تېلىفۇننى ئاختۇرۇش - يۇمۇر
‏ئايالى ئېرىنىڭ تېلىفونىنى ئاختۇرۇپ، قىزلارنىڭ نومۇرىنى ئىزدەپتۇ، قارىسا قىزلارنىڭ نومۇرى مۇنداق ئىسىمدا ساقلىنىپتۇدەك: 
يېڭى قۇشقاچ،
 قوشنا قۇشقاچ،
 قېرى قۇشقاچ،
 ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى قۇشقاچ،
 ئاستىنقى قەۋەتتىكى قۇشقاچ،
 ئالىي مەكتەپتىكى قۇشقاچ،
 تاللا بازىرىدىكى قۇشقاچ…
 شۇنىڭ بىلەن ئايالى ئۆزىنىڭ نومۇرىنى ئىزدەپ كۆرسە "كۆزۈمنىڭ سەتى قۇشقاچ" دەپ تۇرغىدەك.....
 شۇنىڭ بىلەن ئايالىنىڭ ئاچچىغى ۋەھشى كەپتۇ-دە،ئۇمۇ نۇمۇرلارنى ئۆزگەرتىپتۇ. بىر كۈنى ئېرى ئايالىنىڭ تېلىفونىنى ئاختۇرۇپ، ئوغۇللارنىڭ نومۇرىنى ئىزدەپتۇ، قارىسا ئوغۇللارنىڭ نومۇرى مۇنداق ئىسىمدا ساقلىنىپتۇدەك:
 ئاق ئاتلىق شاھزادە نەنۇ،
 قارا ئاتلىق چەۋەنداز رامبو،
 ئوقيا ئاسقان ئەزىمەت ئامىرخان،
 ئوت يۈرەك قەھرىمان شارۇلخان،
سۆلەتۋاز بەگزادە سېيىت ماڭقا،
جىڭياڭ داۋىنىدا يولۋاس ئۆلتۈرگەن ۋۇسۇڭ پالۋان،
 ئۇچارمەن مۇشلاشچى چىڭلۇڭ،
…  
پالۋان يىگىت سالمانخان,
 شۇنىڭ بىلەن ئېرى ئۆزىنىڭ نومۇرىنى ئىزدەپ كۆرسە" سۇيۇق گىيۇبىن" دەپ تۇرغىدەك .




1388 قېتىم كۆرۈلدى yumurchi ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-3-4 13:52:35  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-3-20 14:05:40 ئۆتكەن كۈنلەر 2016.3.20
بەك قىزقارلىقىكەن😄
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ