تۆنۈگۈن كەچ كەيپىياتىم تازا ياخشى ئەمەس ئولتۇرسام ،بىرنەچچە ئاغىنىلىرىم K T V غا بېرىپ ناخشا ئېيتقاچ بىر ئولتۇرۇپ كېلەيلى دەپ تېلىفۇن قىلغانتى،ماڭىمۇ خوشياقتى، بارغاندىن كېيىن بىر تەرەپتىن ناخشا ئېيتقاچ بىر تەرەپتىن ئىچىشۋازلىق باشلىنىپ كەتتى، سورۇندىن تارقىغاندا ئاران ماڭىدىغان بوپقاپتىمەندە،《تەلكە تاغلىرى》نى ئېيتىپ تاكسىغا چىققىنىمنى بىلىمەن، ئەتىسى شوپۇر ئۇستام چاقىرىدۇ -كىرا ھەققىنى سوراپ، قارىسام ئىككى مىڭ ئۈچ يۈز يىگىرمە بەش يۈەن دەيدۇ ،چۆچۈپ كېتىپ شوپۇردىن سورىسام ،ئاخشام تاكسىغا چىققاندا نەگە بارىدىغىنىڭىزنى نەچچە قېتىم سورىسام تەلكە تاغلىرى،تەلكە تاغلىرى دەيسىز،شۇ كېچىچە توختىماي مېڭىپ…… بېشىمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى، خۇداغا شۈكرى ھېلىمۇ كالفورنىيەنىڭ ناخشىلىرىنى ئېيتىۋەتمەپتىمەن……[抠鼻][抠鼻]
1426 قېتىم كۆرۈلدى | yumurchi | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-12-10 16:33:22 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|