ھايات تەلقىنلىرى
ئابدۇقەييۇمجان ( ئەختەر )
بىز ھەر كۈنى ئۇنىڭ ئىزىنى بويلاپ مەكتەپكە باراتتۇق ، ئۇ بولسا بىزنىڭ ئىزىمىزنى بويلاپ ئۆيگە قايتاتتى .
---بىر دوستۇمنىڭ خاتىرە دەپتىرىدىن
(1)
دانا ئادەملەرگە پىكىر بەرسەڭ ئۆزىنىڭ توغرا بولشىمۇ ساڭا رەھمەت ئېتىدۇ ، نادان ئادەملەرگە پىكىر بەرسەڭ ئۆزىنىڭ خاتا بولغان بولسىمۇ ساڭا غەزىپىنى چاچىدۇ.
(2)
ئۈگىنىشكە لايىق يەر بولسىلا ئۈگىنىش كىرەكتۇر.باش كۆتۈرۈش ئۈچۈن بىر مەزگىل باش چۆكۈرۈش كىرەك .
(3)
ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ خوش قىلالمىساڭ ، ئۆزگىلە ھەرگىزمۇ خوش قىلاماس. مانا مۇشۇ كەمگىچە « ئۇنىڭ كۆڭلى ، بۇنىڭ كۆڭلى » دەپ يۈرۈپتۇق، ئەنە شۇ كۆڭۈللەرنىڭ كۆڭلىمىزگە قانچىلىك ئازار بەرگىننى ئۆزىمىز بىلىمىز .
بەخىتنىڭ ئۆلچىمى ئىسىل ئۆي ، كاتتا ماشىنا ، كىلىشكەن چىراي، مال –دۇنيا ياكى ياش پەرقى ئەمەس بەلكى،ئاددىي تۇرمۇشقا يوشۇرىنغان كۆلكە ۋە شۈكرى قانائەت .
(4)
ئادەم بەخىتنى بىر نەرسىگە ئېرىشىشتىن ئەمەس بەلكى، بىر – بىرىدىن ئەھۋال سوراشكۆيىنىش ، ئەڭ ئاجىز ۋاقىتلاردا ئۈمۇد بىىشلاشتىن ، تەسەللىي بىرىشتىن ، بىر –بىرىگە بولغان مىھېر- مۇھەبەتتىن تاپىدۇ .
باشقىلار سىزنى ھاجىتى چۈشكەندە ئىزدەيدۇ ، بولمىسا قارىسىنىمۇ كۆرەلمەيسىز .
مانا بۇ كىشىلىك تۇرمۇش ، سىز ئۆزىڭىزنىڭ يولىدا مېڭىڭ ،چۈنكى باشقىلار ئۆتمىشىڭىزنى بىلمەيدۇ ، بۈگىنىڭىزنى چۈشەنمەيدۇ .
(5)
بەخىتلىك كىشىلەر قولىدا مال – دۇنيا بار كىشلەر بولماستىن بەلكى ، قەلبىدە قانائەت تىزگىنى بار كىشىلەردۇر .
(6)
ئاچقۇچ كەتتى ، قۇلۇپ ساقلاۋاتاتتى . ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن كىيىن ئاچقۇچ قايتىپ كەلدى ئەمما ئاچقۇچ قۇلۇپنى ئاچالمىدى.چۇنكى قۇلۇپ ئاللىبۇرۇن داتلىشىپ كەتكەن ئىدى
(7)
كېچىلىرى ئۇيقۇم كەلمىدى دەپ ئازاپلانسام بولنىغىدەك ، بەلكىم ساقلىغىنىم ئۇيقۇ ئەمەستۇ . چىرايىڭ قانچىلىك چىرايلىق ، كىيىملىرىڭ قانچىلىك ئىسىل بولىشىدىن قەتئىي نەزەر بۇلار سىنىڭ گۈزەللىكىڭ ئەمەس بەلكى سۆلىتىڭ ، ھەقىقى گۈزەللىكسىنىڭ گەپ – سۆز ۋە ئىش- ھەركىتىڭدە .
(8)
ئەگەر كەچمىشنىڭ توپا باسقان تەكچىلىرىنى سۈرتەلمىسەڭ پۈلىمىگىن،چۈنكى سەن پۈلەپ قويۇپ كەتكىنىڭ بىلەن ئۇ توپا – چاڭنىڭ ئىچىدە مەن بۇلغىنىمەن .
شۇنداق ئىنسانلار بار ئىكى ، پاتقاققا يىقىلسا پاتقاقنىمۇ مەينەت قىلۋىتىدۇ ، شۇنداق ئىنسانلار بار ئىكى ،قەدىمىنىڭ بەركەتلىكىدىن گۈللەر ئۇنىدۇ .
(9)
بەزىلەر ھاياتىمدا يىنىمدا بولىشتى ، كۈلكەمگە ئورتاقلاشتى ، يۈرىكىمنى ئاغرىتتى ، شۇنداقتقمۇ مىنىڭ نۇرغۇنلىغان كەچۈرشىمگە مۇيەسسەر بولدى .
تەڭرى مىنى سىناش ئۇچۇن ماڭا ئىغىر سىناقلارنى بىرىۋىدى ، ئۇلار تەرەپ – تەرەپكە تارقاشتى . ئەگەر ئۇ سىناقلارنىڭ ساھىبى مەن ئەمەس ئۆزلىرى ئۈچۇن ئىكەنلىكىنى بىلسە ئىدى ، ئارىمىزدىكى ئىشەنچ زەنجىرى ئۈزىلمەس ئىدى .
(10)
باشقىلارغا قارغۇلاچە باھا بىرىپ ئۆزىڭىزنى دانا چاغلىماڭ،چۇنكى باھا بىرىشتە پايدىلانغان ئۇ كىتاپنى شۇ ئادەم يازغان بولىشى مومكىن .
(11)
ھەر قانداق نەرسىنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى تاپقىلى بولمايدۇ ، پەقەت ئەقىللىق ئادەملا ئۆز يىنىدا ئۆزىگە مىھرىبانلىق كۆرسىتىۋاتقان ئادەملەرنىڭلا دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ .
(12)
ھىچ قانداق ئىشتا باشقىلاردىن ئۈمۈد كۆتمەڭ ، شۇنداق يالغۇز قالىسىزكى تۇيۇقسىز تونۇشتىنىقلاردىن ناتونۇشلىقنىڭ پۇرىقىنى پۇراپ قالىسىز،كىچىك ئىشلارنى بولسىمۇ ، بولۇپمۇ تاماقنى ئۆزىڭىز يىيىشنى ئۈگىنىۋىلىڭ،بولمىسامىھېر كوچىسىدا تىلەمچىگە ئايلىنىپ قالىسىز .
ئۈمۈتسىزلەنگەندە ئاسمانغا قاراڭ ئۈمۇتلىنىسىز،ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ سايىسى بولۇپ قالماڭ . باشقىلارغا ياردەم قىلىدىغان قولىڭىزغا .... سىزنى كۆتۇرۇپ بەخىتنىڭ شانۇ –شەۋكەتلىرىگە ئاپىرىدىغان پۇتىڭىزغا ،قىسقىسى ئۆزىڭىزگە تايىنىڭ.بۇ ھايات شۇنداق ھاياتكى ، سىزنى يالغۇز ئىلىپ كىلىپ يالغۇز ئىلىپ كىتىدىغان .
(13)
ئىگىز پاشنىلىق ئاياق بەرگەن مەغرۇرلۇقنى ، يۈز پاشنىلىق ئاياق بىرەلمەيدۇ . يۈز پاشنىلىق ئاياق بەرگەن بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ، ئىگىز پاشنىلىق ئاياق ئەسلا بىرەلمەيدۇ .
دۇنيادا ھەرخىل كىشىلەر بار ، بىرى بەخىتلىك ئادەم ، يەنە بىرى قەيسەر ئادەم بەخىتلىك ئادەم ـــــ باشقىلارنىڭ قولىدا ئاۋايلانغان ئادەملەردۇر .
قەيسەر ئادەم ـــــ قەيسەرلىكنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ بەخىت تاپىدىغان ئادەم
(14)
ھاياتنى باشقىدىن باشلىغىلى بولمايدۇ لېكىن، باشقىچە باشلىغىلى بولىدۇ . دۇنيادا سەن ئۇچىرغان ھەر بىر ئادەم سەن ئۈچۈن ھىكمەت ، بەزىلەر ھۆرمەت ، بەزىلەر قۇدرەت ، بەزىلەر سۆلەت ، بەزىلەر ئىبرەت .
(15)
گۈل ئۆستۇر لېكىن ،پۇرىقى بىلەن ھىساپلاشما .چۇنكى، گۈل پۇرىقى بىلەن ئەمەس ھۆسنى بىلەن گۈزەل .
يول ياسا بىراق ، ئۇنىڭدا كىمنىڭ مىڭىشى بىلەن ھىساپلاشما . چۈنكى،ئۇ يۇل بەلكىم ئۆمۇر يولى بولىشى مومكىن .
ھەممە چىرايلارغا كۈلكە سىلىپ قوي ، بىراق ئۇلاردىن بەدەل تەلەپ قىلما .
ئۆمىرىڭنى مەنىلىك ئۆتكۈزلېكىن،ئۇنىڭ قانچىلىك قالغىنى بىلەن ھىساپلاشما . چۈنكى ، ئادەم ئۆمىرى ۋاقىت بىلەن ئەمەس بەلكى قىممەت بىلەن ئۆلچىنىدۇ، بەزى ئادەملەر ئاللىقاچان ئۆلۇپ كەتكەن بولسىمۇ ئۇلار ھايات ، بەزىلەر بولسا ھايات بولسىمۇ تىرىك مۇردىدىن پەرقى يوق .
(16) ھەركىم سىزگەكىبىرلىك،ھاكاۋۇرلۇق قىلسۇن،ۋەياكى سىزنى تۆۋەن كۆرسۇن سىز يەنىلا سەبىر قىلىڭ ، چۈنكى سىزگە بەرگەن سەبىرنى ئۇلارغا بەرمىگەن .
(17)
بۇ جاھان بەزىلەرگە خار ، بەزىلەرگە زار .
شۇڭا ئالدىرما ، سەن باشقىلارنى يىغلىتىش بەدىلىگە ئىرىشكەن شاتلىقىڭ ئۇزىنغا بارمايدۇ . چۈنكى سەن كۆزىدىن ياش ئاققۇزغان ئادەمنى سەندىن باشقىلارمۇ كۆلدىرەلەيدۇ .
(18)
مەن ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن ئىنساننى باشقىلارغا سىلىشتۇرمايمەن ، چۇۈنكى قانداقلا بولمىسۇن ئۇ مەن ئۈچۈن مەڭگۈ قەدىرلىك .
بىر ئادەمنىڭ سەن ئۈچۈن نىمىلەرنى دىگەنلىكىگە ئەمەس، نىمىلەرنى قىلغانلىقىغا قارا . چۈنكى ھەر ئىش ئىغىزدا ئەمەس بەلكى ھەركەتتە بولىدۇ .
(19)
گۈل چىررايلىق جاينى تاللاپ ئۆسمەيدۇ ،بىراق گۈل ئۆسكەن جاي چىرايلىق بولىدۇ. باغۋەنگە نىسپەتەن گۈلنى قەيەردە ئۆستۈرۈش موھىم ئەمەس، موھىمى گۈل ئۆسكەن جاينى چىرايلىق قىلسىلا كۇپايە .
(20)
ھايات بىر مۆجىزە –مۇھەببەت بىر دەرىس – ۋاقىت بىر سىناق – مەن بىر نىشان –كىسەل بىر سىگىنال ،قىسقىسى ياشاش بىر ئىمتاھان .ئۇ ئىمتاھاندا قانداق نەتىجىگە ئىرىشىش ئۆزىمگە باغلىق .
(21)
بىر ئىغىز سۆز بىلەن يوقاتقان نەرسىلىرىڭنى مىڭ ئىغىز سۆزلەپمۇ قايتۇرۇپ كىلەلمەيسەن . شۇڭا سۆزىڭگە دىقەت قىلماق تولىمۇ زۆرۈردۇر .
(22)
يالغانچىدا ساخاۋەت بولمايدۇ ، بىخىلدا سائادەت بولمايدۇ ، ھەسەتخوردا بولسا راھەت بولمايدۇ . مانا بۇ ھايات .
(23)
مەن مۇشتۇمدەك يۈرىكىمدىن سورىدۇم :
-ئىتقىن تۈرۈكۈم،سەن باشقىلاردىن نىمنى تەلەپ قىلىسەن. يۈرىكىم ئىتتى:
ـ مەن سەن بىلەن يىقىن ئۆتكەنلەردىن ئاتا – ئانىسىغا مېھرىبانلىقنى،دوس- بۇرادەرلىرىگە ۋاپادارلىقنى،ساداقەتنى، ئۆزىگە ۋىجدان ۋە غۇرۇرنى تىلەيمەن (24)
سەبىر ــــــ ئىنساننى كۈتۈلمىگەن بەخىتكە نايىل قىلىدۇ ،
سەبىر ــــــ قەلىپكە ھۇزۇر بىغىشلايدۇ ،
سەبىر ــــــ ھاياتتىكى ئەڭ چوڭ تەسەللىيدۇر ،
سەبىر ــــــ ئەڭ چوڭ نىممەتتۇر.
(25)
ھەقىقى خۇشاللىق ۋە چەكسىز بەختىيارلىق تۇيغىسى بولسا ، كۆزلىگەن نىشانغا يىتىپ بولغاندىن كىيىن ئەمەس بەلكى ، شۇ نىشانغا قاراپ ماڭغان ۋاقتىڭدا نىسىپ بولىدۇ .
بەخىتنى ھەقىقى ھىس قىلغان كىشى ، نىشانغا تەلپۈنۈپ ، مەنزىلگە قاراپ مەرتلىك بىلەن ئات چاپتۇرغان كىشىدۇر .
(26)
دۇنيا بار كۈچى بىلەن « ئەر » دەپ ۋارقىرماقتا ، زىمىن « ئەرلەر » ئۈچۈن ئىغىر نەپەس ئالماقتا .
ۋەتەن « ئەركەكلەر قىنى سىلەر ؟ » دەپ شىر كەبى ھۇلىماقتا ، بالىلار « دادا ، سىز نەدە ؟»دەپ سۇنۇپ ساڭايان بولۇپ قالغان ئىشىك قاناتلىرىغا تەلمۇرمەكتە، ئەي ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز جۇڭگونىڭ ئەركەكلىرى! ئەركەكزادىلىرى قىنى سىلەر .
(27)
دۇنيا ھەقىقى ئاياللارنى ئىزدەپ ئىغىر قەدەم ئالماقتا . ئىپپەت - نومۇس ، شەرمى - ھايا ئاياللار ئۈچۈن ئۇھسىنماقتا ، ئەرلەر « ئەي ، بالىرىمنىڭ ئانىسى،مىنىڭ ھالال جۈپتىم بولىمىش مېھرىبان مەھبۇبەم سەن قەيەردە ، مەن ھەر قانچە ئىزدەپمۇ سىنىڭ مېھىر يولىڭنى تاپالمىدىم .» دەپ ھەرتەرەپلەرگە قاتىرماقتا . لېكىن ئاياللار چۈ ؟ قىز - ئاياللىرىمىز بولساھەر تۈرلۈك « خانىلار»دا
ۋىجدانىغا تەييارچۆپ چىلاپ يەپ نىجىس پۇڭنىڭ قۇلى ، باشقىلارنىڭ قوچىقىغا ئايلانماقتا .
دۇنيا ھەقىقى ئاياللارنى چاقىرماقتا « دۇنيانىڭ ، مىللەتنىڭ، ۋەتەننىڭ ئانىسى بولىمىش ئايال زاتىلار قىنى سىلەر !!!»
(28)
ۋەتەننىڭ تۇرىكى، مىللەتنىڭ زولپىقارى بولمىش ئەرلەر ھازىر ئالدىراش .
ئىلگىرى پولات - نەيزە ئۇيناتقان ئەرلەر ئەۋلادى ھازىر تاشنى - تاشقا سوقۇپ بۇروت ئۇيناش بىلەن ،ئىلگىرى قار - جۇدۇنلاردا ۋەتەن قوغدىغانلار ئەۋلادى مانا ھازىر « ئاق ئىبلىس» نىڭ قۇلى بولماقتا . بەزى يولۋاس ئۆلتۇرگەن ئەزمەتلەر بۇگۇن ئايالىنىڭ ئالدىدا غال - غال تىترەپ كىر يۇماقتا .
(29)
سېنى نىيەت قىلغان ئادەم ،ساڭا ئىرىشىش ئۈچۈن ئاخىرغىچە كۆرەش قىلىدۇ . سىنى سىغىنغان ئادەم، سنى ئۆزلىكىدىن ئىزلەيدۇ . سەندىن ئانسىرەيدىغان ئادەم ، ئامانلىقىڭنى تىلەيدۇ .
(30)
تىگىدىن ياخشى ئادەم مەلۇم مەزگىل ئازغۇنلىقتا قالسىمۇ ئۇ ھامىنى ھەرخىل يوللار ئارقىلىق ئەسلىگە قايتىدۇ . تىگىدىن ناچار ئادەم ياخشىلىق تونىنى كىيۋالسىمۇ ئۇ تون ھامىنى سالدۇرلۇپ قالىدۇ .
(31)
يىنىڭدىكى كىشلەرنىڭ ئەسلىنى بىلىش ئۈچۈن ئالدىرما، ئۇلار ساڭا ھەر خىل يوللار ئارقىلىق بۈلدۈرۈپ قويىدۇ . يىقىنلىرىڭنى ئۆزگە ردى دەپ ئاغرىنما ئۇلار پەقەت ئۈستىدىكى ساختا كىيىمنى سىلۋەتتى خالاس .
(32)
ھاياتتا قىسمەتلىرىڭ دەستىدىن نەچەرەت يىتىپ يىغلىساڭمۇ،ھامان بىر كۈنى ئورنىڭدىن دەس تۇرۇپ ماڭمىساڭ،ھايات تەرپىدىن تاشلىنىپ قالىسەن .
(33)
بۇ ھايات ساڭاسەن كۈتكەننى ئەمەس بەلكى،سەن كۈتمىگەننى ئىلىپ كېلىدۇ ئەگەر ئۆزۈڭ كۈتكەننى ئۆزۈڭ ئىزدەپ تاپمىساڭ ھاياتنىڭ ئەكىلىپ بىرىشىنى كۈتمەستىن ئۆزگە چارەڭ يوق .
(34)
سەن يىغلاپ تۇرۇپ يازساڭ باشقىلار كۈلۇپ تۇرۇپ ئوقىدۇ،مانا بۇ ھايات.
ئۆزىڭنى يالغۇز ھىس قىلغانسىرى يالغۇز قالىسەن ، ئۆزىڭنى كۈچلىك ھىس قىلساڭ كۈچلۈك بولىسەن . شۇڭا ئۆزىڭنى قولىڭغا ئال . دۇنيادا كىمنىڭ كىم بىلەن كارى . مانا بۇ ھايات .
(35)
ھاياتىڭنى شۇنداق بىر كىشىگە تاپشۇرغىنكى، ئاراڭلارداھەر قانچە چوڭ ئۇقۇشماسلىق بولسىمۇ سىنى يالغۇز تاشلاپ قويمايدىغان بولسۇن .ئەنە شۇنداقلار دوس بولىشقا ئەرزىدۇ .
(36)
ئەتراپىڭدىكى كىشىلەر سىنى ياخشى دىسۇن ، ياكى يامان دىسۇن مەن ئۇلارغا پەرۋا قىلما ، چۈنكى ئۇلار قىلغان ئىشلىرىڭنىڭ ياخشى ياكى يامان بولىشىغا ئەمەس بەلكى ئۆزىگە پايدىسى بار - يوقلىقىغىلا قارايدۇ . دۇنيادا كۆرۇش ئەڭ تەس بولىدىغان يەر كىشى قەلبى ، مەيلى ئويلىنىڭ ، مەيلى تىپىڭ ھامان بىر كۈنى كۆرەلمەيدىغان ۋاقىت بولىدۇ .
(37)
ئۆز خاتالىقىنى تونيالمىغان ئادەم مەڭگۈ باشقىلاردىن ئاغرىنىپ ياشايدۇ .
(38)
ھەممە كىشى ھاياتىدا مۇنداق دوسقا مۇختاج بولىدۇ ، ئۇ يىقىلغاندا سىز بىرىپ يۆلەيسىز ، سىز يىقىلغاندا ئۇ كىلىپ يۆلەيدۇ . ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغاندا سىزدە قورقۇش ، تەمتىرەش ، ئەنسىرەش بولمايدۇ . بۇ دوست دەل ـ-كوللىكتىپ .
(39)
ئۆزىڭنى شام قىلىپ يىقىپ بەرسەڭمۇ ، ھامان بىر كۈنى سىنى لامپۇچكا بىلەن سىلىشتۇرۇپ كۆڭلىگە ئازار بىرىدۇ ، مانا بۇ ئىنساننىڭ تەبىتى .
ھاياتىڭدا ئاۋال يىنىپ ئاندىن يىراڭلىشىدىغان دوستىڭدىن ھەزەر ئەيلە .
دوسلۇق يولىدا بىر قەدەمنى بىسىش ئۈچۇن ئىھتىيات قىل چۈنكى ، ئىلگىرى ئىھتىيات بىلەن بىسىلمىغان بىر قانچە قەدىمىڭ ساڭا ئىبرەت بولغان .
(40)
خاتا ئىچىلغان دەرىزىگە قاراپ بىر ئۆمۇر ئازاپلىنىشنىڭ ئورنى يوق ،يەنە بىر يەردىن باشقا بىر دەرىزىنى ئىچىشقا جۈرئەت قىلالىساڭ بەلكىم گۈزەل مەنزىرىنى كۆرەلىشىڭ، ھايات ئىكرانىڭنى گۈزەللىككە تولدۇرالىشىڭ مومكىن .
(41)
يۈرەك بولسا ئىككى ئىغىزلىق ئۆي ، بىرى خۇشاللىقنىڭ ، بىرى بولسا ھەسرەتنىڭ .
مەن ئانچە جاراڭلىق كۈلمەيمەن چۈنكى ، ياندىكى ھەسرىتنى ئۇيغۇتۇپ ئۆزىمنىڭ بىر ئۆمۇر ئازاپلىنىشىمدىن قورقىمەن .
(42)
بەخىت ئۇ ئەسلىدە ئىنتايىن ئاددىي ، ئۇنىڭ مۇقىم فورمىلاسى يوق . سەن قانائات ھاسىل قىلساڭ شۇنىڭ ئۆزى بەخىت .
بەخىت شۈكرى قىلىش بىلەن گۈزەل بولسا ، سىلىشتۇرۇش بىلەن خازان بولىدۇ .
(43)
بىر نەرسىنى كۆرۈشنى خالىمىساڭ كۆزىڭنى يۇمۇۋالالايسەن لېكىن، ئۇيلاشنى خالىمايدىغان نەرسىلەرئۈچۈن كۆڭلۈڭنى يۇمىۋالغىلى بولسائىدى مەن كۆڭۈل ئىشىكىمگە قۇلۇپ سىلىپ قوياتتىم .
(44)
ئىنسان ھامان ئۆزگىرەيدۇ ، ئىنسان نۇرغۇن ئىشلارغا ئاجىز . بەزىلەر ئامالسىزلىقتىن ئۆزگەرسە ، بەزىلەر ئۆزگىرىشكە مەجبۇر بولىدۇ ، مانا بۇ ھايات .
ھاياتىڭىزدا كىمنى ھۆرمەت قىلىڭ ، كىمنى قەدىرلەڭ مېھرىبان بولۇڭ . چۈنكى تۇز ئارلاشمىغان ئىغىزغا تىتىمىغانغا ئوخشاش مېھىربانلىق بولمىغان دوسلۇق مەڭگۈلۈك ئەمەس ، ھامان ناتونۇشلارغا ئايلىنىدۇ .
(45)
قىداش ۋە ئاداۋەتكە باھانە ئىزدەش ئورنىغا مېھىر بولىقىنىڭ تامچىلىرىنى ئىزدە ، رەنجىتكەن بولساڭ ئەپۇ سورا ، رەنجىگەن بولساڭ ئەپۇ قىل بولمىسا بۇ قىسقا ھايات بىكىتىدە مۇزاپىر بولۇپ قالىسەن .
(46)
سەن بەخىتنى بىر تامچە سۇدىن تاپالىساڭ شۇ تامچە بىلەن ياشا . ھەرگىزمۇ گۈزەل ئوكيانلارنى خىيال قىلما ، چۈنكى ئوكياندا تۇنجىقىپ قىلىشىڭ مومكىن .
(47)
ئادەم ھاياتىدا ئەقىل بىلەن ھىسيات ئوتىرىدا ياشايدۇ،ئەقىل بىلەن ياشاش جاپالىق ، بىراق تىجەشلىك بولىدۇ . ھاياتىڭدا ئەقلىڭ بىلەن ھىسياتىڭنى باشقۇرساڭ ھاياتىڭ مەنىلىك ئۆتىدۇ ، لېكىن بۇ يول بەك جاپالىق بۇ يولدا مىڭىش ئۈچۈن سەندە چوقۇم چىدام ، غەيرەت ، ئىرادە بولىشى كىرەك ، بولمىسا بىر قەدەممۇ ئالالمايسەن .
(48)
ھاياتىمدا نۇرغۇن بوياقلاردا بويالغان ئادەملەرنى كۆردۈم ، ئالدىمدا بىرخىل، كەينىمدە يەنە بىر خىل . ئۇلارنىڭ ماھىتىنى بىلىپ تۇرساممۇ بىلمەسكە سالدىم چۈنكى ئۈنداق بوياقلار نىمىلا قىلمىسۇن بىر تامچە سۇ ئالدىدا دىۋانىگە ئايلىنىدۇ .
(49)
ئاخىرىغا چىقىرىشقا كۆزۈڭ يەتمىگەن ئىشنى ۋاقتىدا ئاخىرلاشتۇر ، چۈنكى ئۆزىنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن سىنى ئىسدەيدىغانلار ھامان سىنى پۇشايمان قىلدۇرىدۇ .
بىر قىتىم ئۈزىلگەن ئارغامچىنى قايتا ئۇلىسا بىر غىرىچ قىسقىرايدۇ ھەمدە ، بىر قال تۈگۇنچە پەيدا بولىدۇ ، كۆڭىلمۇ ھەم شۇنداق .
(50)
شۇنداق ئىشلار ئۈچۈن بەزىلەر « دۇنيادا ئوغۇللار ئازمىدى » دەيدۇ ، بەزىلەر بولسا « دۇنيادا قىزلار ئازمىدى» دەيدۇ . راس دۇنيادا ئۇغۇل - قىزلار ئاز ئەمەس لېكىن ھەقىقى ئوغۇل - قىزلار ئاز .
دۇنيادا قىرىنداش كۆپ لېكىن ، بىر - بىرىنىڭ دەردىگە يىتىدىغانلار ئاز . شۇڭا ھۆرمەت قىلسا ئىشىۋالماڭ ، مېھىر بەرسە قىتىۋالماڭ ، چۈنكى ئۇمۇ ئادەم .
(51)
ئادەمنىڭ يۇرىكى قانداق ۋاقىتلاردا ئىغرىدۇ بىلەمسىز ؟ دەل ئۆزى قىلغان ئەقىدە ، غۇرور ، ۋىجدان ۋە ھەقىقەت يەرگە ئۇرىلغاندا .شۇنىڭ ئۈچۈن ئىھتىيات قىل ، بۇدۇنيادا ئەرزىمەس ئادەملەرنى دەپ قىممەتلىك كىشىلىرىڭدىن ئايرىلىپ قالما .
كۈنلەرنىڭ بىرىدە قەدىرلەش ، ئاسراشنىڭ ، قىممەتلىك ئادەملىرىڭنىڭ قەدرىنى بىلگەن ۋاقتىڭدا بەك كۆپ نەرسىلەردىن ئايرىلىپ قىلىشىڭ مومكىن ، چۈنكى سەبىرنىڭ چىكى ۋىجدان كۆتۇرگىچە .
(52)
كۆڭلىم يىرىم ۋاقتىدا جىم - جىتلىقنى تاللىدىم ، كەيپىياتىم ياخشى ۋاقىتتا دوسلار بىلەن كۆرۈشىشنى تاللىدىم ، ئۇۋالچىلىققا ئۇچىرغاندا سۈكۈت قىلىشنى تاللىدىم ، يۈرىكىم ئەنسىز سوققاندا بولسا ئۆيگە قايتىشنى تاللىدىم .
(53)
كۈن پارلاپ تۇرغاندا ھىچكىم ئۇنڭغا دىققەت قىلمايدۇ ، كۈن تۇتىلغاندا بولسا ھەممە ئاسمانغا قارايدۇ . شۇنىڭغا ئۇخشاش ھىچ كىم سىنىڭ ياخشى ئىشىڭنى ئويلىماي يامان تەپىڭگە دىققەت قىلىدۇ .
(54)
كەچ بولدى ، ھاياتلىق دەرىخىمدىن بىر يوپۇرماق تۆكۈلۇپ قاقشاللىققا يىقىنلاپ كىتىۋاتىدۇ ، بىر كۈن قاقاقلاپ كۈلگەنلەر ئۈچۈنمۇ ئۆتتى ، ئازاپلىنىپ يۈرگەنلەر ئۈچۈنمۇ ئۆتتى.بۈگۇن كىلەرنى كۈلدۇردۇق ، كىملەرنى يىغلاتتۇق،كىملەرگە ئەزىز ، كىملەرگە خار بولدۇق . ئۇ تۇنىگۈن بار ئىدى بۈگۈن يوق ، بۈگۈن بىز بار ئەتە كىم بار بۇنىسى بىزگە قاراڭغۇ .
(55)
سىزگەمەنسۇپ نەرسەھەرقانچە يىراقتا بولسىمۇ ھامان سىزنىڭ،سىزگە تەئەللۇق ئەمەس نەرسىنى ھەر قانچە تۇتىۋالغىنىڭىز بىلەنمۇ ئۇ ھامان ئۆز ئىگىسىنى تاپىدۇ . ئۇنى ھەرگىز تۇتۇپ قالالمايسىز ، مانا بۇ تەقدىر .
(56)
تونۇشۇش ئۈچۈن تالاي ۋاقىت كىتىدۇ ، ناتونۇش بولۇش ئۈچۇن كۆپ ۋاقىت ،ھەتتا بىر مىنۇتمۇ كەتمەسلىكى مومكىن .سەن ھاياتىڭدا نۇرغۇن ئادەملەردىن ئۆزۇڭ خالاپ ئەمەس بەلكى مەجبۇرى يىراقلىشىدىكەنسەن .
(57 )
قانچىلىك جاپا تارتسام چىدايمەن بىراق، كىشىلەرگە خار بولىشقا چىدىمايمەن ، كىشىگە ئىگىلىشتىن قورۇقمايمەن بىراق ، كىشىگە يالۋۇرىشقا چىدىمايمەن .
(58)
روھىي دۇنياسىنى پۇل چىرمىۋالغان كىشىدە ۋىجدان ، مەسۇلىيەت ، غۇرۇر ، ئىدقاد بولمايدۇ ، چۈنكى پۇل ئۇلارنىڭ روھىي ئوزىقىدۇر .
كىتاپخۇمار كىشىلەردە بايلىق ، ھوقوق ، ئويۇن تاماسى بولمايدۇ ، چۈنكى بۇنداق كىشىلەر ئەڭ باي ئادەملەردۇر .
(59)
ئۆزىڭىزگە مەنسۇپ بولمىغان بۆشۈكتە بىر ئۆمۇر ئەللەيلىنىش ئورنىغا، ئۆز ئەجىرىڭىز بەدىلىگە كەلگەن تۇرمۇشتا بىر تىنىۋالماق ئەۋزەلدۇر . ئۆزى ئۈچۇن ئورنىدىن تۇرالمىغان ئادەم باشقىلار ئۈچۈن نەپەس ئىلىشقىمۇ يارىماس .
(60 )
مەيلى كىمگە نىمە قىلىڭ ، ئەگەر ئورنىدا مەن بولۇپ قالسام قانداق قىلارمەن ؟ دىگەنلەرنى ئويلاڭ ، بىچارە ئاق كۆڭۈللەرنى يىغلاتماڭ يىغلاپ قالىسىز ، باشقىلارغا قاراپ كۈلمەڭ ، كۈلكىگە قالىسىز .
(61)
خۇشاللىققا جۆر بولۇش ھەمە كىشىنىڭ قولىدىن كىلىدۇ ، جاپا ۋە ئازاپقا جۆر بولۇش سىنىڭ ھەقىقى دوستۇڭ تەرپىدىن ھۇجۇتقا كىلىدۇ .
(62)
ئەگر بىرى مەندىن ؛
ـ تۇرمۇش ساڭا نىمىلەرنى ئۈگەتتى .ـ دەپ سورىسا مەن ئىككىلەنمەيلا ھىچ كىمدىن خۇشاللىق كۈلكىسى ۋە ئۈمۈت كۈتمەسلىكنى، شۇنداقلا ئۆزىمگە تايىنىشنى ئۈگەتتى دەپ جاۋاپ بەرگەن بولاتتىم .
(63)
قانچىلىك مېھىر بەرسەڭ شۇنچىلىك ئىرشىسەن، راس بەرسەڭ راسنى، ساختىنى بەرسەڭ ساختىنى قايتۇرۇپ ئالىسەن . شۇڭا دوسلىرىڭنى ئالداشنى ئويلىما بولمىسا بىر ئۆمۇر ۋىجدان سوتىنىڭ سوراقخانىسى ئىچىدە ياشايسەن .
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىڭنى ئۆزگەرتىشكە غەيرەتلىك بول،باشقىلارنى ئۆزگەرتىشكە مېھىر كەلگۈسىڭنى ئۆزگەرتىشكە ئىرادە قانات بولوسۇن .
(64)
بىرى سىزدىن ئۆزىڭىزدىن ھالقىپ ئۆتۈشكە مەجبۇرلىغان بولسا سىز ئۇنىڭغا مىنەتارلىق بىلدۈرۈڭ ، چۈنكى ئۇ سىزنىڭ ھاياتىڭىزدىكى قىممەتلىك ئادەم .
بەلكىم سىز مۇشۇ تۈپەيلى بۇرىنقى ناچار ئىللەتلىرىڭىزنى پاك - پاكىز سۈپۈرىپ تاشلىيالىشىڭىز مومكىن .
سىزنى مەجبۇرلايدىغان ئادەم بولمىسا ، ئۆزىڭىزنى - ئۆزىڭىز مەجبۇرلاڭ ،چۈنكى سىز ھەمىنى ئۆزگەرتىشنى ئويلىسىڭىز باشقىلارنىڭ مەجبۇرلىشى ھاجەتسىز . گەرچە ئۆزگىرىش جەريانى ئازاپلىق بولسىمۇ ، ئۆزگەرگەندىن كىيىن خۇشاللىق تاپىسىز.
(65)
ھەرگىز يىغلايمەن دىمەڭ ، بەلكىم باشقىلار سىزنىڭ كۈلىشىڭىز ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرۋاتقان بولىشى مومكىن .
(66)
بىر بالا دادىسىدىن :
ـ ئەر كەك دىگەن نىمە ؟ - دەپ سورېدى.دادا ئويلۇنۇپ : ئەر كەك دىگەن باللىرىغا ئىگە بولىدىغان ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان،ئۇلارئۈچۈن جان كۆيدۇردىغان كىشىلەردۇر
ـ دېدى . بالا : - مەنمۇ كەلگۈسىدە دادامدەك ئەر كەك بولىمەن - دېدى .
« ئەر كەك » ئۇقىمىغا نىسپەتەن ھەر كىشىنىڭ ئويلىغىنى باشقا ، سىزچە چۇ ؟
ئىسىڭىزدە بولسۇن ئەر باشقا ، ئەركەك ناشقا ! !
(67 )
ئەي تەڭرىم سەندىن ھەر ۋاقىت باشقىلارنىڭ ياخشى تەرپىنى كۆرىدىغان كۆزۈمنىڭ ، ئەڭ ناچارتەرىپىنى كەچۈرۋىتىدىغان قەلبىمنىڭ،رەزىللىكنى يىڭەلەيدىغان ئەقىلنىڭ بولىشىنى تىلەيمەن .
(68)
قىزلارنى « يامان » دىمەيمەن ، چۈنكى دۇنيادا ئەڭ مېھرىبان ئانام بار . قىزلارنى «ئەيىب» كۆرمەيمەن ،چۈنكى سىڭلىم ئەڭ ئەدەپلىكتۇر . قىزلارغا «ئۆچمەن » دىمەيمەن ، چۈنكى كەلگۈسىدىكى ئۆمۇرلۈك ھەمراھىم ئايال زاتىدۇر .
(69)
دۇنيادا تەر تۆكمەي قىلىدىغان بىرمۇ ئىش يوق ، شۇڭا نىمە ئىش قىلماڭ قولىڭىزدا تەرىڭىزنى سۈتۈش ئۈچۈن بىرتال قول ياغلىقنى ئايرىماڭ . ھەر قانداق ئىشنى چىن ئىخلاسىڭىز بىلەن قىلىڭ ، ئەنە شۇ چاغدا ھاياتنىىڭ ھەقىقى قىمىتىنى تونۇپ ،
ئۆز - ئۆزىڭىزگە جەڭ ئىلان قىلالايسىز . ئىسىڭىزدە بولسۇن بەخىەت تىرىشچان ئادەملەر ئۈچۈن بىخىل ئەمەس .
(70)
ئۆزى تاللىغان يولنى ئۆمىلەپ بولسىمۇ مىڭىشى كېرەك، چۈنكى دۇنيادا ئۈمۇتسىزلىك بولمايدۇ ، ئۈمۈتسىز ئادەملا بولىدۇ .
بۈيۈك چوقىلارغىمۇ بىر قەدەم - بىر قەدەمدىن يىقىنلىشىسەن ،شۇڭا قەدەملىرىڭنى كىچىك، ئاددىي دەپ ئويلاپ قالما . ئىرادىلىك ئادەملەر باشلىغان قەدىمى قانچىلىك ئاددىي ،شۇنچىلىك كىچىك بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ھامان غەلبە قازىنىدۇ .چۈنكى ئۇلار ئۈمۈتسىزلىك ۋە بوشاڭلىقنى يىراققا سۈرگىن قىلىۋەتكەن .
(71)
ھەر كۈنى مىنى ئۇيقىدىن ئويغىتىدىغىنى سائەت ئەمەس بەلكى ئارزۇ - ئارمانلىرىمدۇر شۇ ئارزۇ - ئارمانلىرىم مىنى يۈكسەك چوقىغا ئىلىپ چىقىدۇ . مەن ئۈچۈن ياشاش بىر قانۇنىيەت، قانداق ياشاش بىر قابىلىيەت .
(72)
بۇرۇن ئادەملەر ھەرخىل پۇللارنى بارلىققا كەلتۈرەركەنتۇق، ھازىر بولسا پۇل ھەرخىل ئادەملەرنى بارلىققا كەلتۈرۋاتىدۇ .
بۇرۇن ئادەملەرپۇلنىڭ راس - يالغىنىغا ھۆكۈم قىلا بولسا،مانائەمدىلىكتەپۇل ئادەمنىڭ راس - يالغىنىنى ئايرىۋاتىدۇ .
(73)
گۈل ئۈستىدىكى تىكەندىن سوراپتۇ :
ـ سەن نىمىشقا مىنىڭ ئۈستىمدىن ئورۇن ئالغان ، شۇ سەۋەپلىك ھىچكىم مىنى تۇتالمايدۇ - تىكەن جاۋاپ بىرىپتۇ :
ـ ئەگەر مەن بولمىغان بوسام ھەممە نىجىس قوللار سىنى تۇتۇپ سەن بۈگۈنكىدەك گۈزەلىكىڭنى ساقلىيالمىغان بولاتتىڭ .
(74)
بىر باي ، بىر نامرات ئىككى ئادەم يول يۈرۈپ قاتتىق ئۇساپ كىتىپتۇ دە مىڭ تەستە بىر قۇدۇق بىشىغا بىرىپ ئۇسۇزلىقىنى قاندۇرۇپتۇ .سۇ ئىچىشكە باي ئادەم يىنىدىكى ئالتۇن قاچىسىنى ئىسلىتىپتۇ ، نامرات ئادەم بولسا ئۇچىملاپ ئىچىپتۇ دە يىنىدىكى ئادەمگە قاراپ ئۆزىنى شۇنچىلىك بىچارە ھىس قىپتۇ . ئەمما شۇ ۋاقىتتا ئۇ ئادەم ھەر ئىكىلىسىنىڭ بىر ئىرىقنىڭ سۈيىنى ئىچكەنلىكىنى ئۇنتىغان ئىكەن .
(75)
ئەي قىز سىنىڭ يۈزىڭ نۇرلانسۇن ، لېكىن گىرىمىڭ تەسىرىدە ئەمەس ساپ ئەخلاقىڭ تەسىرىدە نۇرلانسۇن . باشقىلار ساڭا قاراپ « ئۆمۈرلۈك ھەمراھىم قىلسام » دەپ خىيال قىلسۇن ھەرگىزمۇ « كۆڭۈل ئاچاي » دەپ ئويلاپ قالمىسۇن .
(76)
بۇرۇن يىقىن ئۆتىدىغانلار ئەمدىلىكتە تونۇش ياتلارغا ئايلاندى .
بۇرۇن ئالدىمغا سالامغا كىلىشەر ئىدى ئەمدىلىكتە بولسا چىن كۆڭلىمدىن چىقىرىپ قىلغان سالاملىرىم مانا ئەمدىلىكتە جاۋاپسىز قالدى . مانا بۇ ھايات .
(77)
ھەقىقي يىگىتنىڭ مېھرى ھەم قەھرى بولىدۇ .چۈنكى ئۇ مېھىر بىلەن دۇنيانى سۆيسە قەھرى بىلەن دۇنيانى قوغدايدۇ .
(78)
ھاياتنىڭ ئۆزگە خاس بىر خىسلىتى بولىدۇ،بۇ خىسلەت ھايات ياشلىق ،گۈزەللىك ، تەن ساقلىق ، ئەركىنلىك قاتارلىق تاشقى مەنزىرىدىن ئايرىلغاندا نامايەن بولىدۇ .
(79)
دۇنيادا بەزى بىر ئادەملەر بار ئۇلار ھايات مەنزىلىنىڭ بىر بۆلىكىنى سىز بىلەن بىللەتاماملايدۇ ، بۇ جەرياندا خاپىلىقلىرىڭىزغا تەساللىي بىرىدۇ ، تىنىڭىز غال - غال تىتىرگەندە ئىللىقلىق ئاتا قىلىدۇ ، سىز ئۈچۈن بارچە مىھرىنى تەسەددۇق قىلىدۇ بۇ دەل سىزنىڭ ئاتا - ئانىڭىز .
(80)
دۇنياكۆرگەننىڭ ئىڭى ئىچىلىپ كۆزى چوڭىدۇ،دۇنياغابىرىلگەننىڭ نەپسى يوغىناپ كۆزى كىچىكلەيدۇ .
(81)
باشقىلارنىڭ سىرىتقىي قىياپىتىگە قاراپ باھا بەرمەڭ چۈنكى ، شىكەر بىلەن تۇزنىڭ شەكلى ئوخشاش بولغىنى بىلەن تەمى ئوخشىمايدۇ .
(82)
نوقسانسىز ئىنسان بولمايدۇ ، سىزمۇ ، مەنمۇ ، ئۇمۇ شۇنداق . شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزگەرتىڭ ، ئۆزگىرىڭ ، كۆنىڭ ،كۆندۈرۈڭ . چۈنكى بۇ ھايارت خاپا بولۇپ رەنجىگىدەك ، ئاداۋەت ساقلاپ يامانلاشقىدەك ئۇزۇن ئەمەس ئۇ بىردەملىك .
(83)
مەن بەزى ۋاقىتتا كۆرگەن چۈشلىرىمنى رىئانلىققا ئايلانسا دەپ تىلەيمەن ، بەزى ۋاقىتلاردا رىئانلىقتىن ئۆزىمنى قاچۇرۇپ ، بۇ بىر چۈشۈم بولسا دەپ ئويلاپ قالىمەن .
مەيلى مەن ياقتۇراي ، مەن ياقتۇرماي تەقدىرنىڭ يارلىقىنى قوبىل قىلماي ئامالىم يوق چۈنكى تەقدىر ئادەمگە سەن كۈتكەننى ئەمەس مەن كۈتمىگەننى ئىلىپ كىلىدىكەن.
(84)
بۇرنىڭىزغائۆلۈم پۇرىقى پۇرىغاندا، بۇ دۇنيانىڭ تارتىشقىدەك ھەچنىمىسى يوقلىقىنى ھىس قىلىسىز . بۇ ۋاقىتتا سىز دىلىنى رەنجىتكەنلەر تولىمۇ رەھىمدىل كۆرىنىدۇ .
نەپسىڭىزنى دەپ باشقىلاردىن تالاشقىنىڭىزغا مىڭ توۋىلارنى قىلىسىز دە ھاياتنىڭ قىمىتىگە يىتىسىز .
ھەمىمىز ئۆلۈپ كىتىمىز ، ياش كىتەيلى ، ياكى قىرىپ . ھازىر كىتەيلى ياكى كىيىن بەرىبىر ئۆلۈم . شۇڭا ....... !
(85)
ئانام ـــ ئۇ بىر ئاجىزە ،ئۆينىڭ گۆھىرى . ئۆيىمىزنىڭ مورىسىدىن تۈتۈن چىقارغۇچى ئايال ــ ئالتۇن ، ئەربولسا ياقۇت . ئەر بىلەن ئايال بىرلەشسە ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇتياراشقىنى.لېكىن ھازىر ئۇئالتۇن توپا - چاڭ ئاستىدا،ياقۇت بولسا نىجاسەت ئۈستىدە.
(86)
بىر ئەركەكنىڭ تۇرمىشىدىكى ئەڭ چوڭ مەغلۇبىتى ، ئۆزىگە تەۋە ئايالنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ ، ئۇنىڭ بىلەن كارى بولماي باشقىلارنىڭ مېھرىگە مۇقتاج قىلىپ قويىشى .
(87)
ئادەم تەقدىرى تۈپەيلى ئەمەس ، تاللىشى يۈپەيلى بەخىتسىز بولۇپ قالىدۇ .
ئەرزىدۇ دىسەڭ داۋام قىل ، ئەرزىمەيدۇ دىسەڭ توختاپ قال .
(88)
ئىچكىي دۇنياسى قۇرۇپ قاقشال بولۇپ قالغان ئادەمنىڭ بەختىگە قارىغاندا تاپەككۇر قىلىدىغان ، كىتاپ ئوقىدىغان ئادەمنىڭ قايغۇسى قىممەتلىك بولىدۇ .
(89)
بۇ يىلمۇ چىقىپ كىتەي دەپ قالدى،نۇرغۇنلىغان يوقۇتۇش ۋە ئىرىشىش، نۇرغۇنلىغان پۇشايمان ۋە ئىنتىلىش ، نۇرغۇنلىغان خۇشاللىق ۋە قاباھەتلەر ئوتۈپ كەتتى .
(90)
ئادەم بىلەن ئادەم چىراي ، پۇل - مال ، تاپقان دۇنياسى بىلەن ئەمەس بەلكى ، ئىلىمى، سەمىمىلىكى ، راسچىنلىقى ، غۇرۇر ۋە ۋىجدانى بىلەن پەرىقلىنىدۇ .
سەندە يوق سۈپەتلەر بىلەن سىنى ماختىغانلار ۋاقتى كەلگەندە، سەندە يوق نەرسىلەر بىلەن ساڭا قارا چاپلايدۇ . ئۇنداق ماختىغانلارغا كۈلۈپ قويساڭلا كۇپايە .
(91)
مەن نىمىشقا بەخىتلىك ؟ چۈنكى مەن ھىچكىمگە ھەۋەس قىلمايمەن ، ئاداۋەت ساقلىمايمەن ، باشقىلارنىڭ مەندىن ئىشىپ كىتىشىگە ھەم قاقشاپمۇ يۈرمەيمەن .
ئەجرىم بىلەن ئىرىشكەن نىممەتلىرىم ئۆزىمگە تەۋە .
(92)
دوسلۇقنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى بىر - بىرىگە ئىشەنمەسلىك ۋە بىر - بىرىنى چۈشەنمەسلىكتىن ئىبارەت .
ئۇچۇرشۇش تەقدىرگە باغغلىق بولسا ، دوس بولۇش سەبىرگە باغلىق .
بۇ دۇنيادا باشقىلارغا يۆلىنىۋالمىغىن ، چۈنكى ئۆز سايەڭمۇ كۈن ئۆچكەندە سىنى رەھەمسىزلەرچە تاشلاپ كىتىدۇ .
(93)
ھاياتنىڭ ئەڭ گۈزەل چاغلىرىنى يوقلۇقنىڭ غىمى بىلەن ئىسراپ قىلماي بارىنىڭ قەدرىنى قىلىشقا سەرىپ قىل ، چۈنكى ياشلار يىشىڭغا ئىشەنمە ئۆلگەنلەرنىڭ ھەمىسى قىرىلار ئەمەس .
(94)
ئەدەپ - ئەخلاقنى ساتقىلى، سىتىۋالغىلى بولمايدۇ، بەلكى ئۇتەربىيە كۆرگەن كىشىنىڭ قەلبىگە مەڭگۇلۈك مۆھىرلىۋىتىلگەن بولىدۇ . ئاتۇننى قولدىن بىرىپ قويغان كىشى ئەمەس بەلكى ، ئەھەپ - ئەخلاقنى قولدىن بىرىپ قويغان كىشى نامراتتۇر .
(95)
كۆڭلىڭگەشۇنداق ھاردۇق يىتىدىغان ۋاقىت بولىدىكەن ، چۈشەندۈرۈشكە قادىر ، لېكىن چۈشەندۈرۈشكە رايى بارمايدىغان .
بەخىت ئاخىرقى بىكەت ئەمەس،ئۇ پەقەت سەپەر ئۈستىدىكى گۈزەل مەنزىرە. ئاخىرقى بىكەت ئۈچۈن توختاۋسىز تىرىشىش كېرەك .
ئاقىللار ئالدىدا سۈكۈت قىلساڭ سۈكۈتنىڭ مەنىسنى بىلىدۇ ، ئەخمەقلەر ئالدىدا سۈكۈت قىلساڭ مەندىن قورۇقتى دەپ بىشىڭغا مىنىدۇ .
(96)
يالغۇزلۇق دۇنيادىكى ئەڭ سادىق ، ئەڭ ۋاپادار ، ئەڭ سەمىمىي ھەمراھ ، چۈنكى سەن .ئۇنى تاشلىمىساڭلا ئۇ سىنى ھەرگىز تاشلىمايدۇ .
(97)
دۇنيادا ئىنسانغا ئەڭ ئادىل تەقسىم قىلىنغان نەرسە ۋىجدان . چۈنكى ھەممە ئادەم پۇلۇم كام ، ئۆيۈم كام ، ماشىنام كام دەيدىكەن ، لېكىن ھىچكىم ۋىجدانىم كام دىمەيدىكەن .
(98)
بىر كىشى دانىشمەندىن :
ـ ئىنساندىكى ئەڭ قورقۇنۇچلۇق ئىش قايسى ـ دەپ سورېدى ، دانىشمەن دىدى: ـ ئىنسان بالىلىقتىن زىركىپ چوڭ بولىشقا ئالدىرايدۇ ،كىيىن بالىلىققا قايتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.مال - دۇنيانى دەپ سالمەتلىكىدىن ۋاز كىچىدۇ،كىيىن سالامەتلىكنى دەپ مال - دۇنيانى سەرىپ قىلىدۇ . كەلگۈسىنى ئويلاپ بۈگۈننى ئۇنتىدۇ ، لېكىن ئۇلار بۈئىچىدە ياشاۋاتىدۇ . مانا بۇ ئادەم ھاياتىدىكى ئەڭ قورقۇنۇچلۇق ئىشلار .
(99)
قىيىن كۈندىن كۈندىن كىيىن ئاسانلىق ، قايغۇدىن كىيىن خۇشاللىق كىلىدۇ . پەقەت سەن سەبىر بىلەن ئىشەنچنى ئىككى قولۇڭدا تۇتۇپ دادىل ئالغا قاراپ ماڭالىساڭلا .
(100)
ھايات سەندىن « سىنىڭ نىمەڭ بار ؟ » دەپ سورىغاندا سىنىڭ جاۋانىڭ « مەندە ھىچ نەرسە يوق ، بارى مەغلۇپ بولغان تۈنۈگۈن ، ئارزۇ قىلغان ئەتە بار » .
(مەزكۇر يازما بىرقىسىم مەنبەلەردىن يىغىپ يوللاندى )
764 قېتىم كۆرۈلدى | AHTAR | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-23 0:38:07 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-3-29 5:14:22 | ئابدۇقېيۇم ئابدۇللا قادىرى |
ئىنسان ئۆز ھاياتىدا باسقان ھەر بىر قەدىمى ئۈچۈن خۇلاسە چىقىرالىغاندىلا كىيىنكى قەدىمىنى ئىشەنچىلىك باسالايدۇ. ھايات ئۈمۈتكە تولغان. قەلىمىڭزگە كۆز تەگمىسۇن. |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|