يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 

 

ئىزدەش
يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى باش بەت ئاياللارنىڭ بۈگۈنى ياش شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت بى ...
كۆرۈش: 1072|ئىنكاس: 9
go

ياش شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت بىلەن سۆھبەت

Rank: 8Rank: 8

توردا
173 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى 
نادىر
يازما
493 

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى 14:03 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەنۋەرجان مەتنىياز


      مۇخبىر : ئەسسالامۇئەلەيكۇم چىمەنگۈل ، يىل بېشىدا باشقا ساھەلەردىكىگە ئوخشاشلا قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدىكى ئىشلارنىڭمۇ خېلىلا ئالدىراش ئىكەنلىكىنى بىلىمەن ، شۇنداقتىمۇ  قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى ئېلىپ ، سىز بىلەن سۆھبەتلەشكىلى كەلدىم .


    چىمەنگۈل : سىزگە كۆپ رەھمەت .

    مۇخبىر: ئالدى بىلەن ‹‹بارسا كەلمەس يول››ناملىق شېئىرلار توپلىمىڭىزنىڭ مەملىكەتلىك 9–نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹تۇلپار ئەدەبىيات مۇكاپاتى››غا ئېرىشكەنلىكىنى قۇتلۇقلايمەن .   
   چىمەنگۈل:قېرىنداشلارنىڭ ، دوست–يارەنلەرنىڭ خوشاللىقى ئۈچۈن خوش بولۇش ، قايغۇسى ئۈچۈن قايغۇرۇش—بىز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلەتلىرىنىڭ بىرى . شۇنداقلا ئادىميىلىكنىڭ سەل قارىغىلى بولمايدىغان بەلگىسى . مېنىڭ ئىجادىي ھاياتىمىدىكى بۇ تاسادىپىيلىقتىن سۆيۈنگەن ، مەندىن رىغبەت ، مەدەتلەرنى ئايىمىغان ئۇستازلارغا ، قەلەمكەش دوستلارغا ، دىلكەشلەرگە مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.
      جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى،  دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ، گۇيجۇ ئۆلكىلىك پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئويۇشتۇرغان مەملىكەتلىك 9–نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر‹‹ تۇلپار ئەدەبىيات مۇكاپاتى››نى تارقىتىش يىغىنى 2008 –يىلى 11–ئاينىڭ 16 –كۈنىدىن 19–كۈنىگىچە گۇيياڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.  يىغىن تەييارلىقىدىكى خاسلىق ، قىزغىنلىق مېنى ئەدەبىيات ئىخلاسمەنى بولغانلىقىمدىنلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر بولغانلىقىمدىن تولىمۇ ئىپتىخارلاندۇردى . سەۋەبى ، بۇ قېتىمقى باھالاشتا باھالىغۇچىلارنىڭ ئانا تىل بىلەن يېزىلغان ئەسەرلەرگە دىققەت–نەزەرىنى ئاغدۇرغانلىقى يىغىن باشلىنىشتىن تارتىپ ، تاكى ئاخىرلاشقىچە تەكرار قەيت قىلىندى . دۆلەت تىلى بىلەن يېزىقچىلىق قىلىدىغان چىياڭزۇ ، مانجۇ...قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى بىزگە سۆيۈنىش بىلەن قاراۋاتقاندا ، دوللىمىزغا يېنىك ئۇرۇپ قويۇۋاتقاندا مەن بېشىمدىكى ئۇيغۇر دوپپىسى بىلەنلا ئەمەس ، بەلكى ئانا تىلىمىز بىلەن ، ئۆچمەس يېزىقىمىز بىلەنمۇ پەخىرلىنىش شەرىپىگە ئېرىشكەنلىكىمدىن رازى بولدۇم .     مۇخبىر: ‹‹بارسا كەلمەس يول›› نى شېئىرلار توپلىمىڭىزغا ماۋزۇ قىلىپ تاللىشىڭىزدا قانداق سەۋەپ بار؟   :  
    چىمەنگۈل: مەن ئەزەلدىن ئەسىرىم پۈتۈپ چىققاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ماۋزۇ قويۇشقا ئادەتلەنگەن . ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدىن ئۆرنەك ئالغان دېسەممۇ بولىدۇ. مەردۇ–مەردانىلىق، تەۋەككۈلچىلىك ، ۋاپا ھەم ھايانىڭ ھاياتلىقتىكى سالمىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان خەلق چۆچەكلىرىمىزنىڭ ئەلۋەتتە مېنىڭ قەلبىمدىمۇ يارقىن ئىزناسى بار. چۈنكى ‹‹بارسا كەلمەس يول››دېگەن شېئىرىمدىكى تۇيغۇ قاتلىمى، تەقدىر–قىسمەتتىن تۇيغۇغا ، تەبىئەت مەنزىرىسىدىن ئىنسان تەبىئىتىگە ، بۇرۇختۇمىلىقتىن سەمىمىلىككە ، ھەسرەت ھەم ئازاپتىن مېھر–مۇھەببەتكە تۇتۇشۇپ كېتىدۇ. مانا مۇشۇنداق ھەممىمىزگە ئۆرتاق بولغان تۇرمۇش رېتىمى ، ۋاقىت سىجىللىقى ، ھايات دىشۋارچىلىقلىرى بىز ئىرادە بىلەن يۈزلىنىۋاتقان تاللاش. كەنجىمۇ ‹‹بارسا كەلمەس يول››نى تاللاشقا جۈرئەت قىلىلالىغانلىقى ئۈچۈنلا بۇ يولدىن قۇرۇق قول قايتمايدۇ .

    مۇخبىر : ‹‹بارسا كەلمەس يول›› ناملىق كىتابىڭىزدىكى بىر تۈركۈم شېئىرلىرىڭىزدا ، شۇنداقلا ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن ‹‹شور دەريانىڭ ئۇ تەرىپى›› (14–نۆۋەتلىك‹‹ خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى››غا ئېرىشكەن) داستانىڭىزدا شەكىل جەھەتتىن ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىنىڭ ، كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدىكى داستانچىلىقنىڭ ئېلېمېنتلىرى بار ئىكەن ، ھازىر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە بۇ خىل ئۇسلۇبتا يېزىلغان داستانلارنى ئۇچرىتىش تەس ، سىز قانداق قىلىپ بۇ داستاننى يېزىش خىيالىغا كېلىپ قالغانتىڭىز ؟

    چىمەنگۈل : ‹‹شور دەريانىڭ ئۇ تەرىپى›› دېگەن بۇ داستاننى يېزىشنى خىيالمۇ قىلىپ باقمىغان چاغلىرىمدا ، بۇ داستاننىڭ ئالتىنچى بابى قىلىنغان ‹‹گۈلبانۇنىڭ چۈشى››دېگەن قىسمىنى ئايرىم بىر ئەسەر سۈپىتىدە شۇنداق بىر تاسادىپىي ۋە يېقىملىق تۇيغۇدا يېزىپ قالغان ئىدىم . ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتكەندە ، ئاپام بىلەن دادام ماڭا خاتىرە شەكىلىدە يېزىپ سوۋغا قىلغان يازمىلارنى ئارام ئالغاچ قايتا ۋاراقلاۋېتىپ ، ئاپامنىڭ‹‹ 7–8 ياشلار ۋاقتىم بولسا كېرەك ، دادام گۆش سېتىۋاتقان دۇكاننىڭ يېنىدا تۇرۇپ سامسا يەۋاتاتتىم ، شۇ چاغدا بازاردا دائىم ئايلىنىپ يۈرۈيدىغان ھەمراق ئىىسىملىك بىر ساراڭ ئايال بار ئىدى ، ئۇ مېنىڭ قولۇمدىكى سامسىنى تارتىۋېلىپلا ئىشتىنىنىڭ ئېغىغا سۈركىۋەتتى. ئۇ دائىم شۇنداق قىلاتتى(ئۇ شۇنداق قىلسام باشقىلار قولۇمدىكىنى تارتىۋالالمايدۇ دەپ قارىسا كېرەك)مەن قورقۇپ يىغلاپ كەتتىم ، دادام ماڭا قاراپ كۈلۈپ قويدى ۋە ئۇ ئايالغا يەنە بىر سامسا بەردى›› دەپ يېزىپ قويغانلىرى ماڭا باشقىچە تەسىر قىلدى. مەن دەسلىپىدە كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇقۇپ ئۆتۈپ كەتكەن ، بۇ قۇرلار بۇ قېتىم نېمىشقىكىن مېنى مۇرەككەپ ھېس–تۇيغۇلارغا چۆمدۈردى. رېئاللىقتىكى ھەمراق دىۋانىنىڭ تەقدىر–قىسمىتى، ئۇنىڭ مېنىڭ تەسەۋۇرۇمدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ئورتاق بولغان ئازاب–ئوقۇبەتلىك كەچمىشىلىرى مېنى خىلى كۈنلەرگىچە چىرمىۋالدى. دەرۋەقە ، بىر ئايالنىڭ ، بىر ئانىنىڭ ئېھتىياجى—بىر مىللەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بولىدۇ . مۇھەببەت بىلەن كۈلپەت ، ھەقىقەت بىلەن نەپرەت ، گۈزەللىك بىلەن رەزىللىك ، سەۋر–تاقەت بىلەن قەھرى–غەزەپ ئۇلغىيىپ ، بىر مەنىۋى دەرياغا ئايلىنىپ كۆز ئالدىمدا ئۆركەشلەپ ئېقىشقا باشلىدى . مەن ئاخىرى قولۇمغا قەلەم ئالدىم...

     مۇخبىر: كىتابىڭىزدىكى كۆپ قىسىم شېئىرىڭىزدا ئەرلىك جاسارەت ، ئاياللىق نازاكەت...ھەققىدىكى چۇقانلار خىلى سالماقنى ئىگىلەيدىكەن ، سىز مۇشۇنداق يېزىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئورنىنى كۆتۈرۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىمەكچىمۇ؟

     چىمەنگۈل: سىز شېئىرلىرىمنىڭ تۇيغۇ قاتلاملىرىدىكى ئەركەكلىك ، تەۋەككۈلچىلىك ، ئاياللىق نازاكەت ھەم ياۋايىلىقنىڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ شېئىرىي تەپەككۇرىگە قانداق سىڭىشىدىغانلىقىنى ئويلاپ باققانسىسز بەلكىم . لېكىن مەن سىز دېگەندەك ‹‹ ئاياللارنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش››دېگەندەك ئىبارىلەردە نېمىشقىكىن بىر خىل سەمىمىيلىكنى ، تەبئىيلىكنى ھىس قىلالمايمەن. چۈنكى ، مېنىڭچە قەدىمقى زامانلاردىكى خانىش ، مەلىكىلەر ، توقال ، دىدەكلەردىن تارتىپ ، ھازىرقى زاماندىكى ئۇقۇمۇشلۇق زىيالىي ئاياللار، ئائىلە ئاياللىرى ... نىڭ ھەممىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئاياللىق مېھر–مۇھەببەت ، ئانىلىق مەسئۇلىيەتتىكى ئورنى باب–باراۋەر بولىدۇ . مانا بۇ ، باراۋەرلىك ، ئۇلۇغلۇقنىڭ بەلگىسىنى ، ئۇلارنىڭ ئورنىنىڭ ئەزەلدىنلا يۇقىرلىقىنى، مۇھىملىقىنى نامايەن قىلغان.


     بۈگۈنكى دەۋىردە بىز ئاياللارنىڭ خىزمەتتىكى ئورنى بىلەن ئائىلىدىكى ئورنى، تۈگۈمەس باردى–كەلدىلەردىكى ئورنى بىلەن بالىلارنىڭ قەلبىدىكى ئورنىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىشى ، بىزنى ئوراپ تۇرغان مۇھىتتىكى سۈيئىستىمالغا ئايلىنىپ كېتىۋاتقان كىشىلىك مۇناسىۋەتلەر ‹‹ ئاياللارنىڭ ئورنىنى كۆتۈرۈش›› دېگەندەك شەكىلەن ھادىسىلەرگە دەستەك بوپ كېتىۋاتىدۇ . قىسقىسى ، بىز ئاياللار ئۆز قەلبىمىزدىكى ئورنىمىزنى تىكلىيەلىسەك ، باللىرىمىزنىڭ قەلبىدىكى ئورنىمىزنى تونىيالىساق ، ئۆزىمىزنىمۇ ھاياتنى سۆيگەندەك ھەقىقى سۆيەلىسەك تۈگمەس ۋايساشلاردىن مەمنۇنىيەتكە ، نەپرەتتىن مۇھەببەتكە ، چىدام ۋە غەيرەتكە تېخىمۇ بىمالال يۈزلىنەلەيمىز. مۇھىمى، يىگىتلىكنىڭ باش تارتقىلى بولمايدىغان ، ئاتىلىقنىڭ ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان مەسئۇلىيەت ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان ئەركەكلەر ئەخلاقتىن ئىلگىرى مۇھەببەتتىن ، سۆيۈلۈشتىن ئىلگىرى سۆيۈشتىن ، تىل–ئاھانەتتىن ئىلگىرى قوغداشتىن سۆز ئېچىشقا جۈرئەت قىلالىسىلا ، بىز ئاياللار ئائىلىدىكى مۇھەببەت ھەم مەسئۇلىيەتتىن ئىبارەت يىمىرىلمەس ئورنىمىزنىڭ ھەممىدىن يۇقىرلىقىنى تونۇپ ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالايمىز.


     مۇخبىر: ئوغلىڭىز ئېرلانبەگنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى توغرىسىدا خاس خاتىرىلەرنى يېزىپ ، ئوقۇرمەنلىرىڭىزگە سۇنۇپ ، ئەدەبىياتىمىزدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇردىڭىز . مېنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ باللىق دەۋرى ھەققىدىمۇ بىر نەرسە بىلگۈم بار ئىدى ، ئۇنىڭدىن باشقا ، سىزنىڭ ئىجادىيەتكە كىرىششىڭىزگە تۈرتكە بولغان ئامىل زادى قايسى؟

    چىمەنگۈل: 3 ، 4 ياش ۋاقتىمدا دادامنىڭ مەن ئۈچۈن يېزىىپ بەرگەن بالىلار قۇشاقلىرىنى ، ماۋزېدۇڭنىڭ ‹‹جىڭگاڭشەنگە قايتا چىقىش››قاتارلىق شېئىرلىرىنى ، ئانام ئۆي ئىشلىرىنى قىلغاچ ئوقۇپ بەرسە مەن ئۇنى يادلىۋالاتتىم . ئاۋازىمىنى ئۈنئالغۇغا ئېلىپ ، ئۆزۈمگە ئاڭلىتىپ قويسا خۇشاللىقىم ئىچىمگە سىغماي قالاتتى–دە ، يەنە توختىماي شېئىر يادىلاشقا كىرىشەتتىم . مەھەللىدىكى بالىلار ‹‹شېئىر ئوقۇپ بەرسەڭ ماۋۇ كەمپۈتنى بېرىمىز›› دەپ مېنى دائىم شېئىر ئوقۇغىلى سالاتتى. لېكىن مەن نەچچە ئون پارچە شېئىر ئوقۇپ بېرىپمۇ ئۇلارنىڭ قولىدىكى بىرتال كەمپۈتنى ئالالمايتتىم . تۆت يېرىم ياش ۋاقتىمدىكى ئاۋازىم ئېلىقلىق لىنتىنى ھازىر ئوغلۇم ئاڭلاپ ‹‹ئانا ، سەن قىز بالا بولغاچقا سادىر پالۋان قوشاقلىرىنى مەندەك يادىلىيالمايدىكەنسەن–ھە؟ ›› دەپ پىخىلداپ كۈلۈپ كېتىدۇ.
    ئەينى چاغلاردا دادام بىلەن ئانام ھەتتا قىش كۈنلىرىدىمۇ ئۇستى ئۇچۇق كىنوخانىلاردا قارغا دەسسەپ ، مېنى جۇۋىغا ئوراپ كىنو كۆرەتتى . شۇ چاغدا ‹‹يول باشلىغۇچ››دېگەن فىلىمدىكى بوۋايغا ئىچ ئاغرىتىپ نەچچە كۈنگىچە يىغلىغىنىم ھىلىمۇ ئېسىمدە...مەكتەپكە كىرگەن بەش يېرىم ياش چاغلىرىمدىن باشلاپلا دادام خەلق داستانلىرىدىن ‹‹سىيىت نوچى››نى ،‹‹ئىلى دولقۇنلىرى››رومانىنى ھەر كۈنى كەچتە ئوقۇپ بېرەتتى . مەن شۇ چاغلاردىن باشلاپ ، ئەدەبىياتنىڭ سېھرىي كۈچىنى مېنى چۆرىدەپ ئولتۇرغانلارنىڭ چىرايىدىن ، تىلىمىزنىڭ گۈزەللىكىنى دادامنىڭ كۈچلۈك ھەم يارقىن ، مەغرۇر ھەم ئوچۇق ئاۋازىدىن ھېس قىلغان بولسام كېرەك . ھە ، راست! دادام بىلەن ئانامنىڭ : ‹‹بىر ئىككى ياش ۋاقىتلىرىڭدىمۇ سېنى تالاغا ئېلىپ چىقالمايتتۇق ، بولمىسا ئاينى ئېلىپ بەر دەپ يىغلاپ تۇرىۋالاتتىڭ›› دىېيىشلىرىنى ئاڭلىسام ، مېنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان ئىشتىياقىم شۇ چاغلاردىن باشلانغان بولغىيمىتى دەپ ئويلاپمۇ قالىمەن.

     دەرۋەقە ، بالىلارنىڭ نەزىرىدىكى ئاتا–ئانىلار قۇش بولۇپ ئاسماندا ئۇچالايدۇ . بېلىق بولۇپ سۇدا ئۈزەلەيدۇ . چىقىۋاتقان شامالنى ، يېغىۋاتقان يامغۇرنى توسالايدۇ . ئاسماندىكى ئاينى ، يۇلتۇزنى ئۈزۈپ ئالالايدۇ . ھەسەن–ھۈسەنگە ئايلىنالايدۇ . شۇڭا بالىلار چوڭلاردىن دائىم سۇئال سوراشقا ، ئۇلاردىن توختىماي ھېكايە ئاڭلاشقا ئامراق كېلىدۇ . لېكىن ھازىرقى دەۋردىكى خىزمەت سىجىللىقى، ھارغىنلىق ھەم روھى بېسىم ۋە تېلېۋىزور تەبىئەت دونياسىدىن يىراقلاپ كەتكەن بالىلارنى ئۆز تەسەۋۋۇرىدىكى ئاتا–ئانىلىرىدىنمۇ يىراقلاشتۇرىۋەتتى . دۇنيانىڭ شۇ قەدەر كەڭرىلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ ياشاشقا ھەقلىق بالىلار ئۆزىگە تەئەللۇق ماكاننىڭ تارىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى يېشىغا ماس كەلمىگەن ھالدا ھېس قىلىشقا مەجبۇر بولدى . نۇرغۇن ئاتا–ئانىلار بالىلىق ئەسلىمىلىرىنىڭ بالىلارنىڭ پۈتكۈل ھاياتىدىكى سالمىقىنى ئۇنتۇپ قالغىلى تۇردى . شۇڭا مەن ئۆز ئەسلىمىلىرىمنىڭ ئۆسۇپ يېتىلىشىمدىكى ، ئىجادىي ھاياتىمدىكى سالمىقىنى ھېس قىلىپ تۇرۇپ ، ئوغلۇم تۇغۇلغاندىن باشلاپلا ، ئۇنىڭ ئۈچۈن خاتىرە يېزىشقا تەبئىلا كىرىشىپ قالغان .
    مۇخبىر:چىمەنگۈل ، سىزنىڭ يېزىقچىلىقتا قانداق ئۆزگىچە ئادەتلىرىڭىز بار؟

    چىمەنگۈل:مېنىڭ يېزىقچىلىق ئادەتلىرىم—كۈندۈلىك تۇرمۇش رېتىمىم ھەم خاراكتېرىم بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايمەن . مەن ئادەتتە پىيادە يول يۈرۈشكە ئامراق. كېتىۋېتىپ ئۆزۈم يازغان شېئىرلاردا ئويلىغانلىرىمنى ھاردۇقۇم چىققۇدەك ، پىغانىم بېسىلغۇدەك ئىپادىلەپ قالغان مىسرالىرى بارلىرىنى ئىچمدە ئىختىيارىسىز شىۋىرلاپ ماڭىمەن . بۇ ئىش توختىماي داۋاملىشىدۇ . شەھەر ئىچىدە قاتنايدىغان كوچا ئابتوبۇسلىرىغا نۆۋەتلىشىپ ئالمىشىپ ، شەھەرنى تەكرار–تەكرار ئايلىنىمەن . شۇڭا ئادەتتىمۇ كوچا ئاپتوبۇسى ساقلاۋاتقاندا ياكى ئىشقا كېتىۋاتقىنىمدا ناھايىتى ياخشى تەپەككۈر قىلىمەن . يېڭى–يېڭى پىكىرلەر مېنى چۆگىلەپ يۈرىدۇ ، مەن شۇ پىكىرلەرنى كاللامدا پىشۇرىۋېلىپ ، ئاندىن قولۇمغا قەلەم ئېلىپ ، ئەسەرلىرىمنى بىر يولىلا پۈتتۈرۈپ چىقىمەن .
    مۇخبىر : بۇ ئادىتىڭىز ماڭا تولىمۇ ئۆزگىچە تۇيۇلدى.

   چىمەنگۈل :راست ، شۇنداق چاغلاردا كوچا ئاپتوبۇستىن—كوچا ئاپتوبۇسىغا ئالمىشىش ماڭا خۇددى ئاياللارنىڭ ئىرادىدىن–ئىرادىگە ئۆتۈش جەريانىدەك تۇيۇلىدۇ ، توپ–توپ ئادەملەر ئارىسىدا قىستىلىپ يۈرۈپ ، يەنىلا ئۆز دۇنيايىمنىڭ تولىمۇ كەڭرىلىكىنى ھېس قىلىپ قالىمەن .
    مۇخبىر : بىر شائىرە بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن شېئىرىيىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ئىككى ئېغىز سۆزلەپ بېرەمسىز ؟
   چىمەنگۈل : مېنى تەربىيىلىگەن ئۇستازلىرىم ، ماڭا ھەمنەپەس بولغان قەلەمكەش دوستلىرىمنىڭ ئالدىدا  شېئىرىيىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە سۆزلەش ماڭا نىسبەتەن تولىمۇ بالدۇرلۇق قىلىدۇ . ئۆز–ئۆزىگە تەلەپ قويۇشمۇ بىر سەنئەت . شۇڭا مەن قەلبىمدىكى ئەدەبىياتقا بولغان ئىشتىياقنىڭ ، مۇھەببەتكە بولغان سەمىمىيلىكنىڭ ھەقدارى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆزۈمنىڭ كەلگۈسى پىلانلىرى ھەققىدىلا ئىككى ئېغىز گەپ قىلاي: قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇۋاتقاندا ، نەشىر قىلىنغان‹‹تەتۈر چېقىن››(شىنجاڭ ياش–ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى، 1996–يىلى)ناملىق تۇنجى شېئىرلار توپلىمىمنىڭ ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا ياخشى باھاغا ئېرىشىشى مېنى بۇ يولغا تېخىمۇ چەمبەرچەس باغلىدى . ‹‹قىساس غۇنچىسى››(شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى ،2000–يىلى)، ‹‹تاش ياپراق›› (قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى ، 2003–يىلى)ناملىق شېئىرلار توپلاملىرىم نەشىردىن چىققاندىمۇ ئۇستازلارنىڭ ياخشى تىلەكلىرى ، ئاتا–ئانامنىڭ خۇشاللىقى، دوستلىرىمىنىڭ ئالقىشلىرى ماڭا مەدەت بولدى. 2004–يىلى شۇ مەزگىلگىچە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ئايال قەلەمكەشلەرنى باھالاشتا ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹ئون مۇنەۋۋەر ئايال ئەدىب››نىڭ بىرى بولۇپ باھالىنىشىم مېنى سەل قورۇندۇرغان بولسىمۇ ، بىر ئانا ھەم كەسىپ ئەھلى بولۇش سالاھىتىم بىلەن ئۆزۈمدىكى مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتنى تولۇق ھېس قىلدىم . مانا ئەمدى‹‹بارسا كەلمەس يول››ناملىق شېئىرلار توپلىمىمنىڭ مەلىكەت بويىچە ‹‹تۇلپار ئەدەبىيات مۇكاپاتى››غا ئېرىشىشى مۇناسىۋىتى بىلەن سىز بىلەن سۆھبەتلىشىپ ئولتۇرۇپتىمەن .

     بۇ يىل ئوغلۇم ئۈچۈن يازغان كۈندىلىك خاتىرىلەرنىڭ بىرىنجى قىسمى‹‹مېنىڭمۇ قانىتىم بار››دېگەن كىتابنى نەشىرگە سۇندۇم . ئەمدى كېيىنچە سۆھبىتىمىزنىڭ بېشىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئاتا–ئانامنىڭ ماڭا سوۋغا قىلغان خاتىرلىرىنى رەتلەپ چىقىش ئويۇم بار . قىسقىسى ، ئاياللارنىڭ ئارىسىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلار ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن شائىرە دەپ ئاتىلىپ قالمىسام ، شېئىرلىرىمنى ئوقۇرمەنلىرىم قۇرۇقتىن قۇرۇق ھېسىيات دۆۋىسى دەپ قاراپ قالمىسا ، مەن ئۇلارغا تېگىشلىك مەنا بوشلۇقى قالدۇرسام...‹‹بارسا كەلمەس يول››غا تەۋەككۇل قىلغىنىمدىن رازى بولىمەن ئەلۋەتتە .


مەنبە: تەڭرىتاغ  تورى


Rank: 1

توردا
21 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى 
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى 
نادىر
يازما
72 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى 14:16 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخىشى تېما يوللاپسىز ،داۋاملىق تىرىشقايسىز.

Rank: 3Rank: 3

توردا
40 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 
نادىر
يازما
212 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى 16:18 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
چىمەنگۈل ئاۋۇتنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىۋالدىم .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
555 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى 
نادىر
يازما
1875 

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى 00:05 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
يېقىندىن بېرى مۇنبەردە، بولۇپمۇ جىلۋە قاتارلىق تورداشلارنىڭ يېقىندىن ياردەمدە بولۇشى بىلەن ياش شائىرەمىز چىمەنگۈل ئاۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرى توغرىسىدا كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدۇق، شۇنداقلا مۇنبەردە ناھايتى يۇقۇرى كەيپىيات شەكىللەندى، بۈگۈن ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ بۇ ئەھمىيەتلىك تېمىسىنى ئوقۇپ تېخىمۇ خۇش بولدۇم، چىمەنگۈلگە چاقچاق قىلىپ:
- مۇنبەردە چىمەنگۈل ئاۋۇت قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ جۇمۇ، دەپمۇ قويدۇم .
بارلىق دوستلارغا، ئۇلارنىڭ ئەمگىكىگە رەھمەت!
بولسا مانا مۇشۇنداق ئەل سۆيگەن يازغۇچى، شائىر ۋە شائىرەلىرىمىز شۇنداقلا، باشقا ساھەدە ئۈنسىز تەر تۆكۈۋاتقان مېھنەتكەشلىرىمىزنى مۇنبەر يۈزىدە دوستلار بىلەن داۋاملىق تونۇشتۇرۇشقا تىرىشساق، بۇ جەھەتتە مەن ئەڭ ئالدىدا مېڭىشقا تىرىشىمەن!

Rank: 8Rank: 8

توردا
253 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى 
نادىر
يازما
726 

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى 10:07 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
چىمەنگۈل ئاۋۇت ھەقىقەتەنمۇ قول قويۇشقا ئەرزىگۈدەك شائىرەكەن. بۇرۇنمۇ بۇ شائىرە توغرىسىدا يۈزەكى چۈشەنچىمىز بار ئىدى. ئەمدى بۇ سۆھبەت خاتىرىسى ئارقىلىق چىمەنگۈل ئاۋۇتنى تېخىمۇ ياخشى، ئىچكىرىلەپ چۈشەندۇق. ئالدىنقى قېتىم ئەنۋەر ھاجى ئەپەندىم بىلەن پاراڭلاشقاندا "تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدىغان، تۇرمۇشقا ئىنتىلىدىغان ھەم ئۆزىنىمۇ سۆيىدىغانلار ئەدەبىياتقا يېقىن بولىدۇ" دېگەن. شۇ گەپلەر ئېسىمگە كېچىپ قالدى. دېمىسمۇ ئەدەبىيات بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئۈچۈن دۇنيا شۇنچىلىك گۈزەل، كەڭرى، ئىللىق بىلىنىدىكەن. خۇددى چىمەنگۈل دېگەندەك”يەنىلا ئۆز دۇنيايىمنىڭ تولىمۇ كەڭرىلىكىنى ھېس قىلىپ قالىمەن  “.

    بۇ سۆھبەت ئارقىلىق بۇ خانىمنىڭ پەرزەنت تەربىيىسىگىمۇ قايىل بولدۇم. مەنمۇ ئادەتتە ھەر كۈنى ئاخشىمى ھىكايە-چۆچەك ئېيتىپ بىرىمەن، داسىسى ساناق ئۈگىتىدۇ. ھەر ئىككىيلەن ئۆز ئالاھىدىلىكىمىز بويىچە تەبىئىيلا شۇنى تاللىۋالدۇق،  بالىمۇ شۇنىڭغا كۆنەپ كېتىدىكەن. ئەسلىدىنلا شائىرەنىڭ  ئاتا-ئانىسى ياخىشى باشلاپتىكەن، ئاندىن ئۆزىمۇ مانا ئوغلىنى ناھايىتى ئەتراپلىق تەربىيلەۋېتىپتۇ. بولسا تەجىرىبە- ساۋاقلىرىنى تېخىمۇ كۆپرەك بىز بىلەن ئورتاقلىشىشقا سۇنۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن!

    شائىرەنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىگە زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن!

[ Coffee بۇ يازمىنى  2011-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى 10:14  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 3Rank: 3

توردا
34 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى 
نادىر
يازما
217 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى 20:34 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تەسەۋۇردىن  كەڭرى  دۇنيا  دە  بۇ ........!!!!

Rank: 4

توردا
52 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 
نادىر
يازما
394 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى 10:52 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن بىر ئەدەبىياتچىلارنىڭ مۇنازىرە سورۇنىدا بىرەر سائەتكە يېقىن ئولتۇرۇپ، بۇلارنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان ھەر- بىر ئېغىز گەپكە قاراپ، بۇلارنى باشقا بىر دۇنيانىڭ ئادەملىرىدەك ھېس قىلىپ قالغان ئىدىم، چۈنكى ئەدەبىياتچىلار ھەر قانداق بىر نۇقتىنى، ھەر قانداق بىر شەيئىنى تولىمۇ ئۆزگىچە بولغان بىر قاراشتا تۇرۇپ كۈزىتىپ شۇنىڭدىن ئىلھام ئالىدىكەن ئەمەسمۇ؟

Rank: 8Rank: 8

توردا
63 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى 
نادىر
يازما
140 

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى 22:58 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قاچانلاردا  ساقايتىۋالدىڭلار  بۇيەرنى ھۇ بەڭباش خانىملار

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
555 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى 
نادىر
يازما
1875 

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى 23:01 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
Jewlaniy بۇ يازمىنى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى 22:58 دە يوللىغان
قاچانلاردا  ساقايتىۋالدىڭلار  بۇيەرنى ھۇ بەڭباش خانىملار

قىسمەت ئەپەندىمنىڭ جاپالىق ئەمگىكى بىلەن يەنە قايتا ساقايتىۋالدۇققۇ ، بۈگۈن نەق بىر ئاي بوپتۇ، خەۋەرسىز قاپسىزدە

Rank: 8Rank: 8

توردا
63 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى 
نادىر
يازما
140 

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى 23:09 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شۇنى دەيمەن ىەۋەرسىز قاپتىمەن دېسە، مەنمۇ ئۇزۇن بولدى تورغىمۇ تۈزۈك چىقالمىدىم، خىزمەت بىسىمى يامان كىلىۋاتىدۇ.
تەشەككۈرلەر بولسۇن ئەجىر سىڭدۈرگەنلەرگە!!!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

رەسىمسىز ھالەت|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى 08:24 , Processed in 0.028480 second(s), 9 queries , Eaccelerator On.

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.