ، خىزمەتكارغا بۇيرىدى. مارجان جۇدا قىيىنچىلىق بىلەن ئوقنى تارتىپ ئالدى ۋە «تېكە شۇ ئوق بىلەن ئۆلگەن»، دەپ ئۇنى جاھانغا ئۇزاتتى. جاھان ئوقنى ئالدى- دە، بارماقلىرى بىلەن ئۇ ياق-بۇ ياقنى ئاختۇرۇپ كۆزدىن كەچۈردى. ئوقنىڭ پېتىدا ئەرەپ تىلىدا يېزىلغان بىر خەتكە كۆزى چۈشتى. جاھان ئەرەپچە خەتنى ئوقۇشنى بىلەتتى. ئۇ خەتنىڭ ھەرپلىرىنى ھىججالاپ تۇرۇپ، بىردىن «زىرغام» دەپ ئوقۇدى- دە: -مانا بۇ ئوقتا زىرغامنىڭ ئىسمى يېزىلغان ئىكەن،- دېدى. مارجان ھەم ئەرەپ ھەرپى بىلەن بىتىلغان يېزىقلارنى بىلگىنى ئۈچۈن، ئۇنى ئوقۇپ كۆردى- دە: «ھە، توغرا، بۇندا زىرغامنىڭ ئىسمى بار»،- دېدى.
بۇ تەساددىفدىن ھاڭ-تاڭ بولۇپ قالغان جاھان ھەيزۇرانغا قارىدى. ئېسەنگىرەپ قالغىنىنى ئىككى ئەركەكتىن يوشۇرماق ئۈچۈن ئۇ ئۆزىنى دەرھال قولغا ئالدى. كېيىن ئۇلارغا قاراپ: «تېكىنى بىرەر يەرگە ئېلىپ بېرىپ سويۇڭلار- دە، نىمە قىلساڭلار، ئىختىيار ئۆزلىرىڭىزدە»،- دېدى. ئۇلار ئۇزاقلاشقاچ، ھەيزۇرانغا قاراپ:
- بۇ ھادىسىگە نىمە دەيسىز؟- دېدى.
- مېنىڭچە،- دېدى ھەيزۇران،- زىرغام شۇ ئوتتۇرىدا بولۇشى كېرەك. بۇ ئوق بىلەن تېكىنى ئاتقان ھەم مۇقەررەر ئاشۇنىڭ ئۆزى. لېكىن تېكە جاراھەتلەنگىنىچە ئۇزاق يەرلەرنى بېسىپ كەلگەنگە ئوخشايدۇ، چۈنكى تاغ تېكىلىرى بۇ يەردىن ئۇزاق بولغان تاشكەنت دەرياسىنىڭ* قىرغاقلىرىدا يايلاپ يۈرىدۇ.
جاھان «بۇ چۈشۈممۇ يا ئوڭۇممۇ» دەپ خىيالغا چۆمدى ۋە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ:
-بۇ جۇدا غەلىتە تەساددىف، ئەمما ھېلى ھەم مەن يېڭىلىشتىممىكىن دىگەن خاۋاتىردىمەن. لېكىن كۆڭلۈم بۇنى راست دەپ ئېيتتى. خوپ، مەيلى، گۇمانىمىز توغرا چىقسا، ئۇنى سىز ھازىر قەيەردە دەپ ئويلايسىز؟ - دېدى.
- ئۇ پەرغانىگە كىرىشتىن ئەۋەل دەم ئېلىش ئۈچۈن بىرەر ساي ئەتراپىغا چۈشكەن بولسا كېرەك. لېكىن مەن بۇ تامانلاردا تاشكەنت دەرياسىدىن بۆلەك سۇ بارلىغىنى بىلمەيمەن، ئېھتىمال، ئۇ دەريانىڭ شەرقىي قىرغىقىغا چۈشكەن بولسا كېرەك،- دېدى ھەيزۇران.
جاھان سورىدى:
-سىز ئېيتىۋاتقان قىرغاق بۇ يەردىن ئۇزاقمۇ؟
- بىر-ئىككى پەرسەھ* كېلىدۇ، ئاشۇ تامانغا بارغىڭ كېلىۋاتقان ئوخشايدۇ-ھە؟
خىجالەت ئارالاش تەبەسسۇم قىلغان جاھان، نىمىگە بۇنداق سوئال سورغىنىنى ئېنىق بىلىش ئۈچۈن ھەيزۇراننىڭ كۆزىگە تىكىلدى. ئۆزىنىڭ پىكىرىگە قوشۇلۇۋاتقىنىنى سېزىپ، ھەيزۇرانغا: «ھە، بىز ئۇنى ئىزلەپ بارساق، قانداق بولاركىن دەيسىزدە»،- دېدى.
  12
ھەيزۇراننىڭ ئاڭا رەھمى كەلدى، كۆڭلىگە قول سېلىپ كۆرمەكچى بولدى:
- كىشىلەر ئاڭلىسا، جاھان زىرغامنى ئاتايىن ئىزلەپ باردى، دەپ گەپ قىلىشىدۇ. ئەمما تەساددىفان ئاڭا يولۇقۇپ قالساق-چۇ، ئۇندا ھېچ كىم ھېچ نەرسە دىيەلمەيدۇ. يەنە شۇنى ھەم بىلىپ قويكى، يول ناھايىتى يىراق، مۇشەققەتلىك، ئاڭا چىدالايسەنمۇ؟
جاھان: «ئاتقا مىنىپ ئالغىنىمىزدىن كېيىن نىمە مۇشەققەت بولاتتى. قېنى، قوزغىلىڭ، كەتتۇق»، - دېدى- دە، ئىككى ئەركەك تامانغا قارىدى. ئۇلار ئۇزاقتا، ھېلى ھەم تېكە سويۇش بىلەن ئاۋارە ئىدى. جاھان ئۇلارنى چاقىرماقچى بولۇۋاتقىنىنى سەزگەن ھەيزۇران، ئالدىنراق: «بولمىسا، مەن خىزمەتچىڭ فىرۇزنى چاقىرىپ كېلەي، ئۇ سېنىڭ جىلاۋىڭدىن يۈرسۇن، ئىككىنچىسىگە قالغان خىزمەتچىلەر بىلەن شەھەر دارۋازىسى يېنىغا بېرىپ، بىزنى كۈتۈپ تۇرۇشقا پەرمان قىلساڭ»، - دېدى.
ئۇنىڭ بۇ مەسلىھەتى جاھانغا ماقۇل چۈشۈپ، «جۇدا سۆز بولدى» دېدى. ھەيزۇران خىزمەتچىلەر ئالدىغا بېرىپ، «بۇياققا كەل»  دەپ فىرۇزنى ئىملىدى. دەررۇ يۈگۈرۈپ كەلگەن فىرۇزغا: «ھەمراھىڭغا بېرىپ ئېيت، ئۇ باشقا خىزمەتچىلەرنى ئېلىپ تىزرەك شەھەر دارۋازاسىغا بارسۇن- دە، بىزنى كۈتۈپ تۇرۇشسۇن. ئۆزۈڭ ئىككىلى ئېتىمىزنى ئېلىپ كەل، بىزنىڭ يېنىمىزدا بارىسەن»، - دېدى. فىرۇز تاپشۇرۇقنى بىجىرىپ بولغاچ، جاھان بىلەن ھەيزۇران قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى بىلەلمەي ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن يولغا چۈشتى.
_____________
* سىردەرياسىنى كۆزدە تۇتىدۇ
* فەرسەھ - 8 كىلومىترغا تەڭ.

زىرغام ۋە جاھان

شاياد، سۆيگۈنۈم كېلىۋاتقىنىنى كۆرسەم، دەپ كۆزلىرى تۆت بولۇپ بېرىۋاتقان جاھان ئاتنىڭ بېشىنى ئەنھار تامانغا بۇرىدى. ئۇنىڭ يېنىدا ئات مىىنگەن ھەيزۇران باراتتى. تىككە كەلگەن قۇياش تىغى ئاستىدا چوڭقۇر خىيالغا چۆمۈپ بېرىۋاتقان جاھان بۈگۈن ئوقەت يىگەن- يىمىگىنىنى ھەم ئۇنۇتقانىدى. ھېلىغۇ ئوقەت ئىكەن، مۇھەببەت دەرتىگە يولۇققان ئادەم ئۆزىنىڭ جاھاندا بار-يوقلۇقىنى ھەم ئۇنۇتۇپ قالىدۇ. جاھان ۋە ھەيزۇراننىڭ ئاتلىرى ئىلدام-ئىلدام ئېكىن تېرىلغان يەرلەردىن ئۆتۈپ باراتتى، پەرغانە مەلەگىنى تونۇيدىغان ئاشۇ يەرلىك چاكارلارنىڭ كۆزى ئۇلارغا چۈشتى. ئۇلار جاھاننىڭ ئۆزىنىلا ئەمەس، قاشقا ئېتىنىمۇ، خىزمەتچىسىنىمۇ تونۇشاتتى. ئاۋام جاھاننىڭ ھۆرمىتى يۇزىسىدىن ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، ئاڭا تازىم قىلىشتى. لېكىن خىيالى پەرىشان قىز ئۇلارغا ئېتىبار بەرمىدى، ئادەتتىكى تەبەسسۇمىنى ئۇنۇتتى. خىيال دەرياسىغا غەرق بولۇپ بېرىۋاتقان جاھاننىڭ پىكىرىنى ئىككىلى  ئاتنىڭ باراۋەر كىشنىشى بۇزدى، ئۇ يىراققا نەزەر تاشلىدى. يول ئۇستىدە تۈركمەنلەرنىڭ كەبى قۇببىلىك چېدىرلار تىكىپ ئولتۇرغان ئادەملەرگە كۆزى چۈشتى. ئىلگىرى تۈركمەنلەر ئەنە شۇنداق تۆپىسى قۇببىلىك توغراق چېدىر تىكىپ ئولتۇراتتى. چېدىرلار ئارىسىدا تۆت-بەش ئات كۆرۈندى. يىگىتلەر ئىككى بىيىنى سېغىۋاتقان ئىدى. سەھرايى ئەرەپلەر تۆگە  سۈتىنى ئىچكەندەك، تۈركىستان چۆللىرىدە ياشايدىغان كۆچمەنچىلەر ھەم بىيە سېغىپ، سۈتىنى ئىچىشەتتى. جاھان ئۇلارنىڭ ئالدىغا بارسا، گەپكە تۇتۇلۇپ قېلىشدىن چۆچىدى- دە، يولىنى باشقا تامانغا بۇرىدى. لېكىن ھەيزۇران ئاتنىڭ جىلاۋىنى چېدىرلار تامانغا بۇرىدى. «زىرغام توغرىسىدا بۇلاردىن بىر سۈرۈشتۈرۈپ كۆرسەك، شۇ يەرلەردىن ئۆتكەن بولسا، ئۇلار كۆرۈشكەن بولسا ئەجەپ ئەمەس، دەريا تامانغا يۈرسەك، يولىمىز ناھايىتى قىسقىرار ئىدى دەيمەن»، - دېدى.
ئۇنىڭ بۇ پىكىرى جاھانغا ماقۇل چۈشكەندەك، ئۇ ھەم ئېتىنىڭ جىلاۋىنى چېدىرلار تامانغا بۇرىدى. بۇلارنى كۆرگەن بالىلاردىن بىرى جاھاننىڭ قىياپىتىدىن «بۇ ئەلۋەتتە بىرەر ئەمىرنىڭ قىزى بولسا كېرەك»، دەپ ئويلىدى- دە، مېھمانلارنى كۈتۈپ ئېلىش كېرەكلىگىنى خەۋەر قىلىش ئۈچۈن چېدىرغا، ئاتىسى تامانغا يۈگۈردى.
بالىنىڭ ئاتىسى- مويسىفىت دېھقان ھاسسىسىغا تايىنىپ كەلگەن، جاھانغا كۆزى چۈشۈش بىلەنلا ئۇنى تونىدى. بالىلىرىنى چاقىرىپ: «مېھماننى ئېتىدىن چۇشۈرۈڭلار»،- دېدى. لېكىن
  13
جاھان ئاتتىن چۈشكىسى كەلمەي، دېھقانغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى. كېيىن ئۇ «قېنى، بوۋاينى گەپكە سېلىپ كۆرۈڭ-چۇ»، دىگەندەك ھەيزۇرانغا قارىدى. ھەيزۇران:
-سەئىدەم، ئاتتىن چۈشۈڭ، بىر ئاز دەم ئېلىپ، كېيىن يەنە يولغا چىقارمىز،- دېدى. جاھان ھەيزۇراننىڭ تەكلىپىنى نائىلاج قۇبۇل قىلدى. فىرۇز باشقا ئاتلارنى كۆرسە، كىشنەپ، بۇلارنىڭ گېپىگە ھالاقىت بەرمىسۇن، دەپ ئىككىلى ئاتنىڭ يۈگىنىدىن تۇتۇپ نېرىراققا ئېلىپ كەتتى. جاھان بىلەن ھەيزۇران پىيادە يۈرگەچ، چال ساددىلىق ۋە مۇلايىملىق بىلەن ئۇلارغا:
- بىزنىڭ كۈلبەئى ۋەيرانىمىزغا مەلىكەم مۇبارەك قەدەملىرىنى بىر تەگكۈزۈپ، تەۋەرۈك قىلىپ كەتسە ياخشى بولاتتى، - دەپ ئۇلارنى ئۆز  چېدىرىغا تەكلىپ قىلدى. جاھان ئۇيالغىنىچە چېدىرغا كىردى- دە، ئۆزى ۋە ھەمراھى ئۈچۈن يېپىلغان پوستەككە ئولتۇردى.
ھەيزۇران سۆز باشلىماستىنلا چالنىڭ ئوغلى ساپال كوزىدا ساياق ئوقەت ئېلىپ كەلدى. ئوقەت بىيە سۇتىدىن تەييارلانغىنىنى سەزگەن جاھان: «ھازىر ئوقەتگە ئىشتىھايىم يوق، كۆڭلۈم ھېچ نەرسە تارتمايدۇ»، - دەپ ئۆزرە ئېيتتى. مويسىفىت بالىغا قاراپ:
«بولمىسا بىر كوزا قىمىز ئېلىپ كەل»، - دېدى. كەلگەن مېھمانلارغا شاراپ ئورنىدا تالقان، گوجا ياكى ھازىرقى ۋاقتىدا لىمون ۋە چاي بېرىش ئادەت بولغىنىدەك، كۆچمەنچىلەر بىيە سۈتىنى ئېچىتىپ قىمىز قىلىپ قويار ۋە مېھمانلارغا تۇتار ئىدى. چال قىمىزنى كۆرسىتىپ:
«بۇنى ئىچىش ئۈچۈن كىشى ئۆچ بولۇشى شەرت ئەمەس، سۇدەك بىر ئىچىملىك، ئىسسىقنىڭ ھورىنى كۆتۈرىدۇ، چارچاشنى كەتكۈزىدۇ»، - دېدى. جاھان بۇنى ھەم رەت قىلىشنى ئۆزىگە ئەپ كۆرمەي، كوزىنى قولىغا ئالدى. شۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ھەيزۇران چالغا قارىدى:
- بۈگۈن بىزدىن باشقا مېھمانلار بۇ يەردىن ئۆتكىنى يوقمۇ؟
- يوق، سىزلەرنىڭ قەدىمىڭىز يەتكىنىدىن چەكسىز خۇرسەندمەن. قايسى شامال جاھانئاينى بۇ تامانلارغا ئۇچۇردىكى، خاراپ كۈلبىمىز ئاۋات بولدى. باشقا مېھمانلار كەلمىگەندە ھەم، جاھاننىڭ بىر ئۆزى مىڭ مېھمانغا ئەرزىگلىك.
ھەيزۇران: «سەپەر قىلىدىغان مۇسافىرلار ھەممە ۋاقت ھەم شۇ يەردىن ئۆتۈپ تۇرىشامدۇ؟» - دەپ سورىدى.
- ھە، ئەلۋەتتە، - دېدى چال، - ئۇشرۇسانا، قوقەنت ياكى بۇخارادىن كۇنچىقار تامانغا يۈرىدىغان كىشى دەريادىن ئۆتكەچ، ئەلۋەتتە يولى شۇ ياققا چۈشىدۇ. پەرغانىغىمۇ، باشقا شەھەرلەرگىمۇ شۇ يەردىن بارىدۇ. كۆپىنچە، ھىندىستان، تىبەت ياكى خىتايدىن رۇم مەملىكىتىگە كېتىۋاتقان ياكى ئۇ يەرلەردىن قايتىپ كېلىۋاتقان سودىگەرلەر ھەم بۇ يەردىن ئۆتىدۇ.
ھەيزۇران جاھانغا قاراپ پارىس تىلىدا: «زىرغامنىڭ يولى ھەم شۇ يەردىن ئۆتىدىغان بولسا ئۇنى شۇ يەردە كۈتۈپ تۇرغىنىمىز ماقۇل، ئۇ ياققا بېرىپ ئاۋارە بولۇپ يۈرگەندىن كۆرە، شۇ ياخشى ئەمەسمۇ؟ بىز بىر يولدىن يۈرسەك، ئۇ باشقا يولدىن كېلىپ، ئۆتۈپ كېتىپ قولسا، بىر- بىرىمىزگە دۇچ كەلمەي قالارمىز»،- دېدى.
ئۇ يەردىكى دېھقانلار چاغاتاي تىلى، يەنى قەدىمىي تۈرك تىلىدا سۆزلەشكەنلىرى ئۈچۈن ھەيزۇراننىڭ گېپىگە چۈشىنەلمىدى. جاھان بۇ گەپكە جاۋاپ بەرمىدى. لېكىن چېھرىدىن ئۇنىڭ تەكلىپىگە رازى بولغاندەك ئىدى. ھەيزۇران:
- بولمىسا، مەيلى، ئاتاخانىمىز بىرەر تائام تەييارلاپ قويسۇن، خوپ دەپ قال،- دېدى.
- ئەۋەل ئۆزىمىز ياق دەپ قويۇپ، ئەندى قاي يۇز بىلەن سورايمىز.
- مالال كەلمەيدىغان قىلىپ ئۆزۈم سورايمەن، - دېدىدە، ھەيزۇران چالغا قاراپ چاغاتاي تىلىدا: «سويۇش ئۈچۈن ساتىدىغان بىرەرتال ئېتىڭ يوقمۇ؟»- دېدى.
- يوق، سەئىدەم، بىز ئاتلارنى پەقەت سۈتى ئۈچۈن باقىمىز. ئۇلارنى ناچار بولۇپ، سۈتىدىن قالغاندىنكىنلا سويىمىز، - دېدى چال.
- مۇبادا بىرەر تايچاق سويۇش لازىم بولۇپ قولسا، نىمە قىلارسىزلەر؟
- شۇ يەردىن ئۆتىدىغان يىلقىلار پادىسىنى پايلاپ تۇرىمىز- دە، تاللىغىنىمىزنى سېتىپ ئالىمىز، - دېدى چال، كېيىن كۇنچىقار تاماننى كۆرسىتىپ: - مەن ناھايىتىدىن بېرى شۇ تەرەپكە قاراپ تۇرۇپتىمەن، يىراقتىن قويۇق چاڭ كۆتۈرۈلىۋاتىدۇ، ئېھتىمال بۇ ياققا كېلىۋاتقانلارنىڭ پادىسىدۇر. ئۇلار كېلىشى بىلەن بىر-ئىككىتال ئات سېتىپ ئېلىپ، دەررۇ سويىمىز. مەلىكىمىز ئانداق تەھەممۇل قىلسا، سېمىز بىر ئات سويۇپ زىياپەت قىلار ئىدۇق.  
  14
ئۇ كىشىنىڭ خۇشمۇئامىلىسى،  زىيرەكلىگى جاھانغا ماقۇل چۈشۈپ، جىلمايدى. قىزنىڭ تەبەسسۇمىدىن ئۆز تەكلىپىگە رازى بولغانلىغىنى ئاڭلىغان چال ئوغۇللىرىدىن بىرىگە دەررۇ بېرىپ، ئاشۇ ئۇيۇرنىڭ ئالدىدىن توسۇپ چىقىشنى بۇيرىدى. بالا يۈگۈرگىنىچە كەتتى. ئاتا دەستۇرخان تەييارلاشقا كىرىشتى، بىرتال قوغۇن كەلتۈرۈپ، جاھاننىڭ ئالدىغا قويدى:
- مانا بۇ تىلنى يارىدىغان بۇخارا قوغۇنلىرىدىن. ئىستىگەن ۋاقتلىرىدا پىچىپ بېرىمىز.
كاتتا ئەمەلدارلار ئۆيىدە ھەم ماختاشقا ئەرزىيدىغان بۇنداق قوغۇن چالنىڭ چېدىرىغا كېلىپ قالغىنىدىن جاھان ئەجەپلەندى. بۇنى سەزگەن چال:
- قىزلىرىمدىن بىرىگە خۇشتار بولۇپ قالغان بىر يىگىت ماڭا ئېلىپ كەلگەن تۆھپىلەر ئارىسىدا شۇ قوغۇن ھەم بار ئىكەن،- دېدى.
خۇشتار سۆزىنى ئاڭلىغان جاھان ئۆزىنىڭ مۇھەببەت دەردىنى ئەسلىدى- دە، بىر ئاھ تارتىپ چالغا قارىدى: - بۇ قوغۇننى ئاتالغان كىشىسىگە - قىزىڭىزغا ساقلاپ قويۇڭ.
چال جاۋاپ قايتارماقچى بولۇپ تۇرۇۋىدى، ئۇزاقتىن كىمنىڭدۇر چاقىرىۋاتقىنىنى ئاڭلىدى.
قايتىپ چېپىپ كېلىۋاتقان ئوغلى: «ئۇلار پادىدىن بىرەرتال ئاتنىمۇ سېتىشماس ئىكەن»، - دېدى.
كېلىۋاتقان يىلقى پادىسىنىڭ ئايىغىدىن چىقىۋاتقان چاڭغا قارىغان جاھان ئۇنىڭ ئالدىدا ئىگەرلەنگەن ئات مىنىپ كېلىۋاتقان بىر كىشىنى، ئۇنىڭ ئارقىسىدا ئىگەر-جابدۇقسىز ئونلاپ ئاتلارنى ئوينىتىپ كېلىۋاتقان چەۋەندازلارنى كۆردى. بەزى ئاتلارنى تۈركىستان سەھرالىرىدا يىلقى ۋە  مال بېقىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان گرۇزىيە دەشتىدىن كەلگەن چوپانلار مىنىپ ئالغانىدى. جاھان ئالدىدا كېلىۋاتقان ئاتلىق يىگىتنىڭ ئەسكەر كىيىمىدە ئىكەنلىكىنى ۋە قولىدىكى نەيزىگە بايراق ئېسىلغىنىنى كۆردى، لېكىن ئۇ بايراققا بىتىلغان ئىسمغا ئېتىبار بەرمىدى. ئەگەر ئاشۇ ئىسمنى ئوقىسا ئىدى، پۈتۈن ئەزايى بەدىنىنى تىترەك بېسىپ كەتكەن بولاتتى. چال ئاشۇ ئاتلىق كىشىنىڭ يولىنى توسۇپ: «بۇ ئاتلاردىن بىرەرسىنى بىزگە سېتىڭ»، - دەپ ئىلتىماس قىلدى. ئاتلىق كىشى  تەكەببۇرلۇق ۋە قوپاللىق بىلەن: «ياق، ساتمايمىز»، - دېدى.
- بالام، ھازىر بىرتال ئات سويۇش زۆرۈر بولۇپ قالدى، ئېيتقان پۇلۇڭنى بېرىمىز،- يالۋۇردى چال. ئەمما ئۇ كىشى بۇ ئىلتىماسنى رەت قىلغانچە باش چايقىدى، لېكىن چال «نىمە ئۈچۈن ساتمايسىز» دەپ يەنە سوئال بەردى. «بۇ ئۇيۇر پۇلغا مۇھتاج كىشىلەرنىڭكى ئەمەس»، - دەپ جاۋاپ بەردى ئاتلىق.
- كىم ئۇلار ئۆزى، ئاخىر؟
- ئوقۇشنى بىلمەيدىغانغا ئوخشايسىز، ئەكس ھالدا سوئال-جاۋاپقا ھاجەت قالمىغان بولاتتى،- دېدى- دە، ئاتلىق يىگىت بايراقنى كۆرسەتتى. بۇ سۆزنى ئاڭلىغان جاھان يالت ئېتىپ بايراققا قارىدى. ئەرەپ ھەرفى بىلەن يېزىلغان «ئەفشىن ھەيدەر بىن كارۇس» سۆزلەرنى ئوقىدى-يۇ، رەڭگى ئۆچۈپ، ھەيزۇرانغا قارىدى. دېھقاننىڭمۇ، ھەيزۇراننىڭمۇ چېھرىدە بىر خىلدا ئۆزگىرىش پەيدا بولغانىدى. چال ئاتلىقتىن: «توغرا ئېيتتىڭىز، ئوقۇشنى بىلمەيمەن، بۇ بايراق كىمگە تېگىشلىك؟»- دەپ سورىدى.
- خەلىفە مۇئتەسىمنىڭ لەشكەر بېشى ۋە ئۇشرۇسانا مەملىكىتى ھۆكۈمدارى ئەمىر ئەفشىن ھەيدەر بىن كارۇسنىڭكى.
تۈركىستاندا بۇ نامنى بىلمەيدىغان بىرمۇ كىشى يوق ئىدى. چۈنكى ئەفشىن مۇئتەسىمنىڭ خىزمىتىگە كىرمەستىن بۇرۇن ئۇشرۇسانا پادىشاھى بولغان. چال ھەيران بولۇپ قالدى. ئۇ قورقۇپ كەتكىنىدىن: «ئاڭلىشىمىزغا كۆرە، ئەفشىن باغداتتا تۇرار ئىمىش»، - دېدى.
- توغرا، - جاۋاپ بەردى يىگىت، - ئۇ باغداتتا ياشايتى، لېكىن بىر نەچچە كۇن بۇرۇن ئۇشرۇساناغا كەلدى ۋە بىزنى ئەسكەرلىرى ئۈچۈن مال، قوي سېتىپ ئېلىشقا ئەۋەتتى.
- ھازىر بۇ يىلقىلارنى ئۇشرۇساناغا ھەيدەپ بارىسىزلەرمۇ؟
- ئەفشىن ئۇشرۇسانادا ئىدى، لېكىن ئۇ نەۋروز بايرىمىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن پەرغانىگە كېلىشى كېرەك. ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى تاشكەنت ئەتراپلىرىدا قونغان، مانا بۇ يىلقىلار ئاشۇلارغا تېگىشلىك، چۈشەنمىدىڭىزمۇ؟ -دېدى يىگىت ۋە ئېتىغا قامچا بېسىپ يولغا چۈشتى. ئاتباقارلار ھەم ئۇنىڭ كەينىدىن جۆنەشتى. چال يەنە سۈرۈشتۈرۈشكە پېتىنالمىدى. جاھاننى زىياپەت قىلالمىغىنى ئۈچۈن خىجالەت تارتتى. ئاڭا ئۆزرە ئېيتىش ئۈچۈن سۆز تاپالمىدى.
15
جاھان ئورنىدىن تۇرۇپ، «ئىككىلى ئاتنى ئېلىپ كەل»، دەپ خىزمەتچىگە  بۇيرىدى ۋە چالنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ: «ئاتىجان، بىزگە  قىلغان غەمخورلىقلىرىڭىز ئۈچۈن جۇدا مىننەتدارمەن، ھازىر تىزلىك بىلەن قايتىشىم زۆرۈر بولۇپ قالدى، نېسىپ بولسا، باشقا بىر پۇرسەتتە كېلىپ، سىزنى زىيارەت قىلىپ كېتىمەن»، - دېدى.
چال قىزنىڭ بۇنداق خۇشمۇئامىلە ۋە كەمتەرلىگىدىن مەمنۇن بولۇپ، مەلىكىنىڭ قولىنى ئۆپتى. جاھان قولىنى تارتىپ ئېلىپ، بوۋايغا بىرەر نەرسە بېرىش كېرەك، دىگەندەك ھەيزۇرانغا قارىدى- دە، يېنىدىن تۆت-بەش ئالتۇن پۇل چىقىرىپ، چالغا ئۇزارتتى:
- بالىلار ئۈچۈن ئويۇنچۇق- ئوق-كامان ئېلىپ بېرەرسىز.- چال تەشەككۈر ئېيتىپ پۇلنى ئالدى.
جاھان ۋە ھەيزۇران ئۇ بىلەن خەيرلەشكەچ، ئاتقا مىنىپ يولغا چۈشۈشتى. فىرۇز ھەم ئۇلارنىڭ ئىزىدىن يۈردى.
بىر ئاز يول يۈرگەندە، جاھان كۆڭلىدە غەشلىك پەيدا بولغاندەك بىر ئۇھ تارتتى- دە، ھەيزۇرانغا قاراپ سورىدى: «ئەندى نىمە دەيسىز؟ ئەفشىن پەرغانىدە ئىمىش. ئاتامنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۇ ئەلۋەتتە، ئۆيىمىزگە كېلىدۇ».
- ئۇ ئاتاڭنى كېلىپ كۆرسە، سەن نىمىگە تەشۋىشلىنىسەن؟..
جاھان ئۇنىڭ گېپىنى بولدى.
- مەن تەشۋىش قىلىۋاتقىنىم يوق، پەرۋايىمغا ھەم كەلمەيدۇ. ئەسكەرلىرى ھەم مەن ئۈچۈن خەۋىپلىك ئەمەس، لېكىن ئۇنىڭ ئۆزىنى كۆرۈشكە تاقىتىم يوق ۋە... - دېدى- دە، بېشىدىكى رومىلىنى تۈزىتىپ قايتىدىن ئوراپ ئېلىش باھانىسى بىلەن گەپنى باشقا ياققا بۇردى.
ھەيزۇران جاھاننىڭ خەۋىپسىرەۋاتقانلىقىنى سەزدى ھەم، ئۆزىنى بىلمەسلىككە سېلىپ: - ئەقىللىق، دانا قىزىم، ھېچ كىمدىن، ھېچ نەرسىدىن قوقمايدۇ، دەريا تامانغا يۈرۈش نىيىتىڭدىن قايتقىڭ يوقتۇر-ھە؟ - دېدى.
جاھانغا ئۇنىڭ سوئالى قىزىق تۇيۇلدى. ئۇ يەر  تېگىدىن قاراپ جىلمىيىپ قويدى. تىلى بىلەن ئېيتالمىسىمۇ، پۈتۈن كۆرۈنىشى «بولمىسام-چۇ؟» دەۋاتقاندەك ئىدى.
يىلقى چېڭى كۆزدىن غايىپ بولغانغا قەدەر جاھان بىلەن ھەيزۇران ئاڭا تىكىلىپ بېرىشتى. ئۇلارنىڭ ئاتلىرى يورغىلىغانچە يىلقىلار  بېرىۋاتقان تامانغا ئەمەس، باشقا تامانغا قاراپ باراتتى. قۇياش پېتىشقا باشلىدى. ھەيزۇرانغا ئاچلىق تەسىر قىلدى جاھان ئۆز سۆيگىنى بىلەن ئۇچرىشىش شەۋقىدە ھەممە نەرسىنى ئۇنۇتقانىدى. ئۇلار ئۈن تىنسىز ئۇزاق يول باستى.
كۆڭلىدىكى شىرىن خىياللار بارغانسېرى ئۇلغىيىپ، يىلتىز تارتاتتى. سۆيگىنى بىلەن يۈزمۇ- يۈز كېلىشىنى كۆز ئوڭىغا كەلتۈرسە، يۈرىكى ئويناپ، «مۇھەببەت ئىرادەمدىن ئۈستۈن چىقمىغاندا، بۇنداق قالتىس ئىشقا جۈرئەت قىلماستىم»، دەر ئىدى.
كۆپ ۋاقتلاردا مۇھەببەت ۋە ئىرادە كىم يېڭىشقا ئوينايدۇ-يۇ، مۇھەببەت غالىپ چىقىدۇ. بەزەن ئىرادە مۇھەببەتتىن ئۈستۈنلىك قىلىدۇ، لېكىن بۇ ئۇزاققا سوزىلمايدۇ، مۇبادا سوزۇلۇپ كەتسە، مۇھەببەتنىڭ يۈزەكى ۋە تېز سولىدىغان ئىكەنلىكىدىن دالالەت بېرەتتى. مۇھەببەت ئەھلى ئادەتتە تىرەن ئەقىللىق، تەدبىرلىك ۋە دانىشمەن كىشىلەر بولىدۇ، لېكىن ئۇلار سۆيگۈ يولىدا پەقەت ئەقلى كەم كىشىلەر قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىپ يۈرىشىدۇ. باشقىلار ئۇنىڭ ھەركىتىدىن ھەيران بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۆزى ئۇلاردىن كۆرە كۆپرەك ئەجەپلىنىدۇ. چۈنكى ئەقلى ئۇنىڭ ئىشىنى نازارەت قىلىدۇ، ئۇنى تەنقىد قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئېغىر يولغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، لېكىن ئۇ بۇنداق يولدىن قايتىشنى ئويلىيالمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئەقىللىق ۋە دانىشمەن قەلبى مۇھەببەت گىردابىغا قاتتىق ئۇرۇلغان بولۇپ، كۆڭۈل خاھىشىغا خىلاپ ئىش قىلىپ قويسا، بەرداش بېرىپ بولمايدىغان دەرىجىدە ئازاپلىنىدۇ، جېنى بولۇپ قېلىشى، ياكى جېنىنى تەسلىم ئىتىشى ھەم ھېچ گەپ بولمايدۇ. قانچىدىن-قانچە ئاشىقلار ئەقىل بىلەن كۆڭۈل ئوتتۇرىسىدىكى نىزانىڭ قۇربانى بولۇشىدۇ. ئەقىللىق كىشىدە سۆيگۈ پەيدا بولسا، ئۇنىڭ ئىرادىسى بىلەن خاھىشى ئوتتۇرىسىدا قاتتىق جەڭ بولىدۇ. ئەگەر ئۇ نەپسانىيەتلىك، قەلبى پاك كىشى بولسا، ئۆز ئىززەت-نەپسى ۋە قەلب كۈچىگە تايىنىپ، نەپسى خاھىشىغا قارشى كۈرىشىدۇ. مەغلۇبىيەتكە ئۇچراشتىن قوقمايدۇ. جاھاندا ئەقىلمۇ، ئىرادىمۇ زور ئىدى. ئەينى ۋاقتىدا ئۇ جۇشقۇن قەلبلىك، چوڭقۇر ھىسسىياتلىق قىز ئىدى. نىمىگەكى ئۇ ئۆز يارىنى چىن قەلبىدىن سۆيەر ئىدى، ئۇ بىلەن بىر نەچچە يىلدىن بېرى ھەمسۆھبەت بولغان، ئۇنىڭ مۇھەببىتى قىزنىڭ كۆڭلىدىن مەھكەم جاي ئالغان ئىدى.

ئۆي بەكلا ئىسسىپ كەتتى، تالا بەكلا سوغۇق

Rank: 8Rank: 8

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1938

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى 15:26:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاھان مەلىكىگە، ئەفشىن سەل ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان ئوخشايدۇ.
بىچارە قىز رىزغام بىلەن قاچانمۇ كۆرۈشەر؟:(

Rank: 8Rank: 8

توردا
813 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
1384

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى 07:04:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

16
ئۇ ئۆز سۆيگۈنىگە ۋاپادار، ئۆز ئەھدىدىن قايتمايدىغان قىز ئىدى. ئەفشىندىن چۆچىشى ۋە ئۇنى كۆرۈشتىن نەپرەتلىنىشى سۆيگىنىگە بولغان ۋاپاسىنى يەنە ھەم كۈچەيتتى. قىز سۆيگىنى بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىشدىن ئايانمىدى. ئوۋ قىلىمىز، دىگەن گەپ جاھانغا ياخشى باھانە بولدى.
* * *
جاھان بىلەن ھەيزۇران ئەتراپقا نەزەر تاشلاپ بېرىشاتتى. ئاتلارنىڭ ئۆزى ئۇلارنى دەريا قىرغىقى تامان باشلىدى. ئۇزاقتىن دەريا سۈيى كۆزگە تاشلاندى، قىرغاقمۇ كۆرۈندى، لېكىن ئۇ يەردە نە چۈشەك، نە بىرەر پىيادە ياكى ئاتلىق ئەسكەر كۆرۈنمەيتتى.
-ئۇ يەردە ھېچ كىم كۆرۈنمەمدۇ؟- سورىدى جاھان ئېتىنى توختىتىپ ھەيزۇراندىن.
- ياق، كۆرۈنمەيدۇ. قىرغاققا يېقىنلىشىپ قالدۇق. قېنى، يۈر-چۇ، ئاشۇ يەرگىچە بارايلى، ئەجەپ ئەمەس، بىزگە دالىدا بىرەر بەلگە كۆرۈنسە، - دېدى ھەيزۇران.
ئۇلارنىڭ كەينىدىن فىرۇز باراتتى. نىھايەت قىرغاققا يېتىپ بىر دەرەخ تېگىدىكى چەللە يېقىنىدا توختاشتى. ئۇ يەرگە قانداقتۇر يولوچىلار قونۇپ، يېقىندىلا جۆنەپ كەتكىنى سېزىلىپ تۇراتتى. تاشقىرىدا چوغ ئۆچمىگەن، ئوقەت، مىۋە-چىۋە ۋە ئەت قالدۇقلىرى بار ئىدى.
شۇ پەيت چەللە ئىگىسى «بىزگە كەلگەن قونوق بولسا كېرەك»، دەپ ئۇلارنىڭ ئىستىقبالىغا چىقتى: «خۇش كېلىپسىزلەر، قېنى، مەرھەمەت»، دەپ چايلغا تەكلىپ قىلدى. ھەيزۇران: «چەللىگە كىرگىن- دە، بۇ يەردە قونۇپ ئۆتكەن كىشىلەر كىملىگىنى بىلىپ چىق»، دەپ فىرۇزنى ئەۋەتكەن ئىدى. فىرۇز چەللىگە بېرىپ، ئىگىسىگە سالام بەردى ۋە ئاشۇ كىشىلەرنى سورىدى.
-ئۇلار مۇسۇلمان ئەسكەرلىرى ئىكەن، تاڭ پەيتىدە دەريادىن ئۆتۈپ كېلىپ، چاشكىغىچە بۇ يەردە تۇرۇشتى- دە، چۈشكە ئوقەتلىرىنى يەپ بولۇپ، جۆنەپ كېتىشتى، - دەپ جاۋاپ قىلدى چەللە ئىگىسى.
- ئۇلارنىڭ قايسى تامانغا كەتكىنىدىن خەۋىرىڭىز بارمۇ؟
- ئويلىشىمچە، پەرغانىگە كېتىشتى، ئۇلار  يېڭى يىلنى ئاشۇ يەردە ئۆتكۈزۈشمەكچىگە ئوخشايدۇ.
بۇ سۆزنى ئاڭلىغان جاھان: «ئۇلار ئەلۋەتتە زىرغام بىلەن ھەمراھلىرى. ئۇ پەرغانىگە بارسا، توغرا بىزنىكىگە چۈشىدۇ، بۇ يەرگە مەن بىكار ئاۋارە بولۇپ كېلىپتىمەن»، - دېدى ئۆزىچە. «شۇنىڭ ئۈچۈن دەررۇ پەرغانىگە قايتىپ  بېرىشىم، كېتىپ قېلىشماستىن ئۇ بىلەن ئۇچرىشىشىم كېرەك»، دىگەن پىكىرگە كەلدى.
ھەيزۇرانغا قاراپ: «قېنى، ئانا، ئاتنىڭ جىلاۋىنى قويۇڭ، ئۇلارنى ئارقىسىدىن قويۇپ، قاراڭغۇ چۈشمەستىن بۇرۇن مەنزىلگە يېتىپ ئالايلى. ھازىر ئادەملىرىمىز تۇرغان جايغىچە چامىسى ئىككى چاقىرىم يول قالدى»، - دېدى. ئۇلار شەھەر دارۋازاسىدا كۈتۈپ تۇرغان ئادەملەر تامان ئات چاپتۇرۇپ كېتىشتى. جاھان مولجالدىن كېچىكىپ قالغىنى ئۈچۈن خىزمەتكارلار تەشۋىشلىنىپ، بىر نەچچە كىشىنى ئۇنى ئىزدەشكە ئەۋەتكەن ئىكەن. ئۇلار قىزنى تاپالماي قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، تەشۋىشلىرىگە تەشۋىش قوشۇلدى. ئۇنىڭ كېلىۋاتقىنىنى ئۇزاقتىن كۆرۈپ، بوي-بەستى ۋە ئېتىنىڭ تۈسىدىن جاھاننىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى بىلىشتى. ساق-سالامەت يېتىپ كەلگەندىن كېيىن كۆڭۈللىرى تىنچىپ، قىزنى ئاتتىن چۈشۈرۈشتى، تەييارلاپ قويۇلغان تائامنى ئالدىغا كەلتۈرۈپ قويۇشتى. ھەيزۇراننىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇ گۆشتىن ئازغىنە تېتىغان بولدى، ئۇستىدىن ئالدىراپ قىمىز ئىچدى ۋە ھۆل مىۋە تەناۋەل قىلدى. شۇ پەيت خىزمەتكارلاردىن بىرسى ھەيزۇراننىڭ يېنىغا كېلىپ قۇلىقىغا نىمىلەرنىدۇر شىۋىرلىغان ئىدى، ئۇنىڭ رەڭگى ئۆچۈپ كەتتى. بۇنى كۆرگەن جاھان بىر ھادىسە يۇز بەرگىنىنى سېزىپ، ھەيزۇراننى چاقىردى ۋە نىمە گەپ دىگەندەك، ئاڭا قارىدى. – ئاكاڭ سامان بۇ يەرگە كېلىپ سېنى يوقلىتىپتۇ- دە، دەررۇ ئىزىغا قايتىپ كېتىپتۇ، -دېدى ھەيزۇران.
- ھېچ نەرسە دىمەپتۇمۇ؟
- ياق، ھېچ نەرسە ئېيتماپتۇ، - دېدى- دە، ھەيزۇران تىقىلىپ قالغان ئاغزىدىكى ئوقەتنى يۇتۇشقا ئۇرۇندى.  
  17
جاھان ھەيزۇرانغا شىۋىرلىغان خادىمنىڭ تۈسىدىن تەشۋىشلىنىپ: «ئاكام دادام توغرىسىدا كەلگەنگە ئوخشايدۇ، تىنچلىقمىكىن، ئۇ كىشىگە بىرەر گەپ بولمىدىمىكىن؟» - دەپ سورىدى.  ھەيزۇران جاھاننىڭ بۇنى دەررۇ بايقاپ ئالغىنىدىن قىلچە ھەم ئەجەپلەنمىدى، چۇنكى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدىكىنى كۆزلىرىدىن ئۇقۇۋېلىش جاھاننىڭ ئادىتى ئىدى. ھەيزۇران: «ئۇرمۇزدغا* شۈكۈر، ئۇ كىشىگە ھېچ گەپ بولغىنى يوق، لېكىن سېنىڭ كېچىككىنىڭدىن بىر ئاز خاۋاتىرلىنىپتۇ. تىزرەك قايتسۇن، دەپتۇ. ئاخىر يېڭى يىل كىرەي دەپ تۇرۇپتۇ- دە»،- دېدى.
جاھان ئىرغىپ ئورنىدىن تۇردى- دە، «ھازىر قايتىشىم كېرەك، ئات-ھارۋىلارنى تەييارلاڭلار»، دەپ خىزمەتچىلەرگە بۇيرىدى. «ئاتام  ئېغىر تارتىپ قالمىسا، ماڭا كىشى ئېۋەتىپ ئولتۇرماس ئىدى. قېنى، چاققان بولۇڭلار، كەتتۇق.» خىزمەتچىلەر ئات-ھارۋىلارنى ئاللىقاچان تەييارلاپ قويۇشقانىدى. جاھان بىلەن ھەيزۇران ئاتقا مىنىپ، قالغان خىزمەتچىلەر ئۇلارنىڭ كەينىدىن ھاكىم سارىيى تامان يول ئېلىشتى. جاھاننىڭ پىكىرى زىكرى ئۇ يەردە، زىرغامنى ئۇچرىتىشتا ئىدى.


* ئۇرمۇزد - زەردۇشت دىنىدىكىلەر، يەنى ئاتەشپەرەستلەرنىڭ ئەقىدىسىچە، ئەزگۇلۈك خۇداسى.


ھاكىم سارىيىدا

جاھان ھەمراھلىرى بىلەن ئاتىسىنىڭ سارىيىغا يېتىپ كەلگەندە قاراڭغۇ چۈشكەنىدى. ئۇلارنىڭ باغچىسىدا چىراقلار پارلاپ تۇرۇپتۇ. باغچا ھاكىمنىڭ زىيارىتىگە كەلگەن كىشىلەر، ئۇلار كەلتۈرگەن ھەدىيىلەر بىلەن لىق تولۇق. جاھانلار باغچىسى خۇددى بايرام كۇنلىرىدىكىدەك گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلغان. ئادەتتە بايرام كەچلىرى ئۇلارنىڭ يۈزىدە شات-خوراملىق تولۇپ-تاشار ئىدى، تەنبۇر-دۇتارلار چېلىنىپ تۇراتتى. ئەمما بۈگۈنكى مەنزىرە بۆلەكچە. تەنبۇر-دۇتارلار كەلتۈرۈلگەنۇ، لېكىن ھاكىمنىڭ  ئېغىر بىتاپلىغى تۈپەيلى ئۇلارنى چېلىش ھېچ كىمنىڭ كۆڭلىگە سىغماسىدى. ھەممىنىڭ ئەڭنىدە يىپەكلىك بايرام كىيىملىرى. ئادەملەرنىڭ بىر قىسمى توپ-توپ بولۇپ، بەزىلىرى يەككە-يەككە باغچىدا ۋە ھاكىمنىڭ قەسرىگە چىقىدىغان پەلەمپەيلەردە تۇرۇشاتتى. بىراق ھەممىنىڭ چېھرىدە غەمكىنلىك، ئۇلار تىك تۇرغان ھالدا بىر-بىرلىرىگە شىۋىرلىشاتتى. باغچا دارۋازىسى يېنىدا خىزمەتكارلار ئات-ئىشەكلەرگە ئارتىلغان كىيىم-كېچەك، خۇشبۇي نەرسىلەر ۋە ھۆل مىۋىلەرنى چۈشۈرۈپ ئېلىش ۋە ساراينىڭ ئىچكىرىسىگە توشۇش بىلەن ئاۋارە.
جاھاننىڭ ھارۋىسى ساراي ئىشىگىگە كېلىپ توختىشى بىلەن ھەممە يولنىڭ ئىككى تامانىغا ئۆتۈپ، ئوتتۇرىسى بوشاپ قالدى. قىزنى كۆرۈش بىلەن ئۇلار غەم-غۇسسىلىرىنى ئۇنۇتۇشتى. ھەممە جاھاننى سۆيەر، ئۇنىڭدا خەير-بەرىكەت بار دەپ ئىخلاس قىلار ئىدى. ھارۋىدىن چۈشۈش بىلەن ھەممىلىرى ئاۋازلىرىنى تەڭ چىقىرىپ سالام بېرىشتى. بۇ قىز ئاتىسىنىڭ ئالدىغا كىرىشى بىلەن ھاكىمنىڭ دەردى تارقاپ، شىپاھ تاپىدۇ، دەپ  ئويلىشاتتى تۇرغانلار. جاھان ھۆرمەت بىلەن بېشىنى ئىگىپ، توپلانغانلارنىڭ سالاملىرىغا جاۋاپ قايتۇردى. ئۇنىڭ خۇشتەۋەززۇلىغىدىن سالىمى تەبەسسۇمدەك تۇيۇلاتتى. ھەيزۇران جاھاندىن ئىلگىرى ئېتىدىن چۈشۈپ، ئۇنىڭ يېنىدا باراتتى. ئادەملەر قىزنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئورۇنلىرىدىن تۇرىشاتتى. جاھان ئىززەتۇ-ئىكرام بىلەن ئادەملەر ئارىسىدىن ئاستا-ئاستا يۈرۈپ، باغچىغا كىردى. ئۇ يەردىن ساراي يېنىدىكى ئايۋانغا چىقىدىغان پەلەمپەيگە كۆتۈرۈلدى. ئۇ بىر تاماندىن، زىرغامنى كۆرەرمەنمكىن دىگەن ئۇمىدتە بولسا، ئىككىنچى تاماندىن، ئەفشىنگە كۆزۈم چۈشۈپ قالمىسا ئىدى، دىگەن خاۋاتىردە، ئادەملەرگە بىرمۇ-بىر كۆز قىرىنى تاشلاپ ئۆتەتتى، ساراي ئەھلى جاھاننىڭ يولىغا غايەت مۇنتەزىر ئىدى. ئۇ كېلىشى بىلەن ھەممە جاھاننىڭ ئىستىقبالىغا چىقتى. جاھان ئۇلار ئارىسىدا ئاكىسى ساماننى كۆرمىگەچ، «ئاتامنىڭ يېنىدا بولسا كېرەك»، دەپ ئويلىدى. ساراينىڭ مەھرەم خادىمى ئالدىغا يەتكەچ، ئۇنىڭدىن ئاتىسىنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى. «شۈكۈر، ياخشىلىق خۇداسىنىڭ مەرھەمىتى بىلەن ئاتىڭىز دۇرۇست تۇردى»،- دېدى خادىم. جاھاننىڭ كۆڭلى بىر ئاز تەسكىن  تاپتى، لېكىن ئۇ ھامان تىك تۇرغان چۆرىلەر ۋە  
  18
خىزمەتكارلار ئارىسىدىن يۈرۈپ، ئاتىسىنىڭ خانىسى تامان يۈرەتتى. گىلەم ئېسىلغان دەھلىزدىن ئۆتۈپ، ئاتىسى يېتىۋاتقان خانىنىڭ ئىشىكىگە يەتتى. تىزرەك ئۇنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش، ساقلىغىنى بىلىپ خاتىرجەم بولۇش ئۈچۈن ئالدىرايتتى قىز. ئىشىك ئالدىدا پىچىلغان مەملۇكلاردىن* مەخسۇس بىر قاراۋۇل تۇراتتى.
ئۇ جاھاننى كۆرۈشى بىلەن ھاكىمنىڭ ھوزۇرىغا يۈگۈرۈپ كىردى- دە، جاھاننىڭ كەلگىنىنى خەۋەر قىلدى، ئاندىن قايتىپ چىقىپ، پەردىنى كۆتۈردى ۋە جاھاننىڭ كىرىشى ئۈچۈن رۇخسەت بېرىلگىنىنى ئېيتتى.
جاھان ئوۋ كىيىملىرىنى ۋە بېشىدىكى رومىلىنى يەشمەي، لاپ-لاپ يېنىپ تۇرغان تەشۋىشتىن يەنە ھەم گۈزەللىك كەسپ قىلغان يۇزى ۋە بوينىنى چۈشۈرگەن ھالدا ئاتىسىنىڭ كارۋىتى يېنىغا باردى. ئۇنىڭ كۆزلىرى چاقنار ئىدى.
ھاكىم تېتىك، ھېلى ئاتمىشدىن ئاشمىغان كىشى ئىكەنلىكىگە قارىماي، بىتاپلىقىدىن ناھايىتى ئۆزىنى ئالدۈرۈپ قويغان، كۆكرىكىگە چۈشۈپ تۇرغان  ساقىلى ئاپپاق ئاقارغان، كۆزى ئىچ-ئىچىگە پېتىپ كەتكەن، يۈزىدە قورۇقلار كۆپەيگەن، لېكىن سالاپىتى ئازراقمۇ كەمەيمىگەن ئىدى. ئىنتىزار بولۇۋاتقان پەيتتە قىزى يېتىپ كەلگىنىنى بىلگەن ئاتىنىڭ كۆزلىرى يورۇپ كەتتى. ئۇ ئەبنۇس* ياغىچىدىن ياسالغان، پىل چىشى قادالغان كارۋات ئۈستىدە ياتاتتى. بېشىدا كىچىك سەللە، ئۈستىدە زەر بىلەن قاپلانغان يىپەك كۆرپە، يېرىم بېلىدىن يۇقورى تامانغا قىممەتباھا ساممۇرىي* پوستى تاشلاپ قويۇلغان. يېڭى تۈرۈلگەن بولۇپ، ئىككى قولىنى كۆرپەدىن چىقىرىپ ياتاتتى.
جاھان ئىشىكتىن ئىچكىرى كىرىشى بىلەن ئۇدۇل ئاتىسىنىڭ كارۋىتى يېنىدىكى تەكچىگە قويۇلغان ئالتۇن مەبۇد تامان بېرىپ، ئاتەشپەرەستلەر ئادىتىچە بوينىنى ئىگىپ، ئاڭا تىۋىندى. ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئاسما چىراقتىن باشقا مەبۇد ئالدىغا ھەم شام يېقىپ قويۇلغاندى. جاھان ئىبادىتىنى تامام قىلىپ بولغاچ، كارۋات يېنىغا بېرىپ تىز چۆكدى- دە، ئاتىسىنىڭ قولىنى سۆيۈپ، يۇز-كۆزلىرىغا سۇرتۈشكە باشلىدى.
ئاتىسىنىڭ ھالىدىن كەتكىنى جاھانغا ناھايىتى تەسىر قىلغان بولسىمۇ، ئاڭا تەسەللىي بېرىش ئۈچۈن ئۆزىنى مەھكەم تۇتۇشقا ھەركەت قىلاتتى. ئاتىسىغا چوڭقۇر مۇھەببەت ۋە بۇيۇك ئېھتىرامىنى ئوچۇقتىن-ئوچۇق بايان قىلىپ تۇرغان قىزنىڭ كۆزلىرى كۇلمىسە ھەم، لېۋى جىلمىياتتى.
ئاتىسى ئۇنى كۆرۈشى بىلەن كۆزىگە ياش ئالدى- دە،  بېرىرەك كەل، دىگەندەك ئىككى قولىنى سوزدى. جاھان ئاتىسىنىڭ باغرىغا ئۆزىنى تاشلىشى بىلەن ئاتا ئۇنى سۆيۈپ، مۇئەتتەر ساچ ۋە بويۇنلىرىنى ھىدلىدى. ئاتامنى تىرىك كۆرىمەنمۇ-يوقمۇ، دەپ قاتتىق خەۋپسىرىگەن جاھان بىمارنىڭ ئىسسىق نەپىسىنى، ساچ-ساقاللىرى تىكەندەك پېتىشىنى سېزىپ، ئۇنىڭ ساقىيىپ كېتىشىگە ئۇمىد باغلىدى. ھاكىم ئۆزىنى دادىل تۇتتى، ئىككى جەينىكىگە تايىنىپ ئورنىدىن تۇردى ۋە ياستۇققا تايىنىپ ئولتۇرۇپ ئالدى. ئۇ قىزىغا قاراپ: «يېنىمدىكى كۆرپىگە ئولتۇر»، دىگەندەك ئىشارە قىلدى. جاھان كۆرپىگە ئولتۇرۇپ: «دادا، قانداقراق؟» -  دەپ ئەھۋالىنى سورىدى. «ياخشىلىق خۇداسى- مېھرىبان ئۇرمۇزدنىڭ مەرھەمىتى بىلەن دۇرۇستمەن، يامانلىق خۇداسى ياخشىلىق خۇداسىدىن غالىپ چىقىپ، سېنى كۆرەلمەي قالارمەنمۇ دەپ قورققان ئىدىم، چۇنكى دەردىم زورىيىپ، دەرمانىم قۇرۇپ، جۇدا ھالسىزلىنىپ قالغان ئىدىم. لېكىن سارايغا قايتقىنىڭنى ئاڭلاپ، ناھايىتى ساقىيىپ قالدىم. قىزىم، بۇ دۇنيادا مېنىڭ بەختىم، ئاۋۇنچۇم پەقەت سەنلا. ئەندى سارايدىن ھېچ قەيەرگە بارما، سېنى كۆرۈپ تۇرسام، كۆڭلىم تەسكىن تاپىدۇ»،- دېدى.
ئاغرىپ يېتىۋاتقان قېرى ئاتىسىنىڭ كۆيۈپ-پىشىپ گەپ قىلغىنىغا رەھمى كەلگەن جاھاننىڭ كۆزىدىن ئىككى تامچە ياش تۆكۈلدى. قىزنىڭ كۆز يېشى ئاتىسىغا تەسىر قىلماي قالمىدى. ئۆلۈمىدىن كېيىن قىزىنىڭ تەقدىرى نىمە بولۇشىنى كۆز ئۆڭىگە كەلتۈرگەن ئاتىنىڭ مېھرى جۇش ئۇرۇپ، يىغلاپ كەتتى. يىغا تۇتۇپ تۇرغان قىزىنىڭ يىغىسىنى پەسەيتىش ئۈچۈن ئۇ ئۆز ھاياجىنىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇناتتى. ئاتىنىڭ كۆڭلىدىن ئۆتكەن خىياللارنى سەزگەن قىز ئۆزىنى مەھكەم تۇتۇپ، جىلمايدى ۋە «مېھرىبان ياخشىلىق خۇداسىغا شۈكۈر، سىزنىڭ ساقىيىپ كېتىشىڭىزگە ئىشىنىمەن»، -دېدى- دە، مەبۇدىنى كۆرسىتىپ: «مەن دەردىڭىزگە شىپاھ بېرىپ، كېسىلىڭىز ساقىيىشىنى شۇ سانامدىن ئىلتىجا قىلىمەن، ئاڭا يالۋۇرىمەن، ئۇ ئەلۋەتتە مۇرادىمنى بېرىدۇ»،- دېدى.  
  19
- مەن كاھىننى* تېپىپ كېلىش ئۈچۈن ئاكاڭ  ساماننى ئەۋەتتىم. ئۇ كەلسە، ھەممىمىز بىرلىكتە دۇئا قىلىشىمىز. ئاتىسىنىڭ دۇئاغا - ئىبادەتكە رىغبەت ئەتكىنىنى كۆرگەن جاھاننىڭ تەشۋىشلىرى بىر ئاز پەسەيدى، كۆڭلى تەسكىن تاپقاندەك بولۇپ سورىدى:- كاھىن شۇ ئاخشام كېلەمدۇ؟ -ھاكىم ئېغىر بىر ئۇھ تارتتى: «ئۇنى تېپىپ كەل، دەپ ئاكاڭنى ئەۋەتتىم، لېكىن ئېلىپ كېلىشىگە ئەقلىم يەتمەيدۇ. چۈنكى ئۇ بىرەر ئىشنى مەن بۇيرۇغاندەك قىلىپ بىجىرىپ كەلگەن ئەمەس». ھاكىم شۇنداق تەنە گەپنى ئېيتقىنىغا پۇشايمان قىلغاندەك: «مەيلى، بۈگۈن كەلمىسە، ئەتە كېلەر»، دەپ ئىلاۋە قىلىپ قويدى، ئاتىسى ئاكىسىدىن نارازى ئىكەنلىكىنى جاھان سەزدى. بۇنى ئۇ ناھايىتىدىن بۇيان بايقاپ يۈرگەن بولسىمۇ، سەۋەبىنى بىلەلمەس ئىدى. جاھاننىڭ زىيرەك ۋە ھۇشيارلىغىنى بىلگەن ئاتىسى، «قىزىمنىڭ كۆڭلى بۇزۇلمىسۇن»، دەپ ساماندىن نارازىلىغىنى ئۇنىڭدىن يوشۇردى.
ئاتا-بالا بىر ئاز سۇكۇت قىلىپ تۇرۇشتى. كېيىن ھاكىم ئۆزىنى ئوڭلاپ ئېلىپ:- قىزىم، جاھان، خانەڭگە بېرىپ كىيىملىرىڭنى كىيىپ، ئوقەتىڭنى يىگىن، مەن ناھايىتى دۇرۇستمەن، ئۇيقۇم ھەم كېلىپ قالدى، - دېدى.
جاھان ئورنىدىن تۇردى:- دادىجان، قىلىدىغان ئىشلار بولسا ئېيتسىڭىز، بىجىرىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن خانەمگە كېتەردىم.
- يوق، قىزىم، ھېچ بىر ئىش يوق، بېرىپ دەم ئالغىن، خۇدانىڭ پاناھىغا تاپشۇردىم. ئەتە كاھىن كەلسە، بىرەر يېڭىلىق ئاڭلاپ قالىسەن، - دېدى بىمار. «ئاتامنىڭ، ئەتىگە بىر يېڭىلىق ئاڭلاپ قالىسەن، دىگەن گەپلىرى نىمىسى، قانداق يېڭىلىق بولۇشى مۇمكىن!» دىگەن پىكىر جاھاننى نى-نى خىياللارغا ئېلىپ باردى، ئەمما ئۇ ئېنىق بىر پىكىرگە كېلەلمىدى. ھەر ھالدا ئاتىسى ئەفشىننى تىلغا ئالمىغىنى قىز ئۈچۈن شاتلىق ئىدى. جاھان زىرغام نامىنى قىستۇرۇپ بىرەر گەپ باشلىماقچى بولدى. ئاتىسى يىگىتنى ماختىغۇدەك بولسا، ئاڭا كۆڭلى بارلىگىنى دەررۇ ئېيتىپ قويۇشنى دىلىغا پۈكۈپ قويدى. لېكىن بۇنداق گەپلەرنى ئاتىسى ئالدىدا دەپ ئادەتلەنمىگىنى ئۈچۈن «مەيلى، زىرغامنىڭ ئۆزى كەلگىنىدە دەرمەن»، دەپ ئەۋەلقى پىكىرىدىن قايتتى- دە، ھاكىم ئالدىدىن چىقىپ كەتمەكچى بولدى.
ھېلى جاھان ئۆيدىن چىققىنىمۇ يوق ئىدى، ئىشىك  ئالدىدىكى ساقچى كىرىپ «سامان كەلدى» دەپ خەۋەر بەردى. ئۇنىڭ نامىنى ئاڭلىغاچ، ھاكىمنىڭ تۈسى ئۆزگىرىپ، «مەيلى، كىرسۇن»، دېدى.
سامان ئىچكىرى كىردى. ئۇنى كۆرگەن كىشى جاھاننىڭ ئاكىسى ئىكەنلىكىگە قىلچىمۇ ئىشەنمەس ئىدى. سامان ھاكىمنىڭ سىندلىك* بىر چۆرىسىدىن تۇغۇلغان بولۇپ، سەككىز يېشىدا ئانىسىدىن يىتىم قالغانىدى. شۇندىن كېيىن ئاتىسى كاۋكازغا بېرىپ، ئۇ يەردە  بىر چىركەس قىز بىلەن ئۇچرىشىپ، ياخشى كۆرۈپ قالغان ۋە ئاڭا ئۆيلەنگەن ئىدى. پەرغانىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ھاكىمنىڭ چىركەس خوتۇنى قوشكېزەك قىز تۇغۇپ بەردى. ئاشۇ ئىككى قىزنىڭ بىرى جاھان ئىدى. ئىككى قىزنى ياش قالدۇرۇپ ئانا ۋاپات ئەتتى، بالىلىرىنىڭ تەربىيىسىنى ئاتا ھەيزۇرانغا تاپشۇردى. قىزلار ھۆسىنۇ لاتافەتتە ئانىسىغا ئوخشاش بەركامال ئىدى. خوتۇنىنى نىھايەتتە سۆيگەن ئاتا قىزلىرىنى ھەم سۆيدى، باشقىغا ئۆيلىنىشنى مۇتلەق ئىستىمىدى. ئەمما ئۈچ ياشقا تولار-تولماس قىزلارنىڭ بىرى يوقېلىپ، جاھاننىڭ تەنھا ئۆزى قالدى. ئاتىنىڭ پۈتۈن مۇھەببىتى جاھانغا ئۆتتى.
قىزنىڭ يوقىلىشى ئۆلۈم تۈپەيلى ئەمەس، باشقا بىر ۋەجدىن يۈز بەرگەن. ئاللىقانداق بىر ئات كېلىپ، ئۇنى ئېلىپ قېچىپ كەتكەندى. تۈركىستاندا بىر گۇرۇھ ئوغرىلار بولۇپ، ئۇلار ئۆز ئاتلىرىنى بالىلار ۋە ئۆي-روزغار بۇيۇملىرىنى ئېلىپ قېچىشقا، يىراقتا كۈتۈپ تۇرغان ئوغرىلارغا يەتكۈزۈپ بېرىشكە ئۆگىتىشكەنىدى. ئاشۇندىن بېرى پەرغانىلىقلار ئۆز بالىلىرىنى شۇيوسۇندا ئېلىپ قېچىلىشىتىن ئېھتىيات قىلىپ يۈرىدىغان بولۇشقان. ھاكىم قىزىنىڭ يوقىلىش سەۋەبىنى باشقىچە گۇمان قىلغان. لېكىن بۇ گۇمانىنى ھېچ كىمگە ئېيتمىغانۇ، ئاشۇ ۋاقتدىن باشلاپ ساماندىن كۆڭلى قالغان.

* * *

  20
سامان زاڭىقىدا بىرتال-يېرىمتال كۆرۈنەر-كۆرۈنمەس كوسا ساقىلى بار، يۈزى يېسىراق كەلگەن يىگىت. ئۇيقۇدىن تۇرغان كىشىنىڭ كۆزىدەك ئىككى كۆزىنىڭ ئېقىغا قىزىل ئارالاشقان. بۇندىن تاشقىرى ئۇ ئالغاي بولغىنى ئۈچۈن سىزگە قارىغاندا سىرتقا ياكى ئىشىككە قاراۋاتىدۇ، دەپ ئويلايسىز. كۆزى ھەممە ۋاقت ئالاق-جالاق. سىز بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندا يەرگە قاراپ تۇراتتى ياكى پېشىنى مىجىقلىغانچە باشقا تامانغا قاراپ سۆزلەيتتى. بىر نەرسىدىن قوققاندەك، لەۋلىرى پىرىلداپ تىترەپ تۇراتتى. گەپ باشلىدىمۇ، سۆزلىرى بىرى ئىككىنچىسىگە ئۇلىنىپ كېتىۋېرەتتى. شۇ بىلەن بىرگە، ئۇ ھىيلىگەر، ئالدامچى، ئۆزىدىن باشقىغا ھېچ نەرسىنى راۋا كۆرمەيدىغان خەسىس ئادەم.
ئاتىسى ئاڭا كىرىش ئۈچۈن ئىجازەت بېرىشى بىلەن بېشىدا يىپەك قالپاق، ئىگىنىدىكى پۈتۈن بەدىنىنى قاپلىغان ئۇزۇن تونى ئېتىگىگە پۇتلىشىپ كەتگۇدەك بولۇپ چېپىپ ئىچكىرى كىردى- دە، ھاكىم ھۇزۇرىدا تىك تۇرغانچە: «كىرشانشاھقا*  باردىم، لېكىن ئۇ يەردە كاھىننى تاپالمىدىم. ئېيتىشلىرىچە، ئۇ ئەتە كېلەرمىش، نە قىلاي؟ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنى تېپىپ كېلەيمۇ؟»- دېدى.
ھاكىم جەھلى قېتىپ:- بۇ يەرگە قايتىپ كېلىپ ئولتۇرماي، ئۇنى تېپىپ  كەلسەڭ بولاتتى-غۇ، مەيلى، ئەتە باشقا ئادەم ئەۋەتەرمەن، بار، ئىشىڭنى قىلىۋەر،- دېدى.
ئاتىسىنىڭ سامانغا قىلغان مۇئامىلىسىدىن جاھاننىڭ: «دىمەك، ئاتام ئۇنى ياخشى كۆرمەس ئىكەن»، دىگەن گۇمانى يەنە ئۆرتىدى. ئۇ ئىلگىرى بۇنداق مۇئامىلىنى كۆرمىگەندى.
-ئۇنىڭ خۇددى شۇ كېچىسى سىزگە زۆرۈرلىگىنى بىلگىنىمدە، قەيەردىن بولسا ھەم تېپىپ كەلگەن بولاتتىم، بولمىسا ھازىر يەنە بېرىپ كېلەي؟ -دېدى سامان.
سامان سۆزلەۋاتقاندا ئاتىسى تىكىلىپ تۇرغاندى، ئۇ گېپىنى تۈگىتىشى بىلەن يۈزىنى باشقا ياققا بۇرىدى- دە: «ياق، كېرەك ئەمەس، مېنى ئۆز ھالىمغا قوي، ئازغىنە دەم ئالماقچىمەن»، - دېدى.
سامان ئىڭىشىپ ئاتىسىنىڭ ئىككى قولىنى ئۆپتى- دە، يۈرگەن يولىدا  قېقىلىپ-سوقۇلۇپ، چىقىپ كەتتى. جاھان تىك تۇرغىنىچە گاھ ئاتىسىغا تەلمۈرۈپ، گاھ ئىككى كۆزىگە ياش ئېلىپ، مەبۇد يېنىدىكى شامغا تىكىلەر ئىدى. جاھان ئاتىسىنىڭ  لەۋ قىمىرلىتىشىدىن كۆڭلىدىكى يوشۇرۇن بىر سىرنى ئېيتماقچى بولۇۋاتقىنىنى بايقاپ، كارۋاتقا ئولتۇردى- دە، ئۇنىڭ قولىنى تۇتتى. ئۇنىڭدىن سوغۇق تەر چىققىنىنى، سەل تىتىلداۋاتقىنىنى سەزدىدە: «دادا، مەندە ئىشىڭىز بارمۇ ياكى كېتىۋەرەيمۇ؟» - دەپ سورىدى. ئۇ ياستۇغىنى تۈزەتكەچ: «قىزىم، كېتىۋەر...، يوق...، تۇپتۇر...، مەيلى، كېتىۋەر، بېرىپ دەم ئال!» — دېدى. جاھان تەشۋىشلىنىپ:
- دادا، سىزگە نىمە بولدى؟ ئاكام سامان ئېيتقىنىڭىزنى بىجىرمىگىنى ئۈچۈن خاپا بولدىڭىزمۇ؟ ئۇ مەقسىتىڭىزنى ياخشى چۈشۈنەلمەپتۇ، خالاس، - دېدى. ھاكىم بېشىنى بىر سىلكىب قويدى.
- ئۇ مېنىڭ مەقسىتىمنى چۈشەنمەپتۇ، لېكىن مەن ئۇنىڭ مەقسىتىنى چۈشەندىم. ھىساپ ۋاقتى يېقىنلاشتى... - ئۇ شۇنداق دېدى-يۇ، يېتىپ، ئۇخلاش ئۈچۈن چايشاپنى ئىككى يەلپۈتۈپ كۆتۈرۈپ ئالدى. ئەندى ئاتىسى بۇ توغرىدا كۆپ سۆزلەشنى ئىستىمىگىنىنى سەزگەن جاھان ئۇنىڭ چايشىپىنى توغرىلىدى- دە، قولىنى سۆيۈپ چىقىپ كەتتى. ئۇ ئاكىسىنى ئويلىغىنىچە ئۆز خانىسىغا باردى. ھەيزۇران ئۇنى ئۆيدە كۈتۈپ ئولتۇراتتى. كېلىشى بىلەن يۇقورىغا ئېلىپ، ئاتىسىنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى، «كىيىم-باشلىرىڭنى ئالماشتۇرۇپ، ئورنۇڭغا بېرىپ ئۇخلا»، دېدى.
جاھان ھامان تىك تۇراتتى. ئۇنىڭ خىيالى زىرغامدا ئىكەنلىكىنى بايقىغان ھەيزۇران تەسەللى بەردى:- ھەممە جاي-جايىغا كەتتى، باغچىدىمۇ، ئايۋاندىمۇ چىراقلار ئۆچۈرىلدى، زىرغامدىن ھېچ دىرەك يوق، بەلكى ئەتىگىچە كېلىپ قالار.
بۇ گەپدىن قانائەت ھاسىل قىلغان جاھان ئۇنىڭ ياردىمى بىلەن كىيىملىرىنى ئالماشتۇردى، شۇندىن كېيىن ھەيزۇران خەيرلىشىپ، چىقىپ كەتتى. جاھان ئەندى ئورنىغا ياتاي دەپ تۇرغىنىدا بىر خادىمە كىرىپ: «سامان كەلدى، سىز بىلەن  گەپلەشمەكچى، ھۇزۇرىڭىزغا كىرىشكە رۇخسەت سوراۋاتىدۇ»، - دېدى.
سامان كەلگىنىنى ئاڭلىغان جاھان خۇرسەند بولۇپ كەتتى، چۈنكى ئاتىسىنىڭ ئاڭا قىلغان مۇئامىلىسى جاھانغا غەلىتىرەك تۇيۇلغانىدى. سامان غەمگىن، خاپا ھالدا كىردى. ئۇنىڭ

ئۆي بەكلا ئىسسىپ كەتتى، تالا بەكلا سوغۇق

Rank: 8Rank: 8

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1938

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى 08:39:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاھان مەلىكىنىڭ قوشكىزەك سىڭلىسى روماننىڭ ئاخىرىدا پەيدا بوپ قالامدۇ نېمە؟
بۇ قىزنى ئاكىسى سامان باشقىلارنى ئېلىپ قېچىشقا بۇيرۇغاندەكلا ھېس قىلدىم.
قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان بۇ كالۋا جاھانغا ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كەلمىسىلا بولاتتى.:(
ئايدار ھەدە داۋامىنى؟

Rank: 8Rank: 8

توردا
158 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
467

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى 20:22:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايدار خانىم داۋامى ............. بەك ساقلاپ كەتتۇق جۇمۇ .

Rank: 3Rank: 3

توردا
34 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى
نادىر
1
يازما
224
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى 21:19:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايدار ھەدە سەپەرگە چىقىپ كەتىڭىزمۇ؟

Rank: 1

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
1
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى 12:26:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
、ئايدار ، قوللىرىڭىزغا دەرد كەلمىسۇن. بەك ياخشى ئەسەرلەرنى يوللاپ بىزنى بەھرلەندۈرىۋاتقىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر. رومانىڭىزنىڭ ئاخىرىغا تەشنامىز...

Rank: 8Rank: 8

توردا
813 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
1384

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى 09:00:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي بۇنىڭ ئاخىرىنى يوللاشنى ئۇنتۇپ كىتىپتىمەنغۇ؟

ئۆي بەكلا ئىسسىپ كەتتى، تالا بەكلا سوغۇق
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 08:41 , Processed in 0.048860 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش