بۇ ھاياتىمدا سېنى ئۇچراتقىنىمغا تەشەككۇر ئېيتىمەن

ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ بىر يەرگە كېلىشى تەقدىر قىسمەتتىن بولىدۇ؛ ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ ئىناق ئۆتىشى سەمىمىيلىككە تايىنىدۇ.

بۇ دۇنيادا ھېچكىم ھېچكىمگە قەرزدار ئەمەس؛ بەختسىزلىكلەرنىڭ ھەممىسى بىر - بىرىمىزنى قەدىرلەشنى بىلمىگەنلىكىمىزدىن بولىدۇ.

ئەرلەرنىڭ سېھرىي كۈچى ئۇنىڭ قانچىلىك پۇلدار بولىشىدىن ياكى بولمىسا قانچىلىك كېلىشكەن بولغانلىقىدىن ئەمەس بەلكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا دادىللىقىدىن كېلىدۇ. ئاياللارنىڭ سېھرىي كۈچى چىرايلىق بولىشىدىن ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ ئاق كۆڭۈل ۋە كەڭ قورساق بولۇشىدىن كېلىدۇ .

ھاياتتا مەيلى ئۇ دوسلۇق، ياكى مۇھەببەت ۋە ياكى قېرىنداشلىق مېھرى بولسۇن، ئەڭ ھەقىقىي، ئەڭ گۈزەل ھېسابلىنىدىغىنى سەندىن ئايرىلمايدىغىنى. ھەقىقىي باھادىر قۇلاق سېنىڭ يۈرەك تىۋىشىڭنى ئاڭلىيالايدۇ؛ باھادىر كۆز بولسا قەلبىڭىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىنى كۆرەلەيدۇ.

ھەر قانداق ئىشنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەت، ھەممە ئىشنىڭ ۋاقىت سائىتى بولىدۇ، ۋاقىت سائىتى كەلمىگەن ئىشقا بېشىڭنى تاشقا ئۇرغىنىڭ بىلەنمۇ بىكار.

ئۇچرىشىش گۈزەل بولىدۇ، بۇ ئۆمرۈمدە سېنى ئۇچرىتالىسام بۇ دۇنيادىن ئارمانسىز كەتكەن بولار ئىدىم.

مەيلى سەن سۈركۈلۈپ ئۆتۈپ كەت ۋە ياكى بىر ئۆمۈر ھەمرا بولۇپ ئۆت، ھەر بىر ئۇچرىشى ھەر بىر دەقىقىنى قەدىرلە، چۈنكى بەزىلەرنى ئۇچرۇتىشىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىقى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

پىشانەڭگە پۈتۈلگەننى كۆرمەي ئامالىڭ يوق، كاتتا ئايۋان سارايدا ئولتۇرۇپ باشقىلارنىڭ كەپىسىگە كۆز تىكمە.

ئىككى چۈمۈلە قۇملۇقتا بىر - بىرىگە سوقۇلۇپ كېتىپ، ئىككىسى ناھايىتى يىراق جايغا ئۇچۇپ بېرىپ قاپتۇ. بۇ چاغدا ھەر ئىككىلىسى ئۆزىنىڭ بۇ قىلغىنىغا ناھايىتى پۇشايمان قىلىپتۇ. ئۇلار كىچىك بەستىنى سۆرەپ بىپايان قۇملۇقتا ئۆمىلەپتۇ، ئۆمىلەپتۇ، ئەڭ ئاخىرىدا بىر ـ بىرى بىلەن ئۇچرىشىپتۇ، بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ كۆز يېىشى تارام ـ تارام تۆكۈلۈپتۇ.

ئەمەلىيەتتە بۇ كۆز يەتكۈسىز بىپايان قۇملۇقتا يۇقارقى ئىككى چۈمۈلە قانداقمۇ بىر ـ بىرى بىلەن ئۇچرىشالىسۇن؟ئۇلار ئىككىسى ئۆكۈنىش ئىچىدە ئۆز يولىنى داۋام قىلىپتۇ، يول بويى پۇشايمان يېشى زادىلا قۇرىماپتۇ.

سىز ئۇچراتقان كىشىگە مېھرىڭىزنى بېرىڭ، كەڭ قورساق، سەمىمىي بولۇڭ، ناۋادا كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالسىڭىز قۇملۇقتا كۆز يېشى قىلىپ ئۆمىلەپ چۈمۈلىنىڭ ئاقىۋىتىگە قالىسىز.

ئۆزىڭىزگە خۇشاللىق، خاتىرجەملىك ئاتا قىلىڭ، ناۋادا بۇ نەرسە سىزدە بولمىسا ئۇنى قولغا كەلتۈرۈڭ.

سىز ھايات مۇساپىڭىزنى خۇش پۇراق گۈللەر بىلەن بىزەڭ، بۇ سىزنىڭ قولىڭىزدىن كېلىدۇ، ھېچ بولمىسا بۇنىڭغا مەن ئىشىنىمەن.

 بۇ ھاياتىمدا سېنى ئۇچراتقىنىمغا تەشەككۇر ئېيتىمەن، قەلبىمدە سەن بار، ئەمما سېنىڭ قەلبىڭدە ماڭا ئورۇن بارمىدۇ؟





2211 قېتىم كۆرۈلدى minut ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-10-7 3:53:47  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-12-27 11:47:56 مەستۇرە
مني ئەمرڭزگە ئلڭ بەك ياخشي مەزمۇن ئكەن
2015-12-22 15:37:46 halik
yahxikan
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ