ئادەمنىڭ تۆت خوتۇنى بولىدۇ

ئادەمنىڭ تۆت خوتۇنى بولىدۇ


بىر باينىڭ تۆت خوتۇنى بار ئىكەن. ئۇ تۆتىنچى خوتۇنىنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىكەن، ئۇنىڭغا ئېسىل كىيىم – كېچەك، ئەڭ ياخشى يەيدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىدىكەن. ئۇنى بەك ئاسرايدىكەن، ھەمىشە ئەڭ ياخشىسىنى ئۇنىڭغا بېرىدىكەن.

ئۇ ئۈچىنچى خوتۇنىنىمۇ بەك ياخشى كۆرىدىكەن. ئۇنىڭ چىرايىدىن پەخىرلىنىپ، ئۇنى دوست – يارانلىرىنىڭ ئالدىدا كۆز – كۆز قىلىدىكەن. بىراق ئۇ بۇ خوتۇنىنىڭ باشقا ئەر بىلەن قېچىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن.

ئۇ ئىككىنچى خوتۇنىنىمۇ ياخشى كۆرىدىكەن. ئىككىنچى خوتۇنى شۇنداق كۆيۈمچان، سەۋىرچان بولۇپ، ئۇنىڭ سىردىشى ئىكەن. بۇ باي قانداقلا ۋاقىتتا بىرەر ئىشقا يولۇقسۇن، ھەمىشە ئىككىنچى خوتۇنىنى ئىزدەيدىكەن، بۇ خوتۇنى ئۇنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتىشىگە ياردەم قىلىدىكەن.

باينىڭ بىرىنچى خوتۇنى ئۇنىڭ ئىنتايىن سادىق ھەمراھى ئىكەن، باينىڭ مال – مۈلكى ۋە سودىسىغا قاراش، ئۆي ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىقلارغا زور تۆھپە قوشقان ئىكەن، بىراق بۇ خوتۇنى باينى شۇنداق ياخشى كۆرسىمۇ، باي ئۇنى زادىلا ياخشى كۆرمەيدىكەن، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمەيدىكەن.

بىر كۈنى باي ئاغرىپ قاپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي باي ئۆزىنىڭ ئۇ ئالەمگە كېتىدىغانلىقىنى بىلىپتۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ راغەت – پاراغەتلىك تۇرمۇشىنى ئويلاپ، ئۆز – ئۆزىگە: ھازىرغۇ يېنىمدا تۆت خوتۇنۇم بار، بىراق ئۆلسەم يالغۇز كېتىمەن، مەن نېمە دېگەن بىچارە ! – دەپتۇ.

شۇنىڭ بىلەن باي تۆتىنچى خوتۇنىدىن سوراپتۇ: مەن سېنى ئەڭ ياخشى كۆرىمەن، ساڭا ئەڭ ياخشى كىيىملەرنى ئېلىپ بەردىم، ساڭا ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلدىم، مەن ھازىر ئۆلەي دەپ قالدىم، سەن مەن بىلەن بىللە كېتىشنى خالامسەن؟ «مۇمكىن ئەمەس!» تۆتىنچى خوتۇنى شۇنداق دىگىنىچە، ئارقسىغىمۇ قارىماي چىقىپ كېتىپتۇ.

ئۇنىڭ جاۋابىدىن باينىڭ يۈرىگى پىچاق بىلەن تىلغاندەك ئاغرىپ كېتىپتۇ. ئازاپلانغان باي ئۈچىنچى خوتۇنىدىن سوراپتۇ: مەن بۇ ئۆمرىمدە سېنى شۇنداق قەدىرلىدىم، ھازىر ئۆلۈش ئالدىدا تۇرۋاتىمەن، مەن بىلەن بىللە كېتىپ، ماڭا ھەمراھ بولۇشنى خالامسەن؟ «ياق!، بۇ يەر تۇرمۇش شۇنداق گۈزەل تۇرسا، سەن ئۆلگەندىن كېيىن مەن يەنە قايتا توي قىلىمەن!» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئۈچىنچى خوتۇنى. بۇ جاۋاپنى ئاڭلاپ باينىڭ يۈرىگى مۇزلاپ كېتىپتۇ.

شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىنچى خوتۇنىدىن سوراپتۇ: مەن ھەمىشە سېنىڭدىن ياردەم سوراپ تۇردۇم، سەنمۇ ماڭا ياردەم قىلدىڭ، ھازىر يەنە ساڭا ئېھتىياجىم چۈشتى، مەن ئۆلگەندىن كېيىن سەن مەن بىلەن بىللە كېتىپ، ماڭا ھەمراھ بولۇشنى خالامسەن؟ «كەچۇرۇڭ، بۇ قېتىم سىزگە ياردەم قىلالمايدىغان بولدۇم، مەن پەقەت سىزنى قەۋىرىستانلىققىچە ئۇزىتىپ قولايمەن» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئىككىنچى خوتۇنى. بۇ جاۋاپ ئوچۇق ئاسماندا چاقماق چېقىپ، گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىگەندەك بايغا قاتتىق زەربە بوپتۇ.

بۇ ۋاقىتتا « مەن ساڭا ھەمراھ بولىمەن، مەيلى سەن نەگە بار، مەن ساڭا ئەگىشىپ بارىمەن» دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. باي بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىسا، بىرىنچى ئايالى ئىكەن. ئۇ ئورۇقلاپ بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان بولۇپ، قارىماققا ئۇزاققىچە ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەندەك كۆرىنەتتى. باي قاتتىق ئازاپلالنغان ھالدا: مەن ئەسلىدە ساڭا ياخشىراق قارىشىم كېرەك ئىدى – دەپتۇ.

ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدىمۇ تۆت خوتۇن بار:

A.تۆتىنچى خوتۇن – بىزنىڭ بەدىنىمىز. مەيلى قانچىلىق ۋاقىت ۋە زېھنىمىزنى سەرپ قىلىپ، ئۇنىڭ ياخشى ئوبرازىنى ساقلىساقمۇ، بىز ئۆلگەندە ئۇ بىزدىن ئايرىلىدۇ.

B.ئۈچىنچى خوتۇن – بىزنىڭ ئورنىمىز ۋە بايلىقىمىز. بىز ئۆلسەك، ئۇلار باشقىلارغا تەۋە بولىدۇ.

C.ئىككىنچى خوتۇن – بىزنىڭ ئائىلىدىكىلىرىمىز ۋە دوستلىرىمىز. بىز ھايات چاغدا ئۇلار بىلەن قانداق يېقىن ئۆتكەن بولايلى، ئۇلار ئەڭ كۆپ بولغاندا بىزگە ئەگىشىپ قەۋىرىستانلىققىچە بارالايدۇ.

D.بىرىنچى خوتۇن – ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ روھىمىز. بىز ماددى نەرسىلەرنى قوغلاشقاندا، بايلىق ۋە بەدەندىن ھوزۇرلانغاندا، ھەمىشە ئۇنىڭغا سەل قارايمىز.

سىز بۇنى ئويلاپ باققانمۇ؟ ئەمەلىيەتتە بىز نەگىلا بارايلى، بىزگە بىردىنبىر ھەمراھ بولىدىغىنى بىزنىڭ روھىمىز. شۇڭا بىز روھىمىزنى كۆپرەك يېتىلدۈرىشىمىز، ھەرگىزمۇ ئۆلۈش ئالدىدا پۇشايمان قىلىپ، ئاھ ئۇرماسلىقىمىز كېرەك.





1954 قېتىم كۆرۈلدى XJTV ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-4-3 11:58:00  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-14 21:49:31 سەفىيە
بۇ تېما بەك ياخشىكەن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ