چاچلىرى ئۆسۈپ كەتكەن بىر يىگىت ساتراشخانىدا چېچىنى ياسىتىپتۇ. ساتراش ئەمدىلا ئىش باشلاپ بىردەمدىن كېيىن ساتراچ بىر ماگنىتنى ئېلىپ يىگىتنىڭ بېشىدا ئۇياق بۇياق يۈگۈرتۈپتۇ، بۇنىڭدىن ئىچى پۇشقان يىگىت ئۇنىڭدىن:
- بۇ سىزنىڭ يېڭىچە چاچ ياساش تېخنىكىڭىزمۇ ؟- دەپ سوراپتۇ.
- ياق، مەن قايچامنى ئىزدەۋاتىمەن- دەپتۇ ساتراچ.
راخمانجان رۇسۇل تەرجىمىسى
****************************
خېرىدار مەلۇم بىر ئاشپۇزۇلغا كىرىپ بىر كىشىلىك كالا گۆشى قورۇمىسى بۇيرۇتۇپتۇ. ئۇ تاماقنى يەپ بولاي دېگەندە قورۇمىدىن بىر تال چىۋىن چىقىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن خېرىدار مۇلازىمغا كايىپ:
— قاراڭە تاماقتىن چىۋىن چىقتى، بۇنى قانداق چۈشەندۈرىسىز؟ — دەپتۇ.
مۇلازىم قىلچە ھودۇقماي جاۋاب بېرىپتۇ:
— مۇبارەك بولسۇن ئەپەندىم، سىز ئاشپۇزۇلىمىزنىڭ يەنە بىر كىشىلىك ھەقسىز غىزالىنىش مۇكاپاتىغا ئېرىشتىڭىز.
****************************
بىر كىشى ئالاقزادە بولۇپ 119 غا تېلېفون قىپتۇ:
— ئوت كەتتى! ئوت كەتتى!
— نەگە ئوت كەتتى؟
— ئۆيۈمگە ئوت كەتتى!
— بىلدىم، بىراق بىز ئۆيىڭىزگە قانداق بارىمىز؟
— توۋا، سىلەرنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلىڭلار يوقما؟!
| 1546 قېتىم كۆرۈلدى | ئەسەر يوللىغۇچى : | ||
| 2015-8-14 1:12:42 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|