يۇمۇر - لۈلۈزە بىز بولىمىز
مەدىنيەت ئىنقىلاۋى مەزگىلىدە غۇلجىنىڭ بىر يېزىسىدىن ئابلەت ئىسىملىك بىر كادىرنى چەت ياقا بىر كەنىتكە كەنىت باشلىغى قىلىپ ئاۋەتىپتۇ . ئابلەت كەنىتكە بېرىپ كەنىت باشلىقلىقنىمۇ ئۆزى قىلىپ ، بوغالتىرلىقنىمۇ، كاسىرلىقنىمۇ ئۆزى قىلىپ دىگەندەك، بۇ كەنىتنىڭ ئوتتۇرچە دارامىتىنى بىر يۈەنگە كۆتۈرۇپتۇ. ئۇ كەنىتتىكىلەر نى يىغىپ ،يىغىن ئېچىپ :
- بۇ يىل دارامەتنى بىر يۈەنگە چىقاردىم ، كېلەر يىلى ئىككى يۈەنگە چىقىرىمەن ،-دەپتۇ .
بۇ گەپنى ئاڭلاپ بىرەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ :
- ئەگەر ئىككى يۈەنگە چىقىرالمىساڭچۇ ؟ -دەپ سوراپتۇ .
-ئەگەر ئىككى يۈەنگە چىقىرالمىسام لۈلۈرە بولۇپ كېتەي ،-دەپتۇ ئابلەت .
بۇ كەنىتتىكى كىشىلەر بىر ئېغىزمۇ خەنزۇچە گەپ ئۇقمايدىكەن .ھېلىقى كىشىنىڭ ئاچچىغى كېلىپ ، دەپتۇغۇ : -كەنىت باشلىغىمۇ سەن بول ، بوغالتىرمۇ سەن بول ، كاسىرمۇ سەن بول ،ئەمدى لۈلىزىمۇ سەن بولامسەن ؟ لۈلۈزە بىز بولىمىز !
1977 قېتىم كۆرۈلدى | hasanjan | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-9-9 21:48:32 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|