يېقىندىن بېرى مۇنبەردە، بولۇپمۇ جىلۋە قاتارلىق تورداشلارنىڭ يېقىندىن ياردەمدە بولۇشى بىلەن ياش شائىرەمىز چىمەنگۈل ئاۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرى توغرىسىدا كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدۇق، شۇنداقلا مۇنبەردە ناھايتى يۇقۇرى كەيپىيات شەكىللەندى، بۈگۈن ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ بۇ ئەھمىيەتلىك تېمىسىنى ئوقۇپ تېخىمۇ خۇش بولدۇم، چىمەنگۈلگە چاقچاق قىلىپ:
- مۇنبەردە چىمەنگۈل ئاۋۇت قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ جۇمۇ، دەپمۇ قويدۇم

.
بارلىق دوستلارغا، ئۇلارنىڭ ئەمگىكىگە رەھمەت!
بولسا مانا مۇشۇنداق ئەل سۆيگەن يازغۇچى، شائىر ۋە شائىرەلىرىمىز شۇنداقلا، باشقا ساھەدە ئۈنسىز تەر تۆكۈۋاتقان مېھنەتكەشلىرىمىزنى مۇنبەر يۈزىدە دوستلار بىلەن داۋاملىق تونۇشتۇرۇشقا تىرىشساق، بۇ جەھەتتە مەن ئەڭ ئالدىدا مېڭىشقا تىرىشىمەن!
