مۇئەللىملىرىمنىڭ قىزىقارلىق ئىشلىرى

مۇئەللىملىرىمنىڭ قىزىقارلىق ئىشلىرى

 

بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ساۋاقداشلار يىغىلىشىغا باردىم. پاراڭ ئارىلىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىزدىكى ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ غەيرىي ھەم قىزىقارلىق ئىشلىرى پارىڭىمىزنىڭ قىزىق تېمىسى بولدى. ئۆيگە كېلىپ بارلىق ئوقۇتقۇچىلىرىمنى ئەسلەپ، تۆۋەندىكىلەرنى رەتلەپ چىقتىم:
تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم.
1. ئالگېبرا مۇئەللىمىمىز دائىم بىزگە: « خاتىرە قالدۇرۇپ مېڭىڭلار، مەۋسۇم ئاخىرىدا ھەممىڭلارنىڭ خاتىرە دەپتىرىنى تەكشۈرىمەن» دەيتتى. ئۇ بىر كۈنى بىر مىسالنىڭ يەشمىسىنى يېزىپ دوسكىنى توشقۇزۇۋەتتى. ئۇنى كۆچۈرۈپ بولالماي قوللىرىم تېلىپ ئولتۇرسام، مۇئەللىم يېشىش ئۇسۇلىنى يېزىپ بولۇپلا يوغان خاتا بەلگىسىنى سىزىپ: «ئېسىڭلاردا بولسۇن، بۇنداق يېشىش خاتا» دېمەسمۇ، ئۇھ...
2.سىياسەت مۇئەللىمىمىز دائىم ئۆزى بىلەن ئوخشاش رەڭدە كىيىم كىيىۋالغان ئوقۇغۇچىلاردىن سوئال سورايتتى. شۇنىڭ بىلەن قانداق قىلغاندا سىياسەت ئوقۇتقۇچىسىغا ئوخشاش رەڭدە كىيىنىپ قالماسلىق مەسىلىسى بىزنىڭ ئۈچ يىللىق «تەتقىقات تېما»مىزغا ئايلاندى.
3. بىر پىراكتىكانت مۇئەللىم بىزگە دەرس ئۆتكەن تۇنجى كۈنى بىرىمىزگە بىر تالدىن قارتا تارقىتىپ:« قولۇڭلاردىكى قارتنى ئېسىڭلاردا مەھكەم ساقلاڭلار» دېدى. بىز تېخى بۇ مۇئەللىم سېھرگەرلىك قىلىپ بېرىدىغان ئوخشايدۇ، دېسەك، ئەتىسى كىرىپ بىر سوئال سورىدى-دە، يانچۇقىدىن قارتا چىقىرىپ، ئارىسىدىن بىرنى تارتىپلا:« تۆتلىك چىللىك، سەن جاۋاب بەر» دېدى.
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئىچكى ئۆلكىدە ئوقۇغانىم. ئۇ يەردىكى مۇئەللىملەر تېخىمۇ قىزىقارلىق ئىدى.
1. سىنىپ مەسئۇلىمىز ئالگېبرادىن دەرسى بېرەتتى. ئۇ بىرىنچى قېتىملىق ئىمتىھاندىن ئىلگىرى:«كۆزۈم بۈركۈتنىڭ كۆزىدەك، سىلەر كۆچۈرەلەيمىز، دەپ ئويلاپ قالماڭلار» دېدى. كىم بىلسۇن، ئىمتىھان باشلىنىپلا ئولتۇرۇپ ئۇخلاپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن سىنىپ مەسئۇلىمىزنىڭ كومىسسىيە بولۇشىنى تىلەيدىغان بولۇپ قالدۇق.
2. تارىخى مۇئەللىمىمىز ياشىنىپ قالغاچقا، بىر كۈنى پىرويىكسىيە ئاپپاراتىنىڭ كۆزىنى تەتۈر ئورنىتىپ قويۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاپپاراتنى قوزغىتىشىغىلا بىرىنچى پارتىدا ئولتۇرغان ئىككى ساۋاقدىشىمىزنىڭ ھاڭۋېقىپ ئولتۇرغان سىيماسى دوسكىنى بىر ئالدى، قېرىشقاندەك ئاپپارات شۇ پېتى قېتىپ قېلىپ، ھەممىمىز بۇ بىر سائەتنى شۇ ئىككى ساۋاقدىشىمىزنىڭ چىرايىغا قاراپ ئۆتكۈزدۇق.
3. دەرس ۋاقتىدا دەرستىن سىرتقى كىتابلارنى كۆرۈش«مودا» غا ئايلانغان چاغ ئىدى. فىزىكا مۇئەللىمىمىز بىر كۈنى قىزغىن دەرس سۆھلەۋېتىپ توساتتىن گېپىنى توختاتتى-دە، چوڭ-چوڭ قەدەم ئېلىپ كېلىپ، كەينىمدە ئولتۇرىدىغان قىزنىڭ فىزىكا دەرسلىكىنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇۋالغان ھېكايە كىتابنى تارتىۋالدى. ھەممىمىز مۇئەللىم بۇنى قانداق بىلىۋالغاندۇ، دەپ ھەيران بولۇپ ئولتۇرساق، مۇئەللىم قاقشاپ:« فىزىكا دەرسلىكنى مەن كۆرسەممۇ يىغلىغۇم كېلىدۇ، سىز ئەجەپ ھىجىيىپ ھۇزۇرلىنىپ كۆرۈپ كېتىپسىز؟» دېدى.
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ئىدى.
1. تاللاپ ئۆگىنىدىغان بىر دەرس ئىدى. مۇئەللىمنىڭ بىر گېپى ھازىرغىچە يادىمدا:« ئالدىدىكى يانفون ئويناپ ئولتۇرغانلار ئوتتۇرىدىكى پاراڭلىشىۋاتقانلارغا دەپ قويۇڭلار، كەينىدىكى ئۇخلاۋاتقانلارغا دەخلى قىلىپ قويمىسۇن».
2. ئالىي مەكتەپنىڭ تۇنجى يىللىقىدا چوقۇم كەچلىك مۇزاكىرىگە قاتناشمىساق بولمايتتى. يېتەكچىمىز مۇزاكىرىدە يانفون ئويناۋاتقانلارنى تۇتماقچى بولۇپ، سىنىپنىڭ چىرىغىنى تۇيۇقسىز ئۆچۈرۈۋەتتى. نېمە بولغىنىنى بىلمەي تۇرغىنىمىزدا مۇنداق دېدى:« يۈزىدە نۇر بارلار بۇ يەرگە چىقىڭلار».
مەنبەسى: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى.





872 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-9 15:03:02  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-25 23:01:13 ئوسمانجان سادىر
(كۇلۇشنى ئ‍ويلسڭىز ئ‍وقۇپ قويۇڭ، ) دىگەەندىگەەن يۇمۇر بولۇپ قويدكە،
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ