1. ئايالىڭىز ئالدىڭىزدا يىغلىسا ، نىمە سەۋەبتىن بولۇشتىن قەتئىينەزەر ، ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ قويۇڭ ، قارشلىق قىلسىمۇ يەنىلا قۇچاقلاڭ ، ئۈستەلگە بېشىنى قويغاندىن قوينىڭىزدا تەسەللىي تاپقىنى ياخشى .
2. ئەگەر ئايالىڭىز سىزگە باتناپ ، سىز بىلەن كارى بولمىسا ، ئۇنى دورىماڭ ، بۇ ۋاقىتتا « يۈزى قېلىنلىق» روھىنى جارى قىلدۇرمىسىڭىز ياخشىلىنىپ قېلىش ئۈچۈن يەنىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت ھەم زېھنىڭىز سەرپ بولىدۇ .
3. ئەگەر ئايالىڭىز سۆزىڭىزنى ئاڭلىماي ، بۇرۇلۇپ كېتىپ قالسا ، چوقۇم كەينىدىن قوغلاڭ ، ئەگەر ئۇنى يەنىلا ياخشى كۆرسىڭىز ، يالغۇز ماڭسا قانداق خاتىرجەم بولىسىز .
4. ئەگەر ئايالىڭىز« سىز كېتىڭ ، سىز بىلەن كارىم يوق» دىسە ھەرگىز ئىشەنمەڭ ، چۈنكى بۇنداق ئەھۋالدا ئاياللارنىڭ تىلى بىلەن دىلى بىردەك بولمايدۇ ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇنىڭ سىزگە ئەڭ ئېھتىياجلىق ۋاقتى .
5.ئەگەر ئايالىڭىز خاپا بولۇپ قالسا ، كەيپىياتىم ياخشى ئەمەس ، تاماق يىگۈم يوق دىسە ، ھەرگىز ئۇنىڭدىن نېمە قىلغۇڭىز بار ؟ نېمە يىگۈڭىز بار دەپ سورىماڭ . ئۇ چوقۇم ھېچنىمە لازىم ئەمەس دەيدۇ . سىز يەنىلا ئۇ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىكىنى چىرايىلىق ئوراپ ئېلىپ كەلسىڭىز ، ئازراق ۋاقىتتىن كېيىن كەيىپياتى ئوڭشىلىپ قالغاندىن كېيىن چوقۇم يەيدۇ . بىراق ئۇنىڭغا ئوخشاش سىز يېمىسىڭىز مەنمۇ يىمەيمەن ئولتۇرماڭ .
6. ئەگەر ئايالىڭىز سىزگە بەك قاتتىق گەپ قىلىپ سالسا ، ئۈچ سېكونت گەپ قىلماي تۇرۇڭ ، ئاندىن ئۇنىڭ مۈرىسىدىن قۇچاقلاپ ، كۈلۈپ تۇرۇپ « خوتۇن گەپ قىلغان ئاۋازىڭىز بەك يېقىملىق جۇمۇ » دىسىڭىز ئايالىڭز چوقۇم ئۆزىنى تۇتىۋالالماي كۈلىۋېتىدۇ .
7. ئايالىڭىزنى قەدىرلەڭ ، ئۇنىڭغا لازىمىلىق نەرسىلەرنى بەك مۇرەككەپ دەپ ئويلىماڭ ، ئەمەلىيەتتە ئاياللارغا لازىمى ئىنتايىن ئاددى .
8. ئۇ سىز بىلەن ئۇرۇشۇپ قالسا راستىنلا بىر ئىش بولغىنىنى بىلدۈرمەيدۇ ، بەلكى زېرىكىشنى تۈگىتىش ئۈچۈن سىزگە ئەركىلىگۈسى كەلگىنىنى بىلدۈرىدۇ .
9. ئۇرۇشۇپ قالغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئۆزىنى تۇتىۋېلىشقا ۋاقىت بەرمەڭ ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۆزىنى تۇتىۋېلىشقا مۇھتاج ئەمەس ، بەلكى ئۇ سىزنىڭ ئۇنىڭغا گەپ قىلىپ تىنچلاندۇرىشىڭىزغا مۇھتاج .
10. ئۇنىڭ يىغلىغۇسى كەلگەندە ئاۋال سەۋەبىنى سورىماڭ ، ھەر قانداق ۋاقىت ھەر قانداق ھالەتتە ئاۋال ئۇنىڭغا بىر مۈرىڭىزنى يۆلىنىشكە بېرىڭ .
11. ئۇ بىر قىسىم ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان رومانتىكلىقنى ئارزۇ قىلغاندا ، ھەرگىز قوپاللىق بىلەن ئۇنىڭ خىيالىنى بۆلىۋەتمەڭ ، بىلسىڭىز ئارزۇسىمۇ يوق ئايال ئىنتايىن قورقۇنۇشلۇق .
12. ئاياللارنىڭ ھەممىسى سۇدىن تۈزۈلگەن . شۇڭا ئۇنىڭغا قىزغىن مۇئامىلە قىلىڭ ، ئۇنىڭغا سوغوق مۇئامىلە قىلماڭ ، ئەگەر سوغوق مۇئامىلە سەل چەكتىن ئېشىپ كەتسە ئۇنىڭ يۈرىكى مۇز تۇتۇپ كېتىدۇ ، ئاندىن سىزنىمۇ توڭلىتىۋىتىدۇ .
13. ئاياللارنىڭ كۆز يېشىنىڭ ھەممىسىلا قىممەتلىك ئەمەس ، بىراق سىز چوقۇم ھەر بىر قېتىملىق كۆز يېشىنى قىممەتلىك دەپ بىلىشىڭىز كېرەك ، بۇنداق بولغاندا ئۇ خالىغانچە يىغلاۋەرمەيدۇ .
14. ئاياللارنىڭ ھەممىسى ھېسىياتچان كېلىدۇ ، شۇڭا ھەمىشە سىزنىڭ ئەقلىڭىز يەتمەيدىغان ئىشلارنى قىلىپ قويىدۇ ، چۈشەنسىڭىز بۇ ئۇنىڭ كۆيۈنىشىڭىزگە مۇھتاج بولغىنى .
15. ئايالىڭىزنىڭ سىزنى تىللىغىنى سىزنى سۆيگەنلىكى ئۈچۈن ، ئۇرغىنىمۇ يەنىلا سىزنى سۆيگىنى ئۈچۈن . بۇ خىل تەرپلىرى ئەرلەرنىڭ ئىپادىلىشى بىلەن پۈتۈنلەي قارىمۇ قارشى ، بىلىۋالدىڭىز ھە .
16. مۇلايىم ئاياللارنىڭمۇ ئاچچىقى بولىدۇ ، قەيسەر ئايالنىڭمۇ ئاجىزلىقى بولىدۇ ، مۇستەقىل ئاياللارنىڭمۇ يەنە جاھىل تەرەپلىرى بولىدۇ ، سىز ئۇنى ياخشى كۆرۈپ تاللىغان ئىكەنسىز بۇلارنى قوبۇل قىلىڭ ، ئۇنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە كەڭ قورساق بولۇڭ .
17. سۆيۈملۈك ئايالىڭىزغا سوۋغا بېرىڭ ، سىزنىڭ پۇل تېپىشىڭىز نېمە ئۈچۈن ؟ ئەمىلىيەتتە سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان ئادەم ھەرگىز پۇلىڭىزنى قالايمىقان خەجلىۋەتمەيدۇ . شۇ سىز پىخسىقلىق قىلسىڭىزلا ئۇنىڭ سىز بىلەن قېرىشقۇسى كېلىدۇ .
18. ئۇنى باشقىلار قوغلىشىدۇ ، دىمەك بۇ ئۇنىڭ ناھايىتى جەلىپكار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئورۇنسىز ئاچچىقلاپ ، كۈنلىمەڭ ، ھەم ھەرگىز خاتا چۈشەنمەڭ ، ئەكسچە ئۇنى تېخىمۇ ياخشى كۆرۈپ ، باشقىلاردىن قوغداڭ .
ئاياللار تولىمۇ نازۇك ، دىلى ئاغىرسا باشقىلاردىن بەكىرەك سىزنىڭ تەسەللىرىڭىز ئۇنىڭغا قايتا ئۈمىد بېغىشلىيالايدۇ . ئازاپلىرىنى يوق قىلىۋېتەلەيدۇ ، چېھرىنى كۈلدۈرەلەيدۇ . سىزدىكى پەرۋاسىزلىق ئۇنى گىياھسىز چۆل – جەزىرىلەرگە ئاپىرىپ تاشلايدۇ ، يار – يۆلەكسىز ، يىگانە قالدۇرۇپ قويىدۇ .
بىر چاغلاردا پۈتۈن ئىشتىياقىڭىز بىلەن قوغلاشقان ، ھەتتا ئۆزىڭىزنىڭ سايىسىدىنمۇ قىزغىنىپ تۇرۇپ سۆيگەن ، قىلچىلىك ئازار يېتىشنى خالىمايدىغان ئاتا – ئانىسىنىڭ ئەركە مەلىكىسى ،شۇ سۆيۈملىۈكىڭىز مانا ھازىر سىزنىڭ ئايالىڭىز بولدى . يەنە تېخى باغرىنى يېرىپ تۇرۇپ سىزگە پەرزەنت تۇغۇپ بەردى ، ئائىلىڭىزنى ، پەرزەنتىڭىزنى جېنىدىن ئەزىز كۆردى ، قىيىنچىلىقلارنى تەڭ كۆتۈردى . بەلكى تۇرمۇشنىڭ جاپالىرى ئۇنىڭ بۇرۇنقى گۈزەللىكىنى بارغانسىرى ئاجىزلاشتۇرۇپ ، ئايدەك يۈزىگە يىللارنىڭ ئىزلىرى چۈشكەندۇ ،چۈنكى ۋاقىت ھەممىنى ئېلىپ كېتىدۇ .
ئەجىبا سىز ئۈچۈن ، پەرزەنت ھەم ئائىلە ئۈچۈن شۇنچە تىرىشىۋاتقان بىر نازۇك كۆڭۈلگە ئازراق بولسىمۇ كۆيۈنۈش قولىڭىزدىن كەلمەمدۇ ؟
توغرا مەن ئىشلەپ پۇل تېپىۋاتىمەن ، پۇل تېپىش ئاسان ئەمەسكەن دېيىشىڭىز مۇمكىن . ئايالىڭىزمۇ سىزگە ئوخشاشلا خىزمەت قىلىپ جاپا تارتىۋاتىدىغۇ ؟ بىلسىڭىز پۇل ھەممىگە قادىر ئەمەس ، پۇل بىلەن پەس كۆڭۈللەرنى سېتىۋالغىلى بولسىمۇ سۈزۈك قەلبنى سېتىۋالغىلى بولمايدۇ . شۇڭا پۇل بىلەن كۆڭلىنى ئېلىۋالىمەن دەپمۇ ئويلىماڭ ، ھەر قانداق ئىش ياكى سۆز دەل ۋاقتىدا بولغىنى ياخشى .
2238 قېتىم كۆرۈلدى | Katipim | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-25 5:51:33 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-2-8 15:11:47 | ئەكبەر |
YAHXI MU BALLA |
2016-2-8 14:27:13 | ablikim |
Yah. Xi. Asar. Kan |
2016-1-30 0:54:54 | mirigul |
bakla yahxi yezliptu |
2016-1-30 0:54:54 | mirigul |
bakla yahxi yezliptu |
2016-1-11 19:07:17 | مۇختەر |
بۇ ئەسەرنى قانداق چۈشۈرىمىز؟؟؟؟؟؟ |
2015-12-23 14:03:20 | alim |
buasar bak yahxi kan jumaa hayran kaldim |
2015-12-11 22:31:35 | alimjan abdigni |
bu.asar lar bak yahxi.awazga elinip tu |
2015-10-14 12:13:30 | malika |
malika |
2015-10-11 17:26:56 | قەلبىنۇر |
ئالدى بىلەن قىرىنداشلىرىمنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىغىنىدىن خۇش بولدۇم بۇ ئەسەر مىنىڭ ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنچىى يىللىقىدا ئوقۇغان ئىدىم ئاپتۇرى مىنىڭ بىر يېقىن دوستۇم ئىدى بۇئەسەرنى قايتىدىن ئاڭلاپ شۇنداق ھاياجانلاندىم خۇددى ئاشۇ گۈزەل ئالىي مەكتەپ ھاياتىمغا قايتقاندەك ھېس قىلدىم |
2015-10-7 0:35:19 | halima.araltupdin. |
asr.bak.yahxi.yizlptu. |
2015-10-6 10:57:24 | ruzi kari |
Bu asarlar intayin yahxi yeziptu. Wa awazga eliniptu |
2015-10-5 0:18:47 | ayguzal |
man akaxni yahxi korattim yahxika....yaktufum |
2015-10-5 0:15:51 | muhammat aliy |
bak yah xikan |
2015-10-4 2:31:17 | guzalnur |
bak yahxi yiziliptu |
2015-10-3 23:26:11 | kuzalnur |
man akkaxne yahxe kurattem degan assarneg apturega kupten kup rahmat |
2015-10-2 9:37:57 | (emran dudi (awlatyazguqila uyux misidin |
bak yah tur dum tiragidi yasi kux luk adam ni jalup kili dika. |
2015-9-30 10:03:26 | ئايگۈزەل |
man akaxni yahxi kurattim dgan asar bakla yahxi yezliptu apturga hormat bildurman ham kollayman man tehimu yahxi asararni yezxigzga tillakdaxman |
2015-9-26 23:43:58 | xukuran |
man akaxni yahxi kurattim digan acar bak yahxi boptu |
2015-9-26 21:50:18 | ئارزۇ |
بۇ ئەسرڭزنڭ تەربيۋى ئەھميتى بەك چوڭقۇركەن. ئۇيغۇر ئوغلى. ھەممە ئوغۇللا سزدەك بولسدى قزلرمز ھايانى ئۇنۇتمايتتى ئەپسۇس........ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|