1. بىر قىز ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇستا بىئارام بولۇپ، ياندۇرۇۋېتەلمەي بەك قىيىنىلىپ كەتكەنىدى، مەن ئۇنىڭغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن، كەينىمگە بۇرۇلۇپ ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرىدىم، ئۇ شۇ ھامان ھەممىنى ياندۇرۇۋەتتى.....
2.بىر كۈنى چىشىم ئاغرىپ، گەپمۇ قلالماي قالغانىدىم، دورىخانىدىن دورا ئالماقچى بولۇپ دورىگەرگە ئاغزىمنى ئېچىپ ئىشارەت قىلىپ، ئۇنىڭغا چىشىمنىڭ ئاغرىقىغا شىپا قىلىدىغان بىرە دورىنى ئېلىپ بېرەرمىكىن دېگەن ئۈمىدتە قارىغانىدىم، لېكىن ئۇ:
-بىزنىڭ بۇ يەردە گاچىلارنى داۋالايدىغان دورا يوق،-دېدى.
3. بەش ياشلىق قىزىم رەسىم سىزىشقا ھېرىسمەن ئىدى، بىر كۈنى مۇئەللىم ئۇنىڭغا قەغەز بېرىپ، ياخشى كۆرىدىغان رەڭ بىلەن بوياشنى ئېيتىپتۇ. قىزىم مۇئەللىمگە:
-مۇئەللىم، ئاق رەڭنى ياخشى كۆرەتتىم، سىزمىساممۇ بولامدۇ؟-دەپتۇ.
مەنبەسى: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى.
3986 قېتىم كۆرۈلدى | ئەسەر يوللىغۇچى : | ||
2015-8-17 1:03:37 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-4-9 23:18:28 | Riki |
قىزقكەن 😊😊 |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|