ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم، مەن بۈگۈن قىلدىغان پەقەت ئىش تاپالمىدىم ، شۇڭا سىلەرگە ئازراق سوۋغا بەرمەكچىمەن ئۇ بولسىمۇ : يۇمۇرلۇق تاققا-تۇققا !
باشىلىۋەتتىم ھە 😁😁😁
مەن ئەتتىگەندە كىتاپخانىغا بېرىپ كېلەي دەپ ئۆيدىن چىققان، ئەمما ئۆگزىگە چىقىش ئۈچۈن شوتا بولسىلا بولمايدىكەن ، شۇڭا تورغا چىققلى بولىدىغان تېلفۇندىن بىر سېتۋالدىم ، سېتۋېلىشنىغۇ سېتۋالدىم ، لىكىنزە مۇشۇ گۆش دېگەننى ئازراق سېتۋالمىساق يەپ بولالمىساق بۇزۇلۇپ قالدىغان نىمىكەن ، ماشىنىسى بار ھەممە ئادەم بىلىدۇ ، قىش كۈنىسى ماشىنا بۇزلۇپ قالسا بەك جاپالىق شۇنىڭ ئۈچۈن ، قار ياققاندا نېپىزراق كىينىۋېلىشنى ئويلىدىم ، بۇنداق بولغاندا قارماققا يەمچۈك سالماي تۇرۇپلا بېلىق تۇتقىلى بولىدىكەن ئەمەسمۇ !
قالتىس ياخشى ئامالدىن بىرنى ئويلاپ تاپقىنىمدىن خوش بولۇپ تاماق يېگلى ئاشخانىغا كىردىم ، كىرىشنىغۇ كىردىم ، لىكىن ھازىر قالايمىقان چچ ئۈندىدار توپلىرغا كىرىۋەرگەن بىلەن يانچوققا پۇلنى جىقراق سېلىپ كىرمىسە ساتراچلار بەك قىممەتچى بولۇپ كېتىپتۇ ، چاچنى ياسىغانغىلا 30 يۈۋەن ئالغان بارمۇ دەيمەن ، لىكىن نىمە ئامال پۇل بەرمىسەك بولمايدۇ نىمىشقا دېسڭىز ھازىرقى ئاتا ئانىلار باللىرغا بىر كۈن پۇل بەرمىسە باللار ئاتا ئانىسى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزگىلى قىل قالىدۇ ، مۇناسىۋىتىنى ئۈزسىغۇ چوڭ ئىش ئەمەس ھازىرقى جەميەتتە ، لىكىن تاققا يامىشىۋاتقاندا ئارغامچا ئۈزۈلۈپ كەتسە ئاقىۋىتنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەس ، تەسلىكىغۇ بەك تەس لىكىن ئەقىللىق ئادەملەر ئۈچۈن شېئىر يازماق دېگەن ئادەتتىكىلا بىر ئىش ، شۇڭا ھازىر ئەڭ پۇل تاپقىلى بولىدىغان ئىش تور سودىسمىكىن دەيمەن ، نېمىشقا دېسىڭىز مەن كىچىگىمدىنلا كىتاپخۇمار بالا ئىدىم ، شۇڭا ئاخشىمسى ئۇخلاپ قالسام كۆزۈمنى يۇمۇپ ئۇخلايمەن. كۆزنى يۇمۇپ ئۇخلىسا باشقىچە راھەت ئۇخلايدىكەن ئادەم ، شۇڭا ھەممىڭلارغا دەيدىغان سۆزۈم كىتاپخانىغا بېرىپ كىتاپ ئوقۇماقچى بولساڭلا چوقۇم باللىرىڭلارغا چوڭلارنى كۆرگەندە سالام قىلىشنى ئۆگىتىڭلار !
2016.11.23 كەچ ئۈرۈمچى
ئاپتورى :ئابدۇللا ئابدۇلمەجىد ئۇچقۇن
| 1676 قېتىم كۆرۈلدى | uqkun013 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-1 16:16:01 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|