قىز دوستۇمنىڭ ئۆيىگە بارغاندىكى ھىلىقىدەك ئىشلار - يۇمۇر

قىز دوستۇمنىڭ ئۆيىگە بارغاندىكى ھىلىقىدەك ئىشلار

 

تېخى توي قىلمىغان ۋاقىتلار ئىدى، قىز دوستۇم ماڭا:
- چوڭلارنىڭ سېنى بىر كۆرگۈسى بار ئىكەن، سېنى سالامغا كىرسۇن دەيدۇ، مانداق چىرايلىق ياسىنىپ بارغىن جۇمۇ!- دېدى.
كاللامغا ئېغىر غەم چۈشتى، مەن بىر ئاسانلا ھودۇقىدىغان، تەمتىرەيدىغان ئادەم تۇرسام، قانداق قىلارمەن؟ شۇ كۈنى كەلدى، قىز دوستۇم تېلېفون قىلىپ:
- ئەمدى كەلسەڭ بولىدۇ، ئۆيگە مېھمانلار كەلدى، ئانچە ھودۇقمىساڭمۇ بولىدۇ، تېزراق كەلگىن، تاماق پىشاي دەپ قالدى- دېدى.
مەن تىتىرەپ تۇرۇپ بىناغا چىقتىم، قولۇمدا ئېلىۋالغان سوۋغىلارمۇ شاراقشىپ كېتىۋاتاتتى، ئۆينىڭ ئىشىكىنى چېكەي دەپ، بارمىقىمنى ئەمدى ئىشىككە ئاپارغانتىم، قوللىرىم تىتىرەپ ئىشىكتىن «تاك، تاكراتاك، تاك تاك تاك تاك تاك تاك، تاكتاراكتاك، تاك تاك تاك» قىلىپ ئاۋاز چىقىپ كەتتى.
-ۋاي مانا، مانا، كەلدىم...
مەن تەمتىرەپ كېتىپ، بېشىمنى كەينىمگە بۇرىۋالدىم. بىراق قولۇم ئىشىكتە ئىدى، شۇ ئارىدا قىز دوستۇمنىڭ ئاپىسى ئىشىكنى ئېچىپتىكەن، پېشانىسىگە نەچچىنى چېكىۋىتىپ قاپتىمەن.
-ئوۋ، بېشىم، ۋاي ۋاي، ۋاي بولدى!
مەن:
-خاپا بولماڭ ئاپا، خاپا بولماڭ ئاپا...
-ئاپا؟
-ۋۇي ياق، چوڭ ئاپا، ۋاي ياق، يەڭگە. ئوھۇش، يولداش... ئاھ خۇدا...
قىز دوستۇمنىڭ ئاپىسى قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى:
- ۋاي، سىزمۇ بۇ؟ كىرىڭە، كىرىڭە...
مەن سوۋغىلارنى قولىغا تۇتقۇزۇپ، نېمە سەۋەپتىن بىلمىدىم، ئاغزىمدىن:
- مۇبارەك بولسۇن، قىزىڭىزنىڭ تويىنى قىلىدىكەنسىز- دېگەن گەپ چىقىپ كەتتى، قىز دوستۇمنىڭ ئاپىسى تېڭىرقاپ تۇرۇپلا قالدى-دە، قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى:
-ھە ھە، قېنى بالام، مېھمانخانى ئۆيگە مەرھەمەت، سىزگىلا قاراپ قالغانتۇق...
مەن مېھمانخانا ئۆيگە كىردىم، ئۆيدە بىر نەچچە ئەرلەر ئولتۇراتتى.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم- دەپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۇلارمۇ چىرايلىق سالام قايتۇرۇپ مەن بىلەن كۆرۈشتى. قارىسام بىر ئورۇندۇقتا بىر كىچىك بالا ئولتۇرۇپتۇ. مەن خىيالىمدا «بۇ بالىنى بىر ئەركىلىتىپ ئۆزەمنى بىر كۆرسىتەيچۇ» دەپ ئويلاپ، ئۇنى ئورۇندۇقتىن يۇلۇپلا ئالدىم- دە:
-ئاننام ساقام، تاتلىق ساقام، كىمنىڭ بالىسىدۇ؟ كىمنىڭ بالىسدۇ؟ نېمانداق تاتلىق، ئاننام ئاننام- دەپ مەڭىزلىرىگە سۆيۈپ كەتتىم. بىراق يۈزلىرىمگە ساقال ئۇرىلىۋاتاتتى... بۇ نېمە ئىش ئەمدى؟ ئۆزۈمنىڭ ساقىلىمىدۇ؟ بالىنى ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ بېشىمنى كۆتۈرسەم، ئەرلەر ماڭا قاراپ قېتىپلا قاپتۇ، قىز دوستۇم بىلەن ئاپىسى كۈلۈپ دومىلاپ يېتىپ قاپتۇ، بۇ چاغدا بىر ئەر:
-ئۆھۈ ئۆھۈ، بالام، بۇ ياق مېنىڭ ئاغىنەم، بۇ يىل 56 ياشقا كىرىپ بولدى، بويى پاكار شۇ، ئۆسمىگەن، تۇداخۇندەك- دېدى.
ئۆي ئىچىدە پاراققىدە كۈلكە كۆتۈرۈلدى، مەن يېرىم ئۆلۈپ بولدۇم. مەن يەنىلا چاندۇرماي ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇم، بايىقى «بالا» ماڭا قاراپ ھومىيىپ تۇراتتى، مەن ئوڭايسىزلىقنى يوقىتىش ئۈچۈن:
-تويغا قوپۇپسىلەر، مۇبارەك بولسۇن- دېدىم، راست دېسەم بۇ گەپنى قىپ بولۇپ يىغلىۋەتكۈم كەپكەتتى.
-ۋاي بالام، ھودۇقما، ھەممىسى ئۆز ئادەملەر...- بۇ قىز دوستۇمنىڭ دادىسى ئىدى.
-ھە، چايلاردىن ئىچە...
-بولدى، ئىچمەيمەن- كۆزلىرىمدە ياش، قانداق دېگىنىمنى بىلمەيمەن.
-ئىچىپ قوي، پايدا قىلىدۇ- قىزدوستۇمنىڭ دادىسى كۈلۈپ تۇرۇپ.
-بۇدا بىرسى ئۆتۈپ كەتسۇن- دېدىم، ئۆلدۈم بولدى. ئۆيدە يەنە كۈلكە كۆتۈرۈلدى. ئاڭغىچە تاماق كىردى، مېززىلىك پولۇنىڭ پۇرىقى دىماقنى ياراتتى، مەن تەمتىرەپ تىتىرەپ كېتىۋاتاتتىم.
- ئالە بالام، پولۇغا باقە!
- ئوبدان، قېنى سىزمۇ...
نېمە سەۋەپتىنكىن بىلمىدىم، ئۇدۇللا گۆشنى تۇتۇپتىمەن، قىز دوستۇمنىڭ دادىسى:
- نوچى مانا، ئوغۇل بالا گۆش يەيدۇ- دەپ دولامغا نوقۇپ قويدى.
تاماقنى يامان ئەمەس يەۋالدۇق، ئاندىن پاراڭ باشلاندى.
- نېمە خىزمەت قىلىسەن؟
-مەن دوختۇر- توۋا، مەن ئەمەلىيەتتە سۇ ئىشلىرى ئىدارىسدە ئىشلەيتتىم.
-ھوي، قىزىم سېنى سۇ ئىدارىسىدا ئىشلەيدۇ دېگەنتىغۇ؟
-مەن دوختۇرغا ئۆچ دېمەكچىتىم...- دېدىم دەرھال گېپىمنى ئوڭشاپ.
-ھە... شۇنداقمۇ؟
-ئاتا، ياق ئاكا، سىز پېنسىيىگە چىقتىڭىزما؟
-ياق، يەنە بار تېخى، ئىشلەۋاتىمەن.
-نەدە؟
-دوختۇرخانىدا، مەن دوختۇر...
بۇ گەپنى ئاڭلاپ، پۈتۈن ئۆلۈپ بولدۇم، باشقا پاراڭلار قۇلىقىمغا كىرمىدى. بۇلارنى تولۇق رەنجىتىپ بولدۇم دەپ ئويلىدىم. بىر چاغدا قىز دوستۇم كىرىپ:
- دادا، بىز دۇكانغا بارايلى دېگەن، ماڭساق بولامدۇ؟
- بولىدۇ، بولىدۇ، ياخشى بالىكەن، مىجەزى ياخشىكەن، قىزىقچى ئىكەن، پات پات كەپ تۇر، جۇمۇ!- دېدى.
ئىچىمدە يىغلاپ تۇرۇپ چىقتىم ئۆيدىن، قىز دوستۇم يول بويى كۈلۈپ، مېنى زاڭلىق قىلىپ كەلدى. كېيىن ئۇقسام، چوڭلارغا خېلى ياراپ قاپتىمەن، ئىشقىلىپ قانداقلا بولسۇن، ساق-سالامەت تويىمىزنى قىلىۋالدۇق...  





7960 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-23 21:21:45  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-4-19 23:05:26 زۇلپىقار
بەك ياخشى يېزىپ سىز
2016-10-3 22:30:44 LOVE
bak yaxi yezipsiz
2016-9-19 3:20:38 كۆڭلۈم
مىنىڭ مىجەزلىرىم سەل باكەن بۇ بالىدا ھى ھى
2016-9-11 19:55:19 sirdax
bak kulkilik yeziliptu
2016-8-28 3:01:03 نىجاتكارى
توۋۋا قۇۋۇرغام ئ‍ەجەپ كۈلكىلىك بوپتۇ ياخشى يېزلىپتۇ
2016-6-23 17:55:12 زىبىرگۇل
بەك يرخشى يىزىپتۇ ئ‍ۇقۇپ بەك خۇشال بۇلدۇم
2016-4-16 20:02:00 xahla
bakyahxiyeziliptu
2016-4-6 23:43:09 روزىجان
ئاپتۇر قولىغا دەرت بەرمىسۇ
2016-4-6 23:43:08 روزىجان
ئاپتۇر قولىغا دەرت بەرمىسۇ
2016-4-1 17:57:47 خالىد
بەك قىززىق يا كۈلۈپ ئاشۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇ
2016-2-13 18:00:06 ئىسكەندەر
بەك قىزىق يىزىلىپتۇ،،،كۆڭلۈم بىر خىل يىرىم ئ‍ىدى بۇنى ئ‍وقۇپ تولا كۈلۈپ ،،،،كۆڭۈل غەشلىكىمۇ يوقاپ كەتى ،تىما ئ‍ىگىسىگە رەھمەت
2015-12-20 19:36:27 musafir
bak.yhxikan
2015-12-17 12:30:32 fatima
bak kezzek ka bax ka tordaxlaneg mu huzur lenexene taw seya kelman
2015-12-14 2:18:54 ئ‍ويغان
ق ىزىقارلىقكەن
2015-10-13 22:26:05 551188
ياخشى يىزىپ تۇ
2015-10-9 11:07:15 nurxat
way dumilap kattimhu kulup....
2015-10-5 15:54:44 Xugkar
Bkkzkka.uqiym uzlup uzulup katkli tas kaldi tulamsz.
2015-10-1 22:49:08 نۇرمۇھەممەت
بەك ياخشى يىزىلىپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ