خانىم-قىزلار ئۆمرىدە خاتا باسسا بولمايدىغان 16 قەدەم

18 ياشتىن 28 ياشقىچە

1. كىتابنى كۆپ ئوقۇڭ، كۆپ تەپەككۇر قىلىڭ.ئېرىڭىز پەقەت تۇرمۇشىڭىزنىلا ئۆزگەرتەلەيدۇ، بىلىم-سەۋىيىڭىز بولسا تەقدىرىڭىزنى ئۆزگەرتىدۇ.

2. تىرىشىپ ياخشى ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈڭ، ئەڭ ياخشىسى ئالدىنقى قاتاردىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار بولسۇن. مۇھەببەتلىشىشنى بولۇپمۇ ئۆزىڭىزنى كۆرسىتىدىغان ۋە ئۆزىڭىزنى چېنىقتۇرىدىغان بارلىق پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويماڭ.

3.چىرايلىق ھەم يارىشىملىق ياسىنىپ يۈرۈڭ. كۆپلىگەن خانىم-قىزلار ئۆمرىدە بىر قېتىم ئوتتەك قىزغىن مۇھەببەتكە نائىل بولۇشقا موھتاج، ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ھېسسىيات ئىممۇنىتىنىڭ بالدۇر كېلىپ قىلىشىدىن ساقلىنىڭ.

4. ئەگەر توي قىلغاندىن كىيىن پەرزەنتلىك بولۇشنى خالىمىسىڭىز، شارائىتىڭىز يار بەرسە، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ بالىڭىزنى بېقىشىپ بەرگۈدەك ھالى بار چاغدا ياتلىق بولۇۋېلىڭ.

28 ياشتىن 38 ياشقىچە

5. ۋاقىت چىقىرىپ كىتاب، گېزىت-ژۇرنال ئوقۇپ تۇرۇڭ، بۇنىڭ ئىچىدە مودا قوغلىشىدىغان مەزمۇندىكى ئەسەرلەر قىرىق پىرسەنتتىن ئېشىپ كەتمىسۇن. چۈنكى، سىز چوڭ بولۇپ قالدىڭىز، گەرچە ئۆزىڭىز ياش ئەمەسلىكىڭىزگە تەن بەرگۈڭىز كەلمىسىمۇ.

6.توي قىلىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويماڭ، لېكىن رايىڭىز يوق توينى قىلماڭ. لايىقىنى خاتا تاللاپ قويۇشنىڭ ئازابى توي قىلماسلىقتىنمۇ ئېغىر بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئاتا- ئانىڭىزنى دەپ توي قىلغان بولسىڭىز، ئېرىڭىزنى ياخشى كۆرۈشكە ئۇرۇنۇپ  بېقىڭ.

7. بىرقانچە سىرداش قىز-ئوغۇل دوستلىرىڭىز بولسا، قىز دوستىڭىز ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى چۈشىنىۋالالايسىز ھەمدە ئۆزىڭىزنى يەڭگىللەپ قالغاندەك ھېس قىلىسىز،ئوغۇل دوستىڭىز ئارقىلىق ئەرلەرنى ۋە جەمئىيەتنى چۈشىنىۋالالايسىز. ئەگەر ئوغۇل دوستىڭىز مۇھەببىتىڭىزگە ئايلانغاندا، مۇھەببەتتىن بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىللە خۇراپىي كىشىلەرنىڭ سۆز-چۆچەك قىلىشىدىن ئاغرىنماڭ.ھوشيار ئاياللار نىمىنى قىلىپ، نىمىنى قىلماسلىقنى ئوبدان بىلىدۇ. پرىنسىپسىز ئاق كۆڭۈللۈك ۋە ئەركىنلىك سەۋەبىدىن سىز تاشلىنىپ قىلىشىڭىز مۇمكىن.

8. 25 ياشتىن كىيىن مۇھەببەتلىشىپ قالسىڭىز، ئەگەر توي قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولسىڭىز يىگىتىڭىزدىن ئاسانلىقچە ئايرىلىپ كەتمەڭ. ياش چوڭايغانسېرى ناتونۇش كىشىلەر بىلەن ئاسانلىقچە چىقىشىپ كەتكىلى بولىدۇ، ئۈچىنچى شەخس بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. بىراق، بويتاقلىقنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق خۇشاللىق ۋە غەم-قايغۇسى بولىدۇ. ئەگەر توي قىلىشنى مەقسەت قىلمىغان بولسىڭىز، بۇ ھەقتە بەك باش قاتۇرۇپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

9. ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭىز بىلەن توي قىلىشنى قارار قىلغان بولسىڭىز، كىمنىڭ كۆپ بەدەل تۆلىشىگە ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەڭ، كۆيۈمچان،ياخشى خوتۇن بولۇشقا تىرىشىڭ. بارلىقىنى بېغىشلاشقا ئەرزىگۈدەك ئادەمنىڭ بولىشىمۇ بىر بەخت. ئەگەر ئۇنداق ئادەمگە يولۇقالمىغان بولسىڭىز، نېمە قىلىشىڭىزنى بىلسىڭىز، يەنە كېلىپ ئۆزىڭىزگە مەسئۇل بولسىڭىزلا كۇپايە.

10. 28 ياشتىن كىيىن پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن خىزمەتنى ياخشى ئىشلەڭ. بۇ ئەڭ چارچايدىغان ئىش، ياخشى خوتۇن بولۇش بىلەن بىللە يەنە ياخشى خىزمەتچى بولۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر شەرەپلىك ھالدا ئوتتۇرا قاتلامدىكى ئادەم بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئورۇقلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئەلۋەتتە ھەممىلا ئايالنىڭ خىزمەتكە ئۆزىنى بۇنچىلىك ئۇرۇپ كېتەلىشى ناتايىن، بىراق ھېچ بولمىغاندا ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان ئىشلارنى قىلىشىڭىز كېرەك.

11.ئۆي سېتىۋېلىڭ. يا ئۆزىڭىز ئولتۇرىسىز،ياكى ئىجارىگە بېرەرسىز. پۇرسەت بولسا چەتئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلسىڭىز ھەم يەڭگىللەپ قالىسىز ھەم نەزەر دائىرىڭىز ئېچىلىدۇ. ئەگەر ئىقتىسادىڭىز يار بەرمىسە، ۋېلىسپىتكە مىنىپ كوچىلاردىكى يىگىتلەرنى تاماشا قىلسىڭىزمۇ ھېساب. ياخشى كەيپىياتنى ئۆزىڭىز يارىتىشىڭىز كېرەك.

12. خىزمىتىڭىزنى سۆيۈڭ، لېكىن باشلىقىڭىزنى ياخشى كۆرۈپ قالماڭ.

13. ئىقتىسادتا ۋە ئىدىيىدە مۇستەقىل ئايال بولۇڭ، سىزنى ھۆرمەتلەيدىغان ياخشى ئەرگە تېگىپ، بېسىم بولمىغان ھالەتتە ياشاڭ.

38 ياشتىن كىيىن

14. ياشلىقتىكى ھېس-تۇيغۇلارنى تېپىش تەس، ئەتراپىڭىزدىكى ياشلارغا قاراپ ھەۋەس قىلىشتىن باشقا چارىڭىز يوق. بۇ چاغدا سالاپەت ئىنتايىن مۇھىم، سالاپەت ئىچكى ساپادىن ئايرىلالمايدۇ. ئىلگىرى ئوقۇغان كىتابلىرىڭىزغا ۋە ئالغا ئىلگىرىلەش جەريانىدىكى ئۆزىڭىزنى تونۇشىڭىزغا، شۇنداقلا تۇرمۇش مۇساپىڭىز داۋامىدا تۆلىگەن بەدەللىرىڭىزگە رەھمەت ئېيتىڭ.

15. ئۆزىڭىزنىڭ قىلىدىغان ئىشى بولسۇن. بۇ چوقۇم شىركەت ياكى سودا بولۇشى ناتايىن، تۇرمۇشىڭىزنى بېيىتالايدىغان ھەمدە باشقىلارغا خۇشاللىق ئېلىپ كېلەلەيدىغان ئىش بولسىلا بولدى.

16. ئەگەر سىز داڭلىق جامائەت ئەربابى بولمىسىڭىزلا، جىنس ئالاھىدىلىك پەرقى بارغانچە سۇسلىشىپ ماڭىدۇ. بۇ چاغدا يات جىنسلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئەركىن ۋە بىخەتەر بىر تەرەپ قىلالايسىز.





1385 قېتىم كۆرۈلدى Nusrat ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-22 13:11:01  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ