خوتۇن دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى
1. خوتۇن: باشقىلار سىزنىڭ يامان گېپىڭىزنى قىلغاندا، تالاش تارتىش ئارقىلىق جان تىكىپسىزنى قوغدايدىغان ئاشۇ «كۆكەرمە ئايال »
خوتۇن، شۇنداق قەيسەر، غۇرۇرى ئىنتايىن كۈچلۈك، سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ئۆز بىلگىنىنى قىلىدىغان، ھۇرۇن «مەلىكە » .
خوتۇن، ئۇ بولغانلىقى ئۈچۈن سىزنى باشقا ئاياللارنى ئويلاشقا يول قويمايدىغان ئايال .
خوتۇن، ئەنە شۇنداق سىز ئۈچۈن تاتلىق ئۇيقۇسىدىن ۋاز كېچىپ ئورنىدىن تۇرۇپ، سىزگە ناشتلىق تەييارلاپ بېرىدىغان ئايال .
2. خوتۇن: ئەنە شۇنداق سىزگە ئوخشاش ھاكاۋۇر، ئەرلەر ئەزىز دەپ كۆرەڭلەپ يۈرىدىغان ئەرلەرگە، ئۆزىنى ئۆزگەرتىپ يول قويىدىغان، سىزنى چۈشىنىدىغان ئايال .
خوتۇن، سىزنى كىر-قات، قاچا يۇسىڭىزمۇ ئەرلىك سالاپىتىڭىزنى ھېچ قىلدۇرىدىغان ئايال .
خوتۇن، ئەنە شۇنداق سىزگە مەسئۇلىيەتنىڭ نېمىلىكىنى ھېس قىلدۇردىغان، پەقەت ئۇ بەختلىك بولسىلا، ھار قانچە جاپا تارتسىمۇ سىز بىلەن تەڭ جاپا چېكىشكە رازى بولىدىغان ئايال .
خوتۇن، سىزنىڭ بوش ۋاقىتلىرىڭىزدا ئۇنىڭغا كۆپرەك ھەمراھ بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدىغان، بىز ئېغىز گەپ قىلمىسىڭىزمۇ مەيلى دەيدىغان ئايال .
خوتۇن، سىزنى ئۇنىڭ ئۈچۈن قارا تۇماننى توسىدىغان كۈنلۈك بولسا دەپ ئويلادىغان ئايال .
خوتۇن، سىزگە ئەھمىيىتى بار سوۋغات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تاماق تېجەيدىغان «ئەخمەق ئايال » .
3. خوتۇن: سىزنى سۆيۈش ئۈچۈن، ھەممىدىن ھەتتا پۈتكۈل دۇنيادىن ۋاز كىچىشكىمۇ رازى بولىدىغان، سىزگە ھەمراھ بولۇپ سىز بىلەن تەڭ قېرىدىغان ئايال.
خوتۇن، سىزنى باشقا ئاياللارغا قاراشقا، تىلغا ئېلىشقا، چىرايلىقكەن دەپ ماختىشىڭىزغا يول قويمايدىغان ئايال .
خوتۇن، سىزنىڭ ئۇنىڭغا يازغان ھەر بىر تال ئۇچۇرىڭىزنىمۇ ئۆچۈرۋەتمەي ساقلاپ قويىدىغان، دائىم قايتا-قايتا ئوقۇپ ئۆزلۈكىدىن كۈلۈپ كېتىدىغان ئايال.
خوتۇن، سىزنى سىرتتا تاماق يەپ تاماقنى ئىسراپ قىلدىڭىز دەپ كوتۇلدايدىغان، ئەمما سىز ئۇنى سىرتتا مېھمان قىلاي دېسىڭىز، قۇسقۇم ئاچمىدى ئۆيگە كېتەيلى دەپ تۇرۋالىدىغان ئوماق ئايال .
خوتۇن، سىز ئۇنىڭغا بېرەر ئاياغنىڭ گېپىنى چىقارسىڭىز، پۈتۈن دۇنيانى كېزىپ بولسىمۇ ئىزدەپ تېپىپ، سىزگە مۇنداقلا ئۇچراپ قالدى دەپ قويىدىغان «يالغانچى ئايال ».
خوتۇن، سىز ئۇنىڭ يېنىدا يوق ۋاقىتلاردا سىزنى ئويلاپلا تۇرىدىغان، كۈندە تېلېفونغا تەلمۈردىغان «بىچارە ئايال ».
خوتۇن، سىز ئويۇن ئويناۋاتقان، ئۇخلاۋاتقان ۋاقىتتا، تېلېفون قىلىپ ياكى ئۇچۇر يوللاپ سىزنى سېغىندىم دەيدىغان «ئۆچلۈكىنى كەلتۇردىغان ئايال » .
خوتۇن، پەقەت سىزنىڭ قوللىشىڭىز ئاستىدا، ھېچنېمىدىن قورقماي باتۇرانە ئالغا ئىنتىلىدىغان ئايال.
خوتۇن، باشقىلارنىڭ كىيىملىرنىڭ مەينەتلىكىنى كۆرسە كۆڭلى ئاينىدىغان، ئەمما سىزنىڭ بىر ھەپتە كىيىپ پۇراپ كەتكەن سېسىق پايپىقىڭىزنى يۇيۇپ ئاپئاق قاردەك قىلىۋېتىپ بىر ئېغىز غىڭ-پىڭ قىلمايدىغان ئايال.
2164 قېتىم كۆرۈلدى | Azghun-Studio | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-10-7 3:56:46 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-2-23 4:28:28 | مىھرىگۈل |
بۇئەسەرنى بەك ياقتۇردۇم |
2017-1-11 6:24:18 | ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم |
بەك ياخشىكەن |
2015-10-7 17:13:30 | begubar |
Nahayete yahxe asarkan bak yakturdum |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|