2016-يىلى يۈسۈپ خاس ھاجىپ يىلى دەپ جاكارلاندى
ۋاقتى: 2015-12-08
ئاۋاتلىقى: 1367 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
2016-يىلى يۈسۈپ خاس ھاجىپ يىلى دەپ جاكارلاندى
ئەلداۋا ساغلاملىق تورى خەۋىرى، دۇنيا تۈرك مەدەنىيىتى تەشكىلاتىنىڭ 26-نويابىردىن 28-نويابىرغىچە تۈركمەنىستاندا چاقىرىلغان 33-نۆۋەتلىك يىغىنىدا، قىرغىزىستاننىڭ تەكلىپ سۇنۇشى ۋە خىزمەت ئىشلىشى نەتىجىسىدە، بۈيۈك پەيلاسوپ، شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەۋەللۇتىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، 2016-يىلىنىڭ «يۈسۈپ خاس ھاجىپ يىلى» دەپ بېكىتىلگەنلىكى ئېلان قىلىنغان.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ( 1018-1085 )
ئەلداۋا ئىگىلىگەن ئۇچۇرغا كۆرە، بۇ تەشەببۇس قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. يىغىندا، قىرغىزىستان ۋەكىللىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىدىن بەكرەك ئۇنىڭ ئېتنىك كىملىكىنى شەرھىيلەشكە بەكرەك كۈچىگەن.
بۇ يىغىندا، بۇندىن باشقا يەنە ئەزەربەيجاننىڭ شەكى شەھىرى 2016-يىللىق «تۈرك دۇنياسىنىڭ مەدەنىيەت ئاستانىسى» قىلىپ بېكىتىلگەن.
دۇنيا تۈرك مەدەنىيىتى تەشكىلاتى (TURKSOY) ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركىيە ۋە تۈركمەنىستاننىڭ مەدەنىيەت مىنىستىرلىقلىرى تەرىپىدىن 1993-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، مەدەنىيەت ۋە سەنئەت ئارقىلىق دۇنيادىكى تۈركىي تىللاردا سۆزلەشكۈچى خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت رىشتىنى چىڭىتىشنى مەقسەت قىلغان خەلقئارالىق تەشكىلات ھېسابلىنىدۇ.