ئوغۇرىنىڭ ئۆي ئىگىسىگە يازغان خېتى - يېڭى نۇسخىسى

ئوغرىنىڭ ئۆي ئىگىسىگە يازغان خېتى


مىترو


(يۇمۇر)


      ئالدىنقى كۈنى يېرىم كىچە بولغاندا پەقەت ئۇيقۇم كەلمىدى ، سەۋەبى قۇرسۇقۇم بەك ئېچىپ كەتكەنتى ، كەچقۇرۇنغۇ ئايالىمدىن ئاچقان تاماقلارنى يىگەنتىم ، ئۇنىڭدىن قانچىلىك تاماق ئاشىدۇ دەيسىلەر ، شۇنىڭ بىلەن ئۆينى ، ئاشخانا ئۆينى ، تۇڭلاتقۇلارنى ئاختۇرۇپ يىگۈدەك نەرسە تاپالماي ياتاق ئۆيگە ماڭاي دەپ قارىسام سافانىڭ كەينىدە بىرى يۈشۈرىنىپ ياتىدۇ ، مەن دەرھال چەيدۇنى ئېلىپ چىقىپ يېنىغا بېرىپ ۋاقىردىم : - كىم سەن؟ ئۇ ھېجىيىپ ئورنىدىن تۇردى - مەن ئوغۇرى ،      - ھەەە ، ئوغرىمىتىڭ ، ئوغرى بولساڭ مەيلى ، ئۆينى ئاختۇرۇپ بولۇپ چىقىپ كەتكۈچە ئىشىكنى ياخشى يېپىپ قوي - ھە ، ھە راسىت ، نەرسە كىرەكلەرنى بۇزۇپ ، چىقىپ قويما ھە؟ ئۇ ھەيرانلا قالدى:

   - ئاكا … بۇ … بۇ … نىمە دىگىنىڭ؟ مەن ۋاقىردىم:

  - ھەي دۆت ، مەن سەككىز يىل ياشىغان بۇ ئۆيدىن ئىزدىگەن نەرسەمنى تاپالمايمەن ، سەن تاپالامتىڭ… ئۇ« ھەەەە »دىگىنىچە قالدى ، مەن كىرىپ ئۇيقۇمنى ئۇخلۇدۇم… ئەتىسى ئورنۇمدىن تۇرۇپ ناشتىلىق تەييارلاۋاتسام ئايالىم ئەڭسىز ۋاقىردى يۈگۈرۈپ چىقسام چىرايى ئەنسىز ،قولىدا بىر پارچە خەت تۇرۇپتۇ ، بېرىپ خەتنى ئېلىپ ئوقۇدۇم ، خەت بۇنداق يېزىلغان ئىدى:  

    " - ھۇرمەتلىك ئاكا ، سەن نىمانداق قارا كۆڭۈل ، كىچە ئۆيۈڭنى خاتىرجەم ئاختۇرۇشنى دەپ قويۇپ ئىغاڭلاپ كىرىپ كەتكىنىڭدە سېنىڭ سېمىز ھالىتىڭدىن سېنى ئەڭ ئاقكۆڭۈل ، ئوغۇرلۇق تارىخىمدىكى ئەڭ ياخشى ئادەم دەپ ئويلاپ تېخى تەسىرلىنىپ كۆز يېشىمۇ قىپتىكەنمەن،   ئەسلى خاتا ئويلاپتىمەن ، سەن ئەڭ زەھەرخەندە ئادەمكەنسەن بىلسەم، بولدى، سېنى كىيىن تىللاي گەپكە كەلسەم سەن ئۇخلىغىلى كىرىپ كىتىۋېدىڭ بېرىپلا ئىشكابىڭلارنىڭ تارتمىسىنى تارتتىم ، نىمە ئۇ؟ جۇڭگو بانكىسىنىڭ پۇل ساقلاش ئىسكىلات ئىشىكىمۇ ئۇنداق پۇختا بولماس ، ئېلىپ كىرگەن سايمانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى بۇزدى ، بۇنى چوقۇم تۆلەيسەن شۇ يەردىلا بىر تارتما بىلەن بىر سائەت قېيىشىپ ھېرىپ قېلىپ كىيىم ئىشكابىڭنى ئېچىپتىمەن … نىمىشقا ئۇ يەرگە ئۇنداق نەرسىلەرنى تىزىپ قويدۇڭ ساراڭكەنسەن … شۇنداقلا ئاچسام تۆت - بەش ئادەمنىڭ كاللىسى چاچلىرى چۇۋۇق ، كۆزلىرى چەكچىيىپ تۇرىدۇ ، ۋاقىرۋەتتىم ،لېكىن قولۇم بىلەن ئىغزىمنى چىڭ ئىتىۋالغاچقا ئاۋازىم سىرتقا چىقمىدى يېشىم چىقتى ، ئىشتىنىممۇ ھۆل بولۇپ كىتىپتۇ بىر ھازا تۇرۇپتىمەن سەل ھوشۇمغا كەلدىم ، ھوشۇمغا كىلىپ ھېلقى كاللىلارغا ئىنچىكىلەپ قارىسام مودىل باشلاركەن ئۈستىدىكى يالغان چاچلاركەن ، ھە دىدىم شۇ چاغدا ، بۇ ئاداش تازكەن ھە ، كۈلگۈم كەلدى ، نىمىشقا دەمسەن ، شۇنداق سەت سېمىز باشلارغا قاراپ سېنىڭ چىرايىڭ يادىمغا كەلدى ئەمەسمۇ، شۇنىڭ بىلەن كىيىم ئىشكابىڭنى ئانچە ئاختۇرۇپ كەتمىدىم بىر ئىشتىنىڭنى ئېلىپ ئىشتىنىمنى يەڭگۈچلىگەنتىم ، توۋۋا ئۇ ئىشتاننى يالغۇز سەن بىر ئادەم كىيەمسەن ، نىمانداق يۇغان ، توت پۇت بىر پۇشقاققا كەڭتاشا كەلگۈدەك ، ئايالىڭمۇ بىرگە كىيىشىپ بىرەمدۇ يە ساڭا … ھى ھى ھى ..... شۇنىڭ بىلەن ئىشتىنىڭغا قاراپ بېقىپ ئالماشتۇرۇش نىيىتىمدىن ياندىم ، خىجىل بولمامدىم بىر خالتىغا چۈشۈپ زاپاس بىر خالتىنى سۆرەپ يۈرۈشكە ، مەن دىگەن ئەدەپلىك ، قائىدىلىك ، دۇرۇس بىر ئادەم تۇرسام ، بولماي ھۆل ئىشتىنىمنى ئۇنتۇپ ، ئوچۇق تارتمىلىرىڭنى ئاختۇرۇشقا باشلىدىم ، نىمە ئۇ ھېي ، ئۈچ ۋاقلىق تامىقىڭنىڭ ئورنىغا دورا يەمسەن ، قاراپ باقسام دورىلىرىڭ قىززىق ھى ھى ھى … ئورۇقلاش دورىسى ، چاچ چىقىرىش دورىسى ، تىرناق يارىسىغا مەنپەت قىلىدىغان دورا ، ئىشىق ياندۇرىدىغان دورا ، يىغلاشنى توختىدىغان دورىمۇ بۇ ،ماۋۇ سىيگەكلەر ئىچىدىغان دورىكەن ھېي ، موشۇ ياشقا كەلگەندىمۇ سىيىپ قويامسەن ، خورەكنى داۋالاش دورىسى ، ھە ماۋۇ بولىدىكەن بۇنى جىق يىسەڭ بولغۇدەك ، نىمانداق خورەك تارتىسەن ھېي ، ئادەم قورۇققۇدەك ، خورىگىڭنىڭ دەردىدە ئادەم ئۆيۈڭدە خاتىرجەممۇ بىرەر ئىش قىلالمايدىكەن ، سېنىڭ بۇ ئۈيۈڭگە بىزدەك ئادەملەرنىڭ كەلمىگى ئاسانمۇ ھە ، باغاق يېزىپ ، ماشىنا ئەۋەتىپمۇ ئەكىلەلمەيدىغان ئادەملەر بىز جۇمۇ ساڭا ئېيتىپ قوياي ، ھە بوپتۇ بۇنى دىمەيلا قوياي خورىكىڭگە چىدىيالماي ياتقان ئۈيۈڭگە كىرسەم سەن بولۇشىغا خورەكتە ، ئاۋۇ ئايالىڭمۇ كارى يوق ئۇخلاپ كىتىپتۇ ، بىچارە ھېلىمۇ چىداپتۇ ، چىدىماي ئاجىرشىپ كەتسە بويتاق قالىسەن ، ساڭا نەسىھەت قىلىپ قوياي ئۇخلىغاندا ئېغىزىڭنى يۇمۇپ يات ، ئەسلى ئېغىزىڭغا پىلاستىر چاپلاپ قوياي دەپ ئويلىۋېدىم ،ئايالىڭنىڭ بوكسىيورچىدەك تۇرقىدىن قورقۇپ يېنىپ چىقتىم،نىمىلەرنى سۆزلەپ كەتتىم دورىلارنى كۆرىۋاتقانغۇ مەن ، ھە راسىت ماۋۇ دۇراڭمۇ قىززىقكەن ھەي سېنىڭ شۆلگىيىڭ ئاقامدا ھى ھى ھى ، ئۈچ ياشتا توختاپ قالغان ئادەممۇ يە سەن ، تېخى ماڭقاڭمۇ توختىمايدىغان ئوخشايدۇ سېنىڭ ، باشقا دورىلىرىڭ ئېنگىلىسچە ، خەنزوچىكەن ئوقۇيالمىدىم .

      تارتمىلىرىنى ئاختۇرۋېتىپ قولۇمغا يىڭنە كىرىپ كەتتى ، ئاچچىقىمدا تېخىمۇ قاتتىق ئاختۇرسام بارمىقىمنى قايچا تىلىۋەتتى ، قانداق ئادەمسەن موشۇنداقمۇ قالايماقان نەرسە كىرەك قويىسەن ، بۇ كەمچىلىگىڭ ماڭا جىسمانىي ئازاپ ئېلىپ كەلدى ، بۇنىڭغا تۆلەم تۆلەيسەن ، باش تارتساڭ سوتتا كۆرىشىمىز ھە ، ئۈيۈڭدە شۇنچۇۋالا ئىشلىسەم بىرەر پىيالە چايمۇ ئەكىرىپ بەرمىدىڭ ، بولماي ئىچكۈدەك ئىچىملىك ، يىگۈدەك نەرسە ئىزدەشكە چۈشتۈم ، ۋاي - ۋۇي ھېي سىلەر ئۆيدە ھېچ نەرسە يىمەمسىلەر ، ھەممە يەرلەرنى ئاختۇرۇپ بەش تال گازىر ، ئىككى تال خۇاسىڭ ،بىر تال دادۇر تاپتىم ، ئىچكۈدەكقۇ ئىچىملىك دىگەن نەرسە بولمايدىكەن ، بولماي تۇربا سۆيۈڭلەردىنلا ئىچىۋەتتىم ، قانداق ئاچپاقا ئادەمسەن ، ھېي بىزدەك ئادەملەرنى كىرىپ قالار دەپ بولسىمۇ ئازاراق يىگۈدەك نەرسە قويۇپ قويمامسەن ، سېنىڭ ئۇ تۇرقۇڭدىنغۇ باشقا جانلىقلارغا سەندىن ھېچنىمە ئاچمىغۇدەك … شۇنداق قىلىپ ئۈيۈڭلەردىن بىر پۇلغا يارىغۇدەك ، ئۆزەم كۆتۈرۈپ چىقىپ كەتكۈدەك نەرسە تاپالمىدىم ، مۇھىم نەرسىلىرىڭلەرگە يە قۇلۇپ ساپسىلەر، يە ، تام ئىشكاپلارغا چىڭ ئورنىتىۋېتىپسىلەر ، نىمانداق كۆڭلۈڭلەر قارا سىلەرنىڭ ھېي ، بىزنىمۇ جان باققىلى قويمامسىلەر ،بىزنىڭمۇ خوتۇن بالىلىرىمىز بار باقىدىغان ، ئەگەردە بىز ئاچلىقتىن ئۈلۈپ قالساق ئۇۋالىمىز سىلەرگە - ھە، قىززىق ئۈيۈڭلەرنى شۇنداق ئاختۇرۇپمۇ بىر تەڭگە پۇل ئۇچۇرمىدى دىسە ، ئالتۇن زىبۇ - زىننەت ئېلىپ بەرمەمسەن ئايالىڭغا ھېي ، ئۈيۈڭدە مەن ئاختۇرمىغان ھېچ يەر قالمىدى ، ھەتتا ئاياقلىرىڭلارنىڭ ئىچى ، ئىشكاپلىرىڭلارنىڭ ئاستى ، ئىشقىلىپ ئۆزەمنى سېنىڭ ئورنىڭغا قويۇپ پۇل يۇشۇرسام موشۇ يەرگە يوشۇرىمەن دەپ پەرەز قىلغان يەرلەر قۇرۇق چىقتى، ھە ، راست ، ئىشكابىڭنىڭ ئاستىنى ئاختۇرۋېتىپ قويۇپ قويغان تاختا مۈشۈكۈڭ قولۇمنى بەك قاتتىق قىسىۋەتتى ، ئىغىزىمنى ئىتىپ بىر ھازا يىغلىۋالدىم ، كۆزۈمدىن ياشلار تاراملاپ ئېقىپ كەتتى ، سىلەرنىڭ باغرىڭلار ئەجەپمۇ قاتتىقكەن دىسە ، ھېي ئويلاپ باقە موشۇنداق ئۈيۈڭگە چاشقان كىرەمدا ، سىلەردىن بەكلا كۆڭلۈم قالدى ، چىقىپ كەتكۈچە ھېچ نەرسەڭلەرنى ئالالماي يەرگە سېلىپ قويغان گىلەمنى ئالماقچى بولىۋېدىم شۇنىمۇ يەردىن ئاجىرمايدىغان قىلىپ ئورنىتىۋېتىپسىلەر ، بەكلا قالماشمىغان ئادەمكەنسىلەر ، بولدىلا قۇرۇق قول چىقىپ كىتىشكە رازى بولدۇمدىن ، ئەمدى ئۆمۈرۈمنى زايە قىلىپ بۇ ئۈيۈڭلەرنى ئاختۇرمايمەن ، بولدى سىلەردەك ئادەملەرنىڭ ئۈيىگە كىرەمدۇ كىشى ، ئىككىنجىلەپ بۇ ئۆيگە قەدەم باسسام ئوغىرى بولماي كىتەي ، دۇنيادا ياشاۋاتقان سەندەك پىخسىق ئادەمنىڭ ئىسمىغا قىزىقىپ نوپۇس دەپتىرىڭگە قارىسام ، ئىسمىڭ پارولكەن ھە ، بولدى زىيادە خەت يازغۇم يوق ، ئۆمۈرۈمدەبىرىنجى قېتىم قۇرۇق قول قايىتقان ئوغۇرىدىن "

      نىمە دەي بۇ خەتكە نىمە دەي ، موشۇنداقمۇ يازامدۇ دەيمەن ، نۇرغۇن سېرلىرىمنى يازماپتۇغۇ ، ئاچچىقتىن ۋاقىرۋەتتىم ....





4061 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-22 9:31:29  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-11-5 1:07:42 دەرتمەن
ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلغانكەن بولسا كۆپلەپ يىزىلىپ تۇرسا دەيمەن
2015-12-12 10:19:02 mina
ogrilarning paskaxligini ajap taswirlaptu. ularning yuzi kelin bolmisa baxkilarning narsisini alamdu.
2015-10-5 22:34:15 تۇرغۇنج ان
ئىنسانغا ئەڭ مۇھىم نەرسە نىمۇ
2015-10-4 9:04:34 amida.mijit
yumurla......bak.kizik.kan.
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ