توپچىلار قىسمىنىڭ باشلىقى ئىستىھكامغا توپلارنىڭ نىقاپلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرگىلى بېرىپتۇ.
ئۇ بىر زەمبىرەكنىڭ ئورنىغا بارسا بىر نەچچە ئەسكەر چاتقاللىقنىڭ ئىچىدە بىر نەرسە ئىزدەپ يۈرگىدەك.
ـ سىلەر نىمە ئىزدەۋاتىسىلەر دەپتۇ ئۇ
- دوكلات باشلىق - دەپتۇ ئەسكەرلەر، - تۈنۈگۈنتوپلارنى بەك ياخشى مۇستەھكەم نىقاپلاپتىكەنمىز، ئۆزىمىزمۇ تاپالمايۋاتىمىز.
***********************
بازار باشلىقى بازار بويىچە ئېچىلغان ئەسكەر قوبۇل قىلىش يىغىنىدا ئەسكەر ئالىدىغان كوماندىر بىلەن بىللە سۆزلەپ:
ـ ئارمىيە دىگەن چوڭ بىر مەكتەپ، بۇ مەكتەپ ناپاك كىشىلەرنى پاكلاشتۇرىدۇ، ئىرادىسى ئاجىز كىشىلەرنى ئىرادىسى كۈچلۈك كىشىلەرگە ئايلاندۇرىدۇ. كىشىلەرنىڭ كاللىسىدىكى ساغلام بولمىغان ئىدىيىلەرنى تازىلايدۇ- دەپتۇ.
-ئەتىسى بازاردىكى ئەسكەر قوبۇللاش ئورنىغا نۇرغۇن ئادەم كەپتۇ، بۇنىڭدىن خوشال بولغان ئەسكەر ئالىدىغان كوماندىر ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ.
ـ كوماندىر- دەپتۇ ئۇلار - ئەگەر ئەسكەر بولغانننىڭ ئەشۇنداق پايدىسى بولىدىغان بولسا، بىزنىڭ بازار باشلىقىنى ئېلىپ كېتىڭ.
******************
بىر قېتىملىق چوڭ جەڭدە نۇرغۇن ئەسكەر يارىلىنىپتۇ، بىر باشلىق ئۇلارنى يوقلاپ بېرىپتۇ.
ـ باشلىق دەپتۇ بىر جەڭچى - مەن بۇ جەڭدە ئاجايىپ باتۇرلۇق كۆرسەتتىم.
ـ ھە - دەپتۇ باشلىق - قانداق باتۇرلۇق كۆرسەتتىڭ؟
ـ دۈشمەنگە باتۇرلۇق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، كەم دىگندە ئۇلاردىن ئونىنىڭ پۇت قوللىرىنى چانىۋەتتىم .-، دەپتۇ ئەسكەر ئۆزىدىن پەخىرلىنىپ.
ـ نىمىشقا كاللىسىنى چانىماي پۇت قولىنى چانىدىڭ؟-دەپتۇ باشلىق ئەجەپلىنىپ.
ـ مەن دۈشمەنلەرنىڭ ئالدىغا بارغاندا ، كاللىسىنى بىرسى ئېلىپ بوپتىكەن.
*****************
يېڭى ئەسكەرلەر دۈشمەننىڭ قوراللىرىنى تارتىۋېلىش بويىچە مەشق ئېلىپ بېرىپتۇ.
مەشقتىن كېيىن كوماندىر ئۇلاردىن:
ـ ئەگە سىلەر كېچىدە ئۆزۈڭلار يالغۇز بىر كۆۋرۈكنى قوغداپ قوراللىق پوستا تۇرغان بولساڭلار، قۇرۇق قول دۈشمەن تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ قالسا سىلەر قانداق قىلىسىلەر؟ - دەپ سوراپتۇ.
ـ مېنىڭچە دەاپتۇ بىر يېڭى ئەسكەر سەل ئويلىنىۋالغاندى كېيىن ، - ئالدى بىلەن قولىمىزدىكى قورالنى سۇغا تاشلىۋېتىشىمىز كېرەك، مۇشۇنداق قىلساق دۈشمەن قورالنى ئېلىۋالىمەن دەپ بىزنى ئۆلتۈرۈپ يۈرمەيدۇ.
| 936 قېتىم كۆرۈلدى | ئەسەر يوللىغۇچى : | ||
| 2015-8-14 1:11:45 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|