بۇ ئالتە نۇقتىدىن ئەرلەرنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىۋىلىڭ!
قىزلار ئادەتتە مۇھەببەت قوينىمىغا كىرىپلا كەتسە، ھەمىشە دۇنيادا پەقەت شۇ بىرلا ئەر باردەك ئۇنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن سۆيىدۇ، ئۇنىڭ بارلىقىنى قوبۇل قىلىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ ئۈچۈن بارلىقىدىن كېچىدۇ.
لېكىن بۇ ئەر سىزگە ئوخشاش سىزنى قەلبىدىكى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويامدۇ؟ ئۇنداقتا كۆزىڭىزنى ياخشى سۈرتۈۋىتىپ، تۆۋەندىكىلەرنى كۆرۈپ بېقىڭ!
1. ئۇنىڭچە سىزدە بار بولغىنى ئەڭ ياخشى.
ئۇ ئادەتتە سىزنى بەدەن قۇرۇلمىڭىز بەك ئادەتتىكىچە، باشقىلارغا قاراڭ، ئۇنى چىرايلىق دەيمىز دەپ زاڭلىق قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىزمۇ باشقىلارغا ئوخشاش ھۆسن تۈزىتىش قارارىغا كېلىسىز.
شۇنىڭ بىلەن ئەستايىدىللىق بىلەن ئۇنىڭغا: ھازىر ھەممە ئادەم ھۆسن تۈزىتىدىكەن، مەنمۇ بارايمىكى دېگىنىڭىزدە، ئۇ ئاچچىقلاپ: ساراڭ بولماڭە، بىر ئوبدان تۇرمامسىز؟ دەيدۇ.
مۇبارەك بولسۇن، سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان يىگىت تېپىپسىز، ئۇ سىزنى قەلبىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئورنىغا قويىدىكەن. ئەرلەر سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرسە، سىزدە بارىنى ئەڭ ياخشى دەپ ئويلايدۇ، مەيلى سىز ئۇنچە ئېگىز ، ئورۇق ۋە جەلىپكار بولمىسىڭىزمۇ، ئۇ يەنىلا سىز ئۈچۈن پەرۋانە.
2. يېڭى دوستلىرىغا سىزنى تونۇشتۇرغاندا، ھەمىشە مۇلايىملىق بىلەن سىزنىڭ بېلىڭىزدىن قۇچاقلاپ تۇرۇپ تونۇشتۇرىدۇ، تاماكىنى تۇتۇۋىلىپ، بىر چەتتە تۇرۇپ سىزنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئەمەس.
نۇرغۇن ئەرلەر، قىز دوستىنى كۆزگە ئىلمايدۇ، ئۇلارغا نىسبەتەن قىز دوستى بار بىلەن يوقنىڭ ئارىلىقىدا، ئۇلارغا پەقەت ئەھمىيەت بەرمەيدۇ.
شۇڭا يېڭى دوستلىرىغا ئۇچراپ قالغىنىڭلاردا، سىزنى تونۇشتۇرۇپ قويۇش ئويى پەقەت يوق بولسىمۇ شۇنداقلا.
يېڭى دوستلارغا ئۇچراپ قالغاندا، قىزلار ئازراق قورۇنىدۇ، ئۆزىنىڭ ياخشى تەسىر بېرەلمەسلىكىدىن ئەنسىرەيدۇ.
شۇڭا بۇنداق ۋاقىتتا، سىزنى سۆيىدىغان ئەر، مۇلايىملىق بىلەن بېلىڭىزنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ، باشقىلارغا تونۇشتۇرىدۇ، بۇنىڭدا سىز خاتىرجەم بولىسىز، ھەمدە ئۆزىڭىزنى ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كەتكەندەك ھېس قىلىسىز.
3. سىز ئەتكەن تاماقنىڭ ھەممىنى يەپ بولىدۇ.
قىزلار بىر يىگىتنى سۆيسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن تاماق ئېتىپ بېرىشنى خالايدۇ، ئاشخانىغا كىرىپ ئۇ ياخشى كۆرىدىغان تائاملارنى قىلىپ بەرسەم دەيدۇ.
لېكىن بەزى يىگىتلەر سىزنىڭ جاپارىڭىزنى كۆزگە ئىلمىغاندەك، ھەر قېتىم سىز ئەتكەن تاماقلاردىن قۇسۇر ئىزدەيدۇ.
سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان يىگىت، مەيلى سىز نېمىلا قىلماڭ، ئوخشاپتۇ دەيدۇ. بەزىدە تاساددىپىي: بۇ ئازراق مايلىق بولۇپ قاپتۇ دېيىشى مۇمكىن.
لېكىن شۇنداق بولسىمۇ ئۇ ئاشۇرۇپ قويماي يەۋىتىدۇ. بىر كۈنلەردە ئۆيگە مېھمان كېلىپ، سىز بىر جوزا نەرسە قىلىپ قويغىنىڭىزدا ئۇلار سىزدىن سىز ئادەتتە بەك تاماق ئېتىپ كەتمەيدىكەنسىز ھە دەپ سورىغاندا، سىز ئاخىرى ئۆزىڭىزنىڭ تاماققا ئۇنچە ئۇستا ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىسىز.
4. سىزنىڭ تەن سالامەتلىكىڭىزگە كۆڭۈل بۆلىدۇ.
مۇھەببەتتە، قىزلار ئاسانلا يارىلىنىپ قالىدۇ.
سىزنى ياخشى كۆرىدىغان يىگىت سىزگە بالدۇر ئۇخلاشنى، بالدۇر تۇرۇشنى تاپىلايدۇ. سىز ئۇنىڭغا: ئەتە مېنى بالدۇرراق ئويغىتىپ قويۇڭ دېسىڭىز ئۇ سەھەردە سىزگە تېلفۇن ئۇرۇپ ئويغىتىپ قويىدۇ.بەلكىم سىزنى ئويغىتىش ئۈچۈن ئۇ بىر كېچە كىرپىك قاقمىغان بولۇشىمۇ مۇمكىن.
5. ھەرقانداق ۋاقىتتا ئالدى بىلەن تېلفۇننى قويۇۋەتمەيدۇ.
ئەرلەر ئالدىراش ۋاقتىدا سىزنىڭ تېلفۇن قىلىشىڭىزنى خالىمايدۇ، نۇرغۇن ئەرلەر ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپلا تېلفۇننى قويۇۋىتىشكە ئاران تۇرىدۇ.سىزنى قانداق ئويلاپ قالار دېمەيدۇ.ئەگەر ئىككىڭلار ئازراق تەگىشىپ قالغان بولساڭلار تېخىمۇ شۇنداق قىلىدۇ.
سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان ئەرلەر، ھەرۋاقىت سىزنى ئەتىۋارلايدۇ، ھەرقانداق ۋاقىتتا تېلفۇنىڭىزنى ئاۋۋال قويۇۋەتمەيدۇ، گەرچە ئىككىڭلار ئاچچىقلىشىپ قالغان بولساڭلارمۇ سەۋرچانلىق بىلەن سىزنىڭ قويۇۋىتىشىڭىزنى ساقلايدۇ.
ئەمەلىيەتتە، پەقەت ئەرلەر تېلفۇننى قويۇۋەتمىسىلا ئاياللار بىر خىل خاتىرجەملىك ھېس قىلىدۇ، گەرچە ئەرلەر ناھايىتى خاپا بولسىمۇ، ئاياللار يەنىلا ئۇنى يەنە ماڭا چىدىمايدۇ دەپ ئويلايدۇ.
6. ئالاھىدە كۈنلەرنى ئېسىدە چىڭ تۇتىدۇ.
سىلەر مۇھەببەتتىن نىكاھقا قەدەم قويۇش جەريانىدا، ھەمىشە بەزى خاتىرىلەشكە تېگىشلىك كۈنلەر بولىدۇ. مەسىلەن، سىلەرنىڭ بىرىنچى قېتىم كۆرۈشكىنىڭلار، توي خاتىرە كۈنى، بالىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى...دېگەندەك.لېكىن قانچىلىك ئەرلەر بۇ مۇھىم كۈنلەرنى ئېسىدە تۇتىدۇ؟
سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان ئەر، بىر نەچچە ئالاھىدە كۈننى چوقۇم ئېسىدە تۇتىدۇ، بولۇپمۇ ئىككىڭلارغا مۇناسىۋەتلىك كۈنلەرنى.
بۇ كۈن ئاياللارغا نىسبەتەن، ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدىنمۇ بەك مۇھىم، شۇڭا ئەرلەر چوقۇم بۇ كۈننى ئاياللارغا ياخشى ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.
ئەگەر زۆرۈر دەپ قارىغاندا ئۇنىڭغا بىر خاتىرىلىك سوۋغات بەرسە تېخىمۇ ياخشى.