ۋاقىت زادى نەگە كەتتى

ۋاقىت زادى نەگە كەتتى

يۈەن يۈەن

«ۋاقىت-ئاتقان ئوق». بىز قانداقسىغا ۋاقىتنىڭ ئېقىن سۇدەك ئۆتۈۋاتقانلىقىنى، يىللارنىڭ رەھىمسىزلىكىنى ھېس قىلالايمىز؟ نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن ياشانغان كىشى ۋاقىتنى چېقىنغا ئوخشاش كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە تۈگەيدىغان نەرسە دەپ قارايدۇ؟ ۋاقىت زادى نەگە كەتتى؟

نېمە ئۈچۈن ئۈچ ياشتىن بۇرۇنقى ئىشلارنى ئېسىمىزگە ئالمىقىمىز شۇنچە تەس؟ ھاياتىمىزنىڭ ئەڭ دەسلىپىدىكى ئەسلىمىلەر نەگە كەتتى؟ نۆۋەتتىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، «بوۋاق دەۋرىنى ئۇنتۇش» بەلكىم سەقەنقۇر تەنچىسىدىكى نېرۋا ھۈجەيرىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆسۈشى سەۋەبلىك، يېڭى ئىشلارنى ئۇزاق مۇددەت خاتىرىلەشكە چوڭ مېڭە مەسئۇل بولۇشقا باشلىغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ۋاقىت سېزىمى بالىلارنىڭ دىققەت-نەزىرى بىلەن قىسقا مەزگىللىك ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنىڭ تولۇق شەكىللىنىشىگە ئېھتىياجلىق بولۇپ، بۇ پېشانە پوستلاق قىسمى بىلەن سەقەنقۇر تەنچە پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىن ئاندىن ھازىرلىنىدۇ. ئۇ ئىككى قىسىمنىڭ يېتىلىشى سەل ئاستا بولۇپ، ھەمىشە بالىلىق دەۋرىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندىلا، ئاندىن بارا-بارا مۇكەممەللىشىدۇ. بالىلارنىڭ ئۇنتۇشى چوڭ ئادەملەرنىڭكىدىن تېز بولغاچقا،خاتىرىسىمۇ تېز يېڭىلىنىدۇ. بۇ بالىلىق ئەسلىمىلەرنى ساقلاپ قېلىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ چوڭ بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

بالىلىق دەۋرىدىكى ئەسلىمىلەر زادى قايسى ۋاقىتتىن باشلاپ خىرەلىشىدۇ؟ تاكى مەڭگۈ ئۇنتۇلۇپ كەتكۈچە مۇشۇنداق داۋاملىشامدۇ؟ نۆۋەتتە ئالىملار بۇنىڭ ۋاقىت-بوشلۇق نۇقتىسىنى مۇقىملاشتۇردى. بالىلىق ئەسلىمىگە ئائىت بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە،دەسلەپكى خاتىرىلەر ئادەتتە يەتتە ياش ۋاقىتتىن باشلاپ يوقىلىدىكەن. گەرچە نۇرغۇن ئۈچ ياشلىق بالىلار بىر يىل ئاۋۋال يۈز بەرگەن ئىشنى ئەسكە ئالالىسىمۇ، ئەمما بۇئەسلىمىلەرمۇ ئاران بەش-ئالتە ياشقىچىلا ساقلىنىدىكەن. يەتتە ياشقا توشقان يىلىبالىلىق ئەسلىمىلەر تېزلىكتە ئاجىزلىشىدىكەن. سەككىز-توققۇز ياشقا كەلگەندە، كۆپ ساندىكىلىرى بالىلىق دەۋرىنىڭ ئارانلا %35 مەزمۇنىنى ئەسلىيەلەيدىكەن.پىسخولوگلارنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭدىكى سەۋەب ئادەم يەتتە ياشقا كىرگەندە خاتىرىسىنىڭ شەكىللىنىش ئۇسۇلىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىشكە باشلىغانلىقىدىن ئىكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى بالىلاردا زامان ۋە ماكان قارىشى كەمچىل بولغاچقا، ئەسلىمە ساقلاش ئۇسۇلىمۇ مۇكەممەل بولمايدىكەن. يېڭى چوڭراق بالىلارنىڭ خاتىرىسىدىكى ئەسكە ئالالايدىغان مەزمۇن بىلەن ئەسلەش ئۇسۇلى قورامىغا يەتكەنلەرگە تېخىمۇيېقىنلىشىدىكەن.

ياش چوڭايغانچە، ۋاقىت شۇنچە تېز ئۆتكەندەك بىلىنىدۇ!

بەلگىلىك ياشقا بارغاندا سىزدە مۇنداق بىر تۇيغۇ پەيدا بولۇشى مۇمكىن: كىچىك ۋاقتىڭىزدا دائىم تېزرەك چوڭ بولۇشنى ئارزۇ قىلسىڭىزمۇ، ئەمما ناھايتى ئۇزاقتىن كېيىنلا ئاندىن بىر ياش چوڭىيىسىز. 29 ياكى 39 ياشقا كىرگەندە، ۋاقىتنىڭ ئاستىراق ئۆتۈشىنى ئارزۇ قىلسىڭىزمۇ، ئەمما كۈنلەر ئۇچقاندەك ئۆتۈۋېرىدۇ. پىنسىيەگە چىققاندىن كېيىنۋاقىت تېخىمۇ شەپقەتسىزلەرگە سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، 10 يىل، 20 يىل كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن ياش چوڭايغانسېرى ۋاقىت شۇنچە تېز ئۆتىدۇ؟ ئالىملار بۇ ھادىسىنى ئۈچ تەرەپتىن چۈشەندۈرگەن.

بىرىنچى سەۋەب، ئادەم بەدىنىدىكى فىزىيولوگىيەلىك ئۆزگىرىشتىن بولىدىكەن. يەنى، ياشنىڭ چوڭىيىشغا ئەگىشىپ بەدەندىكى بىيوسائەت ئاستىلاپ بارىدىكەن. ئالىملار ئىلگىرى مۇنداق تەجرىبە ئىشلىگەن. ئۇلار بىر قانچە ياش بىلەن بىر قانچە ياشانغان كىشىنى ئىختىيارىي تاللاپ،  ئۇلارغا بىر مىنۇت ۋاقىتنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى تەخمىنەن مۆلچەرلەتكەن. نەتىجىدە ياشلارنىڭ ۋاقىت ھېسابلىشى تېزرەك بولۇپ، دائىم بىر مىنۇتقا بارمايلا ۋاقىت توشتى، دەپ قاراشقان. ياشانغانلار بولسا دائىم بىر مىنۇت ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئاندىن بىر مىنۇت ۋاقىتنىڭ ئۇزۇنلۇقى، دەپ قارىغان. دېمەك،ياشلارنىڭ ۋاقتى مۇشۇنداق «ئېقىپ» كەتكەن. قېرىغاندا ئادەم بەدىنىدىكى مەلۇم رىتىم ئاستىلاپ، رېئال ۋاقىت ئاستىلىمىغاچقا، ياشانغانلارغا نىسبەتەن ياشانغانلارغا نىسبەتەن ۋاقىت ناھايتى تېز ئۆتۈۋاتقاندەك تۇيۇلىدىكەن.

ئىككىنچى سەۋەب، چوڭ مېڭىنىڭ خاتىرىسىنى غىدىقلايدىغان يېڭىلىق تۇيغۇسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ھەممە ئادەم مۇنداق ئىشنى بېشىدىن كەچۈرۈپ باققان بولۇشى مۇمكىن: مەلۇم بىرجايغا تۇنجى قېتىم بارغان چاغدا، يول ناھايتى ئۇزۇن بىلىنىپ كېتىدۇ، قايتىپ كەلگەندە بولسا ئەكسىچە يول قىسقا بىلىنىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، بارغان چاغدا بۇيول سىزگە نىسبەتەن ناتونۇش بولۇپ، يولۇققان مەنزىرىلەرنىڭ ھەممىسى يېڭى. شۇڭا،چوڭ مېڭە بۇ مەنزىرىلەرنى بىر تەرەپ قىلىپ خاتىرىلەيدۇ، شۇڭا ۋاقىت ئاستا ئۆتكەندەك تۇيۇلىدۇ، يولمۇ ئۇزاق بىلىنىدۇ. قايتىپ كەلگەندە بولسا بۇ كۆرۈنۈشلەركونىراپ، ھەممىسى تونۇش بولۇپ كەتكەچكە، چوڭ مېڭە بىر تەرەپ قىلىدىغان شەيئىلەرمۇ ئازلايدۇ، ۋاقىتمۇ تېز ئۆتۈۋاتقاندەك، يولمۇ قىسقىراپ قالغاندەك تۇيۇلىدۇ.

كىشىلىك ھاياتمۇ خۇددى شۇنداق. كىچىك ۋاقتىڭىزدا بۇ دۇنيا قىزىقچىلىققا تولغان، ھەممىلا شەيئى يېڭى بولۇپ، تاشقى دۇنيا تۈرلۈك يېڭى غىدىقلىنىشلارغا تويۇنغان بولىدۇ،شۇڭا، ھەر بىر كۈنمۇ ئۇزاق بىلىنىدۇ. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تاشقى دۇنيادىكى نەرسىلەرگە بولغان قىزىقىش يوقاپ، ئەڭ كۆپ بولغىنى پەقەت بىر خىل رىتىمدىكى تەكرار غىدىقلىنىش بولۇپ قالىدۇ. مول تۇرمۇش تەجرىبىسى نېرۋىلارنىڭ تۇرمۇشتا يولۇققان ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش سۈرئىتىنى ئىنتايىن تېزلىتىپ، بارا-بارا «لايىقلىشىش»ھالىتىگە ئۆتكۈزىدۇ، ۋاقتنىڭ ئېقىپ كېتىۋاتقانلىقىغا بولغان تۇيغۇمۇ ئاجىزلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ساقلاپ قېلىنغان ئەسلىملەرنىڭ مەزمۇنىمۇ كەمتۈكلىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ بىر كۈن بىلىپ-بىلمەي ئۆتۈپ كېتىدۇ.

ئۈچىنچى خىل سەۋەبنى «نسىپىيلىك نەزەرىيەسى»نى نەقىل كەلتۈرۈپ چۈشەندۈرۈشكە بولىدىكەن. بەشياشلىق بىر بالا ئۆتۈپ كەتكەن بىر يىلنىڭ ناھايتى ئۇزۇنلىقىنى ھېس قىلالايدۇ. چۈنكى، بۇ بىر يىل ئۇنىڭ پۈتۈن ھاياتىنىڭ %20 ىنى ئېگىلەيدۇ؛ 20 ياشلىق ئادەمگە نىسبەتەن ئۆتكەن بىر يىل ئۇنىڭ %5 نى ئېگىلەيدۇ. 50 ياشقا كىرگەن ئوتتۇرا ياشلىق ئادەمگەنىسبەتەن ئۆتۈپ كەتكەن بىر يىل ئۇنىڭ پۈتۈن ھاياتىنىڭ ئارانلا %2 ىنى ئېگىلەيدۇ.ئادەم قانچە قېرىغانسېرى نەچچە ئاي، ھەتتا نەچچە يىلنىڭ ئۇنىڭ پۈتكۈل ھاياتىدىكىسالمىقى شۇنچە كىچىكلەپ بارىدۇ، ئۇزاققا سوزۇلغان كىشىلىك ھاياتقا سېلىشتۇرغاندا، ئەرزىمەس بۇ ۋاقىتلار ناھايتى تېز ئۆتۈۋاتقاندەك بىلىنىدۇ.

نېمە ئۈچۈن مەنىسىز ھايات ئۇزۇن، خۇشال كۈنلەر قىسقا بولىدۇ؟

ھەر بىر ئادەم ئىلگىرى مۇنداق ئىشقا يولۇقۇپ باققان: بەزى چاغدا بىر كۈن بىر يىلدەك ئۇزۇنبىلىنسە، بەزى چاغلاردا ۋاقىت ئاتقان ئوقتەك تېز ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئېينىشتېتننىڭ بىرياشقا نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنى قانداق چۈشەندۈرگەنلىكى ئېسىڭىزدىمۇ؟ سىز بىر ساھىبجامالغا قاراپ ئولتۇرغان چاغدا ۋاقىتنىڭ ناھايتى تېز ئۆتۈۋاتقانلىقىنى بايقايسىز. ناۋادا ئۇنىڭ ئورنىغا قېرى موماي ئالماشتۇرۇلسا ۋاقىتنىڭ ناھايتى ئاستا ئۆتۈۋانقانلىقىنى، ھەتتا توختاپ قېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىسىز.

بۇ ئەمەلىيەتتە كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجى بىلەن مۇددىئاسىنىڭ ۋاقىت سېزىمىغا ئارىلاشقانلىقىدىن بولغان. پىسخولوگلارنىڭ قارىشىچە، ئېھتىياج بىلەن مۇددىئانىڭ قانائەتلىنىشى خۇش كەيپىيات پەيدا قىلىدىكەن. كىشىلەر ھەمىشە خۇشال كەيپىياتتاۋاقىتنىڭ ناھايتى تېز ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ناچار كەيپىياتتا بولسا بىر كۈن بىر يىلدەك تۇيۇلىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن كىشىلەرنىڭ كۈنلەرگە بولغان تۇيغۇسىغا قاراپ باقايلى: مۇبادا بۇ بىر يىل تىنچ، خاتىرجەم ئۆتكەن بولسا، بۇ بىر يىل شۇنچە تېز ئۆتۈۋاتقاندەك بىلىنىدۇ؛ ناۋادا بۇ بىر يىلدا ئوڭۇشسىزلىقلار كۆپ كۆرۈلسە، كۆپىنچە ھاللاردا بۇ بىر يىل ناھايتى ئاستا ئۆتكەندەك تۇيۇلىدۇ.

ئادەمنىڭ پۈتكۈل ھاياتىدىكى ۋاقىت نەگە كەتتى؟

ئادەمنىڭ ئۆمرى ئوخشىمايدۇ، بەزىلەر 90-80 ياشقىچە ياشايدۇ، بەزىلەر 70-60 ياشقا كىرىپلا كېتىپ قالىدۇ. بىز بۇ يەردە 72نى ئوتتۇرىچە سان دەپ ئېلىپ، بۇ 72 يىلنىڭ قانداق ئۆتكەنلىكىگە قاراپ باقايلى. ئادەم ئۆمرىنىڭ 3\1 قىسمىدا ئۇخلايدۇ، شۇڭائۇخلاشقىلا 24 يىل كېتىدۇ. ناۋادا سىز ئالتە ياش ۋاقىتتىن باشلاپلا مەكتەپتە ئوقۇغان، 60 ياشتا پېنسىيەگە چىققان بولسىڭىز، ئوقۇش ۋە ئۆگىنىشكە تەخمىنەن 18 يىل كەتكەن بولىدۇ. ناۋادا ھەر كۈنى بىر ۋاخلىق تاماق يېيىش ئۈچۈن يېرىم سائەت ۋاقىت ئاجراتقان بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئۆمرىڭىزنىڭ بەش يىلىنى تاماق شىرەسىدە ئۆتكۈزگەن بولىسىز. ماشىنا ساقلاش ۋە يول ماڭغان ۋاقتىڭىز تەخمىنەن ئالتە يىل، ئۆي ئىشلىرىنى قىلغان ۋاقتىڭىز (تاماق ئەتكەن ۋاقتىڭىزمۇ قوشۇلۇپ) تەخمىنەن ئالتە يىل بولىدۇ. تېلېۋىزور زامانىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدۇ، شۇڭا بىر كۈندە ئىككى سائەت تېلېۋىزور كۆرسىڭىز، ئۇنداقتا تېلېۋىزور ئالدىدا ئۆتكۈزىدىغان ۋاقتىڭىز تەخمىنەن ئالتە يىل بولىدۇ. تورغا چىقىش، تېلفۇن ئويناش ۋاقتىنى كۈندە ئىككى سائەت ھېسابلىغاندا، يەنە ئالتە يىل ۋاقىت كېتىدۇ. مۇشۇنداق ھېسابلىغاندا، ھاياتىمىزدىكى باشقا ئىشلارنى قىلغۇدەك ۋاقىتنىڭ تايىنى قالمايدۇ.

مەنبە:«تەرمىلەر» ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 11-سانىدىن ئېلىندى.





3222 قېتىم كۆرۈلدى AliMuellim ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-10-7 3:51:59  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-2-23 0:24:25 YASINJAN
BUASARLAR PY..NAHAYITIYAHXIYIZLPTU YAZHUQILIRIMIZHAKOPRAHMAT KULIGLARHADATKALMISUNI
2016-2-22 9:34:28 ئېزىزجان
بۇ ئەسەر نەچچە سائەتتىن كىيىن ئاندىن چىقىدۇ
2016-2-12 16:53:21 مۆتىۋەر
ھەقىقەتەن ياخشى ئەسەركەن.
2016-1-20 23:30:38 يالقۇنجان
بەك ياخشىكەن
2016-1-8 1:15:09 گۇل تاج
ئ‍ەسەر بەك ياخغشى يىزىلىپتۇ ئ‍اتامنىئ‍ەسلەتتى
2016-1-6 1:28:49 xahla
bu salon bak yahxikan
2015-10-12 18:34:22 ئ‍ابلىتىپ
ياخشىكەن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ