ئالامەت زەھەردەك گەپ قىلدىغان ئاممىۋى قاتناش شوپۇرى، ھەيران قالىسز ئېزىپ-تېزىپ گەپ سوراپ قالماڭ. تۆۋەندە بىر قانچە دىئالوگلار بېرىلدى.
- ئۇستام، ما ماشىنا نەگە باردا؟
شوپۇر يولۇچىنىڭ چىرايىغا قاراپ تۇرۇپ كېتىپ دېدى:
- نەزىرگە بارىدا!
- ئۇستام، ئالدى ئىشىكتىنلام چۈشىۋالايچۇ؟
- كەينى ئىشىكتە ئىت يېتىۋاپتىما!
- ئۇستام، پارچە پۇل ساۋالماپتىكەنمەن؟
- ماڭا دەيلىغۇ؟ مەن بېرەيما خېنىم دەسمايىگە؟!
- ئۇستام، ئالدىمىزدىكى بېكەت نىم بېكەت؟
- سىلى چۈشىدىغان بېكەت!
ئاپتۇز توختاپ ئەمدى قوزغىلاي دېيىشىگە بىرسى توۋلاپ قالدى:
- ‹‹ۋاي، يۇۋ شيادى!››
شوپۇر كەينىگە قاراپ قويۇپ دېدى:
- ‹‹بايامنىڭ ياقى چۈشمەي بىرسىنىڭ بېلىنى باسقانما!!!؟››
ئاپتۇزدا ئادەم جىق، شوپۇر ۋاقىراپ:
-«ۋاڭلى زو، خوۋمىيەن كوڭ كوڭدى!» دەپ ۋاقىرىسا بىرەرسىمۇ مىت قىلمىدى. شوپۇر ئاچچىقلىدى:
- مەن بى مۇزىيخانىدىكى كىرورەن گۈزىلى بولمىغاندىكىن ماڭا قايلاپ تۇرۇشماي، ئىچىگە مېڭىشمامدۇق پاختىلىق مەلەڭزىدەك يولنى توسماي؟!!!
بېكەتتە ئادەم جىق، ئاپتوبوس بېكەتكە كىرىشىگە ئادەملەر گۈررىدە پۇل تاشلا-تاشلىماي چىقىپ كەتتى، شوپۇر:
- ھە، ئۇقۇشماي چىقىۋالدىڭلامۇ يا؟ بۇ نۇرتاي ھاجىمنىڭ ماشىنىسى ئەمەس!!!
ئاپتۇزدا بىر بالا گازىر چېقىپ ئولتادى، شوپۇر:
- ئىچلىرى پۇشۇپ قاپتۇدە ئۇكام؟ ياتاققا ئاپىرايما!!!
ئاپتۇز بېكەتتە توختىدى، بىرسى ناھايىتى ئالدىرماي ماشىنىغا چىققىلى تۇردى، شوپۇر:
- شەخسىي شوپۇرلىرى چۈشۈپ، ھاپاش قىلىپ ئېچىقسۇنما؟!
- ئۇستام، ئى قىزىل چىراقتا بىر ئىشىكنى ئېچىۋەتسىلە...
- ئاچىلىرىنىڭ ئېرى جوتۇڭما؟! (قاتناش ساقچىسىما دېمەكچى)
- ئۇستام، بىزە ئالدىدا توختاپ بەسىلە بوپتىكەن...
- ئۆينىڭ ئادرىسىنى دەپ بەسىلە، ئۆيگىلا ئەكىرىۋېتەي
| 2040 قېتىم كۆرۈلدى | 1774981010 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-1-8 22:22:24 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|