يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1895 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 4432|ئىنكاس: 40

ياش شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1412 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3529

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 22:27:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



 ياش شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت 1973-يىلى 6-دىكابىر قەدىمىي شەھەر قەشقەردە تۇغۇلغان. 1991-يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ جوڭگۇ تىل-ئەدەبىيات كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىرىدىلا شىنجاڭ ياش ئۆسمۇرلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن تۇنجى شېئىرلار توپلىمى «تەتۇر چىقىن» نەشىرقىلىنغان، 1996-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغاندىن بۇيان ھازىرغىچە ئۇيغۇر تەھرىر بۆلىمىدە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

  ئۇنىڭ ئارقا-ئارقىدىن نەشىر قىلىنغان «قىساس غۇنچىسى»، «تاش ياپراق»، «بارسا كەلمەس يول» قاتارلىق شىئېرلار توپلاملىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىزچىل ياخشى باھاسىغا ئىرىشكەن. «شور دەريانىڭ ئۇ تەرىپى» ناملىق داستانى 14-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى »غا ئىرىشكەن.

  چىمەنگۈل ئاۋۇت 2004-يىلى شىنجاڭ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق «ئاياللار ئەدەبىياتى مۇھاكىمە يىغىنى »دا «شىنجاڭدىكى ئون مەشھۇر ئايال ئەدىپ » نىڭ بىرى بۇلۇپ باھالانغان. «بارسا كەلمەس يول» ناملىق شىئېرلار توپلىمى 2008-يىلى 11-ئايدا مەملىكەتلىك 9-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر «تۇلپار ئەدەبىيات مۇكاپاتى »غا ئېرىشكەن.

  شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت يەنە ئەدەبىياتقا ئوخشاشلا سەنئەتنىڭمۇ كۈچىگە سەل قارىماي ئۆز ئىقتىدارىنى نامايان قىلىپ يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرلەۋاتقان ياشلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇ تېكىستىنى يازغان، ئىززەت ئىلىياس ئورۇنلىغان «سىىم-سىم يامغۇر» ناملىق ناخشا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مودا ناخشىلار مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇ، شىنجاڭ قارلۇق مىدىيا پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن «مۇھەببەت مەنزىلى» ناملىق ئىككى قىسىملىق كىنو پىلاستىنكىسى 2010-يىلى 3-ئايدا بازارغا سېلىنغاندىن باشلاپلا ئامما ئارىسىدا بەلگۈلۈك تەسىر قوزغىغان.

  چىمەنگۈل ئاۋۇت ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىتىنىڭ ئەزاسى.


F201012220920178176703275.jpg
مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 3Rank: 3

توردا
198 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
364
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 22:55:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىنىڭ كېلىش مەنبەئەسى: خەلق تورى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1412 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3529

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 23:01:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سامسىپەز بۇ يازمىنى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 22:55 دە يوللىغان
ماقالىنىڭ كېلىش مەنبەئەسى: خەلق تورى


مەن چىمەنگۈلنىڭ ئۆز رازىلىقىنى ئالغانلىقىم ئۈچۈن مەنبەنى ئەسكەرتمىگەن، رەھمەت سامسىپەز :)

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 3Rank: 3

توردا
60 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى
نادىر
0
يازما
168
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 10:03:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك تىما يوللاپسىز،مۈمكىن بولسا چىمەنگۈل ھەدىمىزنىڭ بىر قانچە شئىردىن
قوشۇپ ئەۋەتكەن بولسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى......:victory:

Rank: 5Rank: 5

توردا
40 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
212
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 11:52:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېغىندىم مېھرىلىك تىلاشلىرىڭنى

چىمەنگۈل ئاۋۇت

قۇشنىڭمۇ ئۆيى بار قۇرتنىڭمۇ ھەم ،
ئۆيۈمنىڭ تاملىرىغا قارىدىم جىمجىت .
سېغىندىم مىھرىلىك تىللاشلىرىڭنى ،
ۋاقىتلا يېنىمدىن ئۆتىدۇ شىپ-شىپ .

كۆزۈمنى بوش يۇمدۇم كىرىشتى چىشىم ،
تاتلىق بىر ھىس بىلەن كەتتىم جۇزۇلداپ .
جەڭگاھتىكى ئاتتەك كىشنەر رئېئاللىق ،
چېچېمنى تارىدىم ساڭىلا ئاتاپ .



بۇ كۈتۈش بىر ئۆمۇر كۈتكىنىمگە تەڭ ،
چاچلىرىم دەريادەك دولقۇن ياسىدى .
مەن شۇنداق رازىلىق بەردىم ھاياتقا ،
پەريادىم باغرىمنى كېلىپ قاپسىدى .

مەن بۇرۇن نەلەردە يالغۇز پەرىشان ،
سەن بۇرۇن نەلەردە ئوت بولۇپ يانغان .
گۇناھ بولسا ئەمدى سېنى سۆيۈپ قالغىنىم ،
ئادەم بىلەن ھەۋۋانىڭ بارلىغى يالغان !!!

Rank: 5Rank: 5

توردا
40 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
212
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 11:53:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارا ئەتتىرگۈل
(چىمەنگۈل ئاۋۇت )


ئازاپمۇ شۇ قەدەر سۈيۈملۈك بۈگۈن ،
لەيلەيدۇ ئەتراپتا يامغۇر پۇرىقى .
ھىس قىلدىم يالغۇزلۇقنىڭ ئېغىرلىقىنى ،
قۇلۇمدا قۇرۇغان گۈلنىڭ ئورۇقى .

پەرىشان كۈلگۈنۈمنى سەزدى ئۇ بەلكىم ،
زېرىكتىم مۇشۇ دەم مەغرۇرلۇقۇمدىن .
شۇنچە يىل قانداقمۇ ئۆتكەن بولغىيتى ،
دېگەن بىر ئاۋازنى سۈزدۈم ئۈزۈمدىن .

ئويلىرىم نىمە ئۈچۈن سىغماس ئىچىمگە ،
مەن نىچۈن پەرىشان ، مەن نىچۈن خۇشال .
ئۆزۈمنى سۈيگەندەك سۆيسەم ھاياتنى ،
كىملەرگە قانداقراق تۇيۇلار بۇ ھال ؟ !

ئازاپمۇ شۇ قەدەر سۈيۈملۈك بۈگۈن ،
قاينايدۇ ئىچىمدىن ئىسسىق بىر يىغا .
چىدايمەن ھەممىگە چىدايمەن لېكىن ،
پارلايدۇ مېھرىمدە مۇقەددەس گۇناھ !!!

Rank: 5Rank: 5

توردا
40 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
212
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 11:55:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالقىنىڭنى ئاچ


چىمەنگۈل ئاۋۇت


ئالقىنىڭنى ئاچ
يۈزۈمنى ياقاي.
پەلەك چەرخىدىن
يۇلتۇزدەك ئاقاي.
ئەزىزىم،
كەچۈرگىن!
مەندىن چىدام كۈتمىگىن بىردەم.
يىغلاپ تۇرۇپ يىقىلدىم،
قانلىرىڭغا
قىزىل گۈل بولۇپ قېتىلدىم ...

سەن دەسسىگەن توپىدا تۇز بار،
يوللىرىڭدا تىكەن ھەم ئىز بار.

يەنە تاڭ ئاتتى ...
ئانىمىز نان ياققان تونۇرغا ئوخشاش،
كۆيەلەرمۇ بۈگۈنكى قۇياش؟!

بېلىكىڭگە ئېسىلىپ
ئورنۇمدىن تۇردۇم .
بىقوۋوللىقىمغا، ئۆزۈمنى
مىڭ كاچات ئۇردۇم.

چۇل - چۇل بولدى پىغانىم،
لەيلەپ چۈشتى رومالىم ...

ئەزىزىم،
قولۇڭنى بەرگىن
«سېنىڭ يۈرىكىڭگە كېتەيلى»
كۆزۈڭدىكى ياش بولاي،
بوينۇڭدىكى تاش بولاي ...

ئالقىنىڭنى ئاچ!
بارماقلىرىڭغا سۆيىمەن.
قىلىچ تۇتقان قول بۇ دەپ
بۇلبۇلگويادەك كۈلىمەن ...

Rank: 5Rank: 5

توردا
18 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
1
يازما
130
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 16:33:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىمەنگۅل ئاۋۇ (چىمەنقۇش) ھەدىمىزنىڭ قەلىمىگە زور بەرىكەتلەر تىلەيمەن.
حاتالاشمىسام چىمەنگۅل ھەدىمىزمۇ مۇشۇ مۇنبەرنىڭ بىر ئەزاسىعۇ دەيمەن.

نادانلارغا قىلىنغان ئەڭ ياخشى جاۋاپ-سۈكۈت

Rank: 3Rank: 3

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
240
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 21:04:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىىر  دىگەن  مىللەتنىڭ   تىلى،ئەدەبىياتنىڭ  تۈۋرىكىدۇر.

Rank: 8Rank: 8

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1938

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى 09:10:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىمەنگۈل ھەدەمنىڭ رەسىمىنى كۆرۈۋالدۇق مانا، يولدا ئۇچرىشىپ قالساق مەن پالانى سىڭلىڭىز دەپ تۇنۇشلۇق بېرىمەن.:lol

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى 16:18 , Processed in 0.065468 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش