يۇمۇر - ئوغرى بىزدەك ماڭمامدۇ؟
بىر جۈپ ئەر -خوتۇن سەيناسىغا ئاشخانا ساپتىكەن، ئاشخانىنىڭ ئۆگزىسىنى ياپىدىغانغا بىر تال ياغاچ كاملاپ قاپتۇ. ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ كېچىدە بىرىپ تەشكىلنىڭ ياغىچىدىن بىر تال ئەكىلىۋالماقچى بوپتۇ . كېچىدە ياغاچ ئەكىلىشكە ماڭىدىغاندا بەش ياشلىق ئوغلى ئۆيدە يالغۇز قېلىشقا ئۇنىمىغاچقا ،ئۇنىمۇ بىللە ئېلېۋاپتۇ . ئەتراپ بەك قاراڭغۇ ئىكەن. ئايال كىتىۋېتىپ ۋايساپ :
-ۋويجان ، نىمانداق قاراڭغۇ كېچە بۇ ؟ مۇشۇنداق قاراڭغۇ كېچىلەردە ئوغرىلار قانداق ماڭىدىغاندۇ ؟ دەپ ساپتۇ .
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۇلارنىڭ ئوغلى :
- ئاپا، شۇنىمۇ بىلمەمسىز ؟ئوغرى بىزدەك ماڭمامدۇ ؟ -دىگۈدەكمىش .
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئەر -ئايال توختاپ قاپتۇ . بالىسىنى يىتلەپ ئاستا ئارقىغا يېنىپتۇ .
| 3369 قېتىم كۆرۈلدى | hasanjan | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-7-19 15:41:01 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
| 
 تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
 
  	www.yazghuqilar.com 
  	新ICP备15002323号 
  	
    
 |