تاققا - تۇققا - ئابدۇللا ئابدۇلمەجىد ئۇچقۇن

         ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم، مەن بۈگۈن قىلدىغان پەقەت ئىش تاپالمىدىم ، شۇڭا سىلەرگە ئازراق سوۋغا بەرمەكچىمەن ئۇ بولسىمۇ :    يۇمۇرلۇق تاققا-تۇققا !
باشىلىۋەتتىم ھە 😁😁😁

مەن ئەتتىگەندە كىتاپخانىغا بېرىپ كېلەي دەپ ئۆيدىن چىققان، ئەمما ئۆگزىگە چىقىش ئۈچۈن شوتا بولسىلا بولمايدىكەن ، شۇڭا تورغا چىققلى بولىدىغان تېلفۇندىن بىر سېتۋالدىم ، سېتۋېلىشنىغۇ سېتۋالدىم ، لىكىنزە مۇشۇ گۆش دېگەننى ئازراق سېتۋالمىساق يەپ بولالمىساق بۇزۇلۇپ قالدىغان نىمىكەن ، ماشىنىسى بار ھەممە ئادەم بىلىدۇ ، قىش كۈنىسى ماشىنا بۇزلۇپ قالسا بەك جاپالىق شۇنىڭ ئۈچۈن ، قار ياققاندا نېپىزراق كىينىۋېلىشنى ئويلىدىم ، بۇنداق بولغاندا قارماققا يەمچۈك سالماي تۇرۇپلا بېلىق تۇتقىلى بولىدىكەن ئەمەسمۇ !
قالتىس ياخشى ئامالدىن بىرنى ئويلاپ تاپقىنىمدىن خوش بولۇپ تاماق يېگلى ئاشخانىغا كىردىم ، كىرىشنىغۇ كىردىم ، لىكىن ھازىر قالايمىقان چچ ئۈندىدار توپلىرغا كىرىۋەرگەن بىلەن  يانچوققا پۇلنى جىقراق سېلىپ كىرمىسە ساتراچلار بەك قىممەتچى بولۇپ كېتىپتۇ ، چاچنى ياسىغانغىلا 30 يۈۋەن ئالغان بارمۇ دەيمەن ، لىكىن نىمە ئامال پۇل بەرمىسەك بولمايدۇ نىمىشقا دېسڭىز ھازىرقى ئاتا ئانىلار باللىرغا بىر كۈن پۇل بەرمىسە باللار ئاتا ئانىسى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزگىلى قىل قالىدۇ ، مۇناسىۋىتىنى ئۈزسىغۇ چوڭ ئىش ئەمەس ھازىرقى جەميەتتە ، لىكىن تاققا يامىشىۋاتقاندا ئارغامچا ئۈزۈلۈپ كەتسە ئاقىۋىتنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەس ، تەسلىكىغۇ بەك تەس لىكىن ئەقىللىق ئادەملەر ئۈچۈن شېئىر يازماق دېگەن ئادەتتىكىلا بىر ئىش ، شۇڭا ھازىر ئەڭ پۇل تاپقىلى بولىدىغان ئىش تور سودىسمىكىن دەيمەن ، نېمىشقا دېسىڭىز  مەن كىچىگىمدىنلا كىتاپخۇمار بالا ئىدىم ،  شۇڭا ئاخشىمسى ئۇخلاپ قالسام كۆزۈمنى يۇمۇپ ئۇخلايمەن. كۆزنى يۇمۇپ ئۇخلىسا باشقىچە راھەت ئۇخلايدىكەن ئادەم ، شۇڭا ھەممىڭلارغا دەيدىغان سۆزۈم كىتاپخانىغا بېرىپ كىتاپ ئوقۇماقچى  بولساڭلا  چوقۇم  باللىرىڭلارغا چوڭلارنى كۆرگەندە سالام قىلىشنى ئۆگىتىڭلار !

2016.11.23   كەچ  ئۈرۈمچى    
ئاپتورى :ئابدۇللا ئابدۇلمەجىد ئۇچقۇن
     





1676 قېتىم كۆرۈلدى uqkun013 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-1 16:16:01  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ