يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

ئىگىسى: Aydar

ئايدار-ئىپپەت ئاچقۇچى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
813 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
1384

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى 08:40:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ قىز توقسۇنلۇقمۇ، ئىسىمدە قالماپتۇ... دەپ بەرگىنىلا ئىسىمدە بار...

ئۆي بەكلا ئىسسىپ كەتتى، تالا بەكلا سوغۇق

Rank: 8Rank: 8

توردا
170 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
983

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى 08:45:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
:funk:  ۋاي خۇدايىم. ۋەقەنىڭ ئارقا كۆرىنىشى چىنلىق دەڭە. يۈرەكلەر قارتتىدە قىلىپ كەتتى.
مۇشۇ ھەدە سىڭىللىرىمىز بىرەر پېشكەللىككە ئۇچرىسا ياكى كىشىنى ئېچىندۇرىدىغان قىسمەتلەرگە دۇچار بولسا بەك ئېچىمگە ئېلىپ كىتىمەن جۇمۇ.
ھەممە نەرسىگە زورلۇق قىلغىلى بولىدۇ، ئەمما خانىم قىزلارغا زورلۇق قىلىش مېنىڭچە ئاقىلانىلىق ئەمەس. مەيلى جىسمانىي جەھەتتىن بولسۇن ياكى شارائىت جەھەتتىن بولسۇن، ئاجىزە ھىسابلىنىدىغان خانىم قىزلارنى بۇخىل ئۇسۇلدا ئېگىۋېلىش تولىمۇ ئادىل بولمىغان ۋە رەزىل ۋاستىدۇر.
ئاللا ئىگەم ساقلاپ، جاھاندىكى بارلىق ئاچا سىڭىللار بۇنداق مۇدھىش قىسمەتكە دۇچار بولمىغاي. ئامىن !

Rank: 8Rank: 8

توردا
813 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
1384

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى 11:40:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-ئاكا،ئاكا، مەيلى نىمە قىلسىڭىز مەيلى ئەمما سەل ئولتۇرايلىچۇ، ئاندىن ...
-ھە...-ئۇ كۈلۈپ كەتتى، -مۇنداق دىمەمسەن، ھامان ئىندەككە كېلىدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم، بەز يىمەيدىغان مۈشۈك يوق، جانىم! ئۇ، مېنىڭ يۈزۈمگە سېسىق ئاغزى بىلەن سۆيۈپ قويدى-دە، مېھمانخانا ئۆيگە كىرىپ رومكىغا ھاراقنى توشقۇزۇپ قويدى.
-ئىچە، ئىچسەڭ پەيزى بوپ كىتىسەن، خېلى نازلىرىڭ باردۇ-ھە؟  
-ھاجەتكە چىقىپ كىرەي. –مېھمانخانا ئىشىكىنى قىيا يېپىپ قويۇپ، تازىلىق ئۆيگە كىردىم ۋە تېزلا قايتىپ چىقىپ قېچىپ كەتمەكچى بولۇپ سىرتقا چىقىدىغان ئىشىكنىڭ تۇتقۇچىنى پەم بىلەن تولغىدىم، لېكىن ئىشىك ئېتىك ئىدى، ئىشىكنى ئىچىدىن قۇلۇپلاپ قويغان ئىدى. ئىشىك بىلەن ھەپلىشىپ ئاچالمايدىغانلىقىمغا كۆزۈم يىتىپ، بىردىنلا ھاردۇق يەتكەندەك بولۇپ، كۆزلىرىمگە يىغا ئولاشتى. لېكىن ھازىر يىغلىسام بولمايتتى. شۇڭا ئىشىككە يۆلىنىپ ئامال ئىزدەپ ئۇ ياق-بۇ ياققا قارىدىم، ئىشىكلەرنىڭ ئاچقۇچلىرىغا كۆزۈم چۈشكەندىلا كۆزلىرىم يورۇپ كەتتى. كاللامغا بىر ئەقىل كېلىپ ھەممە ئىشىكلەرنىڭ ئاچقۇچىنى ئېلىۋالدىم ۋە چوڭ ھوجىرا ئۆيگە ئۆيگە كىرىپ ئىشىكنى تاقىۋالدىم.
بىر دەمدىن كېيىن، ئۇ دەلدەڭشىگىنىچە چىقىپ تازىلىق ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى چېكىشكە باشلىدى.
-تاتلىق قىز، چىقىڭ، مەن سىزنى ئوبدان رازى قىلىمەن. چىقمامسىز؟
ئۇ ئىشىكنى چىكىپ ھارغاندىن كېيىن، ئىشىكنى ئىتتىرىپ ئچتى مېنىڭ يوقلۇقۇمنى كۆردى بولغاي ۋاقىراشقا باشلىدى.
-ھۇ جالاپ، نەگە كەتتىڭ، بەرىبىر قاچالمايسەن، بەرىبىر چوڭ ئىشىك تاقاق، چىقالمايسەن، ياخشىلىقچە چىقمىساڭ تېرەڭنى تەتۈر سويىمەن. ئۇ ئىشىكلەرنى ئىتتىرىشكە باشلىدى. چوڭ ھوجرىنىڭ ئىشىكىنى ئىتتىرىپ ئاچالمىغاندىن كېيىن، ئاچقۇچلارنى ئىزلەپ باقتى.
-ھۇ شەرمەندە، ئىشىكنى ئاچ، سېنىڭ قاچقىنىڭنى بىر كۆرەي، مەن سېنىڭ تېرەڭنى تەتۇر سويمىسام، خەپ!!!
ئۇ ئىشىكنى ئىتتىرىشكە، چىكىشكە، مۇشلاشقا، تىپىشكە باشلىدى، لېكىن ئىشىك ئېچىلمىدى، مەن بىر بۇلۇڭدا دىرىلدەپ تىتىرەپ ئولتۇراتتىم. ئۇ بىرەر سائەتتىن كېيىن، جىمىپ قالدى.
شۇ كېچىسىنى كىرپىك قاقماي ئۆتكۈزدۈم، ئىشىكنى ئېچىشتىن قورقاتتىم، ئاچساملا ئۇ مېنى تۇتىۋالىدىغاندەكلا قىلاتتى. تاڭمۇ ناھايىتى تەستە يورىدى، دېرىزە تۈۋىگە كېلىپ، ئاسماندىكى يۇلتۇزلارغا قاراپ ئولتۇردۇم، ئۇلار مېنىڭ قىسمىتىمگە ئېچىنغاندەك كۆزلىرىنى قىسىشىپ تۇراتتى، تاڭ ئاستا-ئاستا يورۇپ، پەستە تازىلىقچىلار يەر سۈپۈرۈشكە باشلىدى. مەن شۇندىلا ئۆي ئىچىنى كۆرۈشكە مۇۋەپپىق بولدۇم، ئۆي شۇنداق چىرايلىق ياسالغان، گىلەم سېلىنىپ، يىكەندازلار تىزىلغان ئىدى. كىيىم ئىشكابى ئىچىدىمۇ بىر مۇنچە يوتقان-كۆرپىلەر يىغىقلىق تۇراتتى. دېرىزىنىڭ قېشىدىكى تومپۇچكا ئۈستىدە تېلىفۇن تۇراتتى، تېلىفۇننى كۆرۈپ، دوستۇم سۈبھىنۇر ئىسىمگە كەلدى. ئاستا پۇتۇمنىڭ ئۈچىدا دەسسەپ بېرىپ تېلىفۇن تىروپكىسىنى ئېلىپ قۇلىقىمغا ياقتىم، تېلىفۇن ئۇرغىلى بولىدىكەن. شۇئان ياتاققا تېلىفۇن ئۇردۇم.
-ۋەي، كىمنى ئىزدەيسىز؟ -تېلىفۇننى ئۇيقۇلۇق ئاۋازدا بىرسى ئالدى.
-سۈبھىنۇرنى.
-ۋەي، كىمۇ؟-سۈبھىنۇرنىڭ ئاۋازىدىنمۇ ئەمدىلا ئويغانغانلىقى چىقىپ تۇراتتى.
-ئاداش، مەن پەرىدە، مېنى قۇتقۇزىۋال.
-ئاداش، نەگە كەتتىڭ، ئاخشام كەلمىگەنتىڭ، شۇنداق ئەنسىرىدىم.
-ساڭا جىق چۈشەندۈرەلمەيمەن، مەن ھازىر خەتەر ئىچىدە، ئاخشام ئالىيە تاغاملارنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىمەن دەپ باشقا بىر يەرگە ئاپىرىپتۇ. سەن دەرھال كاماللارنى ئېلىپ مېنى بۇ يەردىن ئېلىپ كەت.
مەن ئۇنىڭغا بۇ يەرنىڭ ئادرىسىنى ۋە دېرىزىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان بىنانىڭ نومۇرىنى دەپ بەردىم. يېرىم سائەتتىن كېيىن، ئىشىكنى بىرلىرى چەكتى.
-كىمۇ؟
-بىز ئاغىنەڭ، ئىشىكنى ئاچ،
ھېلىقى ئادەم بېرىپ، ئىشىكنى ئاچتى، ئىشىك ئېچىلىشى بىلەنلا بىر نەچچەيلەن ئىشىكنى ئېچىپ كىرىپ كەلدى.
-پەرىدە، سەن نەدە؟
-مانا مەن، مەن ئىشىكنى ئېچىپلا مېنى ئىزلەۋاتقان سۈبھىنۇرغا ئۆزۈمنى ئېتىپ ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتىم.

داۋامى بار

ئۆي بەكلا ئىسسىپ كەتتى، تالا بەكلا سوغۇق

Rank: 8Rank: 8

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1938

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى 15:38:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرىدە قىز بوش كەلمىدى يارايدۇ. بۇنداق قىيىن ئەھۋال ئاستىدا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ ئەقىلنى ئىشلەتمەك تەس.
ئاۋۇ ئىپلاسنى پەرىدەنىڭ دوستلىرى راسا بىر دۇمبالىسا بوپتىكەن.

Rank: 8Rank: 8

توردا
170 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
983

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى 16:16:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرھال ساقچىخاندىكىلەرنى چاقىرىپ بۇنداق بۇزۇقلارنى ئۇۋىسىنى چۇۋىۋېتىش كېرەك، ئالىيە دىگەن سولاپ بەرگەننىمۇ نەدىن بولمىسۇن تېپىپ كېلىپ قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىش كېرەك.
ئۇھ ئەمدى يۈرىكىم جايىغا چۈشتى.

Rank: 8Rank: 8

توردا
813 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
1384

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 17:27:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارقىدا تېخىمۇ خاتىرجەم بوپ ئۇخلاپ كىتىسىز....:$ ;P

ئۆي بەكلا ئىسسىپ كەتتى، تالا بەكلا سوغۇق

Rank: 8Rank: 8

توردا
170 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
983

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 17:31:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرىنى تېزراق يېزىڭچۇ. :lol  تازا قىزىپ كۆرىۋاتىمەن مۇشۇ كۈنلەردە .

Rank: 8Rank: 8

توردا
813 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
1384

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 17:42:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                      3
مەكتەپ پۈتتۈردۇق، سىنىپىمىزدىكى كۆپىنچە بالىلار مەكتەپ پۈتتۈرۈش رەسمىيىتىنى ئۆتەشكە ماڭدۇق، ئالىيە قاتارلىق بىر نەچچەيلەن پۈتتۈرەلمىدى. ھېلىقى ئىشتىن كېيىن سىنىپىمىزدىكى بالىلار ئالىيەگە گەپ قىلمىدى. ئۇنى ئارىغا ئالمىدى. ئالىيەمۇ شۇندىن كېيىن ھېچكىم بىلەن ئارىلىشىشقا پېتىنالمىدى،
مەن بۇ شەھەردە قېلىپ قالدىم، ھازىر بىر نەچچە قىز بىلەن بىللە خىزمەتداش بولۇپ ئىشلەيمەن، خىزمەتداشلىرىم گەرچە شۇنچە ياخشى، ئوچۇق، قىزغىن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بىلەن بىر يەرگە بارمايمەن، بارساممۇ كەچتە ئۇلار باشلىغان يەرلەردە قونمايمەن.
مېنىڭ بىلەن ئۇدۇل ئۈستەلدە ئولتۇرىدىغان خاسىيەت شۇنداق ياخشى قىز،بىر كۈنى ئۇ  بىزگە يېقىندا ئۆزىنىڭ توي قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
-ۋۇي، نىمانچە ياخشى ؟! –قىزلار چوقىرىشىپ كەتتۇق. –قېنى قانداقراق يىگىت تاپتىڭىز، بىز كۆرەيلىچۇ،
خاسىيەت تارتىنغان ھالدا پورتمالىغا سېلىۋالغان رەسىمنى چىقىرىپ بىزگە كۆرسەتتى . رەسىمدە خاسىيەتتىن چوڭراق بىراۋ ئۇنى قۇچاغلاپ تۇراتتى. ئەرگە قاراپ، ئۇنى نەدىدۇر بىر يەردە كۆرگەندەك ھېس قىلدىم.
-خاسىيەت، دەڭە، ئۇ ياقنىڭ ئىسمى نىمە ؟
-غۇپۇرجان،
-قانداق تونۇشۇپ قالدىڭلار.
خاسىيەت بىر توپ قىزلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ قانداق تونۇشۇپ قالغانلىقىنى دەپ بىرىۋاتاتتى. مەن رەسىمگە قاراپ ئولتۇرۇپ، ئۇ ئەرگە تىكىلىپ قارىدىم، ئۇنى زادى نەدە كۆرگەندىمەن ؟  بىر قولۇمدا سۈرەتنى تۇتۇپ يەنە بىر قولۇمدا يۈزۈمنى تاتلىدىم. ھە راست، بۇ  مېنى بىر كاچات سالغان، ئالىيە مېنى ئاپىرىپ سېتىۋەتكىلى قىل قالغان ھېلىقى ئادەمغۇ ؟ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم، ئىچ-ئىچىمدىن چىققان بىر يىغا بوغۇزۇمنى قىستايتتى. سۈرەتنى خاسىيەتكە بەردىم. خاسىيەت مەن بىلەن بىللە خىزمەتكە چىققان، يوۋاش، ئاقكۆڭۈل قىز ئىدى. ئۇ ئالدىنىپ قالسا، بۇنداق ئادەم بىلەن توي قىلسا بولمايتتى.
-خاسىيەت، بۇ ئادەمنىڭ...غوپۇرجاننىڭ ئۆيى نەدە؟
-ئاينۇرى مەھەللىسى، 26بىنادا
-قانچىنچى قەۋەتتىكەن ؟
-ۋاي-ۋۇي، بەك ئىنچىكىلەپ سوراپ كەتتىڭىزمۇ قانداق ؟
-بىلىپ باقاي دىدىم، تاغامنىڭمۇ ئۆيى شۇ تەرەپتە ئىدى.
- تۆتىنچى قەۋەتتىكەن.
-ھە....
خاسىيەتكە نىمە دىيىشىمنى بىلمىدىم، بۇنداق ئوپچە سورۇندا ئۇنىڭغا نىمىمۇ دىيەلەيمەن.
ئەتىسى خاسىيەت بىلەن ئايرىم قالغاندا ئۇلارنىڭ مۇھەببەت كەچۈرمىشلىرىنى سورىدىم، يىگىتى بىلەن تونۇشقىلى ئىككى ئاي بوپتۇ، لېكىن غوپۇرجان توي قىلىشقا ئالدىراتقىنى ئۈچۈن توي ۋاقتىنى بىكىتمەكچى بوپتۇ.
-ھە، يىگىتىڭىز ياخشىمۇ؟
-مەن جىق چۈشەنمەيمەن، ئەمما ياخشىدەك قىلىدۇ، توي قىلايلى دەپ بەك ئالدىرىتىۋاتىدۇ.
-ھە، ئەگەر يىگىتىڭىز ياخشى چىقمىسىمۇ توي قىلىۋىرەمسىز ؟
-ياقەي، مەنمۇ شۇ ئىككىلىنىپ قېلىۋاتىمەن. قانداق قىلسام بولار دەپ بېشىم قاتتى.
-يىگىتىڭىزنى مەن كۆرۈپ باقايمۇ؟ مېنىڭ كۆزۈم خېلىلا پىششىق،
-ماقۇل، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن مېنى ئالغىلى كېلىدۇ، شۇ چاغدا كۆرۈڭ.
چۈشتىن كېيىن ئىشتىن چۈشەر چاغدا خاسىيەت بىلەن بىللە پەسكە چۈشتۇق، غوپۇرجان دىگەن ئىگىز، پاينەك باش بالا يەنە ھېلىقى ئوتتۇرا بوي، سىمىز ئاغىنىسى بىلەن خاسىيەتنى ئالغىلى كەلدى. ئۇ ئىككىسىگە قاراپ خاتا كۆرمىگىنىمگە جەزىم قىلدىم. ئۇلار كەتكەندىن كېيىن ئاندىن ئىشىكتىن چىقىپ ياتىقىمغا ماڭدىم.
شۇ كېچىسى زادىلا ئۇخلىيالمىدىم. كۆزۈمگە ئۇيقۇ كىرەر ئەمەس. ئەگەر خاسىيەتكە بۇ گەپلەرنى دىسەم قانداق بولار؟ دىمىسەم قانداق بولار؟
ئەتىسى چۈشتە ئاشخانىدا ئالىيەنى ئۇچىرىتىپ قالدىم. ئالىيەنىڭ بۇرۇنقى چىرايى يوق، ئورۇقلاپ تاتىرىپ كىتىپتۇ، ئۇ مېنى كۆرۈپلا ماڭا ئېسىلىپ يىغلاپ كەتتى. ئۇ مەكتەپ پۈتتۈرەلمىگەندىن كېيىن ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭدىن قاتتىق خاپا بولۇپ، ئاغرىپ قاپتۇ، ئەمەلىيەتتە ئالىيەنىڭمۇ ئائىلە ئىقتىسادى ئۇنچە ياخشى ئەمەسكەن، ئۇ ئاتا-ئانىسىنى داۋالىتىمەن دەپ قىلمىغان خىزمىتى قالماپتۇ، ھازىر بىر سۇغۇرتا شېركىتىدە ئىشلەۋىتىپتۇ،
-ئاداش، سەن ماڭا تاپشۇرۇقۇڭنى بىرىپ تۇرمىغاندىلا مەن ساڭا قاتتىق ئۆچ بولۇپ كەتكەن، شۇڭا سەندىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن غۇم ساقلاپ يۈردۈم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىمتىھاندا ئېيتىپ بەرمىگىنىڭ ئۈچۈن سېنى ۋەيران قىلىۋىتەي دەپ سېنى ھېلىقى ئادەملەرنىڭ قېشىغا ئاپارغان ئىدى،-ئالىيە بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى. –مەن سېنى مىڭ يۈەنگىلا سېتىۋەتكەن ئىدىم.
-بولدى، ئۇ گەپلەرنى دىمىگىن، ھېلىقى غوپۇرجان دىگەن قانداقراق ئادەم.
-ئۇنىڭ گېپىنى قىلما، ئۇ دىگەن ئۆتۈپ كەتكەن بۇزۇق، ئەسكى ئادەم،
-ئۇ ھازىر مېنىڭ بىر خىزمەتدىشىم بىلەن توي قىلاي دەۋاتىدۇ؟
-نىمە ؟ -ئالىيە ھاڭۋاققان پېتى تۇرۇپلا قالدى- ئۇنىڭدا كېسەل بار. مەنمۇ كېسىلىمنى ئاران داۋالىتىپ بولدۇم، ئۇ يېقىن يولايدىغان ئادەم ئەمەس. ئۇ توينى دەررۇ ياندۇرايلى.

ئۆي بەكلا ئىسسىپ كەتتى، تالا بەكلا سوغۇق

Rank: 8Rank: 8

توردا
170 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
983

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 21:19:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىرسۇناژلارنىڭ خارەكتىرىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشى ھىكايە ۋەقەلىكىنى تېخىمۇ قىزىقارلىق قىلىۋېتىدۇ. مەن بەك ياقتۇرىمەن بۇنى.
ئالىيە ۋىجدان ئازابىدا ئاز پۇچۇلانماپتۇ. دۈشمەندىن ئۆزگەرگەن دوست بەزىدە جېنىنىمۇ ئايىمايدۇ.
ۋەقەلىكنىڭ كەينى زادى قانداق بۇلار. خاسىيەت دىگەن ئىسىمنى بەك ياقتۇرىمەن. چۈنكى بۇ مېنىڭ مېھرىبان ئاپامنىڭ ئىسمى بىلەن ئوخشاشكەن.
ئۇلاھىم شۇ قىزغا بىرەر پېشكەللىك كەلمىسىدى؟
توي ياكى يۈرىۋاتقان ئىشتا ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ ئارلىشىشى تازا ياخشى ئەمەس، بولۇپمۇ ئوغۇللارنىڭ ئوغۇل دوستلىرى ۋە قىزلارنىڭ قىز دوستلىرى ئارلاشسا راستىنلا كۆپ ھاللاردا ئارىغا كىرگۈچى ئازار يەيدىغان ئەھۋال كۆپ.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى 11:25:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ غوپۇرجان دىگەن قىزلارنى تولا كۆرۈپ مۇتەخەسىس بولۇپ كەتكەن نەرسە دەڭە، شۇڭا يۇۋاشراق خاسيەتنى قوياي دەپتۇ-دە، قېنى داۋامىنى تېزراق يوللىڭە، بۇ ئاچقۇچ خاسيەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشتىكى مۇھىم بىر ھالقا بولۇپ قالامدۇ قانداق؟

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 08:15 , Processed in 0.162273 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش