ھايات تەلقىنلىرى (تاللانما مەزمۇنلار) - ئابدۇقەييۇمجان

ھايات تەلقىنلىرى

ئابدۇقەييۇمجان ( ئەختەر )


   بىز ھەر كۈنى ئۇنىڭ ئىزىنى بويلاپ مەكتەپكە باراتتۇق ، ئۇ بولسا بىزنىڭ ئىزىمىزنى بويلاپ ئۆيگە قايتاتتى .

­­­---­­بىر دوستۇمنىڭ خاتىرە دەپتىرىدىن

(1)

دانا ئادەملەرگە پىكىر بەرسەڭ ئۆزىنىڭ توغرا بولشىمۇ ساڭا رەھمەت ئېتىدۇ ، نادان ئادەملەرگە پىكىر بەرسەڭ ئۆزىنىڭ خاتا بولغان بولسىمۇ ساڭا غەزىپىنى چاچىدۇ.

(2)

ئۈگىنىشكە لايىق يەر بولسىلا ئۈگىنىش كىرەكتۇر.باش كۆتۈرۈش ئۈچۈن بىر مەزگىل باش چۆكۈرۈش كىرەك .

(3)

ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ خوش قىلالمىساڭ ، ئۆزگىلە ھەرگىزمۇ خوش قىلاماس. مانا مۇشۇ كەمگىچە « ئۇنىڭ كۆڭلى ، بۇنىڭ كۆڭلى » دەپ يۈرۈپتۇق، ئەنە شۇ كۆڭۈللەرنىڭ كۆڭلىمىزگە قانچىلىك ئازار بەرگىننى ئۆزىمىز بىلىمىز .

بەخىتنىڭ ئۆلچىمى ئىسىل ئۆي ، كاتتا ماشىنا ، كىلىشكەن چىراي، مال –دۇنيا ياكى ياش پەرقى ئەمەس بەلكى،ئاددىي تۇرمۇشقا يوشۇرىنغان كۆلكە ۋە شۈكرى قانائەت .

 (4)

ئادەم بەخىتنى بىر نەرسىگە ئېرىشىشتىن ئەمەس بەلكى، بىر – بىرىدىن ئەھۋال سوراشكۆيىنىش ، ئەڭ ئاجىز ۋاقىتلاردا ئۈمۇد بىىشلاشتىن ، تەسەللىي بىرىشتىن ، بىر –بىرىگە بولغان مىھېر- مۇھەبەتتىن  تاپىدۇ .

باشقىلار سىزنى ھاجىتى چۈشكەندە ئىزدەيدۇ ، بولمىسا قارىسىنىمۇ كۆرەلمەيسىز .

مانا بۇ كىشىلىك تۇرمۇش ، سىز ئۆزىڭىزنىڭ يولىدا مېڭىڭ ،چۈنكى باشقىلار ئۆتمىشىڭىزنى بىلمەيدۇ ، بۈگىنىڭىزنى چۈشەنمەيدۇ .

(5)

بەخىتلىك كىشىلەر قولىدا مال – دۇنيا بار كىشلەر بولماستىن بەلكى ، قەلبىدە قانائەت تىزگىنى بار كىشىلەردۇر .

(6)

ئاچقۇچ كەتتى ، قۇلۇپ ساقلاۋاتاتتى . ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن كىيىن ئاچقۇچ قايتىپ كەلدى ئەمما ئاچقۇچ قۇلۇپنى ئاچالمىدى.چۇنكى قۇلۇپ ئاللىبۇرۇن داتلىشىپ كەتكەن ئىدى

(7)

كېچىلىرى ئۇيقۇم كەلمىدى دەپ ئازاپلانسام بولنىغىدەك ، بەلكىم ساقلىغىنىم ئۇيقۇ ئەمەستۇ . چىرايىڭ قانچىلىك چىرايلىق ، كىيىملىرىڭ قانچىلىك ئىسىل  بولىشىدىن قەتئىي نەزەر بۇلار سىنىڭ گۈزەللىكىڭ ئەمەس بەلكى سۆلىتىڭ ، ھەقىقى گۈزەللىكسىنىڭ گەپ – سۆز ۋە ئىش- ھەركىتىڭدە .

(8)

ئەگەر كەچمىشنىڭ توپا باسقان تەكچىلىرىنى سۈرتەلمىسەڭ پۈلىمىگىن،چۈنكى سەن پۈلەپ قويۇپ كەتكىنىڭ بىلەن ئۇ توپا – چاڭنىڭ ئىچىدە مەن بۇلغىنىمەن .

شۇنداق ئىنسانلار بار ئىكى ، پاتقاققا يىقىلسا پاتقاقنىمۇ مەينەت قىلۋىتىدۇ ، شۇنداق ئىنسانلار بار ئىكى ،قەدىمىنىڭ بەركەتلىكىدىن گۈللەر ئۇنىدۇ .

(9)

بەزىلەر ھاياتىمدا يىنىمدا بولىشتى ، كۈلكەمگە ئورتاقلاشتى ، يۈرىكىمنى ئاغرىتتى ، شۇنداقتقمۇ مىنىڭ نۇرغۇنلىغان كەچۈرشىمگە مۇيەسسەر بولدى .

تەڭرى مىنى سىناش ئۇچۇن ماڭا ئىغىر سىناقلارنى بىرىۋىدى ، ئۇلار تەرەپ – تەرەپكە تارقاشتى . ئەگەر ئۇ سىناقلارنىڭ ساھىبى مەن ئەمەس ئۆزلىرى ئۈچۇن ئىكەنلىكىنى بىلسە ئىدى ، ئارىمىزدىكى ئىشەنچ زەنجىرى ئۈزىلمەس ئىدى .

(10)

باشقىلارغا قارغۇلاچە باھا بىرىپ ئۆزىڭىزنى دانا چاغلىماڭ،چۇنكى باھا بىرىشتە پايدىلانغان ئۇ كىتاپنى شۇ ئادەم يازغان بولىشى مومكىن .

(11)

ھەر قانداق نەرسىنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى تاپقىلى بولمايدۇ ، پەقەت ئەقىللىق ئادەملا ئۆز يىنىدا ئۆزىگە مىھرىبانلىق كۆرسىتىۋاتقان ئادەملەرنىڭلا دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ .  

(12)

ھىچ قانداق ئىشتا باشقىلاردىن ئۈمۈد كۆتمەڭ ، شۇنداق يالغۇز قالىسىزكى تۇيۇقسىز تونۇشتىنىقلاردىن ناتونۇشلىقنىڭ پۇرىقىنى پۇراپ قالىسىز،كىچىك ئىشلارنى بولسىمۇ ، بولۇپمۇ تاماقنى ئۆزىڭىز يىيىشنى ئۈگىنىۋىلىڭ،بولمىسامىھېر كوچىسىدا تىلەمچىگە  ئايلىنىپ قالىسىز .

ئۈمۈتسىزلەنگەندە ئاسمانغا قاراڭ ئۈمۇتلىنىسىز،ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ سايىسى بولۇپ قالماڭ . باشقىلارغا ياردەم قىلىدىغان قولىڭىزغا .... سىزنى كۆتۇرۇپ بەخىتنىڭ شانۇ –شەۋكەتلىرىگە ئاپىرىدىغان پۇتىڭىزغا ،قىسقىسى ئۆزىڭىزگە تايىنىڭ.بۇ ھايات شۇنداق ھاياتكى ، سىزنى يالغۇز ئىلىپ كىلىپ يالغۇز ئىلىپ كىتىدىغان .

(13)

ئىگىز پاشنىلىق ئاياق بەرگەن مەغرۇرلۇقنى ، يۈز پاشنىلىق ئاياق بىرەلمەيدۇ . يۈز  پاشنىلىق ئاياق بەرگەن بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ، ئىگىز پاشنىلىق ئاياق ئەسلا بىرەلمەيدۇ .

دۇنيادا ھەرخىل كىشىلەر بار ، بىرى بەخىتلىك ئادەم ، يەنە بىرى قەيسەر ئادەم بەخىتلىك ئادەم ـــــ باشقىلارنىڭ قولىدا ئاۋايلانغان ئادەملەردۇر .

قەيسەر ئادەم ـــــ قەيسەرلىكنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ بەخىت تاپىدىغان ئادەم

(14)

ھاياتنى باشقىدىن باشلىغىلى بولمايدۇ لېكىن، باشقىچە باشلىغىلى بولىدۇ . دۇنيادا سەن ئۇچىرغان ھەر بىر ئادەم سەن ئۈچۈن ھىكمەت ، بەزىلەر ھۆرمەت ،  بەزىلەر قۇدرەت ، بەزىلەر سۆلەت ، بەزىلەر ئىبرەت .

(15)

گۈل ئۆستۇر لېكىن  ،پۇرىقى بىلەن ھىساپلاشما .چۇنكى، گۈل پۇرىقى بىلەن  ئەمەس ھۆسنى بىلەن گۈزەل .

يول ياسا بىراق ، ئۇنىڭدا كىمنىڭ مىڭىشى بىلەن ھىساپلاشما . چۈنكى،ئۇ يۇل بەلكىم ئۆمۇر يولى بولىشى مومكىن .

ھەممە چىرايلارغا كۈلكە سىلىپ قوي ، بىراق ئۇلاردىن بەدەل تەلەپ قىلما .

ئۆمىرىڭنى مەنىلىك ئۆتكۈزلېكىن،ئۇنىڭ قانچىلىك قالغىنى بىلەن ھىساپلاشما . چۈنكى ، ئادەم ئۆمىرى ۋاقىت بىلەن ئەمەس بەلكى قىممەت بىلەن ئۆلچىنىدۇ، بەزى ئادەملەر  ئاللىقاچان ئۆلۇپ كەتكەن بولسىمۇ ئۇلار ھايات ، بەزىلەر بولسا ھايات بولسىمۇ تىرىك مۇردىدىن پەرقى يوق .

 

 

 

(16) ھەركىم سىزگەكىبىرلىك،ھاكاۋۇرلۇق قىلسۇن،ۋەياكى سىزنى تۆۋەن كۆرسۇن سىز يەنىلا سەبىر قىلىڭ ، چۈنكى سىزگە بەرگەن سەبىرنى ئۇلارغا بەرمىگەن .

(17)

بۇ جاھان بەزىلەرگە خار ، بەزىلەرگە زار .

شۇڭا ئالدىرما ، سەن باشقىلارنى يىغلىتىش بەدىلىگە ئىرىشكەن شاتلىقىڭ ئۇزىنغا بارمايدۇ . چۈنكى سەن كۆزىدىن ياش ئاققۇزغان ئادەمنى سەندىن باشقىلارمۇ كۆلدىرەلەيدۇ .

(18)

مەن ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن ئىنساننى باشقىلارغا سىلىشتۇرمايمەن ، چۇۈنكى قانداقلا بولمىسۇن ئۇ مەن ئۈچۈن مەڭگۈ قەدىرلىك .

 

بىر ئادەمنىڭ سەن ئۈچۈن نىمىلەرنى دىگەنلىكىگە ئەمەس، نىمىلەرنى قىلغانلىقىغا قارا . چۈنكى ھەر ئىش ئىغىزدا ئەمەس بەلكى ھەركەتتە بولىدۇ .

(19)

گۈل چىررايلىق جاينى تاللاپ ئۆسمەيدۇ ،بىراق گۈل ئۆسكەن جاي چىرايلىق بولىدۇ. باغۋەنگە نىسپەتەن گۈلنى قەيەردە ئۆستۈرۈش موھىم ئەمەس، موھىمى گۈل ئۆسكەن جاينى چىرايلىق قىلسىلا كۇپايە .

(20)

ھايات بىر مۆجىزە –مۇھەببەت بىر دەرىس – ۋاقىت بىر سىناق – مەن بىر نىشان –كىسەل بىر سىگىنال ،قىسقىسى ياشاش بىر ئىمتاھان .ئۇ ئىمتاھاندا قانداق نەتىجىگە ئىرىشىش ئۆزىمگە باغلىق .

 (21)

بىر ئىغىز سۆز بىلەن يوقاتقان نەرسىلىرىڭنى مىڭ ئىغىز سۆزلەپمۇ قايتۇرۇپ كىلەلمەيسەن . شۇڭا سۆزىڭگە دىقەت قىلماق تولىمۇ زۆرۈردۇر .

 

 (22)

يالغانچىدا ساخاۋەت بولمايدۇ ، بىخىلدا سائادەت بولمايدۇ ، ھەسەتخوردا بولسا راھەت بولمايدۇ . مانا بۇ ھايات .

(23)

مەن مۇشتۇمدەك يۈرىكىمدىن سورىدۇم :

-ئىتقىن تۈرۈكۈم،سەن باشقىلاردىن نىمنى تەلەپ قىلىسەن. يۈرىكىم ئىتتى:

ـ مەن سەن بىلەن يىقىن ئۆتكەنلەردىن ئاتا – ئانىسىغا مېھرىبانلىقنى،دوس- بۇرادەرلىرىگە ۋاپادارلىقنى،ساداقەتنى، ئۆزىگە ۋىجدان ۋە غۇرۇرنى تىلەيمەن  (24)

سەبىر ــــــ ئىنساننى كۈتۈلمىگەن بەخىتكە نايىل قىلىدۇ ،

سەبىر ــــــ قەلىپكە ھۇزۇر بىغىشلايدۇ ،

سەبىر ــــــ ھاياتتىكى ئەڭ چوڭ تەسەللىيدۇر ،
سەبىر ــــــ ئەڭ چوڭ نىممەتتۇر.

(25)

ھەقىقى خۇشاللىق ۋە چەكسىز بەختىيارلىق تۇيغىسى بولسا ، كۆزلىگەن نىشانغا يىتىپ بولغاندىن كىيىن ئەمەس بەلكى ، شۇ نىشانغا قاراپ ماڭغان ۋاقتىڭدا نىسىپ بولىدۇ .

بەخىتنى ھەقىقى ھىس قىلغان كىشى ، نىشانغا تەلپۈنۈپ ، مەنزىلگە قاراپ مەرتلىك بىلەن ئات چاپتۇرغان كىشىدۇر .

(26)

دۇنيا بار كۈچى بىلەن « ئەر » دەپ ۋارقىرماقتا ، زىمىن « ئەرلەر » ئۈچۈن ئىغىر نەپەس ئالماقتا .

ۋەتەن « ئەركەكلەر قىنى سىلەر ؟ » دەپ شىر كەبى ھۇلىماقتا ، بالىلار « دادا ، سىز نەدە ؟»دەپ سۇنۇپ ساڭايان بولۇپ قالغان ئىشىك قاناتلىرىغا تەلمۇرمەكتە، ئەي ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز  جۇڭگونىڭ ئەركەكلىرى! ئەركەكزادىلىرى قىنى سىلەر .

(27)

دۇنيا ھەقىقى ئاياللارنى ئىزدەپ ئىغىر قەدەم ئالماقتا .  ئىپپەت ـ نومۇس ، شەرمى ـ ھايا ئاياللار ئۈچۈن ئۇھسىنماقتا ، ئەرلەر « ئەي ،  بالىرىمنىڭ ئانىسى،مىنىڭ ھالال جۈپتىم بولىمىش مېھرىبان مەھبۇبەم سەن قەيەردە ، مەن ھەر قانچە ئىزدەپمۇ سىنىڭ مېھىر يولىڭنى تاپالمىدىم .» دەپ ھەرتەرەپلەرگە قاتىرماقتا . لېكىن ئاياللار چۈ ؟  قىز ـ ئاياللىرىمىز بولساھەر تۈرلۈك « خانىلار»دا

ۋىجدانىغا تەييارچۆپ چىلاپ يەپ نىجىس پۇڭنىڭ قۇلى ، باشقىلارنىڭ قوچىقىغا ئايلانماقتا .

دۇنيا ھەقىقى ئاياللارنى چاقىرماقتا « دۇنيانىڭ ، مىللەتنىڭ، ۋەتەننىڭ ئانىسى بولىمىش ئايال زاتىلار قىنى سىلەر !!!»

(28)

ۋەتەننىڭ تۇرىكى، مىللەتنىڭ زولپىقارى بولمىش ئەرلەر ھازىر ئالدىراش .

ئىلگىرى پولات ـ نەيزە ئۇيناتقان ئەرلەر ئەۋلادى ھازىر تاشنى ـ تاشقا سوقۇپ بۇروت ئۇيناش بىلەن ،ئىلگىرى قار ـ جۇدۇنلاردا ۋەتەن قوغدىغانلار ئەۋلادى مانا ھازىر « ئاق ئىبلىس» نىڭ قۇلى بولماقتا . بەزى يولۋاس ئۆلتۇرگەن ئەزمەتلەر بۇگۇن ئايالىنىڭ ئالدىدا غال ـ غال تىترەپ كىر يۇماقتا .

(29)

سېنى نىيەت قىلغان ئادەم ،ساڭا ئىرىشىش ئۈچۈن ئاخىرغىچە كۆرەش قىلىدۇ . سىنى سىغىنغان ئادەم، سنى ئۆزلىكىدىن ئىزلەيدۇ . سەندىن ئانسىرەيدىغان ئادەم ، ئامانلىقىڭنى تىلەيدۇ .

(30)

تىگىدىن ياخشى ئادەم مەلۇم مەزگىل ئازغۇنلىقتا قالسىمۇ ئۇ ھامىنى ھەرخىل يوللار  ئارقىلىق ئەسلىگە قايتىدۇ . تىگىدىن ناچار ئادەم ياخشىلىق تونىنى كىيۋالسىمۇ  ئۇ تون ھامىنى سالدۇرلۇپ قالىدۇ .

(31)

يىنىڭدىكى كىشلەرنىڭ ئەسلىنى بىلىش ئۈچۈن ئالدىرما، ئۇلار ساڭا ھەر خىل يوللار ئارقىلىق بۈلدۈرۈپ قويىدۇ . يىقىنلىرىڭنى ئۆزگە ردى دەپ ئاغرىنما ئۇلار پەقەت ئۈستىدىكى ساختا كىيىمنى سىلۋەتتى خالاس .

(32)

ھاياتتا قىسمەتلىرىڭ دەستىدىن نەچەرەت يىتىپ يىغلىساڭمۇ،ھامان بىر كۈنى ئورنىڭدىن  دەس تۇرۇپ ماڭمىساڭ،ھايات تەرپىدىن تاشلىنىپ قالىسەن .

(33)

بۇ ھايات ساڭاسەن كۈتكەننى ئەمەس بەلكى،سەن كۈتمىگەننى ئىلىپ كېلىدۇ ئەگەر ئۆزۈڭ كۈتكەننى ئۆزۈڭ ئىزدەپ تاپمىساڭ ھاياتنىڭ ئەكىلىپ بىرىشىنى كۈتمەستىن ئۆزگە چارەڭ يوق .

(34)

سەن يىغلاپ تۇرۇپ يازساڭ باشقىلار كۈلۇپ تۇرۇپ ئوقىدۇ،مانا بۇ ھايات.

ئۆزىڭنى يالغۇز ھىس قىلغانسىرى يالغۇز قالىسەن ، ئۆزىڭنى كۈچلىك ھىس قىلساڭ كۈچلۈك بولىسەن . شۇڭا ئۆزىڭنى قولىڭغا ئال . دۇنيادا كىمنىڭ كىم بىلەن كارى . مانا بۇ ھايات .

 (35)

ھاياتىڭنى شۇنداق بىر كىشىگە تاپشۇرغىنكى، ئاراڭلارداھەر قانچە چوڭ ئۇقۇشماسلىق بولسىمۇ سىنى يالغۇز تاشلاپ قويمايدىغان بولسۇن .ئەنە شۇنداقلار دوس بولىشقا  ئەرزىدۇ .

(36)

ئەتراپىڭدىكى كىشىلەر سىنى ياخشى دىسۇن ، ياكى يامان دىسۇن مەن ئۇلارغا پەرۋا قىلما ، چۈنكى ئۇلار قىلغان ئىشلىرىڭنىڭ ياخشى ياكى يامان بولىشىغا ئەمەس بەلكى ئۆزىگە پايدىسى بار ـ يوقلىقىغىلا قارايدۇ . دۇنيادا كۆرۇش ئەڭ تەس بولىدىغان يەر كىشى قەلبى ، مەيلى ئويلىنىڭ ، مەيلى تىپىڭ ھامان بىر كۈنى كۆرەلمەيدىغان ۋاقىت بولىدۇ .

(37)

ئۆز خاتالىقىنى تونيالمىغان ئادەم مەڭگۈ باشقىلاردىن ئاغرىنىپ ياشايدۇ .

(38)

ھەممە كىشى ھاياتىدا مۇنداق دوسقا مۇختاج بولىدۇ ، ئۇ يىقىلغاندا سىز بىرىپ يۆلەيسىز ، سىز يىقىلغاندا ئۇ كىلىپ يۆلەيدۇ . ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغاندا سىزدە قورقۇش ، تەمتىرەش ، ئەنسىرەش بولمايدۇ . بۇ دوست دەل ـ-كوللىكتىپ .

 

(39)

ئۆزىڭنى شام قىلىپ يىقىپ بەرسەڭمۇ ، ھامان بىر كۈنى سىنى لامپۇچكا بىلەن سىلىشتۇرۇپ كۆڭلىگە ئازار بىرىدۇ ، مانا بۇ ئىنساننىڭ تەبىتى .

ھاياتىڭدا ئاۋال يىنىپ ئاندىن يىراڭلىشىدىغان دوستىڭدىن ھەزەر ئەيلە .

دوسلۇق يولىدا بىر قەدەمنى بىسىش ئۈچۇن ئىھتىيات قىل چۈنكى ، ئىلگىرى ئىھتىيات بىلەن بىسىلمىغان بىر قانچە قەدىمىڭ ساڭا ئىبرەت بولغان .

(40)

خاتا ئىچىلغان دەرىزىگە قاراپ بىر ئۆمۇر ئازاپلىنىشنىڭ ئورنى يوق ،يەنە بىر يەردىن باشقا بىر دەرىزىنى ئىچىشقا جۈرئەت قىلالىساڭ بەلكىم گۈزەل مەنزىرىنى كۆرەلىشىڭ، ھايات ئىكرانىڭنى گۈزەللىككە تولدۇرالىشىڭ مومكىن .

(41)

يۈرەك بولسا ئىككى ئىغىزلىق ئۆي ، بىرى خۇشاللىقنىڭ ، بىرى بولسا ھەسرەتنىڭ .

مەن ئانچە جاراڭلىق كۈلمەيمەن چۈنكى ، ياندىكى ھەسرىتنى ئۇيغۇتۇپ ئۆزىمنىڭ بىر ئۆمۇر ئازاپلىنىشىمدىن قورقىمەن .

(42)

بەخىت ئۇ ئەسلىدە ئىنتايىن ئاددىي ، ئۇنىڭ مۇقىم فورمىلاسى يوق . سەن قانائات ھاسىل قىلساڭ شۇنىڭ ئۆزى بەخىت .

بەخىت شۈكرى قىلىش بىلەن گۈزەل بولسا ، سىلىشتۇرۇش بىلەن خازان بولىدۇ .

(43)

بىر نەرسىنى كۆرۈشنى خالىمىساڭ كۆزىڭنى يۇمۇۋالالايسەن لېكىن، ئۇيلاشنى خالىمايدىغان نەرسىلەرئۈچۈن كۆڭلۈڭنى يۇمىۋالغىلى بولسائىدى مەن كۆڭۈل ئىشىكىمگە قۇلۇپ سىلىپ قوياتتىم . 

(44)

ئىنسان ھامان ئۆزگىرەيدۇ ، ئىنسان نۇرغۇن ئىشلارغا ئاجىز . بەزىلەر ئامالسىزلىقتىن ئۆزگەرسە ، بەزىلەر ئۆزگىرىشكە مەجبۇر بولىدۇ ، مانا بۇ ھايات .

ھاياتىڭىزدا كىمنى ھۆرمەت قىلىڭ ، كىمنى قەدىرلەڭ مېھرىبان بولۇڭ . چۈنكى تۇز ئارلاشمىغان ئىغىزغا تىتىمىغانغا ئوخشاش مېھىربانلىق بولمىغان دوسلۇق مەڭگۈلۈك ئەمەس ، ھامان ناتونۇشلارغا ئايلىنىدۇ .

(45)

قىداش ۋە ئاداۋەتكە باھانە ئىزدەش ئورنىغا مېھىر بولىقىنىڭ تامچىلىرىنى ئىزدە ، رەنجىتكەن بولساڭ ئەپۇ سورا ، رەنجىگەن بولساڭ ئەپۇ قىل بولمىسا بۇ قىسقا ھايات بىكىتىدە مۇزاپىر بولۇپ قالىسەن .

(46)

سەن بەخىتنى بىر تامچە سۇدىن تاپالىساڭ شۇ تامچە بىلەن ياشا . ھەرگىزمۇ گۈزەل ئوكيانلارنى خىيال قىلما ، چۈنكى ئوكياندا تۇنجىقىپ قىلىشىڭ مومكىن .

(47)

ئادەم ھاياتىدا ئەقىل بىلەن ھىسيات ئوتىرىدا ياشايدۇ،ئەقىل بىلەن ياشاش جاپالىق ، بىراق تىجەشلىك بولىدۇ . ھاياتىڭدا ئەقلىڭ بىلەن ھىسياتىڭنى باشقۇرساڭ ھاياتىڭ مەنىلىك ئۆتىدۇ ، لېكىن بۇ يول بەك جاپالىق بۇ يولدا مىڭىش ئۈچۈن سەندە چوقۇم چىدام ، غەيرەت ، ئىرادە بولىشى كىرەك ، بولمىسا بىر قەدەممۇ ئالالمايسەن .

(48)

ھاياتىمدا نۇرغۇن بوياقلاردا بويالغان ئادەملەرنى كۆردۈم ، ئالدىمدا بىرخىل، كەينىمدە يەنە بىر خىل . ئۇلارنىڭ ماھىتىنى بىلىپ تۇرساممۇ  بىلمەسكە سالدىم چۈنكى ئۈنداق بوياقلار نىمىلا قىلمىسۇن بىر تامچە سۇ ئالدىدا دىۋانىگە ئايلىنىدۇ .

(49)

ئاخىرىغا چىقىرىشقا كۆزۈڭ يەتمىگەن ئىشنى ۋاقتىدا ئاخىرلاشتۇر ، چۈنكى ئۆزىنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن سىنى ئىسدەيدىغانلار ھامان سىنى پۇشايمان قىلدۇرىدۇ .

بىر قىتىم ئۈزىلگەن ئارغامچىنى قايتا ئۇلىسا بىر غىرىچ قىسقىرايدۇ ھەمدە ، بىر قال تۈگۇنچە پەيدا بولىدۇ ، كۆڭىلمۇ ھەم شۇنداق .

 (50)

شۇنداق ئىشلار ئۈچۈن بەزىلەر « دۇنيادا ئوغۇللار ئازمىدى » دەيدۇ ، بەزىلەر بولسا « دۇنيادا قىزلار ئازمىدى» دەيدۇ . راس دۇنيادا ئۇغۇل ـ قىزلار ئاز ئەمەس لېكىن ھەقىقى ئوغۇل ـ قىزلار ئاز .

دۇنيادا قىرىنداش كۆپ لېكىن ، بىر ـ بىرىنىڭ دەردىگە يىتىدىغانلار ئاز . شۇڭا ھۆرمەت قىلسا ئىشىۋالماڭ ، مېھىر بەرسە قىتىۋالماڭ ، چۈنكى ئۇمۇ ئادەم .

 

 (51)

ئادەمنىڭ يۇرىكى قانداق ۋاقىتلاردا ئىغرىدۇ  بىلەمسىز ؟ دەل ئۆزى قىلغان ئەقىدە ، غۇرور ، ۋىجدان ۋە ھەقىقەت يەرگە ئۇرىلغاندا .شۇنىڭ ئۈچۈن ئىھتىيات قىل ، بۇدۇنيادا ئەرزىمەس ئادەملەرنى دەپ قىممەتلىك كىشىلىرىڭدىن ئايرىلىپ قالما .

كۈنلەرنىڭ بىرىدە قەدىرلەش ، ئاسراشنىڭ ، قىممەتلىك ئادەملىرىڭنىڭ قەدرىنى بىلگەن ۋاقتىڭدا بەك كۆپ نەرسىلەردىن ئايرىلىپ قىلىشىڭ مومكىن ، چۈنكى سەبىرنىڭ چىكى ۋىجدان كۆتۇرگىچە .

(52)

كۆڭلىم يىرىم ۋاقتىدا جىم ـ جىتلىقنى  تاللىدىم ، كەيپىياتىم ياخشى ۋاقىتتا دوسلار بىلەن كۆرۈشىشنى تاللىدىم ، ئۇۋالچىلىققا ئۇچىرغاندا سۈكۈت قىلىشنى تاللىدىم ،  يۈرىكىم ئەنسىز سوققاندا بولسا ئۆيگە قايتىشنى تاللىدىم .

(53)

كۈن پارلاپ تۇرغاندا ھىچكىم ئۇنڭغا دىققەت قىلمايدۇ ، كۈن تۇتىلغاندا بولسا ھەممە ئاسمانغا قارايدۇ . شۇنىڭغا ئۇخشاش ھىچ كىم سىنىڭ ياخشى ئىشىڭنى ئويلىماي يامان تەپىڭگە دىققەت قىلىدۇ .

 (54)

كەچ بولدى ، ھاياتلىق دەرىخىمدىن بىر يوپۇرماق تۆكۈلۇپ قاقشاللىققا يىقىنلاپ كىتىۋاتىدۇ ، بىر كۈن قاقاقلاپ كۈلگەنلەر ئۈچۈنمۇ ئۆتتى ، ئازاپلىنىپ يۈرگەنلەر ئۈچۈنمۇ ئۆتتى.بۈگۇن كىلەرنى كۈلدۇردۇق ، كىملەرنى يىغلاتتۇق،كىملەرگە ئەزىز ، كىملەرگە خار بولدۇق . ئۇ تۇنىگۈن بار ئىدى بۈگۈن يوق ، بۈگۈن بىز بار ئەتە  كىم بار بۇنىسى بىزگە قاراڭغۇ .

(55)

سىزگەمەنسۇپ نەرسەھەرقانچە يىراقتا بولسىمۇ ھامان سىزنىڭ،سىزگە تەئەللۇق ئەمەس نەرسىنى ھەر قانچە تۇتىۋالغىنىڭىز بىلەنمۇ ئۇ ھامان ئۆز ئىگىسىنى تاپىدۇ . ئۇنى ھەرگىز تۇتۇپ قالالمايسىز ، مانا بۇ تەقدىر .

(56)

تونۇشۇش ئۈچۈن تالاي ۋاقىت كىتىدۇ ، ناتونۇش بولۇش ئۈچۇن كۆپ ۋاقىت ،ھەتتا بىر مىنۇتمۇ كەتمەسلىكى مومكىن .سەن ھاياتىڭدا نۇرغۇن ئادەملەردىن ئۆزۇڭ خالاپ ئەمەس بەلكى مەجبۇرى يىراقلىشىدىكەنسەن .

(57 )

قانچىلىك جاپا تارتسام چىدايمەن بىراق، كىشىلەرگە خار بولىشقا چىدىمايمەن ، كىشىگە ئىگىلىشتىن قورۇقمايمەن بىراق ، كىشىگە يالۋۇرىشقا چىدىمايمەن .

(58)

روھىي دۇنياسىنى پۇل چىرمىۋالغان كىشىدە ۋىجدان ، مەسۇلىيەت ، غۇرۇر ، ئىدقاد بولمايدۇ ، چۈنكى پۇل ئۇلارنىڭ روھىي ئوزىقىدۇر .

كىتاپخۇمار كىشىلەردە بايلىق ، ھوقوق ، ئويۇن تاماسى بولمايدۇ ، چۈنكى بۇنداق كىشىلەر ئەڭ باي ئادەملەردۇر .

(59)

ئۆزىڭىزگە مەنسۇپ بولمىغان بۆشۈكتە بىر ئۆمۇر ئەللەيلىنىش ئورنىغا، ئۆز ئەجىرىڭىز بەدىلىگە كەلگەن تۇرمۇشتا بىر تىنىۋالماق ئەۋزەلدۇر . ئۆزى ئۈچۇن ئورنىدىن تۇرالمىغان ئادەم باشقىلار ئۈچۈن نەپەس ئىلىشقىمۇ يارىماس .

 (60 )

مەيلى كىمگە نىمە قىلىڭ ، ئەگەر ئورنىدا مەن بولۇپ قالسام قانداق قىلارمەن ؟ دىگەنلەرنى ئويلاڭ ، بىچارە ئاق كۆڭۈللەرنى يىغلاتماڭ يىغلاپ قالىسىز ، باشقىلارغا قاراپ كۈلمەڭ ، كۈلكىگە قالىسىز .

(61)

خۇشاللىققا جۆر بولۇش ھەمە كىشىنىڭ قولىدىن كىلىدۇ ، جاپا ۋە ئازاپقا جۆر بولۇش سىنىڭ ھەقىقى دوستۇڭ تەرپىدىن ھۇجۇتقا كىلىدۇ .

(62)

ئەگر بىرى مەندىن ؛ 

ـ تۇرمۇش ساڭا نىمىلەرنى ئۈگەتتى .ـ  دەپ سورىسا مەن ئىككىلەنمەيلا ھىچ كىمدىن خۇشاللىق كۈلكىسى ۋە ئۈمۈت كۈتمەسلىكنى، شۇنداقلا ئۆزىمگە تايىنىشنى ئۈگەتتى دەپ جاۋاپ بەرگەن بولاتتىم .

 

(63)

قانچىلىك مېھىر بەرسەڭ شۇنچىلىك ئىرشىسەن، راس بەرسەڭ راسنى، ساختىنى بەرسەڭ ساختىنى قايتۇرۇپ ئالىسەن . شۇڭا دوسلىرىڭنى ئالداشنى ئويلىما بولمىسا بىر ئۆمۇر ۋىجدان سوتىنىڭ سوراقخانىسى ئىچىدە ياشايسەن .

شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىڭنى ئۆزگەرتىشكە غەيرەتلىك بول،باشقىلارنى ئۆزگەرتىشكە مېھىر كەلگۈسىڭنى ئۆزگەرتىشكە ئىرادە قانات بولوسۇن .

(64)

بىرى سىزدىن ئۆزىڭىزدىن ھالقىپ ئۆتۈشكە مەجبۇرلىغان بولسا سىز ئۇنىڭغا مىنەتارلىق بىلدۈرۈڭ ، چۈنكى ئۇ سىزنىڭ ھاياتىڭىزدىكى قىممەتلىك ئادەم .

بەلكىم سىز مۇشۇ تۈپەيلى بۇرىنقى ناچار ئىللەتلىرىڭىزنى پاك ـ پاكىز سۈپۈرىپ تاشلىيالىشىڭىز مومكىن .

سىزنى مەجبۇرلايدىغان ئادەم بولمىسا ، ئۆزىڭىزنى ـ ئۆزىڭىز مەجبۇرلاڭ ،چۈنكى سىز ھەمىنى ئۆزگەرتىشنى ئويلىسىڭىز باشقىلارنىڭ مەجبۇرلىشى ھاجەتسىز . گەرچە  ئۆزگىرىش جەريانى ئازاپلىق بولسىمۇ ، ئۆزگەرگەندىن كىيىن خۇشاللىق تاپىسىز.

(65)

ھەرگىز يىغلايمەن دىمەڭ ، بەلكىم باشقىلار سىزنىڭ كۈلىشىڭىز ئۈچۈن ئەجىر  سىڭدۈرۋاتقان بولىشى مومكىن .

(66)

بىر بالا دادىسىدىن :

ـ ئەر كەك دىگەن نىمە ؟ ـ دەپ سورېدى.دادا ئويلۇنۇپ : ئەر كەك دىگەن باللىرىغا ئىگە بولىدىغان ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان،ئۇلارئۈچۈن جان كۆيدۇردىغان كىشىلەردۇر

 ـ دېدى . بالا : ـ مەنمۇ كەلگۈسىدە دادامدەك ئەر كەك بولىمەن ـ دېدى .

« ئەر كەك » ئۇقىمىغا نىسپەتەن ھەر كىشىنىڭ ئويلىغىنى باشقا ، سىزچە چۇ ؟

ئىسىڭىزدە بولسۇن ئەر باشقا ، ئەركەك ناشقا ! !

(67 )

ئەي تەڭرىم سەندىن ھەر ۋاقىت باشقىلارنىڭ ياخشى تەرپىنى كۆرىدىغان كۆزۈمنىڭ ، ئەڭ ناچارتەرىپىنى كەچۈرۋىتىدىغان قەلبىمنىڭ،رەزىللىكنى يىڭەلەيدىغان ئەقىلنىڭ بولىشىنى تىلەيمەن .

(68)

قىزلارنى « يامان » دىمەيمەن ، چۈنكى دۇنيادا ئەڭ مېھرىبان ئانام بار . قىزلارنى «ئەيىب» كۆرمەيمەن ،چۈنكى سىڭلىم ئەڭ ئەدەپلىكتۇر . قىزلارغا «ئۆچمەن » دىمەيمەن ، چۈنكى كەلگۈسىدىكى ئۆمۇرلۈك ھەمراھىم ئايال زاتىدۇر .

(69)

دۇنيادا تەر تۆكمەي قىلىدىغان بىرمۇ ئىش يوق ، شۇڭا نىمە ئىش قىلماڭ قولىڭىزدا تەرىڭىزنى سۈتۈش ئۈچۈن بىرتال قول ياغلىقنى ئايرىماڭ . ھەر قانداق ئىشنى چىن ئىخلاسىڭىز بىلەن قىلىڭ ، ئەنە شۇ چاغدا ھاياتنىىڭ ھەقىقى قىمىتىنى تونۇپ ،

ئۆز ـ ئۆزىڭىزگە جەڭ ئىلان قىلالايسىز . ئىسىڭىزدە بولسۇن بەخىەت تىرىشچان ئادەملەر ئۈچۈن بىخىل ئەمەس .

(70)

ئۆزى تاللىغان يولنى ئۆمىلەپ بولسىمۇ مىڭىشى كېرەك، چۈنكى دۇنيادا ئۈمۇتسىزلىك بولمايدۇ ، ئۈمۈتسىز ئادەملا بولىدۇ .

بۈيۈك چوقىلارغىمۇ بىر قەدەم ـ بىر قەدەمدىن يىقىنلىشىسەن ،شۇڭا قەدەملىرىڭنى كىچىك، ئاددىي دەپ ئويلاپ قالما . ئىرادىلىك ئادەملەر باشلىغان قەدىمى قانچىلىك ئاددىي ،شۇنچىلىك كىچىك بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ھامان غەلبە قازىنىدۇ .چۈنكى ئۇلار ئۈمۈتسىزلىك ۋە بوشاڭلىقنى يىراققا سۈرگىن قىلىۋەتكەن .

(71)

ھەر كۈنى مىنى ئۇيقىدىن ئويغىتىدىغىنى سائەت ئەمەس بەلكى ئارزۇ ـ ئارمانلىرىمدۇر شۇ ئارزۇ ـ ئارمانلىرىم مىنى يۈكسەك چوقىغا ئىلىپ چىقىدۇ . مەن ئۈچۈن ياشاش بىر قانۇنىيەت، قانداق ياشاش بىر قابىلىيەت .

 (72)

بۇرۇن ئادەملەر ھەرخىل پۇللارنى بارلىققا كەلتۈرەركەنتۇق، ھازىر بولسا پۇل ھەرخىل ئادەملەرنى بارلىققا كەلتۈرۋاتىدۇ .

بۇرۇن ئادەملەرپۇلنىڭ راس ـ يالغىنىغا ھۆكۈم قىلا بولسا،مانائەمدىلىكتەپۇل ئادەمنىڭ راس ـ يالغىنىنى ئايرىۋاتىدۇ .

(73)

گۈل ئۈستىدىكى تىكەندىن سوراپتۇ :

ـ سەن نىمىشقا مىنىڭ ئۈستىمدىن ئورۇن ئالغان ، شۇ سەۋەپلىك ھىچكىم مىنى تۇتالمايدۇ ـ تىكەن جاۋاپ بىرىپتۇ :

ـ ئەگەر مەن بولمىغان بوسام ھەممە نىجىس قوللار سىنى تۇتۇپ سەن بۈگۈنكىدەك گۈزەلىكىڭنى ساقلىيالمىغان بولاتتىڭ .

(74)

بىر باي ، بىر نامرات ئىككى ئادەم يول يۈرۈپ قاتتىق ئۇساپ كىتىپتۇ دە مىڭ تەستە بىر قۇدۇق بىشىغا بىرىپ ئۇسۇزلىقىنى قاندۇرۇپتۇ .سۇ ئىچىشكە باي ئادەم يىنىدىكى ئالتۇن قاچىسىنى ئىسلىتىپتۇ ، نامرات ئادەم بولسا ئۇچىملاپ ئىچىپتۇ دە يىنىدىكى ئادەمگە قاراپ ئۆزىنى شۇنچىلىك بىچارە ھىس قىپتۇ . ئەمما شۇ ۋاقىتتا ئۇ ئادەم ھەر ئىكىلىسىنىڭ بىر ئىرىقنىڭ سۈيىنى ئىچكەنلىكىنى ئۇنتىغان ئىكەن .

(75)

ئەي قىز سىنىڭ يۈزىڭ نۇرلانسۇن ، لېكىن گىرىمىڭ تەسىرىدە ئەمەس  ساپ ئەخلاقىڭ تەسىرىدە نۇرلانسۇن . باشقىلار ساڭا قاراپ « ئۆمۈرلۈك ھەمراھىم قىلسام » دەپ خىيال قىلسۇن ھەرگىزمۇ « كۆڭۈل ئاچاي » دەپ ئويلاپ قالمىسۇن .

 

(76)

بۇرۇن يىقىن ئۆتىدىغانلار ئەمدىلىكتە تونۇش ياتلارغا ئايلاندى .

بۇرۇن ئالدىمغا سالامغا كىلىشەر ئىدى ئەمدىلىكتە بولسا چىن كۆڭلىمدىن چىقىرىپ قىلغان سالاملىرىم مانا ئەمدىلىكتە جاۋاپسىز قالدى . مانا بۇ ھايات .

 (77)

ھەقىقي يىگىتنىڭ مېھرى ھەم قەھرى بولىدۇ .چۈنكى ئۇ مېھىر بىلەن دۇنيانى سۆيسە قەھرى بىلەن دۇنيانى قوغدايدۇ .

(78)

ھاياتنىڭ ئۆزگە خاس بىر خىسلىتى بولىدۇ،بۇ خىسلەت ھايات  ياشلىق ،گۈزەللىك ، تەن ساقلىق ، ئەركىنلىك قاتارلىق تاشقى مەنزىرىدىن ئايرىلغاندا نامايەن بولىدۇ .

(79)

دۇنيادا بەزى بىر ئادەملەر بار ئۇلار ھايات مەنزىلىنىڭ بىر بۆلىكىنى سىز بىلەن بىللەتاماملايدۇ ، بۇ جەرياندا خاپىلىقلىرىڭىزغا تەساللىي بىرىدۇ ، تىنىڭىز  غال ـ غال تىتىرگەندە ئىللىقلىق ئاتا قىلىدۇ ، سىز ئۈچۈن بارچە مىھرىنى تەسەددۇق قىلىدۇ بۇ دەل سىزنىڭ ئاتا ـ ئانىڭىز .

 

(80)

دۇنياكۆرگەننىڭ ئىڭى ئىچىلىپ كۆزى چوڭىدۇ،دۇنياغابىرىلگەننىڭ نەپسى يوغىناپ كۆزى كىچىكلەيدۇ .

(81)

باشقىلارنىڭ سىرىتقىي قىياپىتىگە قاراپ باھا بەرمەڭ چۈنكى ، شىكەر بىلەن تۇزنىڭ شەكلى ئوخشاش بولغىنى بىلەن تەمى ئوخشىمايدۇ .

 

(82)

نوقسانسىز ئىنسان بولمايدۇ ، سىزمۇ ، مەنمۇ ، ئۇمۇ شۇنداق . شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزگەرتىڭ ، ئۆزگىرىڭ ، كۆنىڭ ،كۆندۈرۈڭ . چۈنكى بۇ ھايارت خاپا بولۇپ رەنجىگىدەك ، ئاداۋەت ساقلاپ يامانلاشقىدەك ئۇزۇن ئەمەس ئۇ بىردەملىك .

(83)

مەن بەزى ۋاقىتتا كۆرگەن چۈشلىرىمنى رىئانلىققا ئايلانسا دەپ تىلەيمەن ، بەزى ۋاقىتلاردا رىئانلىقتىن ئۆزىمنى قاچۇرۇپ ، بۇ بىر چۈشۈم بولسا دەپ ئويلاپ قالىمەن .

مەيلى مەن ياقتۇراي ، مەن ياقتۇرماي تەقدىرنىڭ يارلىقىنى قوبىل قىلماي ئامالىم يوق چۈنكى تەقدىر ئادەمگە سەن كۈتكەننى ئەمەس مەن كۈتمىگەننى ئىلىپ كىلىدىكەن.

(84)

بۇرنىڭىزغائۆلۈم پۇرىقى پۇرىغاندا، بۇ دۇنيانىڭ تارتىشقىدەك ھەچنىمىسى يوقلىقىنى ھىس قىلىسىز . بۇ ۋاقىتتا سىز دىلىنى رەنجىتكەنلەر تولىمۇ رەھىمدىل كۆرىنىدۇ .

نەپسىڭىزنى دەپ باشقىلاردىن تالاشقىنىڭىزغا مىڭ توۋىلارنى قىلىسىز دە ھاياتنىڭ قىمىتىگە يىتىسىز .

ھەمىمىز ئۆلۈپ كىتىمىز ، ياش كىتەيلى ، ياكى قىرىپ . ھازىر كىتەيلى ياكى كىيىن بەرىبىر ئۆلۈم . شۇڭا ....... !

(85)

ئانام ـــ ئۇ بىر ئاجىزە ،ئۆينىڭ گۆھىرى . ئۆيىمىزنىڭ مورىسىدىن تۈتۈن چىقارغۇچى ئايال ــ ئالتۇن ، ئەربولسا ياقۇت . ئەر بىلەن ئايال بىرلەشسە ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇتياراشقىنى.لېكىن ھازىر ئۇئالتۇن توپا ـ چاڭ ئاستىدا،ياقۇت بولسا نىجاسەت ئۈستىدە.

(86)

بىر ئەركەكنىڭ تۇرمىشىدىكى ئەڭ چوڭ مەغلۇبىتى ، ئۆزىگە تەۋە ئايالنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ ، ئۇنىڭ بىلەن كارى بولماي باشقىلارنىڭ مېھرىگە مۇقتاج قىلىپ قويىشى .

(87)

ئادەم تەقدىرى تۈپەيلى ئەمەس ، تاللىشى يۈپەيلى بەخىتسىز بولۇپ قالىدۇ .

ئەرزىدۇ دىسەڭ داۋام قىل ، ئەرزىمەيدۇ دىسەڭ توختاپ قال .

(88)

ئىچكىي دۇنياسى قۇرۇپ قاقشال بولۇپ قالغان ئادەمنىڭ بەختىگە قارىغاندا تاپەككۇر قىلىدىغان ، كىتاپ ئوقىدىغان ئادەمنىڭ قايغۇسى قىممەتلىك بولىدۇ .

(89)

بۇ يىلمۇ چىقىپ كىتەي دەپ قالدى،نۇرغۇنلىغان يوقۇتۇش ۋە ئىرىشىش، نۇرغۇنلىغان پۇشايمان ۋە ئىنتىلىش ، نۇرغۇنلىغان خۇشاللىق ۋە قاباھەتلەر ئوتۈپ كەتتى .

(90)

ئادەم بىلەن ئادەم چىراي ، پۇل ـ مال ، تاپقان دۇنياسى بىلەن ئەمەس بەلكى ، ئىلىمى، سەمىمىلىكى ، راسچىنلىقى ، غۇرۇر ۋە ۋىجدانى بىلەن پەرىقلىنىدۇ .

سەندە يوق سۈپەتلەر بىلەن سىنى ماختىغانلار ۋاقتى كەلگەندە، سەندە يوق نەرسىلەر بىلەن ساڭا قارا چاپلايدۇ . ئۇنداق ماختىغانلارغا كۈلۈپ قويساڭلا كۇپايە .

(91)

مەن نىمىشقا  بەخىتلىك ؟  چۈنكى مەن ھىچكىمگە  ھەۋەس قىلمايمەن ، ئاداۋەت ساقلىمايمەن ، باشقىلارنىڭ مەندىن ئىشىپ كىتىشىگە ھەم قاقشاپمۇ يۈرمەيمەن .

ئەجرىم بىلەن ئىرىشكەن نىممەتلىرىم ئۆزىمگە تەۋە .

 

(92)

دوسلۇقنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى بىر ـ بىرىگە ئىشەنمەسلىك ۋە بىر ـ بىرىنى چۈشەنمەسلىكتىن ئىبارەت .

ئۇچۇرشۇش تەقدىرگە باغغلىق بولسا ، دوس بولۇش سەبىرگە باغلىق .

بۇ دۇنيادا باشقىلارغا يۆلىنىۋالمىغىن ، چۈنكى ئۆز سايەڭمۇ كۈن ئۆچكەندە سىنى رەھەمسىزلەرچە تاشلاپ كىتىدۇ .

(93)

ھاياتنىڭ ئەڭ گۈزەل چاغلىرىنى يوقلۇقنىڭ غىمى بىلەن ئىسراپ قىلماي بارىنىڭ قەدرىنى قىلىشقا سەرىپ قىل ، چۈنكى ياشلار يىشىڭغا ئىشەنمە ئۆلگەنلەرنىڭ ھەمىسى قىرىلار ئەمەس .

(94)

ئەدەپ ـ ئەخلاقنى ساتقىلى، سىتىۋالغىلى بولمايدۇ، بەلكى ئۇتەربىيە كۆرگەن كىشىنىڭ قەلبىگە مەڭگۇلۈك مۆھىرلىۋىتىلگەن بولىدۇ . ئاتۇننى قولدىن بىرىپ قويغان كىشى  ئەمەس بەلكى ، ئەھەپ ـ ئەخلاقنى قولدىن بىرىپ قويغان كىشى نامراتتۇر .

(95)

كۆڭلىڭگەشۇنداق ھاردۇق يىتىدىغان ۋاقىت بولىدىكەن ، چۈشەندۈرۈشكە قادىر ، لېكىن چۈشەندۈرۈشكە رايى بارمايدىغان .

بەخىت ئاخىرقى بىكەت ئەمەس،ئۇ پەقەت سەپەر ئۈستىدىكى گۈزەل مەنزىرە. ئاخىرقى بىكەت ئۈچۈن توختاۋسىز تىرىشىش كېرەك .

ئاقىللار ئالدىدا سۈكۈت قىلساڭ سۈكۈتنىڭ مەنىسنى بىلىدۇ ، ئەخمەقلەر ئالدىدا سۈكۈت قىلساڭ مەندىن قورۇقتى دەپ بىشىڭغا مىنىدۇ .

 (96)

يالغۇزلۇق دۇنيادىكى ئەڭ سادىق ، ئەڭ ۋاپادار ، ئەڭ سەمىمىي ھەمراھ ، چۈنكى سەن .ئۇنى تاشلىمىساڭلا ئۇ سىنى ھەرگىز تاشلىمايدۇ .

(97)

دۇنيادا ئىنسانغا ئەڭ ئادىل تەقسىم قىلىنغان نەرسە ۋىجدان . چۈنكى ھەممە ئادەم  پۇلۇم كام ، ئۆيۈم كام ، ماشىنام كام دەيدىكەن ، لېكىن ھىچكىم ۋىجدانىم كام دىمەيدىكەن .

(98)

بىر كىشى دانىشمەندىن :

ـ ئىنساندىكى ئەڭ قورقۇنۇچلۇق ئىش قايسى ـ  دەپ سورېدى ، دانىشمەن دىدى: ـ  ئىنسان بالىلىقتىن زىركىپ چوڭ بولىشقا ئالدىرايدۇ ،كىيىن بالىلىققا قايتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.مال ـ دۇنيانى دەپ سالمەتلىكىدىن ۋاز كىچىدۇ،كىيىن سالامەتلىكنى دەپ مال ـ دۇنيانى سەرىپ قىلىدۇ . كەلگۈسىنى ئويلاپ بۈگۈننى ئۇنتىدۇ ، لېكىن ئۇلار بۈئىچىدە ياشاۋاتىدۇ . مانا بۇ ئادەم ھاياتىدىكى ئەڭ قورقۇنۇچلۇق ئىشلار .

 (99)

قىيىن كۈندىن كۈندىن كىيىن ئاسانلىق ، قايغۇدىن كىيىن خۇشاللىق  كىلىدۇ . پەقەت سەن سەبىر بىلەن ئىشەنچنى ئىككى قولۇڭدا تۇتۇپ دادىل ئالغا قاراپ ماڭالىساڭلا .

(100)

ھايات سەندىن « سىنىڭ نىمەڭ بار ؟ » دەپ سورىغاندا سىنىڭ جاۋانىڭ  « مەندە ھىچ نەرسە يوق ، بارى مەغلۇپ بولغان تۈنۈگۈن ، ئارزۇ قىلغان ئەتە بار » .

 

 (مەزكۇر يازما بىرقىسىم مەنبەلەردىن يىغىپ يوللاندى )

    





764 قېتىم كۆرۈلدى AHTAR ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-23 0:38:07  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-29 5:14:22 ئابدۇقېيۇم ئابدۇللا قادىرى
ئىنسان ئۆز ھاياتىدا باسقان ھەر بىر قەدىمى ئۈچۈن خۇلاسە چىقىرالىغاندىلا كىيىنكى قەدىمىنى ئىشەنچىلىك باسالايدۇ. ھايات ئۈمۈتكە تولغان. قەلىمىڭزگە كۆز تەگمىسۇن.
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ