ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكرو بىلوگ 2736 پارچە  

مىكرو بىلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 20054|ئىنكاس: 76

ئايدار-ئىپپەت ئاچقۇچى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

تېما
116
يازما
2397
نادىر
5
جۇغلانما
7639

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 16:38:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                                   ئىپپەت ئاچقۇچى

1

شۇ كۈننى مەڭگۈ ئۇنۇتمايمەن، ئۇ كۈنى ھاياتىمدىكى ئەڭ قاباھەتلىك كۈن.
    ئۇ كۈنى كەچكە يېقىن يازلىق تەتىلگە چىقىشنىڭ ئالدىدىكى ئىمتىھانلارنىڭ ھەممىسىنى بېرىپ بولۇپ، مەكتەپ ئالدىدا سالقىندىدىم، كاللام قۇپقۇرۇق، يېڭى چىققان كىنولاردىن بىرەرنى ئېلىپ ياتاققا ئەكىرىپ، سۈبھىنۇرنىڭ كومپىيۇتېرىدا كىنو كۆرۈشنى ئويلىدىم ،  ئىمتىھان دېگەن بۇ نەس باسقۇردىن يۇقىرى نومۇر ئالالىساملا بولاتتىغۇ، كېچە-كېچىلەپ تەكرار قىلدىم، ئويلاپ باقسامغۇ، بىر نەچچە بوش ئورۇننى خاتا يازغاندەك قىلىمەن، بۇلارنى ئويلاپ ئەلەم بىلەن قولۇمدىكى كىتاب بىلەن ئۆزۈمنى يەلپۈدۈم.
    كىنو دېسكىسى ئىجارە بېرىدىغان يەرگە بارسام تاقاق تۇرىدۇ، يەنە بىر دۇكان مەكتەپنىڭ ئاياغ تەرىپىدە، ئۇ يەرگە بېرىپ كېلىشكە ماغدۇرۇم يەتمەيدىغاندەك قىلدى. يەنە مەكتەپ ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇم، شۇ يەردە ھېچقاياققا مىدىرلىغۇممۇ يوق، ئىمتىھاننى بولسا خىيالمۇ قىلغۇم كەلمىدى، ئەمدى بەرىبىر بېرىپ بولدۇم، نېمىلا قىلسام بەرىبىر. ئۆينى ئويلىدىم، ئاپام كەڭ كۆڭلىكىنى كىيىپ، ھويلىدىكى كىچىك كارۋاتتا ئولتۇرغانمىدۇ؟ مۇشۇ تاپتا  ئۆرۈكلەر پىشىپ كەتكەندۇ-ھە؟ بىزنىڭ ئۇ يەردە ئۆرۈك سەل كېيىن پىشىدۇ. ئۆرۈكلەرنى ئويلاپ ئاغزىمغا سېرىق سۇ كەلدى، شۇ ھامان قورسىقىم غورۇلداپ كەتتى، تاماق يەي دەپ ماڭسام ئىمتىھاندا كەينىمدە ئولتۇرغان ئالىيە ئۇچراپ قالدى. ئۇ ئىمتىھان ۋاقتىدا قەلىمى بىلەن بېقىنىمنى تولا نوقۇپ ھالىمنى قويمىغان ئىدى.
    -پەرىدە، نەگە ماڭدىڭىز؟
    -تاماق يىگىلى، ھە نوچى، بېقىنىمنى تۆلەڭ جۇمۇ! بېقىنىم ھازىرغىچە ئاغرىيدۇ..
    -ھىم، سىز ماڭا ئاران نەچچە تاللاشنىلا دەپ بەردىڭىز، قەغىزىڭىزنى ساڭگىلىتىپ قويۇڭ، دەپ نەچچە دېسەممۇ ئۇنىمىدىڭىز.
    -مېنى قوغلاپ چىقىرىۋەتسە ھە؟ -كۆزۈم چەكچىيىپ كەتتى.
    -نەدىكىنى، باشقىلارمۇ شۇنداق كۆچۈردىغۇ، سىزگە ئىشىنىپ كەيىنىڭىزدە ئولتۇرسام....-ئۇ چىرايىمنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرۈپ قالغان گېپىنى يۇتىۋەتتى.-بوپتۇلا، ئىشقىلىپ ئاتمىش نومۇر ئالساملا بولدى، سىزدەك ئەلاچىلارغا يەتمىسەكمۇ.
     -پۇۋۋۋۋ... بۇ يەر بەك پۇراپ كەتتى. –دېدىم قولۇم بىلەن يەلپۈپ، ئۇ مېنىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنىمنى بىلىپ كۈلۈپ كەتتى.
     -جۈرۈڭە پەرىدە، بىللە تاماق يەيلى، ئىمتىھان بېرىپ ھېرىپ كەتتىڭىز، -ئۇ مېنى قولتۇقلاپ يول بويىغا كەلدى. –بەرىبىر بۈگۈن ئىمتىھان تۈگىدى. ئىككىمىز بىللە ياخشى تاماق يەپ كىلەيلى.
     ئۇ تاكسىدىن بىرنى توسۇپ مەكتەپ ئاشخانىسدا بىر ۋاق تاماق يىسەكلا بولدى ، دېگىنىمگە ئۇنىماي مېنى چىقىرىپ ئېلىپ ماڭدى.
تاكسى ھەشەمەتلىك بىر ئاشخانىنىڭ ئالدىدا توختىدى، مەن بۇ ئاشخانىنىڭ ئالدىدىن نەچچە ئۆتكەن بولساممۇ كىرىپ باقمىغان ئىدىم.
     -جۈرىڭە، نىمە قاراپ تۇرىسىز؟  بىر ۋاق تاماق يەيمىزغۇ شۇ ...
     ئالىيە مېنى ئىتتىرىپ دىگۈدەك ئىشىكتىن كىرگۈزدى. ئىشىكتە چىرايلىق كىيىنگەن ئىككى قىز "خۇش كەپسىز !" دېگىنىچە بىزنى قارشى ئالدى. مەن ئۇلارغا قىزىقسىنىپ قارىغىنىمچە ئىشىكتىن كىرىپ، ھەشەمەتلىك زىننەتلەنگەن ئاشخانىغا بىر ھازا قاراپ تۇرۇپ كەتتىم. ياتاقتىكىلەر بىر نەچچە قېتىم بۇ ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يەپ كەلگەن، ماڭا پارىڭىنى قىلىپ بەرگەن بولسىمۇ، مەن كىرىشكە ۋاقىت چىقىرالمىغاندىم، توغرىسى بۇنداق ھەشەمەتلىك ئاشخانىنىڭ قىممەت تاماقلىرىغا چىقىش قىلالمىغان ئىدىم.
    -ئاۋۇ يەردە بوش ئورۇن باركەن، پەرىدە. –ئالىيە قولۇمدىن يىتىلەپ دېرىزە تەرەپتىكى بوش ئورۇنغا ئېلىپ كەلدى ۋە ئورۇندۇقنى ئالدىغا سۈرۈپ مېنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. دېرىزىدىن سىرتقا قارىدىم، سىرتتا كىشىلەر ئۆتۈپ-كېچىپ تۇراتتى. بەزىلەر يولدىن ئۆتۈۋېتىپ، ئاشخانا ئىچىگە قارىشىپ قوياتتى، يولدىكى ئاسما كۆۋرۈكنىڭ تۈۋىدە بىر تىلەمچى بوۋاي ئالدىغا موچەنلىك پۇللار قىسىلغان قىسقۇچىنى قويۇپ، كىشىلەرگە پەرۋاسىز قاراپ ئەسنەپ ئولتۇراتتى.

داۋامى بار دەپ ھېكايىسىنى توختاتتى ئايدار گۈزەل


[ Coffee بۇ يازمىنى  2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 10:21  دە تەھرىرلىگەن. ]

ماۋۇ كومپىيۇتىر ئىمتىھانى تېزراق تۈگىسە، ئاندىن ئاراملىققا چىقاتتىم.

Rank: 6Rank: 6

تېما
30
يازما
1938
نادىر
1
جۇغلانما
2584
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 16:51:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرىدە قىز ئىپپەت ئاچقۇچىنى مەھكەم ساقلىيالارمۇ؟
ئادەمنى قىزىقتۇرىدىغان تېمىدىن بىرسى باشلاندى. داۋامىغا تەشنامىز...........

Rank: 8Rank: 8

تېما
14
يازما
996
نادىر
2
جۇغلانما
854

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 16:57:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىكايىنىڭ باشلانمىسىكەندە.
ئاشخانىنىڭ تۈزىلىشى ۋە سىرتقى تەسۋىرى كىشىگە ئۈرۈمچىدىكى   "سېرىك ئۆمىكى"  يېنىدىكى ئاشخانىلارنى ئەسلىتىدىكەن . داۋامىنى ئۈزمەي تېزراق يازارسىز ئەمدى.

Rank: 8Rank: 8

تېما
14
يازما
996
نادىر
2
جۇغلانما
854

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 16:58:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىيەنىڭ بۇ تامىقى پەرىدەگە رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىنمۇ ياكى ؟ ئىلاھىم پەرىدەگە بېشىدىلا بۇنداق كۆز تەگمىگىيدى؟:(

Rank: 8Rank: 8

تېما
116
يازما
2397
نادىر
5
جۇغلانما
7639

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 17:00:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋرال ئاشخانىسى...

ماۋۇ كومپىيۇتىر ئىمتىھانى تېزراق تۈگىسە، ئاندىن ئاراملىققا چىقاتتىم.

Rank: 6Rank: 6

تېما
4
يازما
305
نادىر
0
جۇغلانما
1195
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 20:08:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گاڭ خېنىم پروزا ساھەسىگە ھۇجۇم قىپتۇدە !

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تېما
86
يازما
4665
نادىر
4
جۇغلانما
11375

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 21:25:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك ئەسەرلىرىڭىزنى كۆرۈپ شۇنداق خوش بولدۇم <دادا مېنى باغرىڭغا باس> نى قاچانراق يوللايسىز دوستۇم !
ئىلھامىڭىزغا كۆز تەگمىگەي!

Rank: 8Rank: 8

تېما
116
يازما
2397
نادىر
5
جۇغلانما
7639

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 21:31:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇمۇ نۆۋەت ساقلاپ تۇرىۋاتىدۇ.

ماۋۇ كومپىيۇتىر ئىمتىھانى تېزراق تۈگىسە، ئاندىن ئاراملىققا چىقاتتىم.

Rank: 8Rank: 8

تېما
27
يازما
2443
نادىر
0
جۇغلانما
2534

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 22:25:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇپ تازا قىزىققاندا توختىتىدىغىنى مۇشۇ ئايدارنىڭ ......

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 8Rank: 8

تېما
116
يازما
2397
نادىر
5
جۇغلانما
7639

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 10:01:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-نېمە تاماق يەيسىز ؟
-سۇيۇقئاش ئىچەيمىكىن.-دېدىم مەن ئاستاغىنە. مەن ئالىيە بىلەن جىق ئارىلىشىپ كەتمەيمەن. باشتىلا ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغانىدىم. بىرىنچى يىللىقتا ئوقۇۋاتقىنىمىزدا ئۇ مېنىڭ ماتېماتىكا تاپشۇرۇق دەپتىرىمنى ئېلىپ تاپشۇرۇقنى كۆچۈرىۋالدى. لېكىن ئۇ قارىمايلا خاتا كۆچۈرگەنلىكتىن، مۇئەللىمدىن تەنقىد ئىششىتىپ، مېنى تىللاپ سىنىپتا بىر قىلىۋەتكەن ئىدى. مەن ئۇنىڭ تىللاشلىرىنى ئاڭلاپ ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالغان، نېمە دېيىشىمنى بىلمەي تۇرغاندا، ياتاقدىشىم سۈرىيە ۋەقەنىڭ تېگىگە يىتىپ ئۇنى تىللاپ پوسكايتىۋەتكەن ئىدى. شۇندىن باشلاپ گەپلەشمەيتتۇق.  لېكىن كېيىن ئالىيە بۇ ئىشلارنى ئۇنتۇپ قالغانمۇ ياكى باشقا سەۋەبتىنمۇ ماڭا گەپ قىلىدىغان بولۇپ قالغانىدى.
-ۋاييەي، نېمە دەيدىغانسىز، سۇيۇقئاشنى مەكتەپ ئاشخانىسىدىن ئىچىۋىلىڭ، بۇ يەرگە كەلگەندىكىن تۈزۈكرەك تاماق يەيلى، مەن بۇيرۇتاي ئەمىسە.
ئۇ ياڭاق قاتلىمىسى، غولپىياز گۆش قۇرۇمىسى، يۇمىلاق موگۇ گۆش قۇرۇمىسى، لەڭپۇڭ ۋە گۈرۈچ ئاش بۇيرۇتتى.
   -ھە راست، ئىككى ئىستاكان مارۇژنى، تاماقتىن كېيىن ئەكىلىڭ.-دەپلا يانچۇقىدىن يۈز يۈەننى چىقىرىپ كۈتكۈچىگە بەردى.
   -ئالىيە، بۇ نېمە قىلغىنىڭىز، مەندىمۇ پۇل بار ئەمەسمۇ؟
   -بۈگۈن مەن مېھمان قىلاي. ئىمتىھاندا ياردەم قىلغىنىڭىزغا ئېيتقان رەھمىتىم بولۇپ قالسۇن.
ئالىيە سىرلىق كۈلۈمسىرەپ ماڭا قارىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قاراپ مېنى سەل ۋەھىمە باسقان بولسىمۇ، ھېچنىمە دېيەلمىدىم.
تاماقنى كۆڭۈللۈك ئولتۇرۇپ يىيىشتۇق. ئۇ ماڭا ئۆيىدىكىلەرنىڭ گېپىنى قىلىپ بەردى. ئۇ ئۆيىدە يالغۇز قىزكەن. ئاكىلىرىنىڭ ھەممىسى توي قىلىپ چىقىپ كېتىپ، ئاتا-ئانىسى، ئالىيە ئۈچىلا قاپتۇ. ئاكىللىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا پۇل ئەۋەتىپ، كۆيۈنۈپ تۇرىدىكەن.
  -ئەممازە، مۇشۇ دەرس ئوقۇش، تاپشۇرۇق ئىشلەش، ئىمتىھان بېرىش دېگەنلەر ماڭا قەتئي خۇشياقمايدۇ، تېزراق ئوقۇش پۈتتۈرسەك، خىزمەتكە چىقسام دەيمەن.
   ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئىپادىسىز ئاڭلاپ ئولتۇردۇم. مېنىڭ بولسا ئوقۇغۇم، ئاسپىرانىتلىقتا، دوكتۇرلۇقتا ئوقۇغۇم، چەتئەلگە چىقىپ بىلىم ئاشۇرغۇم كېلەتتى. لېكىن مېنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىم ئالىيەنىڭكىدىن خېلىلا ناچار. ئەگەر ئۇنىڭكىدەك ياخشى بولغان بولسا مەن يەنە تىرىشىپ ئوقۇر بولغىيمىدىم ۋە ياكى ئالىيەگە ئوخشاش ئوقۇش پۈتتۈرۈشنى ئارزۇ قىلارمىدىم؟
   -قېنى ئېلىڭە، تاماقلار سوۋۇپ قالمىسۇن،-دېدى ئالىيە. مەكتەپنىڭ تاماقلىرىغا قارىغاندا بۇ يەرنىڭ تاماقلىرى بەكلا ئېسىل ئىدى. ياڭاق تۈرمىلى دېگەننى مەن ئۆمرۈمدە يەپ باقمىغان ئىدىم. ياڭاق تۈرمىلىدىن بىر كېسىم ئېلىپ ئاۋايلاپ چاينىدىم، شۇنداق لەززەتلىك، شۇئان كۆز ئالدىمغا ئاپام ئېتىپ بىرىدىغان تۇخۇم تۈرمىلى كۆز ئالدىمغا كەلدى، تۇخۇمدىن نېپىز پوشكال سېلىپ، ئاندىن ئۇنىڭ ئارىسىغا ياڭاق مېغىزى، ئۈزۈم، سىيادانلارنى ئارىلاشتۇرۇپ ئەتسە بولىدىكەن، ئۆيگە بېرىپ ئۆيدىكىلەرگە ئېتىپ بەرمىسەم.
    تاماقنى ناھايىتى سىپايىلىق بىلەن لەززەتلىنىپ يەپ تۈگەتتۇق، ئالىيە قىزغىن، مېھرىبان ھالدا مېنى توختىماي تاماققا زورلايتتى، يەنە نېمە يىگۈم بارلىقىنى سورايتتى، بىر مۇنچە نەرسە يىدۇق، يەنە نەگە يەرمىز، ئۇنىڭ تەكلىپلىرىنى مەنمۇ كۈلۈمسىرەپ سىلىقلىق بىلەن رەت قىلدىم.
    -مارۇژنى يەڭ، تاماقنى سىڭدۈرىدۇ.-ئۇ بىر ئىستاكان ماروژنىنى ئالدىمغا سۇندى. ساپسېرىق، ئىستاكانلاردىن تېشىپ چىققان مارۇژنىنى ئىشتىھا بىلەن يىدۇق، ئۇ توختىماي گەپ قىلاتتى. ئۆزىنىڭ تونۇشلىرى، ئەل-ئاغىنىلىرى، تۇغقانلىرىنىڭ قىزىقارلىق ئىشلىرى توغرىلىق سۆزلەپ مېنى كۈلدۈرۈشكە تىرىشاتتى. مەن ئۇنىڭ تاماققا تەكلىپ قىلىشىنىڭ، بۇنچە قىزغىن بولۇپ كېتىشىنىڭ كەينىدە زادى نېمە مەقسەت-مۇددىئا بارلىقىنى بىلەلمەي ئاۋارە ئىدىم.

باھا سۆز

ئەنسارى  كۆپچىلىكنىڭ ئىملاسىمۇ سىزنىڭكىدەك توغرا بولغان بولسا، بەك ياخشى بولاتتى.  يوللىغان ۋاقتى: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى 22:55:50
ماۋۇ كومپىيۇتىر ئىمتىھانى تېزراق تۈگىسە، ئاندىن ئاراملىققا چىقاتتىم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش