سىز توي قىلىپ قانچىنجى يىلغا كەلدىڭىز

بىرىنچى يىلى: قەغەزتوي، دەسلەپكى بىرلىشىش خۇددى قەغەزدەك نىپىز بۇلىدۇ.

ئىككىنچى يىلى : تىرەك توي ، شامالدا يۇپۇرماققا ئوخشاش لىڭشىپ تۇرىدۇ .

ئۈچىنچى يىلى: خۇرۇم توي ، ئەۋرىشىملىككە قاراپ ماڭىدۇ.

تۆتىنچى يىلى: يىپەك تۇي، چىڭ يۆگەلگەن بۇلىدۇ.

بەشىنچى يىلى: ياغاچ تۇي، ياغاچتەك قاتتىق بۇلۇشقا باشلايدۇ.

ئالتىنچى يىلى: تۆمۇر تۇي، ئەر-خۇتۇنلۇق ھىسيات خۇددى تۆمۇردەك مۇستەھكەم بۇلىدۇ.

يەتتىنچى يىلى: مىس تۇي، تۆمۇردىنمۇ مۇستەھكەم ۋە ئاسان داتلاشمايدىغان بولىدۇ.

سەككىزىنچى يىلى : ساپال توي،ساپال قاچىدەك مۇستەھكەم ھەم گۈزەل بۇلىدۇ.

توققۇزىنچى يىلى: سۆگەت توي،خوددى مەجنۇنتالدەك بوران-چاپقۇندا سۇنۇپ كەتمەيدۇ.

10-يىلى: قەلەي توي،قەلەيدەك يۇمشاق ھەم چىداملىق بۇلغاچقا ئاسان تىشلىپ كەتمەيدۇ.

11-يىلى : پولات يۇت،ئاسان داتلاشمايدۇ،شۇنىڭدەك تۆمۇردىن چىداملىق بۇلىدۇ.

12-يىلى : زەنجىر توي،خۇددى تۆمۇر زەنجىردەك مۇستەھكەم بۇلىدۇ.

13-يىلى: كەشتىلەنگەن گۈل توي،چىداملىق بۇلۇپلا قالماستىن ،ناھايتى گۈزەل بۇلىدۇ.

14-يىلى: پىل چىشى توي؛ۋاقىت ئۇزارغانسىرى شۇنچە نەپىس بۇلۇپ كۆركەملىشىدۇ.

15-يىلى: خىرۇستال توي،سۈزۈك ھەم گۈزەللىكىدىن كۆزنى قاماشتۇرىدۇ.

20-يىلى: جانان چىنە توي.نۇقسانسىز سىلىق بۇلىدۇ،ئەمما يەرگە چۈشۈپ كەتمەسلىكى كېرەك؛

25-يىلى: كۈمۈش توي،كۈمۈش توي يەنى تويدىن كېيىنكى تۈنجى چۇڭ تەبرىك توي .

30-يىلى: مەرۋايىت توي،مەرۋايىتتەك چىرايلىق ھەم قىممەتلىك بۇلغاچقا كىشنىڭ ھەۋسىنى كەلتۈرىدۇ.

35-يىلى: مارجان تۇي،قىممەتلىك  ھەم تېخىمۇ جۇلالىق  بۇلىدۇ .

40-يىلى: قىزىل ياقۇت توي،قىممەتلىكىدىن ئاسان تېپىلمايدۇ.

45-يىلى: كۆك ياقۇت توي ،قىزىل ياقۇتتىنمۇ قىممەتلىك بۇلىدۇ.

50-يىلى: ئالتۇن توي ،بۇ ئەر-خۇتۇن ئىككىيلەننىڭ تويدىن كېيىنكى تەبرىكلەيدىغان ئىككىنچى چوڭ تويى. ئادەتتە بۇ توينى نەۋرىلەر بىلەن بىللە تەبرىكلىگەچكە ،كۈمۈش تويدىن كۆپ داغدۇغىلىق بۇلىدۇ.

55-يىلى : چەش توي، بەكمۇ قىممەتلىك.

60-يىلى: ئالماس توي؛ ئاز ئوچرايدۇ دىيىشكە بۇلىدۇ. شۇڭا ، بۇ توي ئەر-خۇتۇن  ئىككىيلەننىڭ ئەڭ داغدۇغىلىق تويىدۇر.





2308 قېتىم كۆرۈلدى atirgul ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-22 13:06:26  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-2-25 2:09:29 مىھمان
ئاۋازلىق ئەسەرنى مەن ئاڭلىيالمىدىم ، قانداق قىلسا ئاڭلىغىلى بۇلدۇ
2016-2-22 14:16:46 ئامىنە
اقتۇردۇم
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ