ناشتىلىق يۇمۇر
بىر ئايال ئېرىگە دەپتۇ:
- بۈگۈن 8-مارت ئاياللار بايرىمى ئىكەن، ماڭىمۇ بايرام ئۆتكۈزۈپ بەرسىڭىز بولمامدۇ؟
ئېرى دەپتۇ:
- قانداق ئۆتكۈزىمىز ئۇ بايرامنى؟ يا ئەزەلدىن ئۆتكۈزۈپ باقمىساق...
- تاڭ ئۇقمىدىم، قانداق ئۆتكۈزىدىكىن...
- ماڭە چىقىپ قاراپ باقە، قوشنىمىز سەمەتلەر قانداق ئۆتكۈزۈۋاتىدىكىن بۇ بايرامنى؟
ئايال چىقىپ، قوشنىسىنىڭ دېرىزىسىدىن قاراپ تۇرسا، قوشنىسى سەمەت ئايالىنىڭ چېچىنى كارىۋاتنىڭ پۇتىغا چىگىپ قويۇپ تاراسلىتىپ ئۇرۇۋاتقۇدەك. ئايال بۇنى كۆرۈپ، جىممىدە گەپ قىلماي ئۆيىگە قايتىپ كىرىۋاپتۇ.
ئېرى سوراپتۇ: - ھەي! قانداق ئۆتكۈزىدىكەن بايرامنى؟
ئايالى گەپ قىلماي جىم تۇرۇۋاپتۇ.
- ھەي! سەندىن سوراۋاتىمەن، قانداق ئۆتكۈزىدىكەن بايرامنى؟
- تاڭ...
- بايا كۆرۈپ كەلگەنتىڭغۇ؟
- تاڭ...
ئەرنىڭ ئاچچىقى قىرىققا چىقىپتۇدە، ئايالنىڭ چېچىنى كارىۋاتنىڭ پۇتىغا باغلاپ تاسما بىلەن تازا ساپتىكەن، ئايال يىغلاپ تۇرۇپ دېگۈدەك:
، بايرام ئۆتكۈزۈشنى ئۆزىڭىزمۇ بىلىدىكەنسىزغۇ؟ يەنە مەندىن سوراپ تېخى... ھۈ، ھۈ، ھۈ... ئۇھ، ۋايجان، ۋاييەي..😂 😄 [偷笑]
346 قېتىم كۆرۈلدى | yumurchi | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-5-3 9:59:07 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|