يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 

 

ئىزدەش
يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى باش بەت ئاياللارنىڭ بۈگۈنى ياش شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت
كۆرۈش: 2395|ئىنكاس: 37
go

ياش شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
555 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى 
نادىر
يازما
1875 

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 22:27 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش



 ياش شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت 1973-يىلى 6-دىكابىر قەدىمىي شەھەر قەشقەردە تۇغۇلغان. 1991-يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ جوڭگۇ تىل-ئەدەبىيات كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىرىدىلا شىنجاڭ ياش ئۆسمۇرلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن تۇنجى شېئىرلار توپلىمى «تەتۇر چىقىن» نەشىرقىلىنغان، 1996-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغاندىن بۇيان ھازىرغىچە ئۇيغۇر تەھرىر بۆلىمىدە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

  ئۇنىڭ ئارقا-ئارقىدىن نەشىر قىلىنغان «قىساس غۇنچىسى»، «تاش ياپراق»، «بارسا كەلمەس يول» قاتارلىق شىئېرلار توپلاملىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىزچىل ياخشى باھاسىغا ئىرىشكەن. «شور دەريانىڭ ئۇ تەرىپى» ناملىق داستانى 14-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى »غا ئىرىشكەن.

  چىمەنگۈل ئاۋۇت 2004-يىلى شىنجاڭ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق «ئاياللار ئەدەبىياتى مۇھاكىمە يىغىنى »دا «شىنجاڭدىكى ئون مەشھۇر ئايال ئەدىپ » نىڭ بىرى بۇلۇپ باھالانغان. «بارسا كەلمەس يول» ناملىق شىئېرلار توپلىمى 2008-يىلى 11-ئايدا مەملىكەتلىك 9-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر «تۇلپار ئەدەبىيات مۇكاپاتى »غا ئېرىشكەن.

  شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت يەنە ئەدەبىياتقا ئوخشاشلا سەنئەتنىڭمۇ كۈچىگە سەل قارىماي ئۆز ئىقتىدارىنى نامايان قىلىپ يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرلەۋاتقان ياشلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇ تېكىستىنى يازغان، ئىززەت ئىلىياس ئورۇنلىغان «سىىم-سىم يامغۇر» ناملىق ناخشا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مودا ناخشىلار مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇ، شىنجاڭ قارلۇق مىدىيا پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن «مۇھەببەت مەنزىلى» ناملىق ئىككى قىسىملىق كىنو پىلاستىنكىسى 2010-يىلى 3-ئايدا بازارغا سېلىنغاندىن باشلاپلا ئامما ئارىسىدا بەلگۈلۈك تەسىر قوزغىغان.

  چىمەنگۈل ئاۋۇت ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىتىنىڭ ئەزاسى.



F201012220920178176703275.jpg

Rank: 3Rank: 3

توردا
170 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 
نادىر
يازما
293 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 22:55 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ماقالىنىڭ كېلىش مەنبەئەسى: خەلق تورى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
555 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى 
نادىر
يازما
1875 

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 23:01 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
سامسىپەز بۇ يازمىنى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 22:55 دە يوللىغان
ماقالىنىڭ كېلىش مەنبەئەسى: خەلق تورى


مەن چىمەنگۈلنىڭ ئۆز رازىلىقىنى ئالغانلىقىم ئۈچۈن مەنبەنى ئەسكەرتمىگەن، رەھمەت سامسىپەز

Rank: 3Rank: 3

توردا
59 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى 
نادىر
يازما
163 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 10:03 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەھمىيەتلىك تىما يوللاپسىز،مۈمكىن بولسا چىمەنگۈل ھەدىمىزنىڭ بىر قانچە شئىردىن
قوشۇپ ئەۋەتكەن بولسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى......

Rank: 3Rank: 3

توردا
40 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 
نادىر
يازما
212 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 11:52 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
سېغىندىم مېھرىلىك تىلاشلىرىڭنى

چىمەنگۈل ئاۋۇت

قۇشنىڭمۇ ئۆيى بار قۇرتنىڭمۇ ھەم ،
ئۆيۈمنىڭ تاملىرىغا قارىدىم جىمجىت .
سېغىندىم مىھرىلىك تىللاشلىرىڭنى ،
ۋاقىتلا يېنىمدىن ئۆتىدۇ شىپ-شىپ .

كۆزۈمنى بوش يۇمدۇم كىرىشتى چىشىم ،
تاتلىق بىر ھىس بىلەن كەتتىم جۇزۇلداپ .
جەڭگاھتىكى ئاتتەك كىشنەر رئېئاللىق ،
چېچېمنى تارىدىم ساڭىلا ئاتاپ .



بۇ كۈتۈش بىر ئۆمۇر كۈتكىنىمگە تەڭ ،
چاچلىرىم دەريادەك دولقۇن ياسىدى .
مەن شۇنداق رازىلىق بەردىم ھاياتقا ،
پەريادىم باغرىمنى كېلىپ قاپسىدى .

مەن بۇرۇن نەلەردە يالغۇز پەرىشان ،
سەن بۇرۇن نەلەردە ئوت بولۇپ يانغان .
گۇناھ بولسا ئەمدى سېنى سۆيۈپ قالغىنىم ،
ئادەم بىلەن ھەۋۋانىڭ بارلىغى يالغان !!!

Rank: 3Rank: 3

توردا
40 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 
نادىر
يازما
212 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 11:53 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قارا ئەتتىرگۈل
(چىمەنگۈل ئاۋۇت )


ئازاپمۇ شۇ قەدەر سۈيۈملۈك بۈگۈن ،
لەيلەيدۇ ئەتراپتا يامغۇر پۇرىقى .
ھىس قىلدىم يالغۇزلۇقنىڭ ئېغىرلىقىنى ،
قۇلۇمدا قۇرۇغان گۈلنىڭ ئورۇقى .

پەرىشان كۈلگۈنۈمنى سەزدى ئۇ بەلكىم ،
زېرىكتىم مۇشۇ دەم مەغرۇرلۇقۇمدىن .
شۇنچە يىل قانداقمۇ ئۆتكەن بولغىيتى ،
دېگەن بىر ئاۋازنى سۈزدۈم ئۈزۈمدىن .

ئويلىرىم نىمە ئۈچۈن سىغماس ئىچىمگە ،
مەن نىچۈن پەرىشان ، مەن نىچۈن خۇشال .
ئۆزۈمنى سۈيگەندەك سۆيسەم ھاياتنى ،
كىملەرگە قانداقراق تۇيۇلار بۇ ھال ؟ !

ئازاپمۇ شۇ قەدەر سۈيۈملۈك بۈگۈن ،
قاينايدۇ ئىچىمدىن ئىسسىق بىر يىغا .
چىدايمەن ھەممىگە چىدايمەن لېكىن ،
پارلايدۇ مېھرىمدە مۇقەددەس گۇناھ !!!

Rank: 3Rank: 3

توردا
40 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 
نادىر
يازما
212 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 11:55 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئالقىنىڭنى ئاچ


چىمەنگۈل ئاۋۇت


ئالقىنىڭنى ئاچ
يۈزۈمنى ياقاي.
پەلەك چەرخىدىن
يۇلتۇزدەك ئاقاي.
ئەزىزىم،
كەچۈرگىن!
مەندىن چىدام كۈتمىگىن بىردەم.
يىغلاپ تۇرۇپ يىقىلدىم،
قانلىرىڭغا
قىزىل گۈل بولۇپ قېتىلدىم ...

سەن دەسسىگەن توپىدا تۇز بار،
يوللىرىڭدا تىكەن ھەم ئىز بار.

يەنە تاڭ ئاتتى ...
ئانىمىز نان ياققان تونۇرغا ئوخشاش،
كۆيەلەرمۇ بۈگۈنكى قۇياش؟!

بېلىكىڭگە ئېسىلىپ
ئورنۇمدىن تۇردۇم .
بىقوۋوللىقىمغا، ئۆزۈمنى
مىڭ كاچات ئۇردۇم.

چۇل - چۇل بولدى پىغانىم،
لەيلەپ چۈشتى رومالىم ...

ئەزىزىم،
قولۇڭنى بەرگىن
«سېنىڭ يۈرىكىڭگە كېتەيلى»
كۆزۈڭدىكى ياش بولاي،
بوينۇڭدىكى تاش بولاي ...

ئالقىنىڭنى ئاچ!
بارماقلىرىڭغا سۆيىمەن.
قىلىچ تۇتقان قول بۇ دەپ
بۇلبۇلگويادەك كۈلىمەن ...

Rank: 3Rank: 3

توردا
18 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى 
نادىر
يازما
130 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 16:33 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
چىمەنگۅل ئاۋۇ (چىمەنقۇش) ھەدىمىزنىڭ قەلىمىگە زور بەرىكەتلەر تىلەيمەن.
حاتالاشمىسام چىمەنگۅل ھەدىمىزمۇ مۇشۇ مۇنبەرنىڭ بىر ئەزاسىعۇ دەيمەن.

نادانلارغا قىلىنغان ئەڭ ياخشى جاۋاپ-سۈكۈت

Rank: 3Rank: 3

توردا
56 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى 
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى 
نادىر
يازما
178 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 21:04 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شائىىر  دىگەن  مىللەتنىڭ   تىلى،ئەدەبىياتنىڭ  تۈۋرىكىدۇر.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
249 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى 
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى 
نادىر
يازما
1644 

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى 09:10 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
چىمەنگۈل ھەدەمنىڭ رەسىمىنى كۆرۈۋالدۇق مانا، يولدا ئۇچرىشىپ قالساق مەن پالانى سىڭلىڭىز دەپ تۇنۇشلۇق بېرىمەن.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

رەسىمسىز ھالەت|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى 15:42 , Processed in 0.033648 second(s), 10 queries , Eaccelerator On.

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.