‏كەلمىگەن تەلەي - ئالامەت يۇمۇر

بىر ئادەم باكەندە، ئىنتايىن باي بۇ ئادەم ساغلاملىق تەكشۈرىتىپتىكەن، دوختۇر ئۇنىڭ راك كېسىلى ئىكەنلىكىنى، ئۆمرىنىڭ ئاز قالغانلىقىنى دەپتۇ. بۇ ئادەم ئىنتايىن ئەپسۇسلىنىپ دەھشەت قاتىلدىن بىرنى ياللاپ قاتىلغا :

-ھەي قارا، مېنىڭ خۇشال ھالدا ئۆلگۈم بار. شۇڭا مەن خۇشال بولغان چاغدا ئۆلتۈرۋەت -دەپ نۇرغۇن پۇل بېرىپتۇ. قاتىل بۇ ئادەم قاچان كۈلەركى دەپ كەينىدىن مېڭىپتۇ. ئارىدىن خېلى كۈنلەر ئۆتۈپتۇ. بۇ ئادەم يەنە تەكشۈرتۈپ باقايچۇ دەپ تەكشۈرىتىپتىكەن. دوختۇر ئۇ ئادەمنىڭ ساقلىقىنى، ئۆتكەندە خاتا دىئاگنۇز قويۇلۇپ قالغانلىقىنى دەپتۇ. بۇ ئادەم ئىنتايىن خۇشال ھالدا تالاغا چىقىشىغا قاتىل گاچچىدە ئۆلتۈرۋېتىپتۇ,?





1558 قېتىم كۆرۈلدى yumurchi ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-10-12 17:25:58  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-10-15 15:38:30 مەخمۇتجان
ياخشى ،يېڭى يۇمۇركەن . يەنە ئزدىنىڭ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ