بىر كۈنى غۇلجىلىق قەشقەرلىق ئاقسۇلۇق ئۈچ ئادەم پاراخوتقا ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىقىپتۇ .پاراخوت دىڭىزدا قاتتىق بورانغا ئۇچراپ پاچاقلىنىپ كىتىپتۇ . بۇ ئۈچەيلەن ياغاچ تاختايلارغا ئېسلىۋېلىپ يۈرۈپ ئۈچ كۈندىن كىيىن بىر ئارالغا چىقىپ قاپتۇ . بۇلار قارىسا ئارالدا نۇرغۇن بۆرىلەر تۇرغۇدەك بۆرىلەرنىڭ ئارقىسدىكى تەخىتتە بىر پادىشاھ ئولتۇرغۇدەك ئۇلار بېرىپ پادىشاھتىن ئۆزىگە ھاياتلىق بېرىشنى ئۆتۈنۈپتۇ . پادىشاھ:
ـ مىنىڭ كەينىمدىكى ئورمانلىقتا ھەر خىل مىۋىلەر بار . سىلەر كىرىپ ئۆزۈڭلار خالىغان مىۋىدىن 10 تالدىن ئېلىپ چىقىڭلار ـ دەپتۇ .
غۇلجىلىق ئادەم 10 تال ئالما ئېلىپ چىقىپتۇ . پادىشاھ ئۇنىڭغا:
ــ10 تال ئالمىنى ئۈنچىقارماي يەيسەن ئاندىن سىنى ھايات قالدۇرمەن ـ دەپتۇ .
غۇلجىلىق ئادەم 9 نى يەپ بولۇپ 10 جىسغا كەلگەندە كارتتىدە كىكىرىپ ساپتۇ . پادىشاھ شۇ زامان غۇلجىلىقنى بۆرىلەرگە تالىتۋىتىپتۇ . قەشقەرلىق بولسا 10 تال ئۆرۈك تىرىپ چىقىپتۇ ، ھەم ئۆرۈكنى يەپ 9 جىسغا كەلگەندە «ھى ھى ھى »دەپ ھىجىيىپ ساپتۇ . شۇنىڭ بىلەن قەشقەلىقنىمۇ بۆرىگە تالىىتىۋىتپتۇ . بۇ ئىككىيلەن ئۇ دۇنيادا ئۇچرىشىپ قېلىپ غۇلجىلىق قەشقەرلىقتىن سورايدىكەن:
ـ ھېي مەنغۇ 10 تال ئالمىنى يەپ بولالماي ئۆلدۈم. سەن 10 تال ئۆرۈكنىمۇ يەپ بولالمىدىڭما ؟؟
ـ ۋاي!! ئۇنىڭ گىپىنى قىمما ، مەن شۇنداق 9ـ ئۆرۈكنى يەۋېتىپ قارىسام ھېلىقى ئاقسۇلۇق 10 تال كاۋىنى بىر ھارۋىغا بېسىپ كىلۋاتمامدا، شۇنىڭ بىلەن ما بىچارىنى دەپ كۈلۈپ ساپتىمەن 😂 😂 😂 😂 😂 😂 😂 😂
2290 قېتىم كۆرۈلدى | yumurchi | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-3-20 22:19:50 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-11-30 16:48:10 | ئوسمان داۋۇت |
بو يۇمۇرلار ياخشىكەن،قېزىقىپ ئۇقۇدۇم،رەھمەت سىلەرگە! |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|