ئاجايىپ ئەر خوتۇنلار

بۈگۈن بانكىنىڭ ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى ئالدىدا بىر ئەر خوتۇننى كۆرۈپ قالدىم، قارىسام ئېرى كەينىدە قاراپ تۇرىدۇ، ئايالى ئالدىغا ئۆتۈپ كارتا مەخپى نۇمۇرىنى سېلىشقا تەمشىلىپ كەينىگە قاراپ يولدىشىغا سەن نېرىراق تۇر، مەخپى شىفىرغا قارىما دەپ قويدى، مەن كۆڭلۈمدە 《ھەجەپمۇ قۇلقى يۇمشاق ئاداشكىنا بۇ !خوتۇنىنىڭ ئالدىدا ئازىراق ھوقۇقىمۇ يوق ئوخشىمامدۇ 》دەپ قالدىم، ئايالى مەخپى شىفىرنىڭ ئالدىنقى ئۈچ خانىسىنى سېلىپ بولۇپ يولدىشىنى چاقىردى، ھې ھې ،نۆۋەت ساڭا كەلدى ،  《ۋاھ ! ئەسلىدە بۇلار يالغۇز ئېلۋالماسلىق ئۈچۈن مەخپى شىفىرنى بۆلۈشۈپ سالدىكەندە ، نىماندا ئەقىللىق !، 》دەپ قاراپ تۇرسام ، ھېلىقى ئاداش ئالدىغا ئۆتۈپلا مەخپى نۇمۇرنى سېلىشقا باشلىدى《دۇت دۇت دۇت ئۈچ قېتىم ئۆچۈرۈش كونۇپكىسى، ئاندىن باشتىن باشلاپ مەخپى نۇمۇرنى سېلىشقا باشلىدى، دۇت دۇت دۇت……》 توۋا، ئاغزىنى ئېچىپلا قېپتىمەن  ، يېلىقى ھاڭۋاقتى خوتۇن خىيالىدا يوق باشقا ئىش قىپ تۇردۇ، ئاپىرىن، ئەسلى قاقۋاش نىڭ لوۋدا سى كەنسە……..





3945 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-14 0:43:55  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-6-16 22:52:17 تالىبىي
ئويناشماڭ ئەرباب بىلەن، ئەرباب قۇيىدۇ ھەر باب بىلەن.
2016-3-19 10:51:08 ياقۇپ
خا خا…بۇلدىغان گۇيكەن جۇما
2016-2-13 0:49:37 ئ‍ىرپانجان
ئ‍ەركىشى بەك ئ‍ەقىللق ئ‍ىكەن
2016-1-27 14:14:55 كەمتەر
ئەركىشى بەك قاقۋاشكەن
2016-1-22 21:12:50 ailica
Yahxi.boptu
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ