يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 

 

ئىزدەش
يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى باش بەت ئاياللارنىڭ بۈگۈنى ياش شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت
ئىگىسى: مەرۋەرى
go

ياش شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت

Rank: 8Rank: 8

توردا
254 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى 
نادىر
يازما
726 

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى 11:07 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىقتىدارلىق شائىرىمىز چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ قەلىمىگە بەرىكەت تىلەيمىز!
   چىمەنقۇشنى سېغىندۇق...

Rank: 1

توردا
12 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى 
نادىر
يازما
24 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى 14:57 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
چىمەنگۈلنىڭ قەلىمى كۆپ قىسىم ئاياللارنىڭ يۈرىكىدىكىنى يازىدۇ .كەمتەرلىكى ئىقتىدارىنى بېسىپ چۈشكەن . شۇڭا چوڭقۇر ھۆرمىتىم بار بۇ شائىرەگە .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
249 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى 
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى 
نادىر
يازما
1644 

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى 15:55 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئايچىۋەر ھەدەم، بەكلا ئورۇنلۇق گەپ قىلىپتۇ. كەمتەرلىك شۇ كىشنى، باشقىلارنىڭ قەلبىدە يۈكسەك ئورۇنغا ئىگە قىلىدۇ.
چىمەنگۈل ھەدەم، ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىگە ۋە ئىقتىدارىغا تەمەننا قىلمايدىغان كەمتەرلىكى گەپ-سۆزلىرىدىنلا چىقىپ تۇرىدىغان ئايال. بۇ مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىم، چىمەنگۈل ھەدەمنىڭ ئىشلىرى ئۇتۇقلۇق بولسۇن!

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 2

توردا
7 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى 
نادىر
يازما
89 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى 22:22 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئايال شائىرەلەر ئىچىدە مەن ئەڭ قول قويىدىغان، مەن ئەڭ ياقتۇردىغان شائىرەلەرنىڭ بىرى دەل چىمەنگۈل ئاۋۇت. مەنمۇ بۇ قەلەم ئىگىسىنىڭ ئىشلىرىغا بەركەت تىلەيمەن!

[ زەپەر بۇ يازمىنى  2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى 22:25  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 3Rank: 3

توردا
40 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 
نادىر
يازما
212 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى 14:42 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
sansiz0903 بۇ يازمىنى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 16:33 دە يوللىغان
چىمەنگۅل ئاۋۇ (چىمەنقۇش) ھەدىمىزنىڭ قەلىمىگە زور بەرىكەتلەر تىلەيمەن.
حاتالاشمىسام چىمەنگۅل ھەدىمىزمۇ مۇشۇ  ...


گۇگۇم پەيتىدە خانەڭدىن قىيا باققىن كۈلۈپ جانىم ،
كىيىكتەك چۈشكىنە يۈگرەپ پاياندازدۇر ساڭا ساچىم .

ئۈزۈلمەس بىر ئۇلۇغ كۈينىڭ ئىزىلمەس ناتىۋانى بىز ،
سېغىنچىڭغا تولۇپ قات-قات چاراسلايدۇ كۆيۈك باغرىم .

لېۋىمدە گۈل سۆيۈپ ئۆتسەم سېنى سۆزلەيدۇ دولقۇنلار ،
دېڭىزنىڭ دەردىنى يۇتقان ئوماقىمسەن مېنىڭ ئاھىم .

سەۋىر سەيناسىدا سەندەك چېچەك ئاچقانلار بار قايدا ؟
ئويۇمدا سەن،دىلىمدا سەن كېچە ئاي ئىزدىگەن چاغىم .

ئۈرۈك پىشقاندا قوشماق دەپ مېغىزنى تەڭ بۆلۈپ يەيلى ،
ۋاپا-دوستلىققا بوي ئەگكەن ئۇنۇتما بۇ ئۆمۈر تاغىم .

سېنىڭ بەختىڭنى پەي قىلسۇن باھار قالغاچلىرى ئەركەم ،
ئارامىڭغا ئارام قاتقاي نى سەۋدالىق ئەزىز باشىم .....

          _چىمەنقۇش

[ ئاھۇ بۇ يازمىنى  2011-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى 14:52  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 3Rank: 3

توردا
40 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 
نادىر
يازما
212 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى 14:43 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
يۇلقۇنۇش


چىمەنگۇل ئاۋۇت


تۇتام - تۇتام ياۋا چېچەكتەك
يېقىپ قويدۇم خانەمگە ئاق شام.
شامغا ئوخشاش يىغلىيالمىدىم،
قوللىرىمدا تۇتقىنىمچە شام،

كۆزلىرىڭدەك سوغۇق دېرىزەم
ھەسرىتىنى سىڭدۇرەر تامغا.
سۇنۇق - سۇنۇق يۈرىكىم بىلەن
بويۇغۇم بار ئالەمنى قانغا.

ئۇنتۇپ كەتكۈم كېلەر ھەممىنى،
ئۇنتۇشلىرىم بولسىمۇ بەربات.
يالغۇزلۇققا كۆنۈك ھېسلىرىم،
ئەركىمنى بەر چەكمىگىن پەرياد.

Rank: 4

توردا
52 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 
نادىر
يازما
394 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى 14:44 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
يائاللاااااا مۇشۇ مۇنبەردە بىر نەچچە دوستلىرىمىز بار، تېمىغا جان كىرگۈزۋېتىدىغان، سەنسىز ئۇكام سوراپ بولغۇچە بۇ شېئىر تەييار بوپتۇ مانا ، رەھمەت جىلۋە!!!

Rank: 3Rank: 3

توردا
40 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 
نادىر
يازما
212 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى 15:05 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
دىلەيسەمگىمۇ ، مەرۋەرىگىمۇ ، چىمەنگۈلگىمۇ رەھمەت !!
ئىمىن تۇرسۇن ئاكىنىڭ < شېئىر ۋە شائىر > دىگەن كىتاۋىنىڭ 166 -بېتىدە بىر بوۋاينىڭ چىمەنگۈل ئاۋۇتقا يازغان يۈرەك سۆزى باركەن كۆرۈپ بېقىڭلار :


قىزىم چىمەنگۈل ئاۋۇت ، ياخشىمۇ سىز ؟ سالامەت تۇردىڭىزمۇ ؟ خۇدا ئامان قىلسۇن . مېنڭ دېمەكچى بولغىنىم ، سىزنىڭ < تەتۇر چېقىن> دېگەن توپلىمىڭىزنى ئوقۇۋېرىپ- ئوقۇۋېرىپ ، يەنە ئوقۇۋېرىپ ، ئاخىرىدا يىرتىلىپ ئىككى ۋارىقى قالدى . ئۇنى مەن ، < قۇرئان > نىڭ ۋارىقىدەك پاكىز ساقلايمەن .
ئەپسۇسكى ، ئىككى -ئۈچ يىل بولدى . < ئىلى دەرياسى > ژورنىلىدا سىز يازغان شېئىرلارنى ئوقۇدۇم ... بۇرۇنقى < كېگىز ياماپ ئولتۇرغان بوۋاي >، < ئۇمىچىكنىڭ تۇزىنى تېتىپ ئولتۇرغان موماي > ،<  سۈيى يوق ئېتىزدا زاغرا چىلاپ ئولتۇرغان ئاتا >، ، بىلەي سىتىۋاتقان بوۋاي > لار نەگە كەتكەندۇ ؟ سىز بەزى بىر توشقان تەپتى قىلىپ شېئىر يازىدىغانلارغا ئوخشاپ قالسىڭىز بولمايتتى .

خەير قىزىم، مەن سىزدىن ئايرىلىپ قالماي !
دەپ يازغۇچى 70 ياشلىق بوۋاي ( غۇلجا شەھىرى ئوقۇرمىنى )

2006 -يىلى 4- ئاي

مەن بۇ قىزنىڭ بىزدەك نازۇك مەسۇمەلەرنىڭ دىلىدىن ئالغان ئورنىغا ئەمەس ، پۇتۇن خەلقنىڭ دىلىدىن ئالغان ئورنىغا چوقۇنىمەن .

[ Jilwe بۇ يازمىنى  2011-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى 15:13  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 8Rank: 8

توردا
122 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى 
نادىر
يازما
340 

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى 15:18 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت ،جىلۋە! ئۇ بوۋاينى مەن بىرنەچچە يىل ئىزدەپ ئاخىرى تاپتىم.ھەمدە 2010-يىلى 6-ئايدا غۇلجىدا تىچ -ئامان يۈز كۆرۈشتۈم.ھاياتتىكى مۇشۇنداق گۈزەللىك،سەمىمىيلىكلەرگە باغلىنىپ ياشاش مېنىڭ تەلىيىم.

Rank: 3Rank: 3

توردا
52 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى 
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى 
نادىر
يازما
292 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى 15:27 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىگە ۋە شۇ ئىجادىيەتلىرىنىڭ خەلىقىمىزنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تىلەكداشلىقىمنى بىلدۈرىمەن!
يۇقارقى بوۋاينىڭ سۆزى ۋە سىزنىڭ ئۇ بوۋاي بىلەن يۇز- تۇرانە كۆرۈشكلەنلىكىڭىزدەك بۇ تەسىرلىك سۆزلەرنى ئوقۇپ بەك ھاياجانلاندىم، ئىشلىرىڭىز تېخىمۇ روناق تاپقاي خانىم!

[ ئاھۇ بۇ يازمىنى  2011-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى 23:15  دە تەھرىرلىگەن. ]

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

رەسىمسىز ھالەت|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى 15:18 , Processed in 0.053971 second(s), 7 queries , Eaccelerator On.

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.