بىزنىڭ مەھەللىدە كاللىسى تازا جىرىڭ - جىرىڭ ئەمەس بىر بالا بار. بىر كۈنى بازارغا كېتىۋاتسام، ھېلىقى بالا بىر يەرنى كولاۋاتىدۇ. نېمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ، دەپ قاراپ تۇرسام، ئازراق كولايدۇ، ئىچىگە چۈشۈپ باقىدۇ، يەنە كولايدۇ، يەنە ئىچىگە چۈشۈپ باقىدۇ. ئىچىم پۇشۇپ سورىدىم:
- نېمە قىلىۋاتىسەن؟
- ئاكا ئۆزۈڭمۇ بىلىسەن. مېنى يېزىنىڭ دەرۋازىسىغا قارايدىغان ئىشنى قىلامسەن دېگەنتى، قىلاي دېسەم، بىر سۇڭلۇق يېرىم رەسىمگە چۈشۈپ كەل دېدى. شۇڭا يېرىم رەسىمگە چۈشەي دەپ بۇ يەرنى كولاۋاتىمەن.
ئىچىمدە توۋا دەپ، يولۇمغا كېتىۋەردىم. ئەتىسى قارىسام يەنە كولاۋاتىدۇ. سورىدىم:
- يەنە نېمە بولدى؟
- ئۇلارغا ئىككى پارچە لازىمكەن.
*******************
بىر ئايال ئېھتىياتسىزلىقتىن 3- قەۋەتتىكى ئۆيىدىن يېقىلىپ چۈشۈپتۇ. تەلىيىگە تۆۋەندە بىر ئەخلەت ساندۇقى باركەن، شۇنىڭغا چۈشۈپ ھوشىدىن كېتىپتۇ. شۇ چاغدا بىر تازىلىقچى ھارۋىسىنى سۆرەپ بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئايالنى كۆرۈپ قاپتۇ ۋە ھارۋىسىغا بېسىپلا، ئېلىپ مېڭىپتۇ. ئۆيدە قالغان يولدىشى ئايالنىڭ يوقلىقىنى بايقاپ بىنادىن قارىسا، ئايالىنى بىرسى ھارۋىغا بېسىپ كېتىۋاتقۇدەك، توۋلاپتۇ:
- ھەي، نېمە قىلىۋاتىسەن؟!
تازىلىقچى غېمىدە يوق ئۈستىگە قاراپ دەپتۇ:
- قارىڭە، كىمنىڭ قىلغان ئىشىكىن بۇ؟ بىر ئوبدان ئايالكەن. ئەخلەتكە تاشلىۋېتىپتۇ.
***************
بىرسى تولا يامىلىپ كىيگۈچىلىكى قالمىغان ئايىغىنى مەھەللىدىكى موزدۇزنىڭ ئالدىغا ئەكەپتۇ، موزدۇز ئاياغنى ئۆرۈپ- چۆرۈپ قاراپ:
- ئۇكام، بۇ ئاياغقا مېنىڭ ئامالىم يوق، مەن سىزگە يۆتكىلىش قەغىزى يېزىپ بېرەي، دەرھال ناھىيەگە يۆتكەڭ،- دەپتۇ.
******************
تېلېۋىزوردا ئافرىقىدىكى ئاچارچىلىقتا دۇچار بولغان خەلق كۆرسىتىلىپتۇ. بۇنى كۆرۈپ ئولتۇرغان بىر موماي:
- چېچىنى بۈدۈر قىلغۇچە، شۇ پۇلغا تاماق ئېلىپ يېسىچۇ، - دېگۈدەك.
*****************
ئوقۇتقۇچى:
-مىللىمېتىر دېگەن نېمە؟
ئوقۇغۇچى:
-مىللىيلار ئىشلىتىدىغان مېتىرمىكىن …
4878 قېتىم كۆرۈلدى | ئازغۇن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-10-9 11:14:31 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-12-26 16:34:11 | خەيرۇللا |
كۈلكىلىك |
2016-8-11 13:10:27 | ئەسقەر |
ياخشى يۇمۇرلار ئىكەن،رەھمەت سىلەرگە قولۇڭلارغا،دەت كەلمىسۇن |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|