داۋۇت ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىنىپتۇ ھەم ئىرادىسى بويىچە پاراشوتچى ئەسكەرلەر روتىسىغا تەقسىم قىلىنىپتۇ. ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتۈپتۇ داۋۇت باشقا ئەسكەرلەر بىلەن بىرلىكتە تامدىن سەكرەش، بىنادىن سەكرەش قاتارلىق مەشىقلەرنى باشتن كەچۈرۈپتۇ. بىر كۈنى باشلىقى ئۇلارنى يىغىپ ئەتىسى راستىنلا ئايروپىلاندىن سەكرەش مەشىقى قىلىدىغانلىقىنى نەرسە-كېرەكلىرىنى ياخشى تەييار قىلىشىنى ئېيتىپتۇ. داۋۇت نەرسە-كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۋاتقىچە ئېھتىياتسىزلىقتىن پاراشوتنى بۇزۇپ قويۇپتۇ . ھەم قورقۇپ ھىچكىمگە دىمەپتۇ. ئەتىسى مەشىق باشلىنىپتۇ . نۆۋەت داۋۇتقا كەلگەندە سەكرىمەي قاراپ تۇرۇپتۇ. باشلىقى ئۇنىڭغا :
- داۋۇت سەكرە !! نېمىشقا سەكرىمەيسەن ؟! -دەپتۇ.
داۋۇت:
-باشلىق ئاچام ئۆلۈپ كەتكىلى ئۈچ يىل بولغان ئاخشام چۈشۈمگە كىرىپ قاپتىكەن،"ئۇكام سەكرىمە"دىگەنتى، مەن قورقۇۋاتىمەن دەپتۇ .
-نىمىدىن قورقىسەن ؟ بوپتۇ ئەمىسە مەن ساڭا پاراشوتۇمنى ئالماشتۇرۇپ بېرەي دەپتۇ باشلىقى...
شۇنداق قىلىپ داۋۇت ئايروپىلاندىن سەكرەپ پاراشوتنى ئېچىپ بەخىرامان چۈشۈپ كېتىۋاتسا باشلىقى بۇزۇق پاراشوتنى تېڭىپلا سەكرەپتۇ ھەم پاراشوتى ئېچىلماي ئوقتەك چۈشۈپ كىتىۋاتقۇدەك، داۋۇت :
- ھوي باشلىق بۇنچە ئالدىراپ نەگە ماڭدىڭىز ؟ دەپ سورىسا.
باشلىقى غۇيۇلداپ چۈشكەچ< ئاچاڭنىڭ قېشغا> دىگىدەك.
1676 قېتىم كۆرۈلدى | yumurchi | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-3-20 12:33:54 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-4-5 22:28:09 | ۋەلى |
بۇ يۇمۇر بەك جايىدا چۇشۇپتۇ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|